دىللاردا سەنەم127-قسىم

文摘   2025-01-27 20:46   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم


ـ-بۇ مەزگىللەردە ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈپ، ھېچ ئىش قىلغىلى سالماي، ھە دېگەندە «ئۆيدە ئولتۇر، قاش- كۆزۈڭنى ياساپ، چىرايلىق كىيىنىپ، خۇلق چىقىرىپ، نازۇ- كەرەشمىلىك قىز بولۇپ يۈر، سەن دېگەن سەيدۇللا باينىڭ ئەتىۋارلىق قىزى، ئىش قىلساڭ بولمايدۇ...» دېگەندەك ناچار تەربىيەلەر بىلەن چوڭ قىلغان ئانىسىدىن تۇنجى قېتىم نارازى بولدى. ئەمما ئەمدىكى بۇ نارازىلىقلار قىلچە پايدا بەرمەيتتى ھەمدە قانچە ئېغىر نارازى بولغان بىلەنمۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

قېيىنئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ دەل بىر ئاي بولغاندا، ئايچېھرە خېنىم ئىككى كېچە- كۈندۈزلۈك ئاچچىق تولغاق ئازابىدىن كېيىن بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئوغلىغا ھېچكىمدىنمۇ سورىماي، ھېچكىمگە مەسلىھەتمۇ سالماي «دانىيار» دەپ ئىسىم قويىۋالدى. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆڭلى چۈشكەن، ئەمما شۇنچە ئارزۇلاپمۇ ياتلىق بولالمىغان، ئەكسىچە ئاچىسى ياتلىق بولۇپ مۇرادىغا يەتكەن نەۋرە ئاكىسى دانىيار بايۋەتچىنى كۆڭلىدە ھېلىھەم ياد ئېتىپ، سېغىنىپ تۇرغانلىقىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ئىدى.

ئايچېھرە خېنىمنىڭ تۇغۇتى يېقىنلاشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە مېھرىيار خېنىم «دادىسى بىلەن ئۆگەي ئانىسى بولغاندىكىن شۇلار غېمىنى يەيدۇ، مەن ئاچامنى بېقىپ ئولتۇرساملا بولدى» دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى. سەيدۇللا باي ئەر كىشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە دېگۈدەك تالادا يۈرىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىشلارنىڭ ۋاقتى- سائىتى كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ كەتمىدى. سائادەت خېنىم كېسەل ياتقىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغاچقا، ئۆز كۆڭلىدە «مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلگەندىكىن، بۇ ئۆيدىكى ئانىسى ئۆگەي بولغاندىكىن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ قويۇشقا كۆڭلى قىيماي مېھرىيار خېنىم ئۆزى تۇغدۇرغىلى ئېلىپ كېتىدۇ» دەپ ئويلاپ، بۇ ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈلشىمىدى. شەرۋانەم بولسا ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئۆيى ئارىلىقىدا قاتراپ، ئۇ يەرلەردىن ھېچقانچە مېھىر تاپالماي يەنىلا ئانىسىنىڭ يېنىغا كېلىۋالىدىغان كىچىك ئابدۇللانى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئارىدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىك ۋە باشقا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي ئايچېھرە خېنىمنى يادىدىن چىقىرىپلا قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ «تۇغدۇرغىلى ئېلىپ كېلىمەن» دېگەن تەقدىردىمۇ ئايچېھرە خېنىم ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشى ناتايىن ئىدى.
مۇشۇ پاراكەندىچىلىكلەر سەۋەبىدىن ئۇنىڭ تۇغۇت ئىشىغا سەل قارالدى. يا ئۆز ئانىسى، يا مومىسى، يا دادىسى بىلەن ئۆگەي ئانىسىدىن بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىگەندىن كېيىن ئاخىرى ئايچېھرە خېنىممۇ قېيدىۋالدى ۋە ئېرىنىڭ ئۆيىدىلا تۇغۇشنى قارار قىلىپ، قەرەلى توشۇشقا بىر ئاي قالغاندىن باشلاپ ھېچكىمنىڭ يېنىغا بارمىدى. قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىدىغان چاغدىمۇ ئۆيدىكىلىرى بۇ ئۆيگە كەلدى، كەتتى، يەنە كېلىپ، يەنە كەتتى، ئەمما ھېچكىم «قورسىقىڭ خېلى يوغىناپ قاپتۇ، تۇغىدىغانغا ئاز قالغان ئوخشايسەن، مەن بىلەن بىللە كېتىپ ئۆيىمىزدە تۇغامسەن؟» دېگەن گەپنى قىلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمۇ «بوپتۇلا، نېمە بولسام مۇشۇ ئۆيدە بولاي» دېگەننى قارار قىلىپ، ھېچكىم بىلەن باردى- كەلدى قىلمىدى ۋە ئىزدەشمىدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاي- كۈنى يېقىنلاشقاندا نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئۇلۇغ مومىسى، ھاممىسى ۋە بۇ ئۆيدىكى چاكارلارنىڭ ياردىمىدە يەڭگىدى. قىيىن كۈنلىرىنى ئۆزى يالغۇز يېڭىپ، ھەممە ئىشلىرىغا ئۆزى يالغۇز ئىگە بولغانلىقتىن، بالىغا ئىسىم قويىدىغان چاغدىمۇ ھېچكىمدىن مەسلىھەت سورىماي ئۆزى چاغلاپلا ئىش قىلدى. بۇ ئۆيدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسىغا كۆڭلى بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆز بالىسىغا قويۇشنى تاللىغانلىقىنى ئۇقمايتتى.

-بالىغا «دانىيار» دەپ ئىسىم قويىمەن،- دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندا ھەممەيلەن بىردەك:

-چىرايلىق ئىسىمكەن...

-ھەئە، بولىدىغان ئىسىمكەن...

-بالىغا ياراشقۇدەك، شۇنداق قىلايلى ئەمىسە...- دېيىشىپلا ئىشنى تۈگەتتى.

بوۋاق دۇنياغا كۆز ئېچىشتىن بۇرۇنلا بوۋىسى ئۆلۈپ كەتكەن بىلەن، سەيدۇللا باي ئۇنىڭ چوڭ دادىسى بولغانلىقتىن، چوڭ ئۆيگە خەۋەر بېرىشكە توغرا كەلدى. ئايچېھرە خېنىم دادىسىغا قېيدىۋالغانلىق سەۋەبىدىن بۇنداق قىلىشنى توغرا كۆرمىسىمۇ، قائىدە- يوسۇن بويىچە ئېيتقاندا شۇنداق قىلمايمۇ بولمايتتى. شۇڭا ئۇ خەۋەر يەتكۈزمەكچى بولغانلارنى توسىمىدى. ئەمما سەيدۇللا باي نەۋرىسىنى كۆرگىلى كەلگەندە بالىنىڭ ئىسمىنى سوراپلا قوشۇمىسى تۈرۈلدى ۋە بۇ ئىسىمنى قويسا بولمايدىغانلىقىنى، نەۋرە ئاكىسىغا بولغان كۆڭۈل مايىللىقىنى ئەمدى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئېيتتى. ئايچېھرە خېنىم بولسا ئۆزىچە بۇ گەپلەرنى كۆڭلىگە ئېلىۋېلىپ «دادام يەنە مېنى باشقۇرغىلى قېرىشىۋاتىدۇ، ئۆزۈم تۇغقان بالىغا نېمىشقا ئۆزۈم خالىغان ئىسىمنى قويالمايدىكەنمەن؟» دەپ ئويلاپ تېخىمۇ ئاچچىقلىنىۋالدى ۋە ھەر گېپىدە چالۋاقاپ ئاچچىقلاپ، دادىسىغا زەھىرىنى سانجىۋالدى. سەيدۇللا بايمۇ قىزىنىڭ بۇ ئەدەبسىزلىكىنى ھار ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن قېيىدىغان پېتى كېتىپ قالدى.

شۇنداق قىلىپ بالىنىڭ ئىسمى ئانىسى قويغان پېتى قېلىۋەردى. سەيدۇللا بايمۇ قىزىنى يوقلاپ ئىككىنچى قېتىم بۇ ئۆيگە قەدەم باسمىدى. سائادەت خېنىم «بالا بەڭۋاش بولغان بىلەن بىز چوڭ ئادەملەر، ئۇ قىلغاننى بىز قىلساق بولمايدۇ، قائىدە- يوسۇنلارغا يات ئىش قىلساق تېخىمۇ بولمايدۇ، قۇدا خەقنىڭ ئالدىدا شۇ قىزنىڭ تاۋىنى چېكىپ قويىمىز، سىز بولسىڭىزمۇ دادىسىغا ۋاكالىتەن بېرىپ يوقلاپ، رەسمىيەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىپ كېلىڭ!» دەپ شەرۋانەمنى بىر نەچچە قېتىم ئەۋەتتى. ئەمما ئايچېھرە خېنىم ئۇنىمۇ سوغۇق قارشى ئېلىپ، سوغۇق ئۇزىتىپ قويدى. ئۇ ئۆگەيلىك قىلمىسىمۇ بۇ ئۆگەي قىزىنىڭ توختىماي ئۆگەيلىكىنى چاندۇرۇپ چېقىۋېلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن شەرۋانەممۇ ئۇ ئۆيگە شۇ رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا بېرىپ، ئالدىراپ قايتىدىغان بولدى. ئەھۋال بۇنداق تۇرغان يەردە «دادىڭىز بالىڭىزغا ئۇ ئىسىمنى قويۇشىڭىزنى خالىمايدىكەن، ئېرىڭىز ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن نەۋرە ئاكىڭىزغا كۆڭلىڭىز بارلىقىغا ئالاقىدار ھېلىقى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ قاپتىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئۆز رەقىبىنىڭ ئىسمىنىڭ بالىسىغىمۇ قويۇلغانلىقىنى بىلسە بەك ئازابلىنارمىش، ئەرلەر ھەممە ئىشقا چىدىسىمۇ مۇشۇ ئىشقا چىدىمايدىكەن...» دېگەن گەپلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتالمىدى.

مېھرىيار خېنىممۇ قىزىنىڭ تۇغۇت خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككى- ئۈچ كۈندە بىر كېلىپ ئۇنى يوقلاپ، ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى. ئەمما ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆي ئاچىسىنىڭ ئۆيى بولغانلىقتىن، يەنە كېلىپ ئاچىسى ماھىبەدەر خېنىم شۇ ئېلىشىپ قالغانچە پەقەتلا ئەسلىگە كەلمىگەنلىكتىن، «سىزنى ئېلىپ كېتىپ شۇ ئۆيدە باقاي» دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرالمىدى. ئۆز ئۆيى بولمىغان ئۇ ئۆيگە ئۆزىنىڭ پېتىپ ياشاۋاتقانلىقىمۇ ئالەمچە چوڭ ئىش ھېسابلىنىدىغان بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە، تۇغۇتلۇق بىر ئايالنى ئېلىپ كېتىپ باقىمەن دېيىشكە ئۇنىڭ ھەم تىلى كۆيەتتى.

ئۇ نەۋرىسىگە «دانىيار» دەپ ئىسىم قويۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ باشقىچە پىكىردە بولماقتا يوق، ئۇنى قوللىدى. يەنە تېخى ئۇلۇغۋار ئۈمىدلەر بىلەن ئېغىزىنى تاتلىق ئەتكەن ھالدا:

-مەن دادىڭىز بىلەن ئاجرىشىپ ئۇ ئۆيدىن يېنىپ چىققان بىلەن سىلەر دېگەن بەرىبىر تۇغقان، بالىڭىز مۇشۇ ئىسىمدە چوڭ بولىدىغانلا بولسا كەلگۈسىدە ھېيت- ئايەم، توي- تۆكۈنلەردىكى بېرىش- كېلىشلەردە ئۇ بالىنىڭ ئېتىنىڭ دانىيار ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەرقانداق كىشى بۇ ئارىدىكى باغلىنىشلارنى بىلمەي قالمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا دانىيار ئاكىڭىز بىلەن خەيرۇللا تاغىڭىز بولسىمۇ قەدرىڭىزگە يېتىدۇ، ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ئاۋۇ نەۋرە ئاكىڭىز ھامان بىر كۈنى سىزنى تاللىماي ئايسەنەمنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ، بالىڭىز شۇ ئىسىم بىلەن چوڭ بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تايتاڭلاپ يۈرسۇنچۇ قېنى، «ھەي ئىسىت، ئايچېھرەنى ئالغان بولسام شۇ ئوغۇل مېنىڭ بولار ئىدى- ھە؟ ئۇنى  ئالمىغىنىم بىلەن تۇغقان بالىسىغا مېنىڭ ئىسمىمنى قويۇپ، ھېلىغىچە مېنى ياد ئېتىپ، ئويلاپ كېلىۋېتىپتۇ...» دېگەنلەرنى ئويلاپ يۈرىكى ۋاژژىدە ئېچىشمىسا مانا مەن! ئەقلىڭىز ئاجايىپ بىر ئىشلەپ قاپتىكەن شۇ ئىسىمنى بالىغا تاللايدىغان چاغدا، يارايسىز قىزىم، سىز ۋە بىزنى ياراتمىغان ئۇ خەقلەرنى ئىگىلدۈرۈپ ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلەلمىگەن تەقدىردىمۇ، پۇشايماندا قويۇپ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرالىساق بۇمۇ بىر ھېسابتا غەلىبە،- دېدى.

بۇ قېتىم ئايچېھرە خېنىم ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ماختاشلىرىدىن پەقەتلا خۇرسەن بولالمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر ئەندىشە، قانداقتۇر بىر غەملەر ئىزچىل سوغۇق سايە تاشلاپ تۇراتتى. خۇددى ھامان بىر كۈنى مۇشۇ سەۋەبلىك ئېغىر بىر كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىدىغاندەك، بۇ ئىشقا پۇشايمان يەپ قالىدىغىنى ئۆزى بولىدىغاندەك بىر تۇيغۇدا ئېسەنكىرەپ قېلىۋاتاتتى. بىراق مېھرىيار خېنىم قىزىنىڭ بۇ خىياللىرىنى ئويلىيالمايتتى. بىرەرسى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ ئېيتقان تەقدىردىمۇ كاللىسىغا ئالالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.


(178)


ئاياغ مەھەللە، سەيدۇللا باينىڭ قورۇسى.

شەرۋانەم ئۆگەي قىزى ئايچېھرە خېنىمنىڭ ئۆيىگە ئۇنى يوقلاپ بېرىپ تارتىۋالغان كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى قېيىنئانىسىغا داتلاپ بەرگەچ، ئۇنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ قويىۋاتاتتى. سائادەت خېنىم ئايچېھرە خېنىم ئۈچۈن ناماقۇل بولۇپ شەرۋانەمدىن كەچۈرۈم سورىغانمۇ بولدى. ئەسلى ئۇنداق قىلمىسىمۇ بولىدىغان يەردە، لېكىن «چوڭ ئادەملەر كۆڭلى- كۆكسىنى كەڭرى تۇتۇپ، بالىلار بىلەن تەڭ بولماسلىق ئەڭ ئاقىلانىلىق» دەپ ئويلىغاچقا، سائادەت خېنىممۇ كېلىنى بولغىنىغا باقماي ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ قويۇشنى لايىق كۆرگەن ئىدى. شەرۋانەممۇ قېيىنئانىسىنىڭ بۇ قەدەر ھۆرمىتىنى قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، بالىدىن رەنجىمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ كەچۈرۈم سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، بالىلار سەۋەبىدىن كەلگەن ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىكنى ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ پىسىڭڭىدە كۈلدى.

ئارىدا ئايسەنەم خېنىمنىڭ بەڭۋاشلىق قىلىپ ئۇنىڭ ۋە سەيدۇللا باينىڭ دىلىنى ئاغرىتقان گەپلەرنى قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندا، سائادەت خېنىم ئۇلۇغ- كىچىك تىنغىنىچە مۇنداق دېدى:

-قانداق قىلىمىز ئەمدى، شۇ بالىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خاپىچىلىقى بار، مېھرىيار خېنىم بۇ ئۆيدىكى چاغدا ئۇنى ئاز خورلىمىغان، «كۆزۈمدىن يوقىتىمەن، بۇ ئۆيدە ئېلىپ قالمايمىز، بېقىۋالمايمىز...» دەپ سەيدۇللا ئوغلۇم بىلەنمۇ ئاز ئۇرۇشمىغان، يەنە تېخى شۇ بالىنى كۆزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قارا قولىنى سۇنۇشتىنمۇ يانمىغان، ئەگەر ئۇ باشقا نورمال ئائىلىلەردە تۇغۇلغان بولسا ئەتىۋارلىق چوڭ خېنىم بولۇپ، باي بولسۇن ياكى نامرات بولسۇن، شۇ تۇرمۇشقا قانائەت قىلىپ خۇشال- خۇرام ياشاپ، بالىلىقىغا قېنىپ چوڭ بولغان بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭ بالىلىقىدا ئاشۇ ئايالدىن قورقۇش، ۋەھىمىسىراش، ھەتتا بىر بۇردا ناننىمۇ تىترىمەي ئولتۇرۇپ ئازادە يېيىش ئىمكانىغا ئىگە بولالماي، دادىسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بىچارىلەرچە ياشاپ چوڭ بولغان بالا ئۇ، ئەڭ مۇھتاج ۋاقتىدا ئۆز ئانىسى يېنىدا بولمىغاندىكىن، ئۆز ئانىسى بالىسىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا تونۇشلۇق بەرمىگەندىكىن «مەندىن تېنىپتۇ-دە!» دېگەننى ئويلاپ شۇڭا رەنجىۋالغان گەپ. شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئويلاپ قويمىساقمۇ بولمايدۇ، ئۆزىمىزنىڭ ھېسسىياتى بويىچە ئىش كۆرۈپ «مەن كەچۈرىۋەت دېسەم كەچۈرىۋېتىشىڭ، ئېتىراپ قىل دېسەم ئېتىراپ قىلىشىڭ، ماڭا ئۆزۈڭنى ئات دېسەم ئۆزۈڭنى ئېتىشىڭ كېرەك!» دېگەن تەلەپنى ئۇنىڭغا قويالمايمىز. يارىشىپ قالغۇڭىز بولسا ئىزچىل بىر مەزگىل كۆيۈنۈپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، سىلكىسىمۇ، ئىتتىرسىمۇ، مەيدىڭىزگە تەپسىمۇ كۆڭلىڭىزگە ئالماي، داۋاملىق ياخشىچاق بولۇپ ئۆتىۋېرىڭ، ھامان بىر كۈنى كۆڭلى ئېرىپ قالىدۇ، ئەگەر كۆڭلى ئېرىمىسە بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرىمىز. ئاشۇ بىر بالا بىلەن تەڭ بولۇپ «ماڭا قېيدىۋالساڭ بولمايتتى، مېنى كەچۈرىۋەتمەي نېمىشقا ھېلىغىچە تەتۈر قارايسەن؟» دېسەك بۇ چىدىماسلىق بولىدۇ، رايىغا قويايلى، قاچانغىچە قېيدايدۇ، كۆرۈپ باقمايمىزمۇ؟!

-مەنغۇ كىچىكىدە باقالماي، كارىم بولالماي قالغىنىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ بالىنىڭ يۈزىگىمۇ قارىيالمايۋاتىمەن، ئۇنىڭدىن رەنجىيدىغانغا، «مېنى ئېتىراپ قىلساڭ بولاتتى» دەپ بۇيرۇق قىلىدىغانغا ھەددىم ئەمەس، پەقەت ئۇ مەندىن رەنجىمەي، ماڭا خاپا بولماي، كۆزلىرىنى ئالايتماي، خىزمەتكارلارغا قىلغانچىلىك مۇئامىلە قىلسىمۇ خۇشلۇقتىن بېشىم ئاسمانغا يېتىدۇ. شۇ دادىسى سەل خاپا بولىۋالىدىكەن، مۇشۇ ئىشلارنى دەپ رەنجىشىپ خاپا بولۇشۇپ كەتسە ئوتتۇرىدا مەن تەڭلىكتە قالىدىكەنمەن. يا بولمىسا ئوغۇللىرىغا سىلى دەپ باقسىلىرى، بالىنى شۇ تەرەپتىن كۆزىگە كىرىۋېلىپ بەك مەجبۇرلىماي رايىغا قويۇپ بەرسەكمىكىن، كېيىن ئۇمۇ ئانا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ بالىسى بولغاندا ئاندىن بىر ئانىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگۈدەك، بالىسىنىڭ غېمىنى يېگۈدەك، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۇدا سۈيىدە ئاققۇدەك، ئىمكانسىزلىقلىرى تۈپەيلى قارىيالمىغانلىرىدا يۈرىكى ھەسرەتتە پۇچىلانغۇدەك بولىدۇ. شۇ چاغلاردا قايتا چۈشەندۈرۈپ باغرىمنى ئاچسام ئېرىپ قالامدىكىن دەيمەن، ئۇنىڭغىچىلىك چىن كۆڭلۈمدىن مۇھەببەت بېرىپ، كۆيۈنۈپ، ھەر جەھەتلەردىن خەۋەر ئېلىپ ھالىغا يېتىپ تۇراي، ئۇ مېنى تىللىسىمۇ، ئۇرسىمۇ، چەتكە قاقسىمۇ پەرۋا قىلمايمەن، ئېغىر ئالمايمەن، ئامالنىڭ بارىچە چىداپ تۇراي، ھامان بىر كۈنى بۇ ئىشلارمۇ ياخشى بولۇپ كېتەر،- دېدى شەرۋانەممۇ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ.

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن سائادەت خېنىم كېلىنىنىڭ بارا- بارا پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى، چوڭ ياشلىق ئاياللاردەك تۈرگۈن، ئېغىر بېسىق، ئويلىنىشچان، كۆتۈرۈشلۈك ھەم غەيرەتلىك ئايالغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلىرى، سۆزلەش ھالەتلىرى بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى سائادەت خېنىمنىڭ نەق ئۆزىگە ئوخشايتتى...


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章