بۇزۇلغان ئانا5-قسىم

文摘   2025-01-31 21:44   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم
بۇزۇلغان ئانا3-قسىم
بۇزۇلغان ئانا4-قسىم


--قىسىم
ھاممامنىڭ ئەتكەن تامىقىنى ئىككى قوشۇق يەپ بوغىچە ئىشىك ئەنسىز ئۇرۇلدى.

-كىمكىن دەپتىمەن تېخى؟ نىم ئىشىڭىز با كىمنى ئىزدەيسىزكىن؟

-قىزمنى ئاغىلى كەلدىم… شەھلا بۇياققا چىقىڭ ئۆيگە كىتىمىز… شەھلا… شەھلا…

بوڭ ئاۋازىدا با كۈچىنى چىقاسىمۇ ئاۋازى يۇقىرى چىقمىغان دادام نەچچىنى توۋلاپ توختىدى.ھاممام ئۇنى توسۋىلىپ ئۆيگە كىرگۈزمىدى.

-تامىقىنى يەپ بوغاندىن كىيىن مەن ئاپىرىپ قويىمەن دىدىمغۇ نىمانداق گەپ ئۆتمەيدىغان ئادەمسىز؟… ئۆيۈمگە كىلۋىلىپ نىمە توۋلايسىز… قارشى ئاممىغاندىكىن چىقىڭە…

ھاممام ئىشىكنى گوممىدە ئەتتى، تاماقنى يەۋىتىپ دەرىزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان قارغا كۆزۈم چۈشتى، «دادام كەتكەنمىدۇ؟» دىگەن بىر سۇئال مېنى دەرىزە يىنىغا ئاپادى، خىرۇم چاپاندىن چىقىپ تۇرغان بوينى قىزىرىپ كەتكەن دادام بىنا ئالدىدا ئىغىزىدىن قويۇق تۈتۈن چىقىرىپ تاماكا چىكىۋاتاتتى. قولى بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەيتى.  نىمىشقىكىن تاماق گىلىمدىن ئۆتمىدى، چوڭ ئاپامغا قىيماي خوشلىشىپ سىرتقا چىقتىم.يىنىغا باساملا مېنى سىلكىشىدىن،ۋارقىرىشىدىن يەنە ئالدىنقى قىتىمقىدەك ئۇرشىدىن قوقاتتىم لىكىن ئۇنىڭ چىرايىدىن ھېچقانداق ئىپادىنى كۆرەممىگەچ قوقىنىچىمنى بىسىپ يىنىغا بادىم، دادام مىنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپ گەپ قىممايلا قورۇ سىرتىغا ماڭدى،  

-مەن ھازىر قەرىزگە بوغولۇپ كەتتىم، تاغىڭىزنىڭ ياردىمى بوممىسا قەرىز قايتۇرامماي تۈرمىدە ياتىمەن، گۈلچىھرە بىلەن جىدەل ئوينىسىڭىز  ئىككىمىزگە باش تىققىدەك جايمۇ چىقمايدۇ…

بۇنىڭدىن كېيىن گۈلچىھرەگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئەمدى بىلىۋال دىگەندەك ماڭا لۆممىدە بىرنى قارىدى.  گەپ قىمماي ئالدىمدا سىيلىق توختىغان  كوچا ئاپتوبوسىغا چىقىپ  ئاخىرقى رەتتە ئولتۇردۇم… ئۆيگە كىلىپ ئايىقىمنى سەپ بوغىچە دادام گەدىنىمدىن ئىتتىرىپ كارىدۇردىكى گىلەمنىڭ ئوتتۇرسىغا چۈشتۈم،بايا نەلەگىدۇر تارقىغان قوقۇنۇچ مېنى قايتا ئىسكەنجىگە ئالدى.

-ھە بۈگۈن نەگە بادىڭىز؟ كىم سىزنى مەندىن بىسوراق ئۇيەگە باسۇن دېدى گەپ قىلىڭە… كىمدىن سوراپ بادىڭىز؟…

تىترەپ تۈگۈلۈپ تۇرغىنىمدا چوڭ ئاپامنىڭ  بايىقى ۋاي بالام دىيىشلىرى يىنىمدىن كەتمە دىيىشلىرى قايتا ئاڭلانغاندەك بولدى، ئۆيىدىن چىقىپ كەتسەم تىخى ياخشى دىگەن ئوي بىلەن دادامغا ياندىم

-ئۇ ئاپامنىڭ ئۆيى،ئاپامنىڭ ئۆيىگە خالىسام بىرىۋىرىمەن…سىز ئاپامنى مەندىن ئايرىۋەتتىڭىز  دادا سىزنى مەڭگۈ  كەچۈرمەيمەن…  

دادام، ئۈستىمدىكى چوڭ چاپاننى سالدۇرۋىتىپ تاسما بىلەن پاچىقىمغا ھارغۇچە ئۇردى، مېنى ئۇرۇپ بوپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. بوۋا مومىللىرىم مەندىن كۆڭۈل سورىغانمۇ بولدى. لىكىن يەنىلا ماڭا مىھرى بىلەن قارايدىغان چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىنى خالايتىم بۇ ئۆيدە پەقەتلا تۇرغىم يوق ئىدى، تاسما بىلەن ئۇرغان يارىلار ساقايغاندا يەنە چوڭ ئاپامنىڭ يىنىغا بىرىش ئۈچۈن كىيىندىم، بۇ ئۆيدىكى سوغۇق قاراشلا،گۈلچىھرەنىڭ قەستەن جىدەل تىرىپ ماڭا دۆڭگەپ تىلغا  قويۇشلىرىدىن بىزار  بوغانسىرى كۆڭلۈم ئۇ ئۆينى تاتاتتى. دۇكانغا ماڭدىم دەپ چۈشۈپ كىتىپ چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. يىرىم كۈن ئىشىك چەكتىم جىمجىت.

-ئۇلار يىڭى ئۆيگە كۆچۈپ كەتتى، بۇ قورۇ چىقىلىش ئالدىدا بالام،كۆپ ساندىكى كىشىلە كۆچۈپ كىتىپ بولدى. ئۈستىدىن چۈشۋاتقان مويسىپىت بوۋاينىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بوغۇزۇمغا يىغا كەپلەشتى. ئون نەچچە كۈندىلا كۆچۈپ كىتىپتۇ،ئەمدى نەدىن تاپامەن؟ جايىمدا ئولتۇرۇپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم. ماغدۇرسىز پۇتۇمنى سۆرەپ ئۆيگە كىرسەم دادام ماڭا يەۋەتكىدەك قاراپ كىرىسلۇدا ئولتۇرۇپتۇ.

ئەتە ئەتىگەن يىڭى مەكتىپىمگە ئاپىرىپ قويدىغىنىنى ئىيىتتى. يىڭى مەكتەپكە بىرىپ سىنىپقا كىرگۈچە كىملەر ئۇچرىدى كىملەر ماڭا گەپ قىلدى ئۇقمايمەن، يىڭى سىنىپقا كىرىپ دەرىزىگە تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. ھاممام، چوڭ ئاپام بىلەن نىمىشقا كۆرۈشىشىمنى چەكلەيدۇ؟ چوڭ ئۆيدە كىچىسى قايتىپ  باسام كەلدىڭمۇ دەيدىغان ئاپام بوممىغاچ،ھەم گۈلچىھرە بىلەن بىر ئۆيدە يېتىشنى خالىمىغاچ ياتاقتا ياتىمە دەپ تۇرۋاغانتىم، كەچتە دەرستىن چۈشۈپ مەكتەپ ھويلىسىنى ئايلىنىشقا باشلىدىم.  

-تاماققا چىقامسىز؟ بىللە چىقايلىمۇ؟

يىنىمدا پەيدا بولۇپ قاغان چاچلىرىنى باسۇرۇپ پوسما كىيۋاغان بۇ يىگىتنىڭ كىمگە گەپ قىلغىننى بىلەممەي يىنىمغا بىر ئارقامغا بىر قارىدىم.

-سىزگە گەپ قىلدىم،نىم ئوڭ-سولىڭىزغا قارايسىز؟ مىنىڭ ئىسىمىم سەيدىن … يىڭى سىنىپىڭىزدىكى سىنىپ باشلىقىڭىز…

ئۇنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قول تەڭلىگىنىگە قاراپ مەجبۇر قولۇمنى بەدىم.

-مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيسىز ھەقاچان بىللە چىقايلىمۇ؟

-مىنىڭ قورسىقىم ئاچمىدى، رەھمەت سىز چىقىۋىرىڭ…

بۇرلۇپ ئىككىنى چامداپ بوغىچە ئۇ يەنە ياندىشىپ ماڭدى.

-ئەمەلىيەتتە مىنىڭمۇ قورسىقىم ئاچمىغان… سىز ئادەتتە نىمىش قىلىشنى ياخشى كۆرىسىز؟ مەن ۋاسكىتبول بىلەن پەي توپ ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىمەن يەنە پۇتبۇلمۇ با… ئادەتتە…بەك ئوچۇق-يورۇق… سىز قەيەدىن يۆتكىلىپ كەگىنىڭىزنى بايا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرغاندا دىمىدىڭىز…

-ئاتايىن كەينىمدىن قوغلاپ چىقىشىڭىز نەدىن يۆتكىلىپ كەگىنىمنى سوراش ئۈچۈنما؟

-يا…ياق… ساۋاقداشلار ئارا چۈشىنىش بوسۇن دەپ شۇ… ئەستا سىزنى بىردەمدە خاپا قىپ قويدۇم مانا ئەتە كۆرۈشەيلى خوش…

سومكىامنىڭ تاسمىسىنى تارتىپ قويۇپ ئۇ لەپىلدەپ چۈشۋاتقان قارنى بىر قولىدا ئۇچۇرغاچ  مەندىن ئۇزاپ كەتتى.

-ھەي… ھەي… سىزگە بىر گەپنى دەيمۇ؟ دىسەم چوقۇم ھەيران قالىسىز…

ياتاقتا نەرسىللىرىمنى رەتلەۋاتسام ئاقسېرىق ئىگىزرەك قىز كىلىپ قولۇمدىكى كىرلىكنى تارتقاچ سورىدى. بىشىمنى لىڭشىتتىم.

-ھەي ئاۋال ئولتۇرىڭە… بۈگۈنچۇ سىز كەپلا بۇ سىنىپتا داڭقىڭىز چىقىپ كەتتى  دەيمەن… ئادەتتە سىنىپتا بىشىنى كۆتۈرمەيدىغان ئادەم بۈگۈن ئالتە سائەت ئۇ ئورنىدا ئولتۇرۇپ سىزدىن پەقەتلا كۆزىنى ئۈزمىدى، دەم ئاغاندىمۇ شۇنداق… مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ كەتتى ئۇ بالا…

ئۇ قىز ماڭا كۆرسىتىپ تامغا تاقالغان ئورۇندۇقتا يانتۇ ئولتۇرۇپ ئىڭكىنى يۆلىدى.  

-ماڭە ۋاي…قاراپ قويسا نىم بوپتۇ  ئەمدى، يىڭى كەگەندىكىن قارىمامدۇ…

قاش-كۆزى قاپقارا  يۈزى سىمىز قىز ئاق سىرىق قىزنى  نوقۇپ قويدى.  

-ياق… ياق قارىسىلا مەيلىتى، ئۆزىچە كۈلىدۇ  تېخى...

-سەيدىنما؟  سەيدىننى دەۋاتامسە؟

يەنە بىر قىز گەپ قوشۇپ يىنىمىزغا كەلدى، يىنىمدىكى ئاق سىرىق قىز ئۇنى يىنىغا تارتىپ

-ياق كانان، سەيدىن دەرستە ئۇخلىمايدىغۇ ئۇ بەك ئەستايىدىل  دەرس ئاڭلايدىغۇ………

ياتاقتىكىلە چۇرۇلدىشىپ بۇ ئىشلانى  بىر پەس مۇنازىرە قىلشىۋىدى توك ئۆچتى، مەن بۇ يىشىمدا  ياخشى كۆرشىنى چۈشەنمەيتىم، ئۇلانىڭ گىپىنى جىق ئويلاپمۇ كەتمىدىم.ئەتىسى يەنە يىڭى بىر كۈن باشلاندى، ئۆگىنىش قىلىشتىن باشقا  ساز چىلىشنى ياخشى كۆرەتتم، شۇنچىلىك  چاغۇم كەلدى، لىكىن مۇۋاپىق جاي بوممىغاچ كارۋاتتىكى   ئىسكىرىپكىنى سىيلاپ قويۇپ سىنىپقا چىقىپ كىتەتتىم، ئاتالمىش ئاچام گۈلچىھرەمۇ مۇشۇ سىنىپتا ئىدى. ئەتىگىنى ئۇ بىرمۇنچە نازۇ-نىمەت ئەكىلىپ جوزىسىغا تىزىپ باللارغا كۆز-كۆز قىغاچ ئۇنى-بۇنى چاقىرىپ  ناشتىلىق تارقىتىشقا باشلىدى.كۆرەڭلەپ ماڭا قاراپ قويغاچ قولىدىكى قىيمىلىق ناننى مەززە قىپ يىيىشكە باشلىدى. قورسىقىم ھەقىقەتەن  ئاچتى، لىكىن  ئىشتىھايىم پەقەتلا يوق.  

-قارىسام ھېچنىمە يىمەي ئولتۇردىڭىز كالپۇكىڭىزمۇ قورۇلۇپ ئاقىرىپ  كىتىپتۇ… بۇنى… بۇنى يەۋىلىڭ…

سەيدىن خۇددى مەن يۈگۈرۈپ  قوپۇپلا ئۇنى ئۇرۋىتىدىغاندەك ئالدىمغا سۈت بىلەن ئىككى تال قىيمىلىق مانتىنى قويۇپ قولى كۆيگەن ئادەمدەك قولىنى شارتتىدە تاتتى دە ئورنىغا قايتتى.  

-ۋوي…جۈسەي مانتىسىما؟ مەن بەك ئامراق… بۇنى ئالماشتۇرايلىچۇ؟

 گۈلچىھرە ئالدىمدىكى سۇلياۋنى تارتىپ ئىلىپلا ئالدىمغا ئىتنىڭ ئالدىغا نان تاشلىغاندەك بىر پارچە، نەچچە  چىشلەنگەن گۆش ناننى ئورالغان قەغەز بىلەنلا تاشلىدى. ناننى قولۇمغا ئىلىپ بىر ئىتىۋىدىم ئەخلەت ساندۇقىغىلا  چۈشتى.  

-مەن سىنىڭ ئەرمەك ئىتىڭ ئەمەس يەپ قويغىنىڭنى بەسەڭ  قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ يەۋىتىدىغان…ئۇقتۇڭمۇ؟  

گۈلچىھرەنى مەن بىلەن  ئۇرۇشۇپ بۇ يەدىمۇ قول سالىدۇ دەپ  ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەدىن ئۇ قولىدىكىنى ئىتىۋىتىپ شىرەگە بىشىنى قويۇپ ناز قىلىپ يىغلىغىلى تۇردى.    

-ھەجەپ ئادەمنى بىزار قىلدىڭ… زۇۋانىڭنى ئۆچۈرە ھەي بۇزۇق كاناي… ئادەمنىڭ  ئۇيقۇسىنى بۇزماي…

تام تەرەپ ئەڭ ئاخىردىكى بىرى بىشىنى لوككىدە كۆتۈرۈپ  ۋارقىرىدى.  

گۈلچىھرە  تېخىمۇ بەك ئاۋازىنى قويۋەتتى.  

-ھەجەپ ئىچىمنى سىقتى ماۋۇ… ھۇ بىشىنى يەيدىغان …

ئۇ بالا گۈلچىھرەنىڭ يىنىغا بىرىپ بىر توۋلىۋىدى گۈلچىھرەنىڭ ئاۋازى ئۆچتى.گۈلچىھرەنىڭ ئىككى دوستى دەم ئىلىشتا مىنى سوقۇپ، قىرىشىپ ماڭا ئاڭلىتىپ خەخكە مېنى تىللاپ بىرىپ ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.بۇ ئىككى ھەپتە سەيدىن ماڭا گەپ قىسىلا گۈلچىھرە كىلىپ سەيدىنگە سۈركىلىپ ناز قىلىپ باقاتتى، ئىمتاھانلامۇ بىر قۇر  ئاياقلاشتى. نەتىجىلەنى مۇئەللىملە دەرس ئۆتكىلى كىرىپلا ئوقۇپ بىرەتتى،

-شەھلا  ئىسمايىل دىگەن  قايسىڭلا؟  

كۆزەينەك تاقىۋالغان ئوتتۇرا ياش ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ  ئاستا ئورنىمدىن تۇردۇم.

-سىز قايسى مەكتەپتىن يۆتكىلىپ كەلدىڭىز؟ دىمەكچى قايسى شەھەردىن؟

-مەن…مەن بىيجىڭدىن…

مۇئەللىم  بىشىنى لىڭشىتىپ  قويدى

-ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس… ئىنگىلىزتىلىدا 98 پەقەت بىرلا جاۋاپ تاللاش خاتا بوپتۇ… بۇ سۇئالنىڭ ئۆلچەملىك توغرا جاۋابى يوق… سۇئالدا خاتالىق با… ئەمەلىيەتتە  با بوغان 98نى تولۇق ئاپسىز…

سىنىپتىكى بالىلار  ۋاھ دەپ توۋلىشىپ كەتتى…

-ئەمدى ئەڭ تۆۋەن نەتىجە  بوسا 36  گۈلچىھرە ئىسرايىل  …

باللارنىڭ پاراقلىشىپ كۈلىشى بىلەن گۈلچىھرە تىرنىقىنى تاتىلاپ مىشىلداپ يىغلىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى. مۇئەللىم  ئولتۇرۇشقا بۇيرىغاندا بوسا ئىمتاھان  مەيدانىدا قەلىمىنى مەن تاتىۋىلىپ يازغىلى قويمىغاندەك ماڭا ئالىيىپ قاراپ ئولتۇردى. ماتىماتىكىدا يۈز ئاپتىمەن فىزىكا، خىمىيە،سىياسەت دىگەنلەنىڭ نەتىجىسى سەكسەن ئەتراپىدا،  ئەدەبىياتتا  95ئاپتىمەن. ئۆيگە قايتقاندا گۈلچىھرە ھۈ تاتىپ يىغلاپ ئىمتاھاندا بىئارام بوپ يازاممىدىم ئەسلى بەك ئۆكەنگەن دەپ  ھەممىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا كىرىپ  ئولتۇردى ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەدى،مىنىڭ نەتىجەمنى ھېچكىم سورىمىدى مەنمۇ دىمىدىم.  مەكتەپتىن كىلەر ھەپتە تەتىل قويۋىتىدىغان بوغاچ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ  مۇنچىغا چۈشۋىلىپ يەنە مەكتەپكە كەتتىم.  
-شەھلا سەيدىن بىلەن كانان سىزنى چاقىرۋاتىدۇ…

ئاق سېرىق قىز ئالىيە بىلەن يۈزى سىمىز قاش كىرپىكى قاپقارا قىز زەيتۇنگۈل  ئىشىكتىن كىرىپ ئايىقىنى ساغاچ كۆزىدە دەرىزىنى ئىشارە قىپ قويدى.

-كانان؟ كانان دىگەن  كىم؟  

بۇنداق ساۋاقدىشىمنى راسلا ئىسىمگە ئالاممىدىم،

-ھېلىقى گۈلچىھرە بىلەن دوسلىرى قوقۇپ مۆكىۋالدىغان بالىچۇ… چېچى كۆزىنى يىپىۋالدىغان ھېلىقى  بالنى دەيمەن…

ئاز تۇلا ئىسىمگە كەگەندەك بولدىيۇ ئۇنىڭ چىرايىنى تولۇق ئەسلىيەممىدىم، قىزلار سۈيلەۋەگەچ سىرتقا ماڭدىم.بىنا يىنىدا ماڭا قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغان بالا بىلەن ئۇلار دەۋاتقاننىڭ بىر ئادەملىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ چاپىنىمنى كەيدىم.  

-بىللە تاماق يەيلى دەپ  چاقىرغان… رەت قىمماڭ جۇمۇ باشقا ئادەم يوق ئۈچىمىزلا…

 ئىككىسى مېنى ئوتتۇرىغا ئىلۋىلىپ ماڭا گەپمۇ بەمەي بىللە ئىلىپ ماڭدى. مەكتەپتىن چىقىپ ئۇدۇلدىكى يولغا ئۆتتۇق، بىر قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپلا قورۇغا كىردۇق.  

-ئۆيگە كىر دىسىڭىز كىرمەيمەن، مەن كىتەي ئۆيىڭىزگە كىرەممەيمەن…

-بولىڭە… ھېچنىم بولمايدۇ …ئۆيدە ئاپاملا با…ئاپام ئاتايىن تاپىلاپ سىزدەك ئەقىللىق قىز بىلەن  كۆرۈشتۈرۈپ  قوي دىگەن …

ئاپام دىگەن  ئاتاقنى ئاڭلاپ  يەنە رەت قىلاممىدىم.  شۇنداق ياخشى  كۈتىۋالدى كاناننىڭ ئاپىسى،پولۇ كاۋاپ نەچچە خىل سەي تەييارلاپتۇ. ماڭىدىغان چاغدا دائىم كىلىشىمنى تاپىلاپ بىرمۇنچە نەرسە كۆتۈرگىزىپ قويدى. ئەتىسى ئەتىگەندە  ئاپام ئەۋەتتى دەپ  ناشتىلىق ئاغاچ كەپتۇ، ئۇ ئەكەگەن ناننى بىر چىشلەپ كۆزۈمگە ياش كەلدى، ئاپامنى سىغىنىپ كەتكەن ئىدىم، كۆيدۈرۋەتسىمۇ ئەتكەن تامىقى ئوخشىمىسىمۇ بىر قېتىم يەپ باقسام ئاپام ئەتكەن تاماقنى،قانچىلىك خۇش بوپ كىتەتتىم ھە ؟! بەش كۈن ئۇدا شۇنداق دەپ  ناشتىلىق چۈشلۈك تاماق ئەكەلدى كانان، سەيدىن كانان مەن ئۈچىمىز بىللە يەيتۇق،گۈلچىھرە ئالىيىپ ئۇيان بۇيان مىڭىپ باقاتتى دىققىتىمنى تارتىش ئۈچۈن قىلدىمىكى دىسەم ئۇ چىرايىمغىمۇ تۈزۈك قارمايتى.  نەچچە كۈندىن كىيىنكى بىر كۈنى مۇئەللىم يۇرتىغا قايتىدىغان باللارنى پويىز ئىستانسىغا ئەكەتتى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章