يولدۇشۇم بۇرۇنقى ئايالىغا بۇزۇلارمۇ؟ئاياللارھېيلسى132.قىسىم

文摘   2025-01-28 21:25   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


يۇقاردا تەۋسىيە قىلىنغان تاش تۇز كۆرپىسى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز15022934483

  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم
ئاياللارھېيلسى123-قسم
ئاياللارھېيلسى124-قسم
 ئاياللارھېيلسى125-قسم
ئاياللارھېيلسى126-قسم
 ئاياللارھېيلسى127-قسم
ئاياللارھېيلسى128-قسم
ئاياللارھېيلسى129-قسىم
ئاياللارھېيلسى130-قسم
ئاياللارھېيلسى131-قسم
ئاياللارھېيلسى132.قىسىم


    

-مىنى كەچۈرەمسەن - شەمسىيە خانقىزنىڭ چۈشەندۈرىشى بويىنچە ئۇنى ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن، خانقىز شۇ بىرلا ئېغىز گەپنى قىلىپلا ئۇنىڭغا تىزلاندى، ئەتراپتا بارخان كۆرۈنمەيتتى.

- بارخاننى نىمە قىلدىڭ خانقىز؟ بىز دىيىشكەنغۇ، ئۇنىڭ ئورنىدا، مەن ئۆلىدىغان، سەن ئۇنى قويۇۋىتىدىغان بولغان،نىمىشقا گىپىڭدە تۇرمايسەن، نىمىشقا - شەمسىيە شۇنچە مەغرۇر خانقىزنىڭ تۇيۇقسىزلا ئالدىدا تىزلانغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدىن كەچمىگەن ئىشلار كىچىپ، جىددىي بىر ھالدا كۈچلەندى، خانقىزنى ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ياقىسىدىن تۇتۇپلا ئورنىدىن تۇرغازدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا، ئەينى چاغدا، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىنادىن ئۆزىنى تاشلىماقچى بولغان لالە كەلدى - ماڭا تاساددىبىيلىق يۈز بەردى دىمە خانقىز؟ ئىشىنەمسەن،مەن ساڭا جېنىمنى تىكىمەن،جېنىمنى ،بالىسىدىن ئايرىلغان ئانىنىڭ غەزىپىنى سەن تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايسەن، خانقىز! -  خانقىز ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلماقتا ئىدى.

- ئانا، ماڭا ھېچچىش بولمىدى، مەن بۇيەردە بار -بالا دەردىدە ساراڭ بولغان شەمسىيە ئەقلى -ھوشىنى يوقۇتۇپ قويايلا دەپ قالغاندا، خانقىز شەمسىيەنى كۈتۈپ تۇرغان  دامبىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بارخان چىقىپ كەلدى -ئۇ مىنى ھېچقانداق قىلمىدى، ماڭا قاراڭ، مانا، ماڭا ھېچچىش بولمىدى.

-ئورنۇڭدىن مىدىرلىغۇچى بولما خانقىز -، بۇ چاغدا، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن ئەنۋەر ئاللىبۇرۇن ماشنىدىن چۈشۈپ بولغان ئىدى - شەمسىيە، بارخاننى ئېلىپ، تىز ماشنىغا چىقىۋېلىڭ -

-سەن ماڭا ئۆزۈم يالغۇز كىلىمەن دىگەن- خانقىز ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن شەمسىيەگە قارىدى -ئۆزۈڭ كۆردۈڭ مەن ۋەدەمدە تۇردۇم، ئوغلۇڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمىدىم، بىراق سەن نىمىشقا ساقچى باشلاپ كىلىسەن! -

- سىنىڭچە مەن ساڭا ئىشەنسەم بولامتى خانقىز؟ سەن ئارىمىزدا، ساڭا ئىشەنگۈدەك ئارلىق قويدۇڭمۇ؟ سىنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىڭنى ئويلىساممۇ تىنىمنى تىتىرەك باسىدۇ؟ -

- مەن بۇ قېتىم سىنى ئالدىمايتتىم شەمسىيە، مەن  ھەرقانچە رەزىل بولساممۇ، قانداقمۇ ئاشۇ سەبىي بالىغا قول سالالايمەن؟ -

- ئۆزۈڭنىڭ قىزىڭنىڭ بوينىغا پىچاق تەڭلىگنىڭنى شۇنچە تىز ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ -

- ئۇ چاغدا مەن ئەقلىمدىن ئاداشقان، ئەمما ھەرقانچە ساراڭ بولۇپ كەتسەممۇ، ئۆزۈمنىڭ قىزىمنى ئۆلتۈرمەيتتىم، بۇلارنى پەقەت قابىلغا تەھدىت سېلىش ئۈچۈنلا قىلغان -

- بىراق قىزىڭ ئۇنىڭ بوينىغا پىچاق تەڭلەپ تۇرغىنىڭنى يالغان دىيەلمەيدۇ خانقىز، ئەمدى ئۇنىڭ نەزىرىدە سەن مەڭگۈ ئۆز قىزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئانا، بىچارە قىز، بىر ئۆمۈر ئانىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئاشۇ قارا چۈشنى كۆرۈپ ياشايدۇ -- مەن، مەن - خانقىزنىڭ ياشلىرى چاناقلىرىغا پاتماي ئاقتى -مەن بۇلارنى ھېس قىلالايمەن، مەن ئاشۇ قارا چۈشتىن ھازىرغىچە ئويغۇنالماي كەلدىم، مەن باللىرىمغا يۈز كىلەلمەيمەن، مەن زىيانكەشلىك قىلغان ئاشۇ خاتالىقسىز قىزلارغا يۈز كىلەلمەيمەن، رىزۋانغا ،يالقۇنغا، يەنە ساڭا يۈز كىلەلمەيمەن، ئەمما ئىشەن شەمسىيە، ئۇ ئىشلارنى قىلغىنى ھەقىقى خانقىز ئەمەس، خانقىزنىڭ روھىيتىنى تىزگىنگە ئېلىۋالغان، ئۇنى ئەقلىدىن ئاداشتۇرغان ئاشۇ  قارا چۈشى،  مەن ھازىر ئويغاندىم! سىنىڭ ئوغلۇڭ، ھەم ئوغلۇڭنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتى مىنى بۇ قارا چۈشتىن ئويغاتتى، ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىن، شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان ھېچكىمگە ئېيتالمىغان قارا چۈشۈمنى ساڭا ئېيتىپ، ئىچىمنى بوشتىۋېلىشىمغا پۇرسەت بەرگىن، قەلبىمدىن ئاشۇ قورقۇنچاق قىز بۇ ئازابتىن ئەمدى قۇتۇلسۇن! مەن ئۆلۈپ كىتىمەن شەمسىيە، بەرىبىر ئۆلۈپ كىتىمەن، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئاشۇ بىچارە قىزنى 40نەچچە يىلدىن بۇيان تارتىپ كىلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇشۇمغا ياردەم بەرگىن، سەندىن ئۆتۈنەي -شەمسىيە خانقىزنىڭ ھېچقاچان ياش ئاقمايدىغان كۆزلىرىگە پاتماي ئېقىۋاتقان ياشلىرىدىن، داۋاملىق مەغرۇرلۇق چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىكى مۇڭسىراشلاردىن، بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ھالدا بىراقلر پۈكۈلۈپ كەتكەن بەدەنلىرىدىن، نۇرسىز ۋە خۈنۈك چىرايىدىن، بىر ئامالسىزلىقنى ھېس قىلغاندەك بولدى.

-سىز بارخاننى ئېلىپ، ماشنىغا قايتىپ تۇرۇڭ، مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باقاي - ئاندىن ئەنۋەرگە كەسكىن كۆزلىرى بىلەن قارىدى. 

- مەن بۇنداق قىلالمايمەن شەمسىيە، ئۇ دىگەن قاتىللىق قىلغان جىنايەتچى، ھەرۋاقىت قۇتراپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، سىزنى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قويۇپ قويالمايمەن، -

- نىمە بولسام، ئاقىۋىتىمگە ئۆزۈم ئىگە، مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ئەنۋەر -

- مەن دىگەن ساقچى، كارىڭىز بولمىسۇن دىگىنىڭىزگە كارىم بولماي تۇرالمايمەن، بىر خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنى قوغداش ھەم  جىنايەتچىنى قولغا ئېلىش مەجبۇرىيتىم بار - ئەنۋەر شۇنداق دەپ، شەمسىيە بىلەن خانقىز تەرەپكە يېقىنلاپ كەلدى.

- كەينىڭىزگە قايتىڭ ئەنۋەر، بىز سۆزلىشىپ بولغان، سىزنىڭ مەن بىلەن بۇيەرگە كىلىشىڭىزدىكى مەقسەت، بارخاننى قۇتۇلدۇرىشىمغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن،  ئۇ بارخانغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئىكەن، سىزنىڭ ئەمدى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىشلارغا ئارلىشىش ھوقۇقىڭىز يوق،ئۇ ماڭا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇپ، بارخانغا زىيان يەتكۈزمىدى،  بىراق مەن ۋەدەمدە تۇرالماي يالغۇز كەلمەستىن سىزنى بىللە باشلاپ كەلدىم، ھېلىمۇ بىر قېتىم ئۇنى ئالدىغىنىم يىتىدۇ، ئوغلۇمنى قۇتۇلدۇرۇپ بولدۇم، مەقسەتكە يەتتىم، ئەمدى ئۇ مىنى ئۆلتۈرىۋەتسىمۇ، ھېچقانداق ئارمىنىم يوق،-

- سىز ئۇنى تەسىرلەندۈرەلمەيسىز شەمسىيە، بۇ ئايال بەك ھىيلىگەر، ئۇنىڭ تەسىرلىنىدىغان ھۈجەيرىسى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن، بولمىسا ھەرگىز ئۆزىنىڭ قىزىغا قول سالمايتتى -

-سىز مەن دىگەندەك قىلسىڭىزلا بولدى، باشقىسىغا ئۆزۈم ئىگە، مەيلى قانداق ئاقىۋەتكە قېلىشىمدىن قەتئىينەزەر، مىنىڭ يەنىلا سىناپ باققۇم بار، ئۇنىڭ نىمىشقا ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ، ئۇنىڭدا زادى قانداقراق بىر يۈرەكنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ زادى قايسى باھانىلەر بىلەن، شۇنچىۋالا رەزىللىكلەرنى روياپقا چىقرالىغانلىقىنى بىلىپ باققۇم بار، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇناسىۋەت دەل دوستلۇقتۇر،مەن ئۇنى چىن دوسىت بىلگەن،ئۇنىڭغا سىرىمنى بەرگەن، ئۇنى ھەتتا ئائىلەم بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان، مەن بۇ دوستۇمنىڭ ماڭا خىيانەت قىلىپ، نىمىگە ئىرىشمەكچى بولغانلىقىنى بىر بىلىپ باقاي -

- شەمسىيە، شەمسىيە - خانقىزنىڭ ئەمدى شەمسىيەنىڭ سۆزلىرىنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغۇدەك مادارى قالمىدى، ئەنۋەرمۇ خانقىزنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىدىن بىر ئاجىزلىقنى سەزگەندەك بولدى، ۋە شەمسىيەنىڭ كەسكىنلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قايتا قاراشقا پېتىنالماي، بارخاننى كۆتۈرەپ، ماشنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

-نىمىشقا ئۇ نۇمۇسسىز ئاناڭنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزمىدۇڭ - خانقىزنىڭ كەچمىشلىرىنى  يىغلاپ تۇرۇپ، ئاڭلاپ تۈگەتكەن شەمسىيە،ئۇنىڭغا بىر ئېچىنىش بىلەن قاراپ،كۆزلىرىنى ياشلاپ تۇراتتى.

- ئۇنى قانداق ئەرز قىلالايمەن شەمسىيە، مەن ئۇ چاغلاردا تېخى كىچىك ئىدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىگە بولىدىغان ئادىمىم يوق ئىدى،يالغۇز قېلىشتىن قورقتۇم،ئۇنىڭ مىنى تاشلىۋىتىشىدىن قورقتۇم-

-،ھېلىقى پەسكەش ئۈگەي داداڭنى بولسىمۇ ئەرز قىلساڭ بولاتتىغۇ،ئۇ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان بولسا،سەنمۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلغان بولاتتىڭ،ئاناڭمۇ ئۇ ئىرىدىن مەجبۇربي ئاجرىشىپ كەتكەن بولاتتى -

- قانداق ئەرز  قىلىمەن شەمسىيە؟ تېخى كىچىككىنە بىر قىز تۇرۇپ، ئۈگەي دادام ماڭا پەسكەشلىك قىلدى دەپ قانداق بېشىمنى كۆتۈرۈپ ياشىيالايمەن،سەن بۇ ھېسىياتنى مەڭگۈ چۈشەنمەيسەن شەمسىيە،مەن ئاجىز ئىدىم،بەك بەكلا ئاجىز ئىدىم،ھەممىدىن قورقاتتىم،ياشاش ئۈچۈن، ھەممىسىگە  باش ئىگىشكە مەجبۇر ئىدىم -

-نىمىشقا،بۇلارنى نىمىشقا ماڭا بالدۇرراق دىمىدىڭ خانقىز،ماڭا بالدۇرراق ئېيتقان بولساڭ،ساڭا ياردەم قىلاتتىم ئەمەسمۇ؟

- قورقاتتىم،باشقىلارنىڭ ئۆتمۈشۈمنى بىلىپ قالسا،شۇ ئارقىلىق مىنى كەمسىتىشىدىن، ئارىغا ئالماسلىقىدىن زاڭلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، ئۇ چاغلاردا ھەتتا باشقىلار ماڭا ياردەم قىلسىمۇ، مىنىڭ ئاجىزلىقىمنى بىلىپ قالغان بولغىيمىدى دەپ ئەنسىرەپ نەچچە كۈنگىچە ئۇخلىيالمايتتىم،تولىمۇ نادانكەنمەن شەمسىيە، ھېچكىمگە ئاجىزلىقىمنى كۆرسەتمەيمەن، ئەتراپىمدىكى ھەرقانداق ئادەمدىن كۈچلۈك بولىمەن دەپ،شەخسىيەتچى،ھەسەتخور ۋە سۈيقەستچى بولۇپ ياشاپتىمەن، ئىچىمنى تىنماي  كۆيدۈرۈپ كىلىۋاتقان دەرت-ئەلەملىرىنى  ھېچكىمگە تىنماي،  ئاشۇ دەت-ئەلەملەرگە تۇتقۇن بولۇپ،ياش ھاياتىمنى ئۆز قولۇم بىلەن  ۋەيران قىپتىمەن،  ساڭا بۇلارنى بالدۇرراق ئېيتىۋالغان بولسامچۇ، قەلبىمدىكى ئاشۇ بىچارە قىزچاقنى بالدۇرراق قويۇۋەتكەن بولسامچۇ؟شۇنچە كۆپ ئادەملەت مىنىڭ زىيانكەشلىكىمگە ئۇچرىماس بولغىيدى، ھېچ بولمىسا،قىزلىرىمنىڭ ھاياتى بولسىمۇ، خاتىرجەم ئۆتەر بولغىيدى،مەن نىمە دىگەن ئەقىلسىز،نىمە دىگەن دۆت،نىمە دىگەن شەخسىيەتچى ئايال ھە!قىزلىرىمنى ماڭا ئوخشاش بەخىتسىز بولۇپ قالىدۇ دەپ،قورقۇپتىمەنيۇ،ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا بەخىتسىز بولۇپ قالغىنىمنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ تۇرۇپ،ئۇلار ئۈچۈن، ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەخلاق -پەزىلەتلىك مۇلايىم بىر ئانا بولۇشتا يوق،خۇددى ئاشۇ ھازازۇل خوتۇنغا ئوخشاش ئېغىزى بىزەپ،ئەخلاقسىز،بۇزۇق،ھەم مەينەت خوتۇن بولۇپ ياشاپتىمەن،ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقىمنى يوشۇرىمەن دەپ،ئۇلارغا ھەم باشقىلارغا ئىزچىل زىيانكەشلىك قىلىپ كەپتىمەن،بۇ خاتالىقلىرىم ئۈچۈن، مىڭ ئاتقا سۆرىتىلىپ،مىڭ پارچە بولۇپ كەتسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ -خانقىز ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلاپ سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى،ئاندىن بىر پەس تىنىۋالغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى - ھەممىدىن بەك ساڭا كۆپ ئۇۋال قىلدىم شەمسىيە، ساڭا ئىزچىل ھەسەت قىلىپ كەلدىم،ئائىلەڭنى تارتىۋالدىم،ساڭا قايتا-قايتا تۆھمەت چاپلىدىم، ھەتتا ھاياتىڭغا قەست قىلماقچى بولدۇم، ئەمما غەلبە ھامان ھەقىقەت تەرەپتە ئىكەن، مەقسىدىمگە يىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەتراپىڭدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ،جىنايىتىمنى ئاۋۇتتۇم، مەن زادى قانداق ئايال بولدۇم،قانداق ئانا بولدۇم،قانداق ئادەم بولدۇم،مەندەك بىر ئىپلاس،مەينەت،بۇزۇق ھەم رەزىل ئىنساننىڭ يەنە دۇنيادا بېشىنى كۆتۈرۈپ ياشاشقا سالاھىيتى توشامدۇ؟...نىمىشقا رىزۋاننىڭ ئورنىدا مەن ئۆلمىدۈم،نىمىشقا يالقۇننىڭ ئورنىدا مەن بىنادىن سەكرىمىدىم،يا،ياق، نىمىشقا ئەينى چاغدا،ئۈگەي دادام دەپسەندە قىلغان چاغدىلا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالمىدىم، ياق نىمىشقا دادام ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئاشۇ كۈنىلا  ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كەتمىدىم؟ -

- كىچىكتىڭ خانقىز، ئەمدى ھەممىگە كىچىكتىڭ، - شەمسىيە تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتقان خانقىزغا ئېچىنىش ۋە ھېسداشلىق بىرىكىپ كەتكەن تۇيغۇدا قارىدى- ھېلىقى ھازازۇل ئايالچۇ، ئۇ خوتۇن كىيىن قانداق بولدى، ماڭا ئۇنى ھازىرغىچە خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ دىمە –

-شۇ قېتىم مەن قابىل بىلەن كەتكەنچە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىدىم، ئۇنىڭ ياش ئىرىمۇ مەندىن ئۈمىد ئۈزگەن چېغى، ئۇمۇ شۇ پېتى مىنى قايتا ئىزدەپ باقمىدى،كىيىن ئاڭلىسام، مەن كەتكەندىن كىيىن، ھېلىقى ياش ئىرى، باشقا ياش ئاياللارغا بۇزۇلۇپ، ئۇنى پۇل تېپىشقا مەجبۇرلاپتۇ،مەن ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چېغىمدىلا،ئۇ ئەر يېتىپ يىيىشكە ۋە تاماشاغا مەسئۇل، مىنىڭ نۇمۇسسىز ئانام،پۇل تېپىشقا مەسئۇل ئىدى، ئۇ ئۆزى جاپا تارتىپ ئىشلەپ تاپقان پۇللارنىڭ ئىرىنىڭ چاڭگىلىغا سېلىپ بەرگەن چاغدىكى،سەدىقە كەبى،ئاز- تولا ياخشى مۇئامىلىسىگە سېتىلىپ ياشايتتتى، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھالى تېخىدىنمۇ بەتتەر بوپتۇ، ھەتتا ياش ئىرىنى بېقىش ئۈچۈن، ئۆزىنى ساتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ، ھەركۈنى تىل-دەشنام، ھاقارەتتىن باش كۆتۈرەلمىگەننى ئاز دەپ، كىسەللىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇپتۇ، مەينەت كىسەل ئاخىرى ئۇنى يېقىتىپ، پۇل تاپالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندا، ھېلىقى سۈيۈملۈك ياش ئىرى، ئۇنى ئىجارە ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ، باشقا بىر خوتۇنغا بۇزۇلۇپ، چىقىپ كىتىپتۇ،ئۇ ھازازۇل ئايال  ئانچە-مۇنچە ئىچ ئاغرىتقانلارنىڭ بىرە تاۋاقتىن ئېشىغا تايىنىپ بىر مەزگىل جان بېقىپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىسەللىرىنىڭ ئېغىرلىشىشغا ئەگىشىپ، قوشنا-قولۇملارمۇ ئۇنىڭ يېنىغا ئامال بار ئاز كىرىدىغان بوپتۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا يالغۇز، تىغدەك كىسەل تارتىپ، بىر -تىرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ، سېسىپ ئۆلۈپتۇ، ھەتتا ئۇ ئۆلىدىغان چاغدىمۇ يېنىدا ھېچكىم يوق، ئۆلۈكىنىمۇ باشقىلار بىرقانچە كۈندىن كىيىن، ئاندىن بايقاپتۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇزىتىدىغانغىمۇ ئادەم چىقمىغاچقا، ئالاقىدارلار، مىنىڭ ئۇنىڭ بىردىنبىر تۇغقىنى ئىكەنلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ،  مىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشۇمنى تەلەپ قىلغاندا، مەن كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدىم، ئۇنىڭ سېسىپ كەتكەن جەسىدىنىڭ ماڭا لازىمى يوق – دىدىم،ئەسلى ئاشۇ خوتۇن بىررەت،ماڭا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، مىنى ئىزدەپ كەلگەن بولسا، مىنى كەچۈر قىزىم -دىگەن بىر ئېغىز گەپنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئىتراپ قىلغان بولسا، بەلكىم، مەن جىنايەت يولىغا بۇنچىۋالا ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتمەس بولغىيمىتى ، مىنىڭ قەلبىمدىكى تۈگۈنلەر يىشىلىپ، سىقىلىشىلىرىم، بېسىملىرىم ئاز بولسىمۇ يىنىكلەپ قالار بولغىيمىتى دەيمەن، قەلبىمدە بىر نەپرەت ئىزچىل قىيناپ كەلدى، بىركۈنمۇ ئارام تېپىپ باقمىدىم، ھەتتا ئۇ ئۆلگەندىمۇ بۇ نەپرەتتىن قۇتۇلالمىدىم، دەل ئاشۇ نەپرەت مىنى ۋەيران قىلدى،سەنمۇ مەن شۇ خوتۇندىن نەپرەتلەنگەندەك مەندىن نەپرەتلىنىسەن شۇنداقمۇ شەمسىيە،ئەمدى باللىرىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدۇ، ئاشۇ خوتۇنغا يۇققان كىسەل ماڭىمۇ يۇققان بولسا، شۇ خوتۇنغا ئوخشاش سېسىپ كەتسەم، ئارام تاپارمىدىڭلار،ئازراق بولسىمۇ ھاردۇقۇڭلار چىقارمىدى، ئەينى چاغدا ،قابىل بىلەن توي خىتى ئالىدىغان چاغدا، شۇنداق كىسەل چىقىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەنتىم،بىراق يەنىلا نورمال چىقتىم  ،بەلكىم ،ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللارنى قوللانغىنىمنىڭ پايدىسى بولغاندۇ،مىنى ئۇرىۋال شەمسىيە،ھارغۇچە ئۇرۇپ دەردىڭنى چىقىرىۋالغاندىن كىيىن،ئامبارغا تاشلىۋىتىپ، جەسىدىمنى بىلىقلارغا يەم قىلىپ بەر، دەردىڭ چىقىدىغانلا بولسا،نىمە قىلساڭ قىلىۋال،ئەمما سەندىن ئۆتۈنەي،يەنە بۇرۇنقىدە،ماڭا ھېچچىش بولمىغاندەك مۇئامىلە قىلما!بۇنداق مۇئامىلەڭ مىنى ئۆلگەندىن بەتتەر ئازابلايدۇ،سىنىڭ قىلغانلىرىڭ نىمىتى،سەن دىگەن ھېچنىمە ئەمەس دىگەندەك تۇيۇلىدۇ، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ،مىنى جازالا،ماڭا غەزەپلەن، مىنى تىللا،ھاقارەتلە،سەندىن ئۆتۈنەي شەمسىيە  -خانقىز شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا، شەمسىيەنىڭ كۆزلىرىگە باشقىچە سەمىمىي  بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

- مىنى قاتىلغا ئايلاندۇرماقچىمۇسەن خانقىز – شەمسىيە قوللىرىغا چىڭ ئېسىلغا  خانقىزنىڭ  قوللىرىنى سىلكىپ چۈشۈرىۋەتتى – توغرا، مەن سەندىن نەپرەتلەنگەن،ساڭا غەزەپلەنگەن ھەتتا سەندىن ئۆچ ئېلىشنىمۇ ئويلاشقان، بىراق، غەزەپ-نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ قولىدىن زادى  نىمىش كىلىدۇ؟ سەن غەزەپ – نەپرەتنى باغرىڭغا تېڭىپ،بىر ئۆمۈر ئاشۇ ئايالغا ئۆچمەنلىك ساقلاپ ياشاپ نىمىگە ئىرىشەلىدىڭ؟ئاقىۋەت ئۆز ھاياتىڭنى ئۆز قولۇڭ بىلەن نابۇت قىلدىڭغۇ ئەنە!شۇڭا مەن ئەپۇ قىلىۋىتىشنى تاللىدىم، ئەسلى بىلسەڭ، ئەپۇ قىلىۋىتىش باشقىلارغا قىلغان ئەمەس، بەلكى،ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىق بولىدىكەن،ھاياتىمىزدا يۈز بەرگەن ھەربىر ئىشنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بولىدۇ،باشقىلارنىڭ بىزگە شۇنداق قىلىشىدۇ چوقۇم بىر سەۋەب بولىدۇ،ياكى ئۇقۇشماسلىق، ياكى بىزگە ئەسكى مۇئامىلە قىلغان ئاشۇ ئادەمنىڭ قەلبىدىكى جاراھەت،ۋە ياكى ئاشۇ ئۇۋالچىلىقتىن كىيىنكى بىزنىڭ غەلبىمىز،  مانا شۇ سەۋەبلەرنى چۈشىنىپ،ئۇۋالچىلىقلارنى غەيرەت-شىجائەت بىلەن يېڭىپ،ئىرادىمىزنى تاۋلايدىغان بولساڭ،دەل ئاشۇ تاۋلانغان ئىرادە بىلەن بىز،تاشنىمۇ يېرىپ چىقالايدىغان ئۇرۇققا ئايلىنىمىز،بىراق يىغلاپ-قاخشاپ،غەزەپ – نەپرەتكە قۇل بولۇپ ياشىساقچۇ؟ئۇ چاغدا يا بۇ نەپرەتكە ئوتۇن  بولۇپ ھاياتىمىزنى كۆيدۈرىمىز ۋە ياكى دۇنياغا ئوت قويىدىغان پەسكەش جىنايەتچىگە ئايلىنىمىز، سەندىن نەپرەتلەنمەيمەن دىسەم،يالغان ئېيتقان بولىمەن، ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە ئائىلەم ئۈچۈنلا ئەمەس، سىنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە تۇرۇپ، تارتمىغان خاپىلىقى قالمىغان يىتىم قىزلىرىڭ ئۈچۈن بەكىرەك نەپرەتلەندىم، قىسمەتلىرىڭنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، قەلبىڭدىكى ئاشۇ سەبىي قىزچاقنى تارتىپ چىقىرىپ قۇچاقلىغۇم كەلدى،مەدەت بەرگۈم ھەم  ئۈمىد ئاتا  قىلغۇم كەلدى، ساڭا  كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما دىگۈم بار، تەسەللىي بەرگۈم بار، بىراق سىنى  ئالدىغۇم يوق خانقىز،  سەن ئۇ سەبىي قىزچاق ئەمەس،  ئەكسىنچە بىر جىنايەتچى، ئۇ سەبىي قىزچاقنى باشقا بىرسى ئەمەس دەل سەن ئۆلتۈردۈڭ،  شۇڭا سەن چوقۇم، قىلمىشلىرىڭغا يارىشا قانۇننىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىشىڭ كىرەك!  ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، بىراق پۇشايماننىڭ قاچىسى يوقلۇقىنى سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، پۇشايمان قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ پۇشايماننى قاچىغا ئېلىپ، قەلبىڭدە ساقلاش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ، خاتالىقلىرىڭنى ئىتىراپ قىلىش ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدىكى جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىشتۇر، بىز بىلەن قايت خانقىز،  بۇ ئامبارنىڭ سۈيى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، سىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ بولالمايدۇ، قانۇن ئەك ئادىل ھۆكۈمدۇر، قانۇننىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلىپ، پۇشايمىنىڭنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇر –

-خىرۇستالدەك سۈزۈك قىزسەن شەمسىيە،  ساڭا ھېلىھەممۇ ھەۋەس قىلىۋاتىمەن، ئەمما بۇ ھەۋەسلىرىم ھېلىقىدەك ھەسەتلەردىن خالى ھەم پاك ھەم بىغۇبار بىر سۆيۈنۈشتۇر،  خاتىرجەم بول، ئەمدى ھەرگىز جاۋابكارلىقىمدىن قاچىدىغان ئىشنى قىلمايمەن، مەندەك چەكتىن  ئاشقا جىنايەتچىگە قانۇن چوقۇم ئۆلۈم جازاسىنى  ئىجرا قىلىدۇ،گەرچە كىچىككەن بولساممۇ،  شۇ تاپتا ئەڭ ئەنسىرەيدغىنىم، يەنىلا مىنىڭ ئاشۇ قىزلىرىم، ئۇلارغىغۇ قابىل بار، ئەمما مەن قابىلغىمۇ تازا ئىشەنچ قىلىپ بولالمىدىم، ساڭا بۇنداق تەلەپنى قويغۇدەك يۈزۈمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن شەمسىيە، بىراق، يەنىلا يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ، سەندىن ئۆتۈنەي، باللىرىمغا ئانچە مۇنچە ئىگە بولۇپ قويساڭ، ئۇلار سەندەك ئىسىل ئانىنىڭ تەربىيەسى ھەم مۇھەببىتى داۋامىدا، مەندەك ھازازۇل ھەم بەتبەشرە ئايال قالدۇرغان جاراھەتلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا – خانقىز يەنە يىغلىدى.

- قابىل ئاللىبۇرۇن ئۆلدى، ئەجەبا، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دىمەيدىغانسەن خانقىز؟ - شەمسىيە خانقىزغا ھەيرانلىق ئىلكىدە قارىدى.

- نىمە دىدىڭ، قابىلنى ئۆلدى دىدىڭمۇ؟ - خانقىزنىڭ كۆز ئالدىدا، تېخى ئەتىگەنلا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار چاقماق تىزلىكىدە، يالت-يۇلت قىلىپ ئايان بولدى، بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭ قاتتىق بىر سىلكىشىگە بەرداشلىق بىرەلمەي پەشتاقتىن دومىلاپ چۈشۈپ كىتىۋاتقان قابىلمۇ بار ئىدى.

- شۇنداق ئۇ ئۆلۈپتۇ، دوختۇرلار ئالدىنقى قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدىن قالغان ئاسارەت تېخى سەللىمازا بولۇپ بولالمىغاچقا، مىڭە قايتا قاتتىق سىلكىنىپ، قان چۈشكەنلىكتىن شۈك بولۇپ قېلىپ ئۆلگەن دەپ دىئاگنوز قويۇپتۇ، نىمە ئۇنى سەن ئۆلتۈرمىگەنمىدىڭ –

-مەن پەقەت ئۇنىڭغا تەھدىت سالماقچى ئىدىم شەمسىيە، شۇنداقلا سىلكىسەم پەشتاقتىن دومىلاپ چۈشۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، باللىرىمدىن ئۇنىڭ بولغىنى  ئۈچۈنلا خاتىرجەم يۈرگەن ئىدىم،ئەمدى ئۇلار قانداق قىلىدۇ،ھەم دادىسىز،ھەم ئانىسىز قانداق ياشايدۇ،مەن نىمە دىگەن نۇمۇسسىز،نىمە دىگەن رەزىل، ئۆزۈم كولىغان ئورىغا ئۆزۈم چۈشتۈممۇ ئاخىر!  - خانقىز ھېچبىر يىغىدىن توختايدىغاندەك قىلمايتتى، شۇ تاپ ئۇنىڭدا ئىزچىل ئىنتايىن ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتقان ئادىمىيلىك ئويغۇنۇپ ئۇنى قاتتىق سوراققا تارتىۋاتاتتى .

ئۇ چۈشەندى،  باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەسلى ئادىمىيلىكىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشىكەن، قەلبىدە ئادىمىيلىك بار ئادەم ھەرگىزمۇ، ئۆزىنىڭ ئىنسان بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى ئەڭ زۆرۈر بولغان كاپالەت ئادىمىيلىكىنى يوقۇتۇش بەدلىگە ئۆزىنى ۋاقىتلىق غەلبە تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان جىنايەت يولىغا ماڭمايدىكەن....

- باللىرىڭغا مەن بار خانقىز، ئۇلارنى خۇددى ئۆزۈمنىڭ باللىرىمدەك كۆرىمەن-

-ساڭا شۇنچىۋالا ئەسكىلىكلەرنى قىلساممۇ ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلمامسەن؟-

- نىمىشقا ئۆچلۈك قىلاتتىم؟ ئۇلار دىگەن بىر  ئاق قەغەز، ئۇلارغا نىمىنى يازساق شۇ خەتنى ئوقۇيالايمىز،ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ كىتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم بار،ساڭىمۇ دىدىمغۇ،مەن ئۆچمەنلىك ساقلىمايمەن دەپ،نىمە قىلىمەن ساڭا ئۆچمەنلىك ساقلاپ،ئۆزۈمنى ئازابلاپ؟ ئۇنىڭدىن كۈرە ياخشىلىقلىرىم بىلەن ئاشۇ سەبىيلەرنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت يازغىنىم ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ كۆپ ئويلىما  ھازىر سىنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭ، بىز بىلەن قايتىپ، ئۆزۈڭنى مەلۇم قىلىش، بەلكىم شۇنداق قىلساڭ، جازايىڭنىمۇ يىنىكلىتەلىشىڭ مۇمكىن، قايتىپ ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل،  قىلمىشلىرىڭنى ئىتراپ قىلىپ، پۇشايمىنىڭ ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت بول، شۇ ئارقىلىق ساڭا ئوخشاش قايمۇقۇپ ياشاۋاتقانلارنى قارا چۈشىدىن ئويغات، ئازغانلارغا ھەم ئازماقچى  بولۇۋاتقانلارغا ئاقىۋىتىڭ ئارقىلىق ئۆرنەك بولۇپ، ئۇلارنى خاتالىشىشتىن توسۇپ قال، بەلكىم شۇنداق قىلالىساڭ، ھېچ  بولمىسا، ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ، بىكاغا ياشىمىغان بولىسەن - شەمسىيە شۇنداق دەپ، خانقىزنىڭ قولىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئالدى.

- نىمە دىگەن بىغۇبار ئايالسەن شەمسىيە؟  شۇ تاپتا يالقۇن، قابىل، رىزۋان، جۈملىدىن مىنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نىمىشقا شۇنداق بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولۇۋاتىمەن، سەندەك بىغۇبار ئايال ھەم دوستنى قەدىرلەشنى بىلمەكتە يوق، خورلىغان بىزدەك رەزىل ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى يەنە قانداق بولماقچىدى-خانقىز خېلىلا تىنىچلىنىپ قالغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى ئەگىيتتى - بۇنى ئال، بارلىق جىنايەت پاكىتلىرىمنى ئىقرار قىلىپ، مۇشۇ يانفونغا ئۈنگە ئېلىپ قويدۇم، مىنى كەچۈر شەمسىيە، مەن بەك قورقۇنچاقكەنمەن، باشقىلارنىڭ مەندەك پەسكەش ئايالغا بولغان سەسكىنىشلىرىگە، باللىرىمنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن كۆزلىرىگە، ھەتتا سىنىڭ مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، مېھرىبان يۈزلىرىڭگە يەنە بىر رەت قاراشقا بەرداشلىق بىرەلمىگۈدەكمەن،ياق، مىنى مەڭگۈ كەچۈرمە، سەن شۇنىڭغا ھوقۇقلۇق شەمسىيە، ماڭا سىنى كەچۈردۈم دىمىگىنىڭ ئۈچۈن رەھمەت - خانقىز شۇنداق دەپلا، تۇيۇقسىزلا قوللىرىنى شەمسىيەنىڭ ئالقىنىدىن ئاجرىتىپ، دامبىنىڭ ئۈستىگە قاراپ يۈگۈردى.

- خانقىز، ئۇنداق قىلما، خانقىز! -شەمسىيەنىڭ  دامبىدىن چوڭقۇر سۇغا سەكرەۋاتقان خانقىزغا قاراپ ئېچىنىشلىق چاقىرىشلىرى ئۇنى ئەمدى توختىتالمايتتى،بىر ئۆمۈر قەلبى تىنچىماي  تەشۋىشلىنىپ ياشىغان قىزچاق ئاخىرى چوڭقۇر سۇنىڭ ئاستىدا مەڭگۈلۈككە  ئارام تاپماقچى ئىدى، بەلكىم! ئۇ  مۇشۇ سۇ  ئارقىلىق قەلبىدىكى تەشۋىشنىڭ غەليانلىرىغا بويسۇنۇپ، چىرىكلەشكەن ھاياتىنى تازلىماقچى بولغاندۇ؟ ۋە ياكى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن،  ھايات ياشىغاندىكى ئاقىۋەتلىرىگە يۈزلىنىشتىن قورققاندۇ!

- ئەنۋەر، ئۇنداق قىلماڭ، سەكرىمەڭ  - شەمسىيە تېخى خانقىزنىڭ تۇيۇقسىزلىقىنى قوبۇل قىلىپ بولالماي تۇرۇپلا، بىر چەتتە شەمسىيەگە بىر ئىش بولۇشىدىن ئەنسىرەپ قاراپ تۇرغان ئەنۋەرمۇ ئوقتەك كەلگىنىچە، بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ، تۇنجۇقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان خانقىزنى چەنلەپلا  ئۇنىڭ كەينىدىن تەڭلا سەكرىدى. ئۇ بەلكىم ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن خانقىزنى قۇتقازماقچى  بولغاندۇ، ۋە بەلكىم بۇنداق رەزىل ئايالنىڭ، قانۇننىڭ جازاسىنى تارتماي تۇرۇپلا، بۇنچىۋالا ئاسان ئۆلۈپ كىتىشىنى خالىماي شۇنداق قىلغاندۇ... ئەمما ئۇ  شۇنىڭغا سەل قارىغان ئىدىكى، ناۋادا ئۇ سۇدىن تىرىك قايتىپ چىقالمىسا، بەلكىم، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۆزى  ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھەقىقى تونۇپ يىتىۋاتقان يەنە بىر ئادەممۇ،ئۇنى  قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن،كەينىدىن سۇغا سەكرىشى مۇمكىن ئىدى!


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章