دىللاردا سەنەم128-قسىم

文摘   2025-01-28 21:25   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم


ـ-(179)


ئايچېھرە خېنىمنىڭ بالىسىغا دەل ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان، بىر كۆزى قويۇلۇپ كېتىپ ئۇنى قارا رەخت بىلەن تېڭىۋالغان، چىرايى سەتلىشىپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن نۇركامىل بايۋەتچە ئىككى ئادەمنىڭ زەمبىلگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئەكىرىشى بىلەن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئېيتقانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ دادىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئەگەر دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىمىغان بولسا بۇ ھاياتىدا ئۆيگە قايتىشنى ئويلاپمۇ قويمايدىكەنلەر. بۇ قارارىنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە ئايچېھرە خېنىمغا باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ دانىيار بايۋەتچىگە كۆڭلى بارلىقى، ئۆزىگە ياتلىق بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنى ئۇنتالماي ھەمىشە ئارمىنىنى يەپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىكەنلەر. ئەگەر ئايچېھرە خېنىم نەۋرە ئاكىسىنى ھازىرمۇ ئۇنتۇيالمىغان بولسا، نۇركامىل بايۋەتچە ئايچېھرە خېنىم بىلەن ئاجرىشىپ ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بېرىپ، ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى بىلەن توي قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەنلەر. ياخشى كۆرۈپ، ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ ئالغان خوتۇنىنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ياشاپ ئۇنچە ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىپ، بۇ جۇدالىققا چىداپ ئۆتۈشىنى ئۇ خالىمايدىكەنلەر. پەقەت ئايچېھرە خېنىم بىر ئېغىزلا گەپ قىلسا، نۇركامىل بايۋەتچە دەرھال ئۇنىڭ خېتىنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلەر...

ئۇ سۆزلەپ شۇ يەرگە يەتكەندە ئايچېھرە خېنىم قىررىدە چىرقىرىغىنىچە بۆشۈكتە ئۇخلاپ ياتقان بالىنىڭ يۈزىدىكى يوپۇقىنى ئېچىپ، بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قارىتىپ ئىتتىرىپ سۈردى ۋە جان- جەھلى بىلەن ۋارقىراپ:

-ئۇ دېگەن ئاتامنىڭ ئالدىدا دېگەن گەپلەر، پەقەت ئاچچىققا چىدىماي، ئۇنىڭدىن ئاچچىقىمنى چىقىرىش ئۈچۈن دېگەن گەپلەر ئۇ... شۇنچە ياشقا كىرگۈچە پەقەت ئايسەنەم ئاچامنىلا ئەتىۋارلاپ، مەن بىلەن، ئۇكىلىرىم بىلەن پەقەتلا كارى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئاچچىقىمغا پايلىماي دېگەن گەپلەر، راست گەپ ئەمەس ئۇ، ھەقىقەت ئەمەس. سىلى نېمىشقا ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىۋالىدىغانلا؟ چوڭ بىر ئەر كىشى تۇرۇپ... بېلىنى باغلىغان بىر ئەر تۇرۇپ، بىر ئائىلىنىڭ ئىگىسى، بىر ئايالنىڭ ئېرى، بىر بالىنىڭ دادىسى تۇرۇپ ئاشۇنداق ئاچچىقتا دېيىلگەن گەپلەرنىڭ كەينىگە كىرىپلا... شۇنىڭ ئاچچىقىغا چىدىماي ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ھەممە نەرسىنى بىزلەرگە تاشلاپ قويسىلا قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئۆيدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى مەن قانداق ئۈستۈمگە ئېلىپ بولىمەن؟ شۇنچە كۆپ جاننى مەن قانداق بېقىپ بولىمەن؟ شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ ھۆددىسىدىن چىقىمەن؟ بۇ كەمگىچە مانا مۇشۇنداق ماڭا ھەممىسىنى تاشلاپ قويدىلا، لېكىن ئەمدى قايتىپ كېلەر- كەلمەستە ئاجرىشىمەن دەيدىلىغۇ؟ سىلىغۇ ئاجرىشىپ مەندىن قۇتۇلىدىغانلا، ئەمما بالىمىز يېتىم بولسا قانداق بولىدۇ؟ سىلى بۇنىڭغا چىداملا؟...

ئايچېھرە خېنىمنىڭ ئىچ- ئىچىدىن تۆكۈلۈپ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەن بۇ گەپلىرى نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىۋەتتى. ئۇ كۆز ئالدىدا بۆشۈكتە ياتقان بالىنىڭ ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەي، كۆزلىرى نەچچە چىمچىقلاپ كەتتى. ئۇنىڭ خىيالىنى بىلىپ ئۈلگۈرگەن باش خىزمەتكارمۇ ئالمان- تالمان بېرىپ بۆشۈكتىكى بالىنى يەشتى- دە، يالىڭاچ پېتى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ قۇچىقىغا قويدى. ئۆز بالىسى قۇچىقىغا قويۇلغان شۇ دەمدە نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ، كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرگە كىشى قەلبى چىدار ئەمەس ئىدى. شۇ تەرزدە ھەممەيلەن ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا كۆز يېشى قىلىشتى. ئەمما كېيىنكى دەقىقىدە يۈز بېرىدىغان كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئۇ چاغدا ھېچكىم ئويلىمىغان ئىدى.

نۇركامىل بايۋەتچە بالىسىنىڭ باش- كۆزىنى، قول ۋە پۇتلىرىنى، ھەممە يېرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا باشتىن ئاخىر قاراپ چىقتى. بالا ھېلىتىنلا ئۇنىڭغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ بىر قاراپلا ھېس قىلىپ يەتتى. قۇچىقىدىكى بالىنىڭ چوپچوڭ بولۇپ قالغىنىغا قاراپ ئۇنى ھېلىغىچە ئىسىمسىز قويمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن نۇركامىل بايۋەتچە ھاياجان ئىچىدە بالىنىڭ ئىسمىنى نېمە قويغانلىقىنى سورىدى. شۇ چاغدا باش خىزمەتكار ئايچېھرە خېنىمدىن چاققان چىقىپ، بالىنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى.

يەنە شۇ دانىيار! يەنە شۇ قارغىش تەگكۈر، نەس باسقۇر ئىسىم! بالىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاش بىلەنلا چىرايىدىكى خۇشاللىق كۈلكىسى دەرھال ئۆچكەن نۇركامىل بايۋەتچە قۇچىقىدىكى بالىنى باش خىزمەتكارغا لوككىدە تۇتقۇزۇپ قەھرى بىلەن ۋارقىرىدى:

-ھازىرمۇ دانىيار دېگەن ئاشۇ لۈكچەكنى ئۇنتالماي، بىزنىڭ بالىمىزغا شۇنىڭ ئىسمىنى قويۇپ يۈرۈپسىز، بۇنى ئەقلى گەجگىسگە ئۆتۈپ قالغان ئادەممۇ بىلەلەيدۇ، ئۇنىڭغا شۇنچىۋالا مېھرىڭىز بار ئادەم نېمىشقا ماڭا ياتلىق بولغان؟ دەپ بېقىڭە؟ ماڭا نېمىشقا تەگكەن ئىدىڭىز؟... ھازىرلا... ھازىرلا كۆزۈمدىن يوقىلىڭ!...

ئۇنىڭ بۇنداق ۋارقىرىشى بىلەن باش خىزمەتكارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەر چۆچۈپ ھەيران بولۇشتى. قورققىنىدىن پۇت- قولى دىر- دىر تىترەپ، يۈرەكلىرى سىرقىرىدى. دەل شۇ چاغدا ئايچېھرە خېنىم خېلى ئۇزۇندىن بېرى بالىنىڭ ئىسمى سەۋەبلىك كۆڭلىنى ئەگىپ يىراق كەتكىلى ئۇنىمىغان سوغۇق بىر خىيالنىڭ، قانداقتۇر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ شەپىسىنىڭ دەل مۇشۇ ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئېغىر تىندى... (106-باب تۈگىدى)


-107باب

پۇشايماننىڭ قاچىسى بولسا...


(200)


نۇركامىل بايۋەتچە ئىككى پۇتى قاق تىزىدىن كېسىلىپ كەتكەن شۇ ھالىتىدە زەمبىلدە ئولتۇرۇپ بۇيرۇق قىلىپ، خىزمەتكارلارغا ئايچېھرە خېنىمنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بالا بىلەن بىللە ئاياغ مەھەللىدىكى سەيدۇللا باي قوروسىغا ئاپىرىپ قويۇپ كېلىشنى تاپىلىدى. ئۇ دەيدىغان گەپلىرىنى دەپ بولۇپ، خىزمەتكارلار ئايچېھرە خېنىمنىڭ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرىۋاتقان شۇ پەيتتە بالىنى ئېلىپ قېلىش ياكى ئانىسىغا قوشۇپ يولغا سېلىشنى ئويلاپ بىر قارارغا كېلەلمەي، بەك ئۇزۇن ئىككىلەندى. ئېلىپ قالاي دېسە، خوتۇنى كونا ئاشىقىنىڭ ئىسمىنى قويغان بۇ بالىنى يېنىدا ئېلىپ قېلىپ كۈندە كۆرۈپ تۇرۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاب ھېسابلىناتتى. ئېلىپ قالماي دېسە، بالىنىڭ چىرايىغا بىر قاراپلا ئۆز پۇشتىدىن بولغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن ئىدى. ئويلا- ئويلا ئاخىرى بالىنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى، ئانا سۈتى ئېمىۋاتقانلىقىنى، بۇ چاغدا ئانىسىدىن ئايرىۋېتىپ كالا سۈتى، قوي سۈتى يا باشقا نەرسىلەر بىلەن باقسىمۇ ئانا سۈتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىپ، ۋاقتىنچە ئانىسى بىلەن بىللە يولغا سېلىپ قويۇشنى قارار قىلدى.

شۇنداق قىلىپ ئايچېھرە خېنىم توي قىلغىنىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دادىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەلدى. ئەسلىدە خىزمەتكارلار ئۇنى قەسىردىن ئېلىپ چىققاندا بالىسىنى ئېلىپ ئانىسىنىڭ يېنىغا كېتىشنىمۇ ئويلىغانىدى. لېكىن ئانىسىنىڭمۇ يات بىر ئۆيدە پاناھلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى، ماھىبەدەر خېنىم ئېلىشىپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ بارغانسېرى خوراپ كېمىيىپ، ھەتتا ھازىر ئاۋۇت باي قەسرىدىن ئەۋەتىپ بېرىلىدىغان ئازغىنە تۇرمۇش خىراجىتىگە تايىنىپ جېنىنى جان ئېتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى بارسا ئۇلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلاپ بۇ نىيىتىدىن ياندى. يەنە كېلىپ، ماھىبەدەر خېنىمنىڭ باشقا ئىككى قىزى مېھرىيار خېنىمنىڭمۇ بۇ ئۆيگە كېلىپ تۇرىۋالغانلىقىدىن نارازى ئىدى، گەرچە ئۆزلىرى ئاللىقاچان توي قىلىپ چىقىپ كېتىپ ئۆز ئالدىغا ئائىلە قۇرۇپ بولغان بولسىمۇ، مېھرىيار خېنىمنى ئۆزلىرىگە ۋە ئانىسىغا رەقىب ھېسابلاپ، بۇ ئۆيدىكى مال- مۈلۈكلەرنى تارتىۋالىدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن دۈشمەنسىراپلا يۈرەتتى. دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بۇيرۇقىغا قارشى چىقالماي ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ مېھرىيار خېنىم مانا مۇشۇنداق كۈشەندىلەرچە قاراشلارغا، سوغۇق نەزەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ لېۋىنى چىشلەپ ياشاپ كېلىۋاتاتتى. بۇ تۇرقىدا كىچىككىنە بىر بالىسىنى ئېلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زەللە بولۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ تىل قىسىنچىلىقىنى تېخىمۇ ئاۋۇتۇپ قويغانلىقتىن دېرەك بېرەتتى.

شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ئۇ تەقدىرگە تەن بېرىپ، دادىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىشنى قارار قىلدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئۆيدە يەيدىغان، ئىچىدىغان، خەجلەيدىغان، تۇرىدىغاندىن غەم قىلمايتتى. خىزمەتكالار ئۇنىڭ قاش- كۆزىگە قاراپ، نېمىگە بۇيرىسا شۇنى دەرھال تەييار قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت يېنىدا تىك تۇراتتى. تېگىمەن دېگەن ئادىمىگە بەرمەي باشقا بىرسىگە چېتىپ قويغىنى ئۈچۈن دادىسى بىلەن تاكاللىشىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەتتا سەيدۇللا بايمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە قارايدىغان، كۆڭلىنى چەكمەيدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇ تەرەپلىرىدىن ئويلىغاندىمۇ دادىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ بارسا قىزغىن قارشى ئېلىناتتى. شۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بالىسى بۇ جەمەتتىكى تۇنجى نەۋرە بولۇپ، يىللاردىن بېرى نەۋرە كۆرۈش ئىستىكىدە قىزلىرىنى بالدۇرراق چوڭ بولۇپ ياتلىق بولسىكەن دېگەن ئارزۇدا يۈرىۋاتقان سەيدۇللا باي ۋە سائادەت خېنىملار نەۋرىسىنىڭمۇ بىللە كېلىپ بۇ يەردە تۇرىدىغان بولغىنىدىن چوقۇم خۇش بولۇپ كېتەتتى.

ئايچېھرە خېنىم ئۆز خىياللىرىدىن خۇش بولۇپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە دادىل قەدەم ئېلىپ كېتىۋاتقان شۇ پەيتتە، ئايسەنەم خېنىمنىڭمۇ بويىدا بارلىقى مەلۇم بولۇپ قەسىرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلگەن ئىدى.

قەسىردىكى چوڭ- كىچىك ھەممەيلەن ئايسەنەم خېنىمنىڭ بويىدا بارلىقىدىن ئىبارەت بۇ خۇش خەۋەردىن شادلىنىپ قىن-قېنىغا پاتماي تۇرۇشقاندا، ئايچېھرە خېنىمنىڭ بالىسىنى ئېلىپ بۇ ئۆيگە يامانلاپ كېلىشى ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنى شۇ ھامانلا شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەكلا ئۆچۈرىۋەتتى. بۇ ئىشتىن تەئەججۈپلەنگەن ئايچېھرە خېنىم بايىقى خۇشاللىقنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، بىر خىزمەتكار ئالدىراپلا «ئايسەنەم خېنىمنىڭ بويىدا بارلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق، شۇنىڭغا خۇش بولۇپ تەنتەنە قىلىۋاتاتتۇق» دېگەن گەپنى قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىچىگە بىر ئاچچىق چۈشكەن ئايچېھرە خېنىمنىڭ چىشلىرى غەزەب بىلەن كىرىشتى. ھەتتا دادىسى سەيدۇللا بايمۇ ئۇنىڭ كەلگىنىدىن خۇش بولماقتا يوق، بېشىنى چاترىقىغا پاتۇرۇپ ساڭگىلاتقىنىچە ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ ئولتۇراتتى. بۇ ئەھۋالنى «مېنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ، قارشى ئالمايدىغانلىقىنى ئوچۇقتىن- ئوچۇق ئىپادىلەۋاتىدۇ» دەپ ئويلىۋالغان ئايچېھرە خېنىم ھەممەيلەنگە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قالدى. ئەمما يامانلاپ كېلىپ بولغان بۇ ئۆيدىن كەتكىلى بولمايتتى. كېتىمەن دېسىمۇ بارغۇدەك يېرى ھەم يوق ئىدى.
ئەمەلىيەتتە سەيدۇللا باي بۇ قىزىنىڭ كەلگىنىدىن ئەمەس، يامانلاپ كەلگىنىدىن خاپا بولغان ئىدى. ئادەتتىكى ۋاقىتلار بولسىغۇ يامانلاپ كەلمەي، «بىرەر مەزگىل تۇرغىلى كەلدىم» دەپ كەلگەن بولسا ئەلۋەتتە خۇش بولاتتى، باغرىنى ئاچاتتى. نېمە لازىم بولسا دەرھال شۇنى ھازىرلاپ بېرەتتى. بىراق «يامانلاپ كەلدىم» دېگەن گەپ «ئېرىم بىلەن ئارامغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالدى، ئەمدى ئۇ ئۆيدە تۇرالمىغۇدەكمەن» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئەگەر ئەھۋال ئېغىرراق بولۇپ قالسا ھەتتا ئاجرىشىپ كېتىش، بالىسىنى يېتىم قىلىش خەۋپىمۇ بار ئىدى، سەيدۇللا باي دەل مۇشۇلارنى خالىمايتتى.

نېمىلا دېگەن بىلەن كەلگەن قىزنى ئىتتىكلا قايتۇرىۋەتكىلى بولمىغاندىكىن، ئارامىنى ئېلىپ بىردەم ئولتۇرسۇن دېدى. ئاندىن سەيدۇللا باي ئاستا شەرۋانەمگە ئىشارەت قىلىپ قويۇپ، ئۆزى سائادەت خېنىمنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي ئېرىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن شەرۋانەم ئاستا بالىلارنىڭ ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئۆزىمۇ سائادەت خېنىمنىڭ خاس ھۇجرىسىغا ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىمىزلا بىلىشىمىز دەپ قىلغان بۇ ئىما- ئىشارەتلىرى سەزگۈر ئايچېھرە خېنىمنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئۇ بالىسىنى كىچىك سىڭلىسىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئاستاغىنە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.

-تۇنجى قېتىم يامانلاپ كەلگەن قىزنى ئېرىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدىكى ئىش، بويسۇنمىساق، دەرھال ئىجرا قىلمىساق قۇدىلار ئالدىدىكى يەرگە قاراپ قالىمىز، خوشنىلار ئارىسىدا سەتمۇ تۇرىدۇ، بالا كەلگەن بولسا بوپتۇ، ئارام ئېلىپ بىردەم ئولتۇرسۇن، كەچكە يېقىن گۈلساھىپخان بىلەن شەرۋانىخان ئىككىيلەن ياخشىراق داستىخان تەييارلاپ، بالىنى كۈيئوغۇل بالىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ كەلسۇن. كۈيئوغۇل بالا ئېسىل، ئوڭلۇق چىققان، بىر كۆڭۈل ئاغرىقى بىلەنلا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ خېلى ئۇزۇن باشقا يۇرتلاردا يۈرۈپ مانا ئەمدى قايتىپ كەپتۇ، ئەپسۇس، بەدىنى ئەيىبناق بولۇپ قېلىپ كىشى كۆرگۈسىز ھالەتتە قايتىپ كەلگىنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىمۇ يېرىم قىلىدىغاندۇ، ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز يېرىم بولدى بۇ ئىشتىن، شۇ ھالەتتە تۇرغاندا بۇ بالا يامانلاپ يېنىمىزغا كېلىپ تۇرىۋالسا، ئاپىرىپ قويمىساق ئەلۋەتتە بىزنىڭ خاتا بولىدۇ. پۇتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان شۇ ھالىتىدە ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىپ قانچە قىينالغاندۇ بىچارە كۈيئوغۇل، ئەمدى بولسىمۇ بىزنىڭ بالا ھالىدىن خەۋەر ئالسۇن، يېنىمىزدا ئۇزاق تۇرغۇزىۋالمايلى.

بۇ سائادەت خېنىمنىڭ ئاۋازى ئىدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئايچېھرە خېنىم دادىسى بىلەن ئۆگەي ئانىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا كەلگۈچە ئۇلار ئىككىسى بولغان ئەھۋالنى سائادەت خېنىمغا يەتكۈزۈپ بولغان بولۇپ، سائادەت خېنىمنىڭ گەپ باشلىشىغا ئۇدۇل كېلىپ ئىشىك يېنىغا پەيدا بولغان ئايچېھرە خېنىم ھەممە گەپلەرنى ئېنىق ئاڭلىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن گەپمۇ سورىماي، ئۆزىنى ئارىلاشتۇرمايلا بۇ ئىشلارغا ئۆزلىرى خالىغانچە قارار چىقارغىنىدىن ئاچچىقى كەلگەن ئايچېھرە خېنىم ئىشىكنى ئىتتىرىپلا ئۆي ئىچىگە كىردى ۋە:

-مەن ئۇ ئۆيگە بارمايمەن، «ئاپىرىپ قويساڭلارمۇ بارمايمەن، ئاپىرىپ قويمىساڭلارمۇ بارمايمەن» دېگەن قاراردا يېنىپ كەلدىم، سىلەر نېمىشقا مەندىن سورىماي مېنىڭ ئىشلىرىمنى قارار قىلاتتىڭلار؟ كۈيئوغلۇڭلا ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىپ جاپا تارتقان بولسا مەن جاپا تارتماپتىمەنمۇ؟ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى يالغۇز قورساق كۆتۈرۈپ تارتمىغان جاپالىرىم قالمىدى، بالىنى تۇغقان چېغىمدىمۇ ئۇ يېنىمدا يوق ئىدى، شۇنچىلىك قىينىلىپ تاس قالدىم ئۆلۈپ قالغىلى، ئەمدى قايتىپ كېلەر- كەلمەستە يوقىلاڭ ئىشلاردىن قۇسۇر تېپىپ ماڭا تەتۈر قاراپ چىرايىنى سۆرۈن قىلىپ يۈرسە، تېخى ئۆزى باش خىزمەتكارغا نەرسە- كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرغۇزۇپ، ئالىدىغانلىرىمنى ئالدۇرۇپ مېنى بۇ ئۆيگە ئەكىلىپ قويۇشنى ئېيتىپ يۈرىدۇ، ئېنىقتىن ئېنىقلا ھەيدىۋەتكىنىغۇ بۇ مېنى؟ شۇنداق تۇرسا، سىلەر مېنى ئاپىرىپ قويساڭلار ئىككى ئارىدا تەپمەك بولۇپ يۈرەمدىم؟ «قىزىمىز ئىدى، ئىگىدارچىلىق قىلاي» دەپ قالساڭلار مۇشۇ ئۆيدە تۇرىمەن، بولمىسا ئانىكامنىڭ يېنىغا كېتەي. ئىشقىلىپ... بالامنىڭ دادىسى بولغان ئادەم گەدىنىمدىن ئىتتىرىپ دېگۈدەك چىقىرىۋەتكەن ئۇ ئۆيگە مەن ھەرگىز بارمايمەن.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章