قېيىنئانامنىڭ كىسلى بالامغا يۇقۇپ قالارمۇ؟ئاياللارھېيلسى134.قىسم

文摘   2025-01-29 20:55   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم
ئاياللارھېيلسى123-قسم
ئاياللارھېيلسى124-قسم
 ئاياللارھېيلسى125-قسم
ئاياللارھېيلسى126-قسم
 ئاياللارھېيلسى127-قسم
ئاياللارھېيلسى128-قسم
ئاياللارھېيلسى129-قسىم
ئاياللارھېيلسى130-قسم
ئاياللارھېيلسى131-قسم
ئاياللارھېيلسى132.قىسىم
ئاياللارھېيلسى133.قىسىم


-
-ئاپا،ئاپا-شەمسىيە بارخان كىلىپ، ئۇنىڭ پاچىقىغا ئېسىلغان چاغدىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ سۇغا سەكرىمەكچى بولۇپ، بىر پۇتىنى ئالدىغا ئالغانلىقىنى سىزىپ، دەرھال قايتۇرىۋالدى، ئامباردا سۇ كۆپ پەسىل بولغاچقا،دولقۇنلار دامبا قىرغىقىغا شىددەت بىلەن ئۇرۇلاتتى، ئەنۋەر ئاللىبۇرۇن ئىسىنى يوقاتقان خانقىزنى قىرغاققا ئېلىپ چىقماقچى بولۇپ، تىركىشەتتى،ئۇزۇق مەزگىل سۇ يالاپ تۇرغان  دامبا تاشلىرى  تېيىلغاق بولغاچقا،ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇۋاتاتتى.

- ئەنۋەر، ئەنۋەر - بارا-بارا ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتقان ئەنۋەر بىردىنلا پۇت -قولى بوشاپ،  خانقزنى قويۇۋىتىپ،بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ كۆل تەرەپلە ئىچكىرلەپ شۇڭغۇپ كەتتى، شەمسىيە ئېچىنىشلىق چىرقىرىدى.

بىر تىنىقتىن قالسىلا ئاخىرلىشىدىغان ھاياتتا نىمىشقا بىر-بىرىمىزنىڭ قەدرىگە يىتىپ ياشىمايمىز، نىمىشقا ھېچبىر خاتالىقسىز تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ بىرنىمە دىيىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۆزىمىزنى، ئۆزىمىز خورلايمىز؟  نىمىشقا تۈگىمەيدىشاب  تۈكى يوق باھانىلەر بىلەن ، ئۆزىمىز چىن يۈرىكىمىزدىن سۈيىدىغان شۇ ئادەمنىڭ مۇھەببىتىنى دادىللىق بىلەن قۇبۇل قىلالماي، بىر ئۆمۈر ھىجران ئازابىدا، ئۆز-ئۆزىمىزنى قىيناپ ياشايدىغاندىمىز؟

ئەنۋەر سۇغا شۇڭغىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە  شەمسىيە ئۆزىنىڭ ئەنۋەرنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىملىقىنى تۇنجى قېتىم ئەڭ مۇكەممەل تۇيغۇدا  ھېس قىلماقتا ئىدى، ئەگەر ئۇنىڭ  يېنىدا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قارىغىنىچە، پىشىگە ئېسىلىپ تىتىرەپ تۇرغان بارخان،ئەسكەرتىپ تۇرمىغان بولسا، بەلكىم ئۇ ئۆزىنى ئاللىبۇرۇن سۇغا ئېتىپ بولغان بولاتتى! ئىسىت!  ئەنۋەرنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ قەدەر قىسقا كىلىدىغانلىقىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسا، ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىگە تەلەپ قويغاندا، قوپال، قاتتىق تىگىپ ئۇنىڭ قەلبىنى ئاغرىتقاننىڭ ئورنىغا،بىراق دىگەن سۆزنىڭ كەينىگە  بىر ئېغىز، ئەسلى مەنمۇ سىزدەك ئويلايتتىم دىگەن گەپنى قوشۇپ قويغان بولسا... ھەمىشە ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ قويغىنى باردەك، قاتتىق -قوپال تەگكەننىڭ ئورنىغا، قەلبىدىكى مىننەتدارلىقلىرىنى سىرتىغا چىقىرىپ،رەھمەت سىزگە دىگەن سۆزنى كۆپرەك ئېيتىۋالغان بولسا، ھېچ  بولمىغاندا،ئۇنى باللىرى بىلەن ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ،ئۆز قولى بىلەن پىتىرمانتا ئىتىپ،بىر قېتىم كۈتۈۋېلىپ،بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋالغان بولسا... ھەتتا بارلىق جۈرئىتىنى يىغىپ، بىر قېتىم بولسىمۇ.. مەن سىزنى سۈيىمەن دەپ ئېيتىۋالالىغان بولسا... ئاھ! شەمسىيە، سەن نىمە دىگەن مۇتەئەسسىپ، نىمە دىگەن ئالىيجاناب ھەم قۇپقۇرۇق ياشىغان ھە! ئەي ئىنسانلار بىز نىمىشقا ھايات چېغىدا قىلالماي، يېنىمىزدا بار چېغىدا جۈرئەت قىلالماي، ئايرىلغاندىن كىيىن ئاندىن قەدرىگە يىتىمىز، ئايرىلغاندىن كىيىن، ئۇنى قىلۋالسامچۇ،بۇنى قىلۋالسامچۇ دەپ، يىغلاپ،قاخشاپ، بىر تالاي پۇشايمانلارنى قۇچاقلاپ ياشايمىز، ئەجەبا ئاشۇ قەدىردانلاردىنمۇ مۇھىممىدى بىزنىڭ تۈگىمايدىغان ئىشلىرىمىز، ئەجەبا ئۆمۈرلۈك بەختىمىز ۋە ئارزۇيىمىزدىنمۇ مۇھىممىدى، ئاشۇ خەقنىڭ باھالىرى؟....

-ئاپا، ساقچىلار كەلدى، ساقچىلار كەلدى - بارخاننىڭ شادىمان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئاڭلانغان ساقچى ماشنىسىنىڭ ھۇيقۇيتقان ئاۋازى شەمسىيەنى ئاچچىق ھەسىرەت ۋە ساناقسىز سوئال -سوراقلارنىڭ ئىچىدىن تارتىپ چىقتى.

ھايات، قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا داۋام ئىتەر، ئىنسانلار خۇددى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ھېچنىمىگە تويماي  تىرىكچىلىكنى داۋام ئىتەر! ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ تۈگەر،ھاياتلار يىغلاپ-قاخشاپ بارا- بارا ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتەر!ئىنساننىڭ ئاشقازىنى بەك كىچىك،بىر قاچا تاماق،بىر تال نانمۇ   تويۇشىغا يىتەر،دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھ، ئاسمان-زىمىن، تاغۇ-تاش، پايانسىز كائىناتتىكى ھەربىر مەۋجۇدىيەت، ياشاۋاتقان، كىلىۋاتقان، كىتىۋاتقان، ۋەيران بولۇۋاتقان، ئاغرىۋاتقان،ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ  ھەممىسى ئادەملەرگە ھاياتنىڭ مەخپىيتى توغرىسىدا  دەرس ئۆتەر...

-خانقىزنىڭ ئەھۋالى بەك خەتەرلىك،گەرچە ئۇ ھايات قالغان بولسىمۇ،ئەمما جىنايىتىگە جاۋاب بىرىدىغان كۈنگىچە ياشىيالماسلىقى مۇمكىن - شەمسىيە،ئۆزى ئاللىبۇرۇن كىتىپ بولدى دەپ ھۆكۈپ قىلىپ بولغان ئەنۋەرگە خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك قاراپ تۇراتتى. ئەنۋەرنىڭ خانقىز توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،ئۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە،نىمە ئۈچۈن دىگەندەك نەزەردە ئۇنىڭغا قاراپ چەكچەيدى.- ئۇ يامان سۈپەتلىك قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بوپتىكەن،ئۆزىنى سۇغا تاشلىۋالمىغان ھالدىمۇ،ساناقلىقلا كۈنلىرى قاپتىكەن، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە قالقانسىمان بەز راكى، ئۆسمە ئائىلىسىگە تەۋە كىسەللىك بولسىمۇ، ئەمما ئادەتتە يامان سۈپەتلىككە ئۆزگىرىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىكەن، 90پىرسەنتتىن ئارتۇق قالقانسىمان بەز ئۆسمىسىنى  داۋالاش ئارقىلىق كونتىرول قىلغىنى ۋە ئوپراتسىيە قىلىپ ئېلىۋىتىش ئارقىلىق قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدىكەن، ئادەتتە خانقىزغا ئوخشاش بۇنداق بىمارلار ئاز ئۇچرايدىكەن، دوختۇر ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىنى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كىتىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغىنى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، داۋالاشقا ماسلىشىپ، دورا يىمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپ پەرەز قىلىۋاتىدۇ، مەن توردىن ئىزدىنىپ ماتىرىيال كۆرۈپ باقتىم،بۇنداق بىمارلار قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىغا ياردەم بىرىدىغان بىرخىل دورىنى ئىزچىل ئىستىمال قىلىپ تۇرۇشى كىرەككەن، ئەگەر دورا ئىستىمال قىلمىسا،ياكى ئۆز مەيلىچە توختىتىپ قويسا، ئۆز-ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدىغان،داۋاملىق تەشۋىشلىنىدىغان،ھەتتا ئۆزى ھەم ئەتراپىدىكىلەرنى زەخمىلەندۈرىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بەلكىم ئۇنىڭ بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ ياۋۇزلىشىپ كىتىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كىرەك! بۇنداق كىسەللەرنى ئادەتتە خاپىلىق يۈتىۋالغان كىشىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ دەيدۇ،قارىسا بەك ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كۆرىنەتتى بوممىسا، -

- بۇنداق دىسەم، مىنى ئەخمەق دەپ، زاڭلىق قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق مىنىڭ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئەنۋەر، ئۇنىڭمۇ كىشىگە ئېيتالمايدىغان، نۇرغۇن دەرت-ھەسرەتلىرى باركەن، بالىلىقىدىكى جاراھەت ۋە خاتا بولغان ئائىلە تەربىيەسى دەل، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئاقىۋىتىنىڭ ھەقىقى سەۋەبى، ئۇنىڭ دەردى بار، بار بولغاندىمۇ، بىزنىڭ دەردىمىز ياماقمۇ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ئازاب - ئوقۇبەتلىك كەچۈرمىشلىرى بار،بىچارە خانقىز،ئاشۇ دەرت ئەلەملەر ھەم قەلب جاراھىتىنىڭ ئاغرىقى كۈچلۈك كىلىپ،تىنىدىكى ئاغرىقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى سەزمىگەن گەپتە ،، - شەمسىيە ئېغىر كىچىك تىندى -دوختۇر ئۇنى يەنە قانچىلىك ياشىيالايدۇ دەيدۇ ؟ -

-كۆپ مىقداردا سۇ كىرىپ،تۇنجۇقۇپ قالغاچقا ئۆپكە ۋە يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلاپ كىتىپتۇ،دوختۇر، بەلكىم،بىر ھەپتىگە بەرداشلىق بىرەلمەسلىكى مۇمكىن دەۋاتىدۇ، ۋاقتىڭىز بولسا،ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈپ قويامسىز-

- چوقۇم شۇنداق قىلىمەن-

- ھە راس،ئابلىمىت ئاۋمىندىكى بىر قىمار ئۇۋىسىدا قىمار ئويناۋاتقاندا قولغا چۈشۈپتۇ، ئىدارىدىن ئۇنى يالاپ ئەكىلىدىغانغا ئادەم ئەۋەتتۇق،قارىغاندا يالقۇننىڭ،ياق سىلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭلارنى قايتۇرۇپ كىلىشىڭلاردىن ئۈمىد بار ئوخشايدۇ-

-بۇ راسمۇ؟

- ئەلۋەتتە راس بولىدۇ،دە،مەن سىزنى قاچان ئالداپ باققان -

-بەكلا ياخشى بولدى،بىزنىڭ مال-مۈلۈكلىرىمىز قايتىپ كەلمىسىمىغۇ مەيلى، يالقۇنغا قەرز بەرگەن ئاشۇ بىچارە كىشىلەرنىڭ پۇللىرىنى قولىغا قايتۇرۇپ بەرگىنى بولغان بولسىلا بەك ياخشى بولغان بولاتتى..-

- بارغانسېرى ياخشى خەۋەرلەر كىلىۋاتىدۇ، ئۇنداق كۈنلەرمۇ چوقۇم ناھايىتى تىزلا كىلىدۇ، ھەراس،سىزگە ئېيتىدىغان يەنە بىر خوشخەۋەر  يىشىل شەھەر گورۇھىنى تەرتىپكە سېلىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دىلو ئاياقلاشتى، تۇرغۇننىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلسىلا جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش باشلىنىدۇ، پات ئارىدا،ئۇنىڭ دادىڭىزدىن يۈتۈۋالغان مال-مۈلۈكلىرىڭلارنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش خىزمىتى ئىشلىنىشى مۇمكىن، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى بىراقلا سوقىدىغاندەك قىلىسىز شەمسىيە،شۇنچىۋالا تارتقان خورلۇقلىرىڭىزغا لايىق،ئاخىرى خاتىرجەم بولىدىغان كۈنلىرىڭىزنى كۈتۈۋالىدىغان بولدۇق- ئەنۋەرنىڭ شەمسىيەگە ئېيتىدىغان يەنە باشقا سۆزلىرىمۇ باردەك قىلاتتى.

-ماڭا دەيدىغان باشقا گىپىڭىز يوقما -،شەمسىيە ئۇنىڭ قىزىرىپ،تاتىرىپ،جىددىيلىشىپ كىتىۋاتقىنىغا قاراپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئاچتى.

-،ئەسلىغۇ بار ئىدى،بولدىلا بۇ گەپلەرنىڭ يەنىلا ئىچىمدە سېسىپ كەتكىنى تۈزۈكتەك قىلىدۇ -

- ئەينى چاغدا سىز ئىرىدىن تۇل قالغان ئادەتتىكى بىر ئايال ئىدىڭىز،شۇڭا ئاسانلا دىگىنى بولاتتى،ھازىر كاتتا گورۇھنىڭ خوجايىنى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز،شۇڭا  ئېيتىشىم تەسكە توختايدۇ دىمەكچىمۇ سىز ئەنۋەر - شەمسىيە ئەنۋەرنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى سىزىۋالغاندەك قىلاتتى - سىز سۇغا شۇڭغۇۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە قانچىلىك قورققىنىمنى بىلەمسىز؟مەن ۋەدە بەرگەن، ئەمدى سىزنىمۇ ئۆزۈمنىمۇ قىيناشتىن ۋاز كىچىمەن،قېنى ئېيتىڭ،سىزنى ساقلاۋاتىمەن -

- راستىنلا،مىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلەمسىز؟- ئەنۋەر ھاياجانلاندى.

- بىلىمەن ئەنۋەر،سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن ئاڭلاشنى ساقلاۋاتىمەن  -

- بىراق مىنىڭ ئۈچ بالام بار،سىز ئۇلارنى مەن بىلەن قوشۇپ قوبۇل قىلىشىڭىز كىرەك -

- مىنىڭ ئالتە بالام بار،سىزمۇ ئۇلارنى مەن بىلەن قوشۇپ قوبۇل قىلىشىڭىز كىرەك -

- نەدىن كەلگەن ئالتە بالا ئۇ؟-

- مىنىڭ ئىككى قابىلنىڭ 4جەمئىي ئالتە -

-سىزگىلا تەس كەلمىسە ھېلىغۇ 6ئىكەن 60بالا بېقىۋالسىڭىزمۇ ھەممىنى قوبۇل قىلالايمەن -

- بەلكىم پات ئارىدا،ئۇ ئارزۇيىڭىزمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار،يىشىل شەھەر گورۇھىنى ئۆتكۈزىۋالسام،يىللىق تاپاۋەتنىڭ 50پىرسەنتىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرىپ ئىتىشنى ئويلاشتىم،ئەگەر ئىشلىرىم پىلاندىكىدەك قاملىشىپ قالسا،60ئەمەس 600بالىغىمۇ دادا بۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ئەنۋەر -

-ماقۇل بولدىڭىزمۇ؟-

- مىنىڭ جاۋابىم سىزنىڭ سۈرئىتىڭىزگە باغلىق،-شەمسىيە ئۆزىنىڭ خاراكتىرىگە ماس كەلمەيدىغان تەشەببۇسكارلىقىدىن خىجىل بولۇپ،قورونىڭ ئالدىغا توختىتىلغان ماشنىنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىكلا ئېچىپ چۈشىۋالدى، ئۇنىڭ يۈزلىرى ئوت ئالغاندەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ،ۋۇجۇدى ھاياجاندىن توختىماي تىتىرەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي،تىز-تىز قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەتتى.

- راس كىتەمسىز مۇرات؟سىز كەتسىڭىز رەھىمە قانداق قىلىدۇ؟سىز ئۇنى ياخشى كۆرەتتىڭىزغۇ؟- شۇ كۈنى كەچ شەمسىيە  يېڭىلا بالنىستتىن چىققان مۇراتنىڭ  يىراق يېزىدىكى بوۋاي-موماينىڭ  يېنىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خوشلىشىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋېلىپ، بىرقىسمىلا بولۇپ قالدى.

- رەھىمەنى ئەمدى تەڭقىسلىقتە قويغۇم يوق، ئۇ ئەينى چاغدىلا مىنىڭ كۆڭلۈمنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىۋەتكەن، ئەمدى ئاجىزلىقىمدىن پايدىلىنىپ، ھېسداشلىقىنى قوزغاپ،ئۇنىڭغا ئىرىشىۋالسام، بىر ئۆمۈر ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەسلىكىم مۇمكىن –

-ئۇنداق دىمەڭ مۇرات، مەن رەھىمە بىلەن سۆزلىشىپ باقاي، ئۇ نىمىنى ئويلاۋاتىدۇ، ئاۋۋال شۇنى بىر بىلىپ باقايلى –

- ئۇنداق قىلماڭ ھەدە، ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇ چوقۇم سىزنى مىنى ئوتتۇرىغا ساپتۇ دەپ چۈشۈنۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ تەڭقىسلىقتە قېلىشىنى خالىمايمەن،ئۇ ھەتتا مىنىڭ قايتىپ كىتىدىغىنىمنىمۇ ئۇقمايدۇ  -

- سىزنىڭ كىتىدىغىنىڭىزنى دىمەيمەن، ئەگەر رەھىمەنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش بىر تىل قىسىنچىلىقى بولۇپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ -

- ئۇ ماڭا پۈتۈن ئۆتمۈشىنى ئېيتىپ بەرگەن، مەن ھەممىنى قوبۇل قىلالايتتىم، بىراق ئۇ ماڭا ئۆز ئېغىزى بىلەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ ئېيتقان، ئۇ يا مەندەك گاچا بولمىسا، شۇنچە چىرايلىق ھەم گۈزەل قىزنىڭ يەنە ماڭا ئېيتالمايدىغان  نىمە تىل قىسىنچىلىقى بولسۇن؟ -

- يەنە ياخشىراق ئويلۇنۇپ بېقىڭ ئۇكام، قاچان ماڭىسىز، مەن سىزنى ئۇزۇتۇپ قوياي – گەپلەر شۇنداق ئېيتىلدى، ئەمما شەمسىيەنىڭ مۇراتنىڭ قىسمەتلىرىگە  ئىچى ئاچچىق بولۇپ  كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ قاچتى.

-بىر-بىرىڭلارنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ، بىرسىڭلار تىلىم ئاجىز دەپ ئۆزۈڭلارنى قاچۇرساڭلار ، يەنە بىرىڭلار تۇغالمايمەن دەپ  ئۆزۈڭلارنى قاچۇرساڭلار، بۇ ئېنىقلا بىر-بىرىڭلارنى قىينىغىنىڭلار ئەمەسمۇ رەھىمە، ئوبدان سىڭلىم،مەن مۇراتنى چۈشىنىمەن،ئۇ سىزنىڭ تۇغالمايمەن دەپلا ئۆزىنى رەت قىلىۋەتكىنىڭىزنى بىلسە، بىر ئۆمۈر نادامەت ئىچىدە ياشايدۇ، ئۇ سىزنى ھەر ھالىڭىز بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ، تۇغاممىغىنىڭىز ئۈچۈنلا باشقىلاردەك سىزنى كەمسىتىپ، كۆڭلىڭىزگە ئازار بىرىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ –

- ئۇنى سىزدىنمۇ ئوبدان چۈشىنىمەن ھەدە، مۇرات ئاقكۆڭۈل ھەم مېھرىبان بالا، ئۇنىڭ تۇغماسلىقىمنى بىر ئۆمۈر يۈزۈمگە سالمايدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن، قاراڭغۇ ئۆتمۈشلىرىم ئاز كەلگەندەك ئەمدى ئۇنى مەن ئۈچۈن، دادا بولۇش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلسام، ئۆزۈمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيمەن،  ماڭا بۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلايمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ –

- ئاھ، بىچارە ئۇكىللىرىم بىر-بىرىڭلارغا شۇنچە كۈيىدىغان تۇرۇپ، نىمىشقا ئۆزۈڭلارنى بۇنچە قىينايدىغانسىلەر- شەمسىيەنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ، بوغۇزىغا كەپلىشىپ كەلگەن يىغىسىنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز قالدى، ئۇنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى ئاران بېسىپ تۇرغان رەھىمەمۇ بىراقلا پارتىلاپ كەتتى، ئۇ مۇراتنى ھاياتى بىلەن سۈيەتتى، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ياشاشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما خۇددى ئۆزى ئېيتقاندىكىدەك ئۇنى بىر ئۆمۈر پەرزەنتسىز  قويۇشقا ئامالسىز ئىدى... ئەتىسى شەمسىيە بىلەن رەھىمە مۇراتنى ئۇزاتقىنى بىللە باردى، ئەمما رەھىمەنىڭ كەلگەنلىكىنى مۇرات بىلمىدى، رەھىمە پەقەت چاناقلىرىغا پاتماي ئېقىۋاتقان ياشلىق كۆزلىرى بىلەن مۇراتقا يىراقتىن قاراپ تۇرۇپ، ئۇنى قىيماسلىق ئىچىدە ئۇزىتىپ قويدى.

-نىمىشقا كەلدىڭ؟ مەن سەن بىلەن خوشلۇشۇپ بولغان ئىدىمغۇ، يەنە مەغلۇپ بولغىنىمنى كۆرۈپ باققىنى كەلدىڭمۇ؟ - خانقىزنىڭ سۇدا قالغان تەنلىرى ئاقىرىپ ئىششىپ قالغاندەك قىلسىمۇ ئەمما، بىر كىچىدىلا، ئۇزۇن يىل كىسەل تارتىپ كەتكەن ئادەمدەك ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ،  ياداپ، چىرايى كۆكۈرۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇ شەمسىيەنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالماي، كۆزلىرىنى باشقا ياققا ئەپ قاچتى.

-ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟ - دىدى شەمسىيە يىغلامسىراپ تۇرۇپ.

- بىلسەم نىمە بولماقچىدى شەمسىيە، ئەمدى بولغاندا ساڭا نىمە قىلىپ بىرەلەيتتىم،كەلمەسلىكىڭ كىرەكتى ئەسلى ، ئەجەبا مىنىڭ يىرگىنىچلىك چىرايىمغا قاراپ كۆڭلۈڭ ئېلىشمامدىكەن؟ -

- نىمىشقا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ؟سەن  يىرگىنىچلىك ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشۈڭ يىرگىنىچلىك، ئۆتكەن ئىشلار ئاللىبۇرۇن ئۆتتى خانقىز،دەيدىغاننىمۇ دىيىشىپ بولدۇق،مىنىڭ قەلبىمگە نەپرەتنى تېڭىپ، ئۆزۈمنى قىيناپ ياشىغۇم يوق، مەن بۈگۈن سەن بىلەن خوشلاشقىنى، سەن ئۈچۈن ئالاھىدە ئادەملەرنى بىللە ئېلىپ كەلدىم،سەن ئىرىشەلمىگەنگە ئۇلار ئېرىشىۋالسۇن، بەلكىم سىنىڭ ئاشۇ چوڭقۇر سۇدىن ھايات قايتىپ چىقىشىڭمۇ، چالا قالغان شۇ ۋەزىپەڭنى ئورۇندىۋېلىشىڭ ئۈچۈن بولسا كىرەك، ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىۋال،ئۇلارنىڭ قەلبىدە  ئاخىرقى مىنۇتلاردىكى ياخشى ئوبرازىڭ قالسۇن، بۇ بەلكىم، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساڭا ئوخشىغان قىسمەتلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالىشى مۇمكىن – شەمسىيە شۇنداق دەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ئايسىما ۋە ئۇنىڭ ئۇكىللىرىنى باشلاپ كىردى.

- قىزلىرىم،جېنىم قىزلىرىم،سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن،- خانقىز قىزلىرىنى كۆرۈپلا ئۆزىنى بېسىۋالالماي،كالپۇكلىرىنى تىتىرىتىپ يىغلاپ كەتتى،ئادەم ئاجىزلاشقاندا شۇنداق ئاسان يىغلايدىغان بولۇپ كىتەمدۇ،ياكى خانقىز راس ئۆزگەردىمۇ،ئۇنىڭ يىغىسى يۈرەك قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققاندەك مۇڭلۇق ئىدى.

-ئانا،جېنىم ئانا،- ئانا -بالىنىڭ ئارىسىدا بۆسۈپ ئۆتەلمىگۈدەك قايسى بىر تاغ،قايسى دەريالار بولسۇن،خانقىزنىڭ ئاجىز ھەم بىچارە ھالىغا قاراپ،ئايسىمامۇ غەزەپ-نەپرەتلىرى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەندەك، كۆزلىرىدىن مۆلدۈردەك ياشلارنى تۆكككىنىچە پاڭڭىدە يىغلاپ،ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى.
ئۆمۈر بويى ھېس قىلىپ باقمىغان بىر ئىللىقلىقتىن خانقىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئىسسىپ باقمىغان ۋۇجۇدى ئىللىغاندەك بولدى، نىمىشقا؟زادى نىمىشقا ئۇ مۇشۇ شىرىن بەخىتتىن ۋاز كىچىش بەدلىگە ئۆز-ئۆزىنى قىينايدىغان ئاشۇ زۇلمەتلىك يولنى تاللىۋالدى؟ نىمىشقا مۇشۇقەدەر شىرىن،مۇشۇ قەدەر تاتلىق، مۇشۇقەدەر ھوزۇرلۇق بايلىقلىرى تۇرۇپ،ئاقىۋەت ئۆزىنى ئاچچىق پۇشايماندىن بولسىمۇ قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان ئاشۇ شان-شۆھرەت ۋە پۇل -بايلىق ئۈچۈن ئۆزىنى سېتىۋەتتى؟ - باللىرىم،جېنىم باللىرىم – خانقىز بىردەم بىر قىزىنى،بىردەم،بىر قىزىنى باغرىغا بېسىپ يىغلايتتى،ئۇلارنى ھىدلىرىنى قانماي پۇرايتتتى.ئەپسۇس! ئەمدى ئۇنىڭ بۇ بەخىتتىن ھوزۇرلىنشقا ۋاقتى قالمىغان ئىدى.

- قىزلىرىم،سىلەرنى شەمسىيە ئاپاڭلارغا تاپشۇردۇم،ئۇ بەك ئىسىل ئايال،ئۇنىڭغا بالا بولالىغانلىقىڭلار سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردىكى ئەڭ چوڭ بەختىڭلار،بۇ بەخىتنى ئوبدان قەدىرلەپ،ئۇنىڭ تەربىيەسىنى ياخشى ئاڭلاڭلار،تىرىشىپ ئوقۇڭلار، ھەرقانداق ئادەمگە ۋاپادار، مېھرىبان، كۈيۈمچان بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلار ۋە باشقىلار بىلەن ئىناق -ئىجىل ئۆتۈڭلار، لالە بىلەن بارخاننى قېرىندىشىڭلاردەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەڭلار، ياخشىلىقتىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىڭلار، ئاخىردا مىنى كەچۈرىۋىتىڭلار، ھەم مەندەك بىر نۇمۇسسىز  ئاناڭلارنى بولغىنىنى ئۇنتۇپ كىتىڭلار، ھەرگىز مەندىن نەپرەتلىنىش بەدىل ماڭا ئوخشاش شەخسىيەتچى رەزىل بولماڭلار،ئۆھۈ،ئۆھۈ،ئۆھۈ – خانقىز سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرالماي،قاتتىق يۆتۈلۈپ، كۆزلىرى چاچراپ چىقىپ كىتىدىغاندەك يوغىناپ،چوڭ چوڭ تىنىپ،ھاسىراپ كەتتى.

- ئانا،ئانا – باللىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا توختىماي چۇۋۇرلايتتى. -ئايسىما،ئايسىما،ئۇكىللىرىڭ،ئۇكىللىرىڭغا....ئۈلگە بول.....شەمسى،،،شەمسىيە ئاپاڭنىڭ، گېپىنى....ئاڭلا -،ئۇ بىر تەرەپتىن ھاسىراپ، شۇ گەپلەرئى  ئۈزۈپ -ئۈزۈپ ئېيتقاندىن كىيىن، يوغان بىرنى تىنىۋەتكەندىن كىيىن،كۆكسى ئىگىزگە كۆتۈرۈلۈپ،گۈپپىدە چۈشكەندىن كىيىن،كۆزلىرى پولىتىيىپ،چانقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك ئوچۇق ھالدا،مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى....

شۇنداق قىلىپ،بىر مەزگىل ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان بۇ ئايال،ئاخىرى  مەيلى قانچىلىك ئەسكى ۋە قەبى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنىلا ئۆزى ھېچقاچان ھاجىتىم چۈشمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قۇچقىدا، چەكسىز خىجىللىق، ئۆكۈنۈش ۋە قىيماسلىق بىلەن، مەڭگۈلۈك ھەسرەتنى قۇچاقلاپ كۆز ئوچۇق ھالدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى، دىمەك ئۇ ئەزەلدىن پۇشايمان قىلمايمەن دەپ ئويلىغان ئىشلارغا ئاخىردا يەنىلا پۇشايمان قىلدى، قەدرىگە يەتمىگەن كىشىللىرىگە تارتىشىپ كەتتى، يەنە بىر قېتىم ياشاش پۇرسىتىگە ئىنتىزار ھالدا، ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ كەتتى، جىسمانى جەسەتتىكى ئاغرىق جان بىلەن تۈگەر، ئەمما بۇنداق ھەسرەت نادامەت ئادەمنى كۆزى ئوچۇق ئېلىپ كىتەر، دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ئارتۇق جازا بولماس بەلكىم....

- شەمسىيە ئاپا،قولىڭىز بەك تاتلىقكەن جۇمۇ،  پىتىرمانتىنى،ئاپامدىنمۇ بەك ئوخشىتىپ ئىتىدىكەنسىز –

- شۇنى دەيمەن شەمسىيە ئاپا،مەن بۇنداق ئوخشىغان مانتىنى ھاياتىمدا يەپ باقماپتىكەنمەن –

-مەن يەنە يەيمەن،تويمۇدۇم – خانقىزنى ئۇزىتىپ،ئاز ۋاقىتتىن كىيىن،شەمسىيە ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ئەنۋەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تاماققا چاقىردى، بالىلارنىڭ شۇ تاپتىكى خۇشاللىقىغا گەپ توغرا كەلمەيتتى.

- بالىسى كۆپ بولسا،غىمى كۆپ بولىدۇ دەپ قاچىدىكەن،بالىسى كۆپ بولۇشمۇ ئۇنچە بەك يامان ئىش ئەمەسكەنغۇ،كۈلكە-چاقچاق،بىلەن قىزغىن ھەم قايناق ئۆتىدىكەنمىز مۇشۇنداق – ئەنۋەرنىڭ ئۇلارغا مەستلىكى كەلگەندەك قىلاتتى.

- ھە، تۇنجى قېتىمقى يىغىلىشتا يېڭىلىق تۇيۇلۇپ، چىقىشىپ كەتكىنى بىلەن، رەسمىي بىر ئۆيدە ياشىغاندا ئاندىن بىلىسىز، تېخى بىر- بىرى بىلەن بەسلىشىپ، نەرسە-كىرەك تالىشىپ، ئەتىۋارلىق تالىشىپ، ۋاي-ۋۇي – دىدى شەمسىيەمۇ بىر-بىرىدىن تاتلىق ئويناۋاتقان بالىلارغا زوقلۇنۇپ قاراپ.

- ئۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بولۇڭە، مەن نىمىش قىلىدىغان ئادەم، نى چوڭ جەڭگە-جىدەللەرنى كىلىشتۈرۈپ، بېسىقتۇرغانمەن، ئۇششاق بالىلارنىڭ زىدىيتىنىڭ ئەنسىرىگۈدەك نىمىسى بار؟ -

-ھۈ، ھۈ  ھە، ئايسىما مىنىڭ مانتامدىن بىرنى ئارتۇق يەۋاپتۇ-

- ئۇكام مەن نەدە سىنىڭ مانتاڭنى ئارتۇق يەۋالىمەن، قارىغىنە مانا، مەن ئۆزۈمنىڭكىنى يىدىم، -

ئەمىسە، مىنىڭ مانتام قېنى –

-ئۆزۈڭ يەپ بولدىڭغۇ؟ -

- مەن تېخى يىمىگەن تۇرسام – شەمسىيە بىلەن ئەنۋەر شۇ سۆزلەرنى دىيىشىۋاتقاندا، خۇددى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغاندەكلا قابىلنىڭ چوڭ-كىچىك قىزلىرى مانتا تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالدى. شەمسىيە، ھە نوچى، بېسىقتۇرمامسىز ماۋۇ جىدەلنى دىگەن مەنىدە ئەنۋەرگە قارىۋىدى، ئەنۋەر بالىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاۋۋال كىچىكىدىن – قىزىم، سىزنىڭ مانتىڭىزنى ئاچىڭىزنىڭ ئېلىۋالغىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى

كىچىك قىز – مەن تېخى بىر تال مانتامنى يەپ بولالمىغان، ئاۋۇياققا بېرىپ كىلىپ قارىسام يوق تۇرىدۇ، يېنىمدا ئايسىما ئاچام ئولتۇرغان تۇرسا، ئۇ ئېلىۋالمىسا، كىم ئېلىۋالىدۇ – دەپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.

- ئايسىما، ئۇكىڭىزنىڭ مانتىسىنى راسلا سىز يەۋەتكەنمىدىڭىز – ئەنۋەرنىڭ كىچىك قىزنىڭ يىغىسىنى پەسەيتىشكە كۆزى يەتمەي، ئايسىمادىن سورىۋىدى،- مەن راسلا ئۇنىڭ مانتىسىنى يەۋالمىدىم، مەن ئۇنداق ئاچپاقا قىزبالا ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ مانتامنىمۇ يەپ بولالمىغان تۇرسام، ئۇنىڭكىنى نىمىشقا يەۋالاتتىم – دەپ، ئايسىمامۇ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. ئەنۋەر – بولدى، يىغلىماڭلار، يىغلىماڭلار – دەپ بىردەم ئايسىماغا بىردەم كىچىك قىزغا قاراپ،شۇنداق دەپ، ئۇلارنى بەزلىمەكچى بولاتتىيۇ، ئەمما ھەر ئىككىلىسى  ھېچبىر يىغىدىن توختايدىغاندەك قىلمايتتى.

- ئوماق قىزىم، سىزنىڭ مانتىڭىزنى ئاچىڭىز ئېلىۋالمىغان، مەن چاق-چاق قىلىپ تىقىپ  قويغان، مانا قاراڭ، داداداڭ – شەمسىيە ئەنۋەرگە ئەمدى مىنىڭ كارامىتىمنى كۆرۈڭ دىگەندەك مەنىدە قاراپ، قولىدا بىر تال مانتىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ، كىچىك قىزغا بەردى، ئاندىن ئۇلارنى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، ئۆز-ئارا كەچۈرۈم سوراشقا يىتەكلەپ كىلىشتۈرۈپ قويغاندىن كىيىن، ئورنىغا قايتتى.

- قانداق قىلالىدىڭىز؟-  ئەنۋەر ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى.

- ساقچى ئەپەندىم، ئۇلار دىگەن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا جىدەللىشىپ كەلگەن، ھەيۋىڭىزنى كۆرسىتىپ،راس گەپ قىلە دەپ ۋاقىراپ قويسىڭىز،خوش-خوش دەيدىغان چوڭ  ئادەم ئەمەس، تېخى كىچىك بالا، ھەرقانداق كىچىك بالا قەلبىدە، ئۆزىنىڭ شۇ ئائىلىدە باش پېرسوناژ  بولۇپ ياشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا بەزىدە يالغان سۆزلەپ، قەستەن جىدەل تۇغدۇرىدۇ، بەزىدە ئۇششۇق، يىغلاڭغۇ بولۇۋالىدۇ، ئىشقىلىپ، نىمىش قىلسا قىلىپ، سىزنىڭ دىقىتىڭىزنى قوزغىماقچى بولىدۇ، سىز بالىغا ئۆزىنى ئىپادىلىگۈدەك بوشلۇق بەرمەي، مەسلىنى قوپال ھەرىكەت بىلەن يىغۇشتۇرىمەن دىسىڭىز، بالىغا زەربە بولىدۇ ۋە مۇشۇ سەۋەب، بالىدا نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كىلىپ چىقىدۇ، بالىلار زىدىيتى تېخىمۇ شۇنداق، چوقۇم ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن زىدىيەتلەشكەنلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ، سىز ھەق-ناھەقنى ئايرىيمەن دىسىڭىز، بالىلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى، ئاسانلا بىر تەرەپنىڭ قەلبىدە ئۇۋالچىلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىسىز، قارىسام، كىچىك قىزنى باياتىن ھەممەيلەن دىگۈدەك كىچىك ھەم ئۇششۇق ئاسان يىغلايدۇ دەپ ئارىغا ئالمىدى، ھەممەيلەن ئايسىمانى چوڭ دەپ ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرىۋەتتى، كىچىك قىز ئۆزىنىڭ ئارىغا ئېلىنماسلىقىنى ئاچىسىنىڭ مۇكەممەللىكى سەۋەبىدىن دەپ ئويلاپ، باشقىلارنىڭ دىقىتىنى ئۆزىگە بۇراش ئۈچۈن، بىر تال مانتىنى  ئاشخانىغا ئەكىرىپ، جۈمبۈلگە يوشۇرۇپ قويۇپ چىقتى، ئاندىن يۇقارقى ئىشلار يۈز بەردى، ئەگەر مەن سىزنىڭ پەدىڭىزدە  كىىچك قىزنىڭ قىلغانلىرىنى ئومۇمنىڭ ئالدىدا ئاشكارلاپ، قويىدىغان بولسام، بەلكىم ئۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئاچىسىغا غۇم ساقلىشى ھەتتا پىسخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن، شۇڭا مەن ھەر ئىككىلىسىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق، كىچىك قىزغا كۆڭۈل بۆلدۈم، ھەم ھەدىسى بىلەن يارىشىۋېلىشىغا ياردەم بەردىم، ئاتا-ئانا بولۇش ھەرگىزمۇ سىزنىڭ دىلو بىجىرگىنىڭىزگە ئوخىشىمايدۇ، ئانا دىگەن قانچە بالىسى بولسا، ھەممىسىنىڭ مىجەزىنى ئوبدان چۈشۈنۈشى، ھە دىسە، ئۇلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادۇۋكات ياكى ساقچى بولۇۋالماسلىقى، چوقۇم ئۇلار بىلەن ئازادە پىكىرلىشەلەيدىغان ۋە سىردىشىدىغان بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇشى كىرەك –

- ۋاي-ۋۇي شەمسىيە، ئاجايىپ سۆزلەيدىكەنسىزغۇ سىز، پىسخولوگلاردەكلا خۇددى، سىزنى خاتا تاللىماپتىمەن جۇمۇڭ، بۇ مىجەزىڭىزدە ھېلىغۇ 9كەن 90بالا بولسىمۇ، كىلىشتۈرۈپ كىتەلىگۈدەكسىز جۇنۇڭ، مەن ھازىرغىچە ئۈچ بالامنى چۈشەنمەيلا كەپتىمەن دىسە، شۇڭا ئۇلار مىنى كۆرسىلا جىددىيلىشىپ، ئۆزىنى ئېلىپ قاچقىنى ئاران تۇرىدىكەندە –

- سىلەر توي قىلماقچىمۇ؟ - شەمسىيە ئەنۋەرگە نىمىلەرنىدۇر دەپ،جاۋاب بىرىشكە ھازىرلىنىپ،ئېغىزىنى ئۈمچەيتىپ تۇرىۋىدى، كەلگەندىن بۇيان قاپىقىدەن مۇز ياغدۇرۇپ، بىر ئېغىز گەپنى تۈزۈك قىلماي، بىر چەتتە بالىلارغا تاماق يىگۈزىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق تۇتۇپ تۇرغان ئەنۋەرنىڭ قېيىنسىڭلىسى تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، گەپنىڭ بىلىگە تەپتى.

- بۇ سىز ئارلىشىدىغان ئىش ئەمەس پاتىمە سىز بېرىپ ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ –

- نىمە؟ بۇ مەن ئارلىشىدىغان ئىش ئەمەسمۇ، ئەنۋەر ئاكا؟ ئەمىسە، مىنىڭ قايسى  ئىشقا ئارلىشىشقا ئاندىن سالاھىيتىم توشىدۇ؟ مۇشۇنچىلىك سوئالنىمۇ سوراشقا سالاھىيتىم توشمىسا، ئۇنداقتا مىنىڭ شۇنچە پالاقشىپ، باللىرىڭىزنى باققانلىرىم نىمىگە ھىساب ،ئەجەبا، ئاچامنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى سۆزلىرىنى شۇنچە تىزلا ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟سىزنى ئاچامغا بۇنداق يۈزسىزلىك قىلار دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن – پاتىمە شۇنداق دەپلا سۆزىنى تۈگىتىپ، شەمسىيەگە بىرنى ھومۇيۇپ قاراپ قويغاندىن كىيىن، تىز قەدەملەر بىلەن، بالىلار بىلەنمۇ كارى بولماي، ئالدى -كەينىگە قارىماستىن چىقىپ كەتتى.


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章