دىللاردا سەنەم132-قسىم

文摘   2025-02-01 21:13   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم
دىللاردا سەنەم129-قسىم
دىللاردا سەنەم130-قسىم
دىللاردا سەنەم131-قسىم


ـ-ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان قىزلار نېمە ئىشلار بولىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي ھەيران بولۇشتى ۋە بىر- بىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ چىمچىقلاشقان ھالدا ئارىدىن بىرسى ھۇدۇقۇپقىنا شۇنداق دېدى:

-ئۇنداق قىلساق... بولماسمىكىن خېنىم، ھېلى بېگىم قايتىپ كېلىپ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپسا بىزنىڭ تېرىمىزنى تەتۈر سويىدۇ...

-ئۇنداق بولمايدۇ،- دېدى ئايچېھرە خېنىم مۇغەمبەرلىك ۋە چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن بوينىنى غازدەك تۇتۇپ،- ئەگەر دادام ئۇنى رەسمى ئاغىچا خېنىملىق ئورنىغا قويۇشنى ئويلىغان بولسا ئاللىقاچان چوڭ توي قىلىپ نام- ئابروي بېرىپ كۆچۈرۈپ كىرەتتى، لېكىن مومامغا دېدەك بولىۋاتقان يېرىدىن ئەكىلىپ، يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ قويۇپلا ئۇرۇق- تۇغقانلارنى چاقىرىپ كېلىپ بىر ۋاق غىزا يەپلا توي قىلغان بولۇشتى، جاھاندا نەدىمۇ مۇنداق توي بولىدۇ؟ ھېچنېمىسى يوق كۆك نامراتلار قىلسا قانداقكىن، دادامدەك باي بىر جەمەتنىڭ ئىگىسى ھەرگىز بۇ ئۇسۇلدا توي قىلمايدۇ، دادام مۇنداقلا دەپ قويغان ئۇ كىچىك توي ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەس، ئۇ بۇ خوتۇننى پەقەت ئۆيگە قارانچۇق قىلىپ قويغىلى، پالەچ ياتقان مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدۇرۇپ دېدەك ئورنىدا ئىشلەتكىلى شۇ ئۇسۇلدا ئالغان، ھامان بىر كۈنى ئۇنى قويىۋېتىپ يا ئانىكام بىلەن يارىشىپ قالىدۇ، يا داغدۇغا بىلەن چوڭ توي قىلىپ باشقا خوتۇن ئالىدۇ، ناۋادا باشقا خوتۇن ئېلىپمۇ يەنە بۇنى قويىۋەتمىسە، ئۇ چاغدا بۇ خوتۇن بۇ ئۆيدە كىچىك ئاغىچىلىق سۈپىتىدە قالىدۇ دېگەن گەپ، مۇشۇنچىلىكلا ئىش بۇ، شۇڭا دادامدىن قورقۇپ ئولتۇرماي، دەرھال مەن دېگەننى قىلىپ ئۇنى دادىسىنىڭ ئۆيىگە ئۇزىتىپ قويۇڭلار!

ئۇنىڭ بۇيرۇقى ئىككىنچى قېتىم جاراڭلىغاندا قىزلار بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا چىنپۈتتى ۋە يەنىلا قورقۇمسىراپ تۇرۇپ:

-م... ماقۇل ئەمىسە، لېكىن... سەيدۇللا بېگىم بۇ ئىشنى ئۇقۇپ خاپا بولۇپ قالسا سىلى بىزگە ئىگە بولسىلا جۇمۇ ئەمىسە،- دېدى.

-چاتاق يوق، سىلەرگە مەن ئىگە، دادام ھەرقانچە بولسىمۇ بىر مەدىكار چىراي كىچىك ئاغىچىنى دەپ مېنىڭ قارارىمغا قارشى چىقمايدۇ، بولۇڭلار چاققان، ئۇنى بۇ ئۆيدە كۆزۈم كۆرمىسۇن!

ئايچېھرە خېنىم ئۇلارغا كاپالەت بەرگەندىن كېيىنلا قىزلار قولىدىكى بالىنى كۆرپىسىگە قويۇپ، تەشۋىش ۋە ئىلاجىسىزلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن شەرۋانەمدىن غايىۋى كەچۈرۈم سورىدى. ئاندىن ئالدىراپ شەرۋانەم بىلەن سەيدۇللا باينىڭ ھۇجرىسىغا ماڭدى. (108-باب تۈگىدى)

-109باب

ئامانتاينىڭ توي خەۋىرى


(203)


شەرۋانەم خىزمەتكار قىزلارنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئاندىن ئات ھارۋىسىنى قېتىپ ئاپىرىپ قويۇشىغىچە تەخىر قىلمىدى. ئۇ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن پېتىدا ئايچېھرە خېنىمنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقتى- دە، ئۇدۇل دەرۋازىغا قاراپ يۈگۈردى. ئۇنىڭ يىغلاپ تۈگىشىپ ۋەيرانە بولۇپ كەتكەن بۇ تۇرقىنى ھېچكىمگە كۆرسەتكۈسى يوق ئىدى. باشقىلارنىڭ بۇ ئىشلار ۋە مۇشۇ تۇرقى سەۋەبلىك كەينىدىن سۆز- چۆچەك توقۇپ تارقىتىپ يۈرۈشىنى تېخىمۇ خالىمايتتى. ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئامانەممۇ مۇشۇ ئۆيگە كېلىن ئىدىكى، بۇ ئىشلاردىن ئامانەم خەۋەر تاپسا ئۇنىڭمۇ كىرىپ ئايچېھرە خېنىم بىلەن سوقۇشۇپ كېتىشىنى ھەمدە ئۆزىگە يان باسىمەن دەپ سىڭلكىسىنىڭ ئائىلىسىنىڭمۇ دەز كېتىشىنى تېخىمۇ خالىمايتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ بۈگۈن مۇشۇ جېدەل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشقىلار قەلبىدىكى ئوبرازىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئۆگەي بالىلىرىنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادىلىپ بۇ ئۆيدە تۇرىۋېرىش، بۇ قەدەر بېزەڭلىك بىلەن ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھاقارەت ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۇ مەغرۇر ھالدا كېتىشنى تاللىدى. يالۋۇرۇپ خار بولۇپ ياشىغاندىن كۆرە بېشىنى تىك تۇتۇپ كېتىپ قېلىشنى ئەۋزەل بىلدى. بۇ ئۆيدىكى نەرسىلىرىگىمۇ تارتىشمىدى. سەيدۇللا باي ئېلىپ بەرگەن، سوۋغا قىلغان، قېيىنئانىسى بەرگەن قىممەت باھالىق زىبۇ- زىننەت، كىيىم- كېچەك، ئالتۇن قاداقلىق، مەرۋايىت قاداقلىق، كۈمۈش چاچ تەڭگىلىك، ياقۇت زىننەت ئاسقۇلۇق دوپپىلىرىغىمۇ تارتىشمىدى. قۇلاق تۈۋىدە بايا چوڭ ئۆگەي قىزى ئېيتقان چىداپ تۇرغۇسىز ئاھانەتلىك سۆزلەر يېنىش- يېنىشلاپ جاراڭلاپ، خۇددى ئايچېھرە خېنىم ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ يۈگۈرۈپ ماڭغاچ يەنە شۇ گەپلەرنى تەكرارلاۋاتقان كەبى بىر سىقىلىش، ئاچچىق ئەلەم، غەزەب- نەپرەت ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئارامسىز كۆيدۈرۈپ پۇچىلىماقتا ئىدى...

يەنە بىر تەرەپتە، ئۆگەي ئانىسىنىڭ گەپتە ئۆزىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ھۇجرىسىدىن يىغلىغان پېتى يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكىنىدىن گويا جەڭدە غەلىبە قىلغان سانغۇن كەبى خۇشاللىق ۋە روھىي ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىچ- ئىچىگە سىغماي كەتكەن ئايچېھرە خېنىم ھايال ئۆتمەي قورقۇشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇ بايا شەرۋانەم ۋە خىزمەتكارلارنىڭ ئالدىدا نوچىلىق بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ «دادام بۇ خوتۇننى مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدۇرۇپ دېدەك قىلىۋېلىش ئېھتىياجى بىلەن بۇ ئۆيدە ئېلىپ قالدى، ئۇرۇق- تۇغقانلارنى يىغىپ مۇنداقلا بىر تاماق يەپ قويۇپلا توي قىلغان بولىۋالغىنى ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەس» دەپ قويغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، دادىسىنىڭ بۇ ئايالغا ھەقىقەتەن ئامراق ئىكەنلىكىنى، ئۇنى خوتۇنلۇققا  ئالغان كۈندىن باشلاپ دادىسىنىڭ چېھرىدە قايتا كۈلكە پەيدا بولغانلىقىنى، دادىسىنىڭ ھەر قېتىم ئىشىكتىن كىرىپ ئالدىغا كىم ئۇچرىسا شۇنىڭدىن ئەڭ ئاۋۋال شۇ ئايالنى سورايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنىڭ ئاددىيغىنە «كىچىك توي» ئەمەسلىكىنى ئۇ ياخشى بىلەتتى. بايا ئۆگەي ئانىسىغا باش ئەگمەسلىك، خىزمەتكارلار ئالدىدا ئۇنىڭغا بوزەك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن چوڭ سۆزلەپ شۇ گەپلەرنى قىلغىنى بىلەن، سەل تۇرۇپ دادىسى قايتىپ كېلىپ خوتۇنىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە ئارىدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلسە ئۆزىنىڭ كەچۈرۈم سوراش بىلەنلا چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان چوڭ بىر ئاۋارىچىلىققا پېتىپ قالىدىغانلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى.

ئۇ شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى غەش بولۇپ تۇرغاندا، بايا مۇشۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىككى خىزمەتكار قىز شەرۋانەمنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ چېگىپ تەييار قىلغان بوخچىلارنى ئىنجىقلاپ كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن پاتماي دېگۈدەك قىستىلىپ كىرىپ كەلدى ۋە:

-خېنىم، ما... ما نەرسىلىرىنىغۇ يىغىشتۇرۇپ تەييار قىلدۇق... بەك جېق بىرنىمىلەركەن بۇ، شۇنچىمۇ نەرسە يىغىپ بوپتىكەن قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە... ئۇھ ۋايەي... لېكىن... لېكىن بۇلارنى يىغىشتۇرۇپ چىقساق ئاغىچا خېنىم، ھەياق، شەرۋان ئاغىچا يوق تۇرىدۇ، نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىدۇق...- دېدى.

ئۆز بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ يۈرىكى تىترەپ قالغان ئايچېھرە خېنىم ئۇلارنىڭ شۇ پېتىدا ئۈسۈپلا كىرىپ غىلجىڭشىپ تۇرغىنىدىن ئاچچىقى كېلىپ قەھرى بىلەن گۆلەيدى:

-مەن ھەرقايسىڭغا بۇ ئەسكى- تۈسكىلەرنى مۇشۇ يەرگە ئەكىر دېدىممۇ؟ پوق يەيدىغان توخۇچىلىك ئەقلىڭ بولسا كاشكى، ھۇ كاللىسى ئىشلىمەيدىغانلار! چىقىشە ماڭ، تولا نېرۋامنى ئۆرلەتمەي چىقىپ ئىشىڭنى قىلىش، مەن بىردەم يالغۇز قالاي. بالىنى ئېلىپ چىقىپ ھويلىدا بېقىش، يىغلاپ قۇلاق- مېڭەمنى يەيدىغان بولسا دەردىمنى ھەرقايسىڭدىن ئالىمەن!

قىزلار نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي بىر- بىرىگە ھاڭۋېقىپ قاراپ قېلىشتى. ئاندىن دەررۇ ئەقلىنى تېپىپ، بىرسى قولىدىكى تۇتۇپ تۇرغان نەرسىنى يەنە بىرسىنىڭ قۇچىقىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە موكلا ئارتىپ قويدى- دە، يۈگۈرۈپ بارغان پېتى ئايچېھرە خېنىمنىڭ بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئىشىكتىن كەپلىشىپ دېگۈدەك چىقىپ كېتىۋاتقان يەنە بىر دېدەك قىزنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كۆڭلىدىكى غەم تېخىچە تارقىمىغان ئايچېھرە خېنىم دادىسىنىڭ ئۆزىگە نېمىلەرنى دېيىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى پەرەز قىلىپ، خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ قالدى.

يەنە بىر تەرەپتە يىغلاپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك سەيدۇللا باي قەسرىدىن چىققان شەرۋانەم شۇ پېتى پىيادە يۈگۈرۈپ باش مەھەللىگە يېتىپ كەلدى. يولدا ئۇنى تونۇغان ۋە تونۇمىغانلارنىڭ ھەممىسى شۇ تۇرقىغا قاراپ ھەيران بولۇپ، دوپپىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە تۇيمىغۇدەك ھالدا ھاڭۋېقىپ قاراپ قېلىشاتتى. بەزىلەر ئۇنى تونۇپ سالام قىلغانمۇ بولدى، بىراق شەرۋانەمنىڭ ئۇلارغا سالام جاۋاب قايتۇرغۇدەك، سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگۈدەك ھالى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ ھېچنېمىنى تۇيماي، ئۇدۇل ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۈپ باش مەھەللىگە ئۇلاشتى.

ھويلىسىدىكى داق يەرگە چاپلىشىپ قوي قىرقىپ ئولتۇرغان مەتنۇر ياغاق بىلەن بىر چەتتە خېمىر يۇغۇرىۋاتقان ئايىمخان دەرۋازىدىن ھۆڭرەپ يىغلاپ كىرگەن شەرۋانەمنى كۆرۈپ ئۆڭسۆلى ئۆچكەن ھالدا قولىدىكى ئىشنى قويۇپ، دەررۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشتى. لېكىن شەرۋانەمنىڭ شۇ تاپتىكى پىغانىغا نە تەسەللىي، نە كۆڭلىنى ياساشلار كار قىلار ئەمەس ئىدى. ئۇلار خېلى ئۇزۇن تەسەللىي بېرىپ بىرھازا چىرايلىق گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن بىچارە قىزى يېغىدىن توختاپ، باينىڭ ئۆيىدە ئۆگەي قىزى بىلەن ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردى. سۆزلەۋېتىپمۇ يەنە شۇ قەدەر قاتتىق يىغلاپ كەتتىكى، يۈرىكىنى تۇتۇپ نەچچە ئاھ ئۇرۇپ، ھوشىدىن كەتكىلى تاس- تاماس قالدى. ئۇنىڭ تۈگىشىپ كېتەيلا دەپ قالغان ھالىغا قاراپ ئاتا- ئانىنىڭمۇ يۈرىكى سىرقىرىدى. ئۇلار قىزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەمدى تېخى ئىزىغا چۈشتى دەپ ئويلاپ تۇرغاندا تۇرمۇشنىڭ يەنە بۇ تەرەپلەردىنمۇ كۆڭۈلسىزلىك سۇنۇپ تۇرىدىغانلىقىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

مەتنۇر ياغاق بىلەن ئايىمخان قىزىغا قوشۇلۇپ تەڭ كۆز يېشى قىلىپ، مەدەت ۋە تەسەللىي بېرىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ ئۇنى ئاران تەستە يىغىسىدىن توختىتىۋالدى. ئەمما شەرۋانەم يېغىدىن توختاپ ھۇجرىسىغا چىقىپ ئارام ئالىدىغان، ئايىمخان ئۇنىڭغا سۇيۇق- سەلەڭ غىزا ئېتىپ بېرىدىغان بولۇشۇپ ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشقاندا كۈتمىگەن يەردىن مەتنۇر ياغاق مەيدىسىنى قاماللاپ تۇتقىنىچە كەينىگە نەچچە دەلدۈگۈنۈپ كېتىپ ئاخىرى يەرگە يىقىلدى. ئىككى ئايال قورقۇپ قىيا- چىيا قىلىشقىنىچە ئۇنى يۆلەپ سۇپىغا ئەكىلىپ ياتقۇزۇپ، سۇ ئىچۈرۈپ، يۈزىگە سوغۇق سۇ سېپىپ يۈرۈپ ئاران تەستە ھۇشىغا كەلتۈردى. لېكىن ئۇ ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچقاندىن كېيىنلا قىزلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئەسلەپ، ھاياتنىڭ ئۆزلىرىگە ئارقا- ئارقىدىن كەلگۈلۈكلەرنى ئاتا قىلىۋەرگىنىدىن زارلىنىپ بىر يىغلاپ كېتىۋېدى، ئۆزىنى توختىتالماي، تەسەللىي بېرىپ كۆڭلىنى ياسىسىمۇ ئۇنىماي بەكمۇ ئۇزۇن يىغلىدى. ئەنە شۇنداق يىغلاۋېرىپ ئىككىنچى قېتىم ھۇشىدىن كەتكەندە نە سوغۇق سۇ سېپىشلەر، نە سۇ ئىچۈرۈشلەر، نە سىلكىپ گۆشۈپ ئىسمىنى توۋلاشلار كار قىلماي، شۇ ياتقىنىچە ساق ئىككى كۈنگىچە ھۇشىغا كەلمىدى.

ئۇ ھۇشىدىن كەتكەن دەسلەپكى كۈنى شەرۋانەمنى ئالغىلى بۇ ئۆيگە كەلگەن سەيدۇللا باي قېيىنئاتىسىنىڭ يىقىلىپ قالغىنىنى كۆرۈپ دەرھال ئارقىسىغا يېنىپ بېرىپ ئائىلە خاس تېۋىپىنى باشلاپ كەلدى. تېۋىپ ئىككى كۈن ئۇدا داۋالاش قىلغاندىن كېيىن ئاخىرى كۆزىنى ئاچتى-يۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ زۇۋاندىن قېلىپ بىر ئېغىز سۆزلىيەلمىدى. بۇ تەرىپىگە قانچە كۈچەپ داۋالاش قىلغاننىڭ، قانداق قىممەت دورىلارنى ئىشلەتكەننىڭمۇ پايدىسى بولمىدى. شۇ چاغدا ھەممەيلەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ھېس قىلىپ يەتتىكى، شەرۋانەمنىڭ ئازابى نەچچە ھەسسە بولۇپ بېرىپ مەتنۇر ياغاقنىڭ يۈرىكىنى تۈگەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ بىرلا ھۇشىدىن كەتكەن بىلەن بۇ ھۇشسىزلىق ئۇنىڭ نېرۋىسىغا ۋە يۈرىكىگە تەڭلا تەسىر قىلىپ سۆزلەشتىن قالغان ئىدى.

دادىسىنىڭ ئەمدى مەڭگۈ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىغا چىنپۈتكەن، بۇ ئاقىۋەتنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر كەتكەنلىكىنى چۈشەنگەن شەرۋانەم يامانلاپ بۇ ئۆيگە كەلگىنىدىن، شۇ قەدەر قاتتىق يىغلاپ ئاتا- ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتقانلىقىدىن ئۆلگۈدەك پۇشايمان يېدى. بۇلار يەتمىگەندەك ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ مەتنۇر ياغاقنىڭ ئورنىدىن تۇرالمىغىنى، يۆلەپ ئۆرە قىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويسا خۇددى لاكات بولۇپ قالغاندەك موكلا ئۆز جايىغا يىقىلىپ چۈشۈشلىرى بۇ ئائىلىدىكىلەرنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرۈپ قويدى. تېۋىپنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قارىتا ئېيتىشلىرىچە بۇ يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز مېڭىگە قان چۈشۈپ پالەچلىنىش ئەھۋالى بولۇپ، داۋالاش تەس ئىكەنلىكى، يەنە كېلىپ بەكمۇ ئۇزاق مەزگىل داۋالاشقا توغرا كېلىدىغانلىقى، شۇنىڭدىمۇ ساقىيىپ ئەسلىگە كەلسە تەلىيى، ئەگەر ئەسلىگە كېلەلمەي قالسا مۇشۇ پېتىدا بەكمۇ ئۇزۇن يېتىپ كېتىدىغانلىقى ئايان بولدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شەرۋانەمنىڭ پۇشايمىنى چېكىگە يېتىپ، ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاپ، دادىسىنىڭ پۇت- قوللىرىنى، يۈزلىرىنى سىلاپ، كەچۈرۈم سوراپ بەكمۇ ئېچىنىشلىق يىغلاپ كەتتى. لېكىن ئىشلار بۇ دەرىجىگە يەتكەندە يىغلىغاننىڭ، كەچۈرۈم سورىغاننىڭ، ئۆز- ئۆزىنى ئۇرۇپ ھالاك قىلغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوق ئىدى.

«كاشكى شۇ ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ئايچېھرە خېنىم بىلەن زاكۇنلاشمىغىنىمدا، بۇ جېدەلنى چوڭايتىپ شۇ دەرىجىگە ئەكەلمىگىنىمدە، ياكى يامانلاپ بۇ ئۆيگە يېنىپ كېلىپ ئۆز ئازابىمنى ئاتا- ئانامنىڭ يۈرىكىگە پاتمانلاپ قۇيمىغىنىمدا بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمەس ئىدى- ھە؟!» دەپ ئويلىغان شەرۋانەمنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ كۆزلىرىدىن ياش قۇرۇمىدى. يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن بىر ئاچچىق، بىر ئۆكۈنۈش ئۇنى ھەر ۋاقىت قىيناپ تۇراتتى. مەتنۇر ياغاق ئورۇن تۇتۇپ ياتقاندىن كېيىن بۇ ئۆيدىكى ھەممە ئىشلار ۋە كىچىك ئابدۇللاغا قاراش بىرلا ئايىمخاننىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. لېكىن ئايىمخانمۇ ياشىنىپ قالغان بولۇپ، جېق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايتتى. تاماق ئېتىپ چاي دەملىيەلىگەننىڭ ئۆزىلا خېلى كاتتا ئىش ھېسابلىناتتى. شۇڭا بۇلارنى شۇ ھالىتىدە تاشلاپ قويۇشنى خوپ كۆرمىگەن سەيدۇللا باي قەسىردىن بىر خىزمەتكارنى ئاجرىتىپ كېلىپ، بۇ ئۆيدە تۇرغۇزۇپ مەخسۇس بۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئېغىر- يېنىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章