ئۈچ يېشىمدا دەپسەندە قىلىنغان قىزمەن؟ ئالتۇندەك ئايال1-قسىم

文摘   2025-01-31 21:44   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .



يۇقاردا تەۋسىيە قىلىنغان بەللىك،تاش تۇز كۆرپىسى ۋە ئىسسىقلىق ماينىڭ پائالىيتىگە قاتناشماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ قوشۇۋېلىڭ ياكى بۇ نومۇرغا تىلفون قىلىڭ15022934483

  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .






1 - باب: تۈۋرىكى يېقىلغان ئائىلە
قولۇڭنى بەر قولۇمنى تۇتقىن،
قويۇۋەتمە زىنھار قولۇمنى.
شۇ سۇنۇلغان ئىللىق قولۇمدىن،
بىلىپ يەتكىن كۆڭۈل سىرىمنى.

قولۇڭنى بەر قولۇمنى تۇتقىن،
قويۇۋەتمە زىنھار قولۇمنى.
بىز تۇتۇشساق قوللىرىمىزنى،
ئارام تاپسۇن بالىلار كۆڭلى.

قولۇڭنى بەر قولۇمنى تۇتقىن،
قويۇۋەتمە زىنھار قولۇمنى.
چىڭ تۇتۇشۇپ قوللىرىمىزنى،
ئاخىرغىچە گۈللىتەيلى ئائىلىمىزنى.

- ئەستايىدىل ئويلىشىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى ئالتۇنگۈل، ئېرىڭىزنى زېرىكمەي داۋالاتتىڭىز، يۈدۈپ يۈرۈپ پوق-سۈيدۈكىنى تۆكتىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ بۇنداق بولۇپ قالغىنىغا ئۈچ يىل بولاي دەپ قالدى، مۇشۇ چاغقىچە بەرداشلىق بەردىڭىز. ئۇ مۇشۇ كېسەل ھالىتى بىلەن ئىككى پۇتى دەسسىيەلمەس، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماس پېتى قالسا، ئۇنى يۈدۈپ يۈرۈپ بىر ئۆمۈر ھالىدىن خەۋەر ئالارسىزمۇ؟ ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە بەرداشلىق بەردىڭىزمۇ دەيلى، سىز شۇنچىلىك چىرايلىق، ياش تۇرسىڭىز، ئەر-خوتۇنچىلىقتىكى مۇھەببەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان كىچىككىنە يېقىنچىلىقتىنمۇ بەھرىمەن بولالمىسىڭىز، بۇ ئازابقا ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلەمسىز؟ سىز بىر تىرىك ئادەم، بۇ يېشىڭىزدا بۇنداق تەشنالىققا بەرداشلىق بەرمىكىڭىز بەسى-مۈشكۈل. بۇنداق تۇرمۇشتا قىلدەك قىيىپ كەتسىڭىز… شۇڭا ئىسسىقىدا بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىڭ.
«بۇ كىم بولغىيتتى؟ ئۇ ماڭا كۆيۈنىۋاتامدىغاندۇ يا مېنى ۋەسۋەسىگە سېلىۋاتامدىغاندۇ؟ يا مېنىڭ ئىرادەمنى سىناپ بېقىۋاتامدىغاندۇ؟ نېمىشقا ئۇلار ئىشلارنى بۇنچە چوڭقۇر ئويلاپ، يىراقتىن گەپ قىلىشىدىغاندۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ كۆزىگە شۇنچىلىك ئاجىز كۆرۈنىۋاتامدىغاندىمەن ياكى مەن ئۇلار دېگەندەك ئويلاشماي ئۆزۈمنى ئۇپرىتىۋاتامدىغاندىمەن؟ بۇ گەپنى قىلغان كىم بولغىيتتى؟ ئەجەب ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەنا؟»
*
- ۋاييەي، ئاكام ساق ۋاقتىدا دۆلىتىنى كۆرۈپ، خانىشلاردەك ياشىغان، ئەمدى ئاكام بۇنداق بولۇپ قالدى، خانئاچام ئاكامنىڭ ئەھۋالىغا چىدىماي يۈزسىزلىك قىلىپ باقسۇنا قېنى؟…
- ئاچا ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ، خانئاچام ھېلىمۇ بەرداشلىق بەردى، باشقا ئايال بولغان بولسا بۇرۇنلا ئاكامنى تاشلاپ كەتكەن بولاتتى. سەن ئېرىڭدىن سەككىز كۈن ئايرىلىپ بەرداشلىق بېرىپ باقە قېنى، قانداق ھېسسىياتتا بولىسەنكىن؟ خانئاچام ئاكامنىڭ كېسەللىك ھالىتىگىلا ئەمەس، باشقا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىغىمۇ بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن خانئاچامنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالسام قانداق قىلاتتىم؟ دېگەننى ئويلاپ گەپ قىل. خانئاچامنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەيلى، قارارنى ئۆزى چىقارسۇن.
«بۇلار زۆھرە بىلەن زىبەيدەغۇ؟ بۇلار نېمىشقا ئاكىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاكىسىنىڭ ھالى بىلەن بولماي مېنىڭ ئۈستۈمدە پاراڭلىشىدىغاندۇ؟ مەن ھازىر مېنى تونۇيدىغان ھەممە ئادەمنىڭ سۆز تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغاندىمەنمۇ؟»              
- قىزىم ئالتۇنگۈل سىزگە كۆپ رەھمەت، سىز ئوغلۇمنى نە-نەلەردە ئەر كىشىدەك يۈدۈپ يۈرۈپ داۋالاتتىڭىز، ئېغىر، مەينەت كۆرمەي ھالىدىن خەۋەر ئالدىڭىز، سىزگە پەقەت رەھمەت دېيىشتىن باشقا ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن، نېمىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز شۇنى تاپارسىز، قانداق ياخشى كۈن بولسا شۇنى كۆرەرسىز، مەن سىزدىن مىڭ مەرتەم رازى!
«بۇ قېيىنئانامغۇ؟ ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قاچان قىلغان بولغىيتتى؟ ھېچ ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەنا؟ مەن ئۆز مەجبۇرىيىتىمنى، ئېرىمنىڭ خىزمىتىنى قىلغان تۇرسام ئۇ نېمىشقا بۇنداق دەيدىغاندۇ؟ راست قېيىنئانام ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان ئايال، ئۇ ئېغىزىدا بۇنداق دېمىگەن تەقدىردىمۇ،  يۈرىكىدە مۇشۇنداق ئويلايدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.»
- ئالتۇنگۈل مەن بەك ئېغىر، نازۇك تېنىڭ بىلەن مېنى يۈدۈپ يۈرۈپ جىق جاپا تارتىپ كەتتىڭ، ئايىقىمغا ئۆتۈپ مەينەتچېلىكىمنى ئېرىقدېدىڭ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىسەن، مېنى كەچۈرگىن، سېنى جاپاغا قويدۇم، ساڭا كۆپ رەھمەت. چارچاپ كەتتىڭ، يېنىمدا يېتىپ بىردەم ئارام ئېلىۋال، مەن قولۇڭنى تۇتۇپ يېتىپ، تاتلىق ئۇخلىغان چىرايىڭنى كۆرۈپ ياتاي…
«ئابلەتجان شۇنداق دېگەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك، ئۇمۇ مېنى توي قىلغاندىن بۈگۈنگە كەلگۈچە قىلچە ئۆزگەرمەي ياخشى كۆرۈپ كەلدى، ھاياتنىڭ خۇشاللىقى بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس؟»
- ئالتۇنگۈل سىز ئابلەتجانغا ياتلىق بولۇپ كەلگەندىلا كۆزۈم چۈشكەن جۇمۇ، ئاڭلىساق ئېرىڭىز ھەر جەھەتتىن  ئىشتىن چۈشۈپتۇ، بىزنىڭمۇ ئابلەتجاندىن قىلىشقۇچىلىكىمىز يوق، سىزنىڭ ئوتىڭىزدا كۆيىۋاتقان چوغدەك يۈرىكىمىز بار، ئىچىڭىز پۇشۇپ قىينىلىپ قېلىۋاتقان بولسىڭىز ھايت دەڭ، ھۇيت دەپ ھەر قانداق چاغدا ھاجىتىڭىزدىن چىقىشقا تەييار.
«بۇ ھېلىقى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، كوچىنىڭ بېشىدىن نېرى بارمايدىغان، قاملاشقان تېنىنى سايىدا ئولتۇرۇپ نابۇت قىلىۋاتقان، كوچىغا كىرىپ چىققان ئاياللارنى ساناپ، قېرى ياش دېمەي ئارقىدىن ماراپ، چىشىنىڭ كىرىنى شۈمۈپ چاكىلداپ ئولتۇرىدىغان لاۋزا شۇغۇ. ئۆتۈپ تېشىپ ئۇ نېمە دەپ…»
- ئالتۇنگۈل، بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلار، سىز ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئىزدىشىپ، چاي ئولتۇرۇشلارغا بىللە قاتنىشىپ ئۆتەيلى دېسەك ئېرىڭىزنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقىدىن چىقالماي، ھېچ بىر خۇشاللىق ئىزدىمەي ئۆتۈپ كەلدىڭىز، ئەمدى ئېرىڭىز كېسەل بىلەن ئولتۇرۇپ قاپتۇ، ھەر جەھەتتىن سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقالمايمىش، ئەمدى بۇنداق ئۆتىۋەرمەي بىز بىلەن ئارلىشىڭ، قارىسىڭىز كۆزىڭىزنىڭ پىتى ئۆلىدىغان، ئوينىسىڭىز يۈرىكىڭىز كۈلىدىغان ئەرلەر دېگەن ئەتراپىمىزدا سۆرۈلۈپ يۈرۈيدۇ، ئوينايمىز، كۈلىمىز،«ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دەپ تاتلىق-تومۇ ياشايمىز.
«نېمە دېگەن ئۇزۇن كېچە، ئەجەب بىر چۈش ئىچىدە چۈش كۆرۈپ ئۇخلىيالمىدىما؟!»
ئالتۇنگۈل ئويغىنىپ كەتتى، تاڭ ئاتمىغانلىقىنى بىلىپ، تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان ئېرى ئابلەتجاننى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئىھتىيات بىلەن ئورنىدىن چىقىپ، ئاۋاز چىقارماي مېڭىپ بالىلىرىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردى. تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئىككى بالىسىغا قاراپ، ئۈمىد ئىچىدە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
مۇشۇ كۈنلەردە ئالتۇنگۈل ئابلەتجاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ چارچاپ كېتىپ باراتتى. كۆڭلىنىڭ ئارامى بولمىغاچقا، بىكار بولۇپ قالسىلا تەگسىز ئويلارغا پېتىپ قالاتتى. ئۇ بۇ خىل ھالىتىنى ئابلەتجانغا سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلار مالاللىق يەتكۈزۈپ، نېرۋىسى ئارام تاپالمايتتى. شۇڭا ئۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
بۈگۈنمۇ ئالتۇنگۈلنىڭ ئۇيقىسى بىمەھەل ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ، يېنىدا تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان ئېرى ئابلەتجانغا قاراپ قويۇپ ئۇيقۇسىنى داۋام قىلماقچى بولدى. ئۇخلاش ئۈچۈن جىممىدە ياتقان بولسىمۇ، ئۇيقۇسى ئېچىلىپ بولغىچە خىيالىغا بۆسۈپ كىرگەن تەشۋىش كۆڭلىگە ئاراملىق بەرمەي نېرۋىسى تىنچلىق تاپالمىغاچقا ئۇخلىيالماي جىممىدە ياتتى.
يېتىش، كۆڭلى خاتىرجەم، شېرىن ئۇيقۇغا چۆمۈپ ياتقان ئادەم ئۈچۈن بىر راھەت. ئەكسىچە قەلبى لىققىدە تەشۋىشكە تولغان ئادەم ئۈچۈن قىيىن. مىدىرلىماي يېتىش تېخىمۇ قىيىن.
ئالتۇنگۈل ھەرىكەت قىلسا يىنىدا تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان ئېرىنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن ئورۇندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى.
ئالتۇنگۈل ئابلەتجان ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندىن بېرى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كېچىلىرى ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ قالسام دەپ، كېچىلىك كىيىمنى تولۇق كىيىپ يېتىشنى ئادەت قىلغان ئىدى. ئۇ ئورۇندىن چىققان پېتى يەڭگىل ھەرىكەت قىلىپ ساپما كەشنى كىيىۋالدى. ئېھتىيات بىلەن مېڭىپ ھويلىغا چىقتى.
ئەتراپ تىمتاسلىققا ئورۇلغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەر شېرىن ئۇيقۇدا ئىدى. تىمتاس كېچىنىڭ ئوچۇق ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار شۇنچە يارقىن، زېمىننى ئاق لىباسقا پۈركەپ، سۈتتەك نۇر چېچىپ تۇرغان ئاي شۇنچە نۇرلۇق ئىدى. ھاۋا شۇنچىلىك ساپ، ئارامبەخش بولۇپ ئالتۇنگۈل ھويلىغا چىقىش بىلەن تەڭلا تېنى سەگىپ، كاللىسىنى تەشۋىشلىك ئويلار لىققىدە چۇلغىۋالدى. ئويغا پېتىپ پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى.
ئەتراپقا تىكىلگەن كۆزلىرى قېيىنئانىسىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆردى. كەچ تەرەپتە دائىم يېپىقلىق تۇرىدىغان ئىشىكنىڭ ئوچۇق تۇرغىنىدىن ھەيران بولۇپ كۆڭلى داۋالغۇدى. ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ قېيىنئانىسىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردى.
ئۆي ئىچىدە باھارخان ئانا ئورۇن-كۆرپىلىرىنى رەتلىك يىغىپ قويۇپ، بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە مۇڭلىنىپ ئولتۇراتتى. ياشىنىپ قالغان قېيىنئانىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئالتۇنگۈلنىڭ دىلى ئېزىلدى. تىترەك ئاۋازدا:
- ئانا كېچىدىن بېرى ئۇخلىماي مۇشۇنداق ئولتۇرلىمۇ؟ يا سەھەردە بىر يەرگە باراي دەپ تەييارلىق قىللىمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئالتۇنگۈلنىڭ گېپىدىن ئېسىگە كەلگەن باھارخان ئانا لىپپىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالتۇنگۈلگە قاراپ:
- كېلىڭ بالام. -دەپ ئالتۇنگۈلنى يېنىدا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن، - سىزمۇ ئۇخلىيالمىغان ئوخشىمامسىز؟ ئاخشامنىڭ ياقى كۈندىن-كۈنگە قىيىنچىلىق ئىچىدە قېلىۋاتقان تۇرمۇشىمىز كۆڭلۈمگە كىرىۋېلىپ، شۇ ئوي بىلەن ئارام تاپالماي ئۇخلىيالمىغاچقا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم بالام.
- ئانا سىلە ياشىنىپ قاللا، ئائىلىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئويلاپ ئۆزلىرىنى چارچاتماي سالامەتلىكلىرىنى ئاسرىسىلا. تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىشلىرىنى بىز ئويلاشساق بولدى.
- ھېلىمۇ ئائىلىنىڭ چوڭ-كىچىك ھەممە ئىشلىرىنى سىز ئويلاپ كېلىۋاتىسىز، كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىز. ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالى ئۇ تۇرسا، مەن سىزگە ياردەم قىلالمىسام، تىرىك بىر جان تۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ئويلانماي تۇرالامدىمەن قىزىم؟
قېيىنئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئالتۇنگۈلنىڭ يۈرىكى تىترىدى. قېيىنئانىسىنىڭ قولىنى ئالقىنىغا ئېلىپ:
- ئۇغۇ شۇ ئانا، لېكىن سىلىنىڭ سالامەتلىكلىرى ھەممىدىن مۇھىم، سىلىنىڭ سالامەت تۇرۇپ بەرگەنلىرىنىڭ ئۆزىلا ماڭا قىلغان ئەڭ چوڭ ياردەملىرى.
- مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن بالام. لېكىن ئادەمنىڭ     ئوي-خىيالىنى تىزگىنلىمەك تەس ئىكەن. قولىڭىزدا تۇرمۇشقا ئىشلەتكىدەك تايىنلىقلا پۇل قالغاندۇ ھەقاچان؟ ئابلەتجاننىڭ يەۋاتقان دورىسىمۇ ئاخىرلىشىپ قالاي دېدى، ئۇنىڭغا دورا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈنمۇ پۇل كېتىدۇ. بالىلىرىڭىز بەك ئەقىللىق چوڭ بولىۋېتىپتۇ. تۈنۈگۈن قاراپ ئولتۇرسام قىزىڭىز ئۆيگە ئاقسىغاندەك مېڭىپ كىردى. مەن ئۇنى مەكتەپتە بالىلار بىلەن يۈگۈرۈشۈپ ئويناپ يىقىلىپ چۈشكەن ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ، نېمە بولغانلىقىنى سورىسام گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى. ئۇكىسىدىن سورىسام، ئالدىنقى كۈنى ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئۆيدە تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان پۇلنىڭ ئاز قالغانلىقى ئۈستىدە قىلىشقان پارىڭىمىزنى ئاڭلاپ قاپتىكەن. شۇڭا ئۇ ماڭا گەپ قىلغىلى ئۇنىماپتىكەن. ئەسلىدە ئۇنىڭ كىيىۋاتقان ئايىغى كىچىك كېلىپ قېلىپ پۇتىنى قىستاپ ئاغرىتقاچقا، يول مېڭىشى تەسىرگە ئۇچراپ ئاشۇنداق مېڭىۋاتقان ئىكەن. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بالىلارنىڭ بۇنچە ياخشى چوڭ بولۇۋاتقىنىدىن بەك سۆيۈندۈم. لېكىن ئەمدى چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارنىڭ خۇشال-خۇرام، خاتىرجەم ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ۋاقتىدا ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن دىلى ئۈزۈك چوڭ بولۇپ قالامدىكىن دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. سىزگە دېمىدىم. بۇ ئىشلارغا بېشىم قېتىپ يۈرسەم، «قارىغۇنى تار يەردە قىستاڭ» دېگەندەك، نىياز بىر خەۋەرنى ئېلىپ كەپتۇ. قۇدىمىز نىيازنىڭ ئايالىنىڭ سىڭلىسىنى چىقىرىدىكەن. شۇ تويغا سىز بىلەن ماڭا تەكلىپنامە ئەۋەتىپتۇ. قۇدىمىز قىز چىقارغان تويغا ئۆز لايىقىدا يارشىقىنى قىلىپ بارمىساق ئۇششاق گەپ تۈگىمەيدۇ. مۇشۇ ئىشلارغا بېشىم قېتىپ ئۇخلىيالماي ئولتۇرۇشۇم قىزىم.
- راست دېلە ئانا، ئارقىسىدىن گەپ قىلغان بولۇپ قالساممۇ دەۋېرەي. نىيازجاننىڭ ئايالى يامان ئاتىكاچى چوكان، ئۇنى قانائەت تاپتۇرماق تەس.
- مەن ئويلىغاندەك گەپ قىلدىڭىز بالام.
- ئۇنداق بولغاندىكىن، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز بۇ تۇرسا، ئۇ تويغا ئېلىپ بارىدىغان نەرسىلەرنى نىيازجان تەييار قىلىپ بەرسە بولماسمۇ ئانا؟
- ئەقلى بولسا، ئەر كىشى بولغاندىكىن ھازىرقىدەك چاغدا مېنىڭ تايىنىدىغىنىم ئاشۇ نىياز. شۇڭا سىز دېگەندەك قىلساق بولۇشنىغۇ بولىدۇ، لېكىن نىياز خوتۇنىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدىغان بالا. قىلغان ھەممە ئىشىنى خوتۇنىغا دوكلات قىلىپ، خوتۇنىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىدۇ. كېلىنىم بۇ ئىشنى بىلىپ قالسا، كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىزدەپ قىلغان ئىشىمىز كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بەرمىسۇن. بۇ ئىشتا زۆھرەدىن ياردەم تەلەپ قىلاي دەي دېسەم، زۆھرەنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز؟ قاچانلا قارىسا ھال ئېيتىپ، ئالسام، بەرمىسەم دەپلا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئاغزىمنى ئۇپراتتقۇم يوق. بۇ ئىشنى زىبەيدەگە ئېيتسام كۈيئوغلۇم ئىككىلەنمەيلا تەييار قىلىپ بېرىدۇ. لېكىن سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بار، ئابلەتجان ئاغرىپ قالغاننىڭ ياقى ئۇلارنىڭ قىلغان ياردىمى ئاز بولمىدى. كۈيئوغلۇمنىڭ ئىشىمۇ بەك ئېشىپ-تېشىپ تۇرمايدۇ. «ئۇنىغاننى يونىغان» دەپ، ئۇلارغا ھال ئېيتىۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ قالدىم.
- راست دەيلا ئانا، ھېلىمۇ ئۇلار ئۇنچىلىك قىلىۋاتقاندىكىن بىزمۇ ئۆزىمىزنى سورىمىساق بولمايدۇ. سىلە خاتىرجەم بولۇپ ئارام ئالسىلا، بۇ ئىشنىڭ ئامالىنى مەن قىلاي.
- سىز قانداق ئامال قىلىسىز بالام؟ يەنە شۇ دادىڭىزنىڭ ئالدىغا بارامسىز؟ مېنى خىجىل قىلماڭ، ئۇلارمۇ ئاز ياردەم قىلمىدى. ياشىنىپ قالغان دادىڭىز ئىنىلىرىڭىزنىڭ قولىغا قاراشلىق تۇرسا…
- ياق، ئۇلاردىن ياردەم سورىمايمەن، ئۆزۈمنىڭ ئامالى بار. ئالتۇنگۈل قېيىنئانىسىغا شۇ ۋەدىنى قىلغاندىن كېيىن كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپ، ئورنىدا ياتقۇزدى. بالىسىنى تىنچلاندۇرغاندەك پەپىلەپ ئۇخلىتىپ قويۇپ ئاۋايلاپ يېنىپ چىقتى.
ئالتۇنگۈل ئۆيدىكى ھەممەيلەننىڭ ئەتىگەنلىك تامىقىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى بالىسىنى مەكتەپكە يولغا سېلىۋەتتى. ئۆي ئىشلىرىنى بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىدىغان ۋاقىت بولغۇچە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئابلەتجاندىن رۇخسەت ئېلىپ، قېيىنئانىسىغا دەپ قويۇپ، كۆڭلىگە پۈككەن ئىشنى ھەل قىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتى.
ئالتۇنگۈل بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ، ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ ئاچىسى بىلەن يېتىم قالدى. ئۇزاق ئۆتمەي دادىسى قايتا ئۆيلەندى. ئۆگەي ئانىسى ئالتۇنگۈل ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەننى ئۆز قىزىدەك كۆرۈپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى. ئۆگەي ئانىسى ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ، تۆت بالا بىر ئانا، بىر دادىنىڭ بالىلىرىدەك ئىجىل-ئىناق چوڭ بولدى.  ئالتۇنگۈلنىڭ دادىسى ئاددىي ھۈنەرۋەن كىشى بولۇپ، بىر ئۆمۈر تىرىشىپ. تىرمىشىپ تۆت بالىلىق ئائىلىنى قامداپ ئېشىنغان پۇلى بىلەن ئىككى قىزنى ياتلىق قىلدى. بۇ چاغدا ئالتۇنگۈلنىڭ دادىسى ياشقا چوڭ بولۇپ قالغاچقا ھۈنەر قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئوغۇللار ئۆزى پۇل تېپىپ چوڭ ئوغۇل ئۆيلەندى. كىچىك ئوغۇل ئۆيلىنىش يېشىغا يېتىپ قالغان بولسىمۇ، قولىدا يېتەرلىك پۇل بولمىغاچقا ئۆيلىنەلمەيۋاتاتتى. بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بار ئالتۇنگۈل يەنە ئاتا-ئانىسىغا ھال ئېيتىپ، ئۇلاردىن ياردەم سوراشقا تىلى بارمايتتى.
ئالتۇنگۈل ئالدىنقى قېتىم ئابلەتجاننىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن تويلۇق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ ھەممىنى سېتىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قولىدا پۇلغا يارىغۇدەك ھېچ نەرسە قالمىغان ئىدى.
ئالتۇنگۈلنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئازراق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرى قالغان ئىدى. دادىسى بۇ نەرسىلەرنى ئۆز پېتى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئۆگەي ئانىسى ئالتۇنگۈلنىڭ ئاچىسىنى ياتلىق قىلغاندا، ئالتۇنگۈلنىڭ ئۆز ئانىسىدىن قالغان زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئىككى قىزغا ئوخشاش بىر تالدىن بىلەيزۈك سوقتۇرۇپ بېرىپ، ئانىسىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ساقلاشنى ئېيتقان ئىدى. ھازىر ئالتۇنگۈل شۇ ئالتۇن بىلەيزۈكنى سېتىش قارارىغا كېلىپ ئۆيدىن چىققان ئىدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۆگەي ئانىسىغا بىلەيزۈكنى ساتىدىغانلىقىنى ئېيتسا ئۆگەي ئانىسى قوشۇلمايتتى. ئوغۇللىرىغا دەپ ئالتۇنگۈلنىڭ خىجالىتىنى ھەل قىلىپ بېرەتتى. لېكىن ئالتۇنگۈل بۇنداق بولۇشنى خالىمىغاچقا، بىلەيزۈكنى ساتقىلى زەگەر بازىرىغا  بىللە چىقىش ئۈچۈن بىر مەھەللىلىك دوستىنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى.
ئالتۇنگۈل دوستىنىڭ ئۆيىگە كىردى. ئۇنى كۆرگەن دوستى قىزغىنلىق بىلەن ئالدىغا چىقىپ:
- جېنىم ئالتۇنگۈل، سەن نېمە يەپ، نېمە ئىچىپ ياشايدىغانسەن؟! بوي-تۇرقۇڭ، چىرايىڭ ئەمدى توي قىلغان چوكاندەك ئۆزگەرمەي، شۇنداق چىرايلىق تۇرىۋاتىسەن ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرۈپ. - دەپ ئالتۇنگۈلنى قارشى ئالدى. ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن ئەھۋال سوراشقاچ ئورۇن ئېلىشقاندىن كېيىن، ئالتۇنگۈل ئۆزىنىڭ ئالدىراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، دوستىنى زەگەر بازىرىغا بىللە چىقىشنى ئېيتتى. ئالتۇنگۈلنىڭ نېمىشقا زەگەر بازىرىغا چىقىدىغانلىقىنى سورىغان دوستى، ئالتۇنگۈلنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
- سەن كۆڭلۈڭدىكى غېمىڭنى يوشۇرۇپ، ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقىنىڭ بىلەن كۆزۈڭ ھەممىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ ئالتۇنگۈل. بىچارە، يەنە سەن ئائىلەڭنىڭ ھەممە جاپاسىنى ئۈستىڭگە ئېلىپ يۈرۈۋېتىپسەن دە؟ ياشلا تۇرۇپ ئەجەب بىر جاپاغا قالدىڭ ھە؟ ساڭا بىر مەسلىھەتنى بەرسەم ئاڭلاپ باقامسەن؟ مېنىڭ تاغامنىڭ ئوغلى ئەكبەرجان بىز تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ساڭا ئاشىق بولۇپ قېلىپ، ئالدىڭنى توسۇپ يۈرەكلىك گەپ قىلالماي، دائىم كەينىمىزدىن سايىمىزدەك ئەگىشىپ يۈرەتتى. كېيىن سەن ياتلىق بولۇپ كەتتىڭ. ئەكبەرجان شۇ ئىچ ئاغرىقىغا چىدىماي بۇ شەھەردىن چىقىپ كېتىپ، باشقا بىر شەھەردە سودا قىلىشنى ئۆگىنىپ، خېلى كۆپ پۇل تېپىپتۇ. تاغام بېرىپ شۇ شەھەردە تېپىشقان بىر قىز بىلەن تويىنى قىلىپ قويۇپ كەلگەن ئىدى. تاغام ئۆلۈپ كېتىپ ئانىسى يالغۇز قالغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ يېنىدا تۇرۇش ئۈچۈن قايتىپ كەلدى. ئايالى بىلەن كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كېتىپتىكەن. بەش ياشقا كىرگەن قىزىنى ئېلىپ كەپتۇ. ئۇ كېلىپلا سېنىڭ ئەھۋالىڭنى سوراپ، سېنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىڭنى ئۇقۇپ ئىچ ئاغرىتتى. ئانىسى ھازىر ئەكبەرجاننى ئۆيلەپ قويۇش ئۈچۈن ئالدىراپ يۈرۈيدۇ. لېكىن ئەكبەرجاننىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىرسى ئۇچرىماي، ئۆيلىنىشكە ئالدىرىمايۋاتقان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن گەپ ئېلىپ ئىچىگە كىرىپ چىقسام، ئۇ تېخىچە سېنى ئۇنتالمايۋاتقان ئوخشايدۇ.
ئېرىڭ يېرىم جان ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىلى ئۈچ يىل بولاي دەپ قالدى. شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ داۋالاتقان بولساڭلارمۇ ساقىيالمىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۆمرى مۇشۇنداق ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ. ھېلىمۇ ئېرىڭ ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتىڭ. سەنچىلىك قىلالايدىغان ئايالنى ئىزدەپ تاپماق تەس. قىلغانلىرىڭ يېتەرلىك بولدى. سەن تېخى ياش تۇرساڭ. بۇنداق ئەر بىلەن ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە گېلىڭغا كەلگۈچە پېتىۋالساڭ ساڭا بەك ئۇۋال بولىدۇ. بۇ سېنىڭ تازا پورەكلەپ ئېچىلغان ۋاقتىڭ تۇرسا… مەن يولۇڭنى مېڭىپ ئەكبەرجان بىلەن ئىشىڭنى پۇشۇراي. ئېرىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىن. بالىلىرىڭغا چىدىمىساڭ ئوغلۇڭنى دادىسىغا بېرىپ، قىزىڭنى ئېلىپ ئاجرىشىپ كەت. ئەكبەرجان بىلەن توي قىلىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش قۇرۇپ، ئىككى قىزنى بىر جۈپ قىلىپ بېقىپ چوڭ قىل. ئەكبەرجان ساڭا كۆيۈك بولغاندىكىن تۇرمۇشۇڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ ياخشى ئۆتىدۇ.
- ئاداش، سېنىڭچە شۇنداق قىلسام بولارمۇ؟
- بولمايدىغان نېمىسى بار.
- ئەكبەرجان ئەقلى-ھوشى جايىدا ئەركەك بولسا، مەن ئىككى بالامنى يېتىم قىلىپ، مېيىپ بولۇپ قالغان ئېرىمنى تاشلىۋېتىپ ئەكبەرجان بىلەن تۇرمۇش قۇرماقچى بولسام ئۇ ماڭا ئىشىنىپ، كۆڭۈل توختىتىپ مەن بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى خالارمۇ؟
- بۇ تەرىپىدىن خاتىرجەم بول، ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن.
- ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت، مەن يەنىلا بالىلىرىمنى دادىسى بىلەن دەرقەمتى بېقىپ قاتارغا قاتاي. ۋاقىت چىقىرالىساڭ سەن ھازىر مەن بىلەن زەگەر بازىرىغا بىللە چىققىن.
(داۋامى بار)

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章