توي ۋە سۈيقەست16-قسىم

文摘   2025-01-28 21:25   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 

--16-قىسىم

_ بولدى. مەن ئىستىپا بېرىمەن.

_ بولىدۇ، مەن قوشۇلدۇم..مەنمۇ يولدىشىمنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ شىركەتتە تۇرىشىنى خالىمايمەن..

دېرىكتورغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم.

_ بۇ..بۇ نېمە دېگىنىڭىز دېرىكتور..

_ يولدىشىمدىن ئاڭلىشىمچە كۈندە ئىشخانىسىغا كىرىپ پاراڭلىشىدىكەنسىز. كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىكەنسىز..ئۈندىدارىنىمۇ قوشىۋاپسىز..سىز زادى نېمە قىلماقچى؟

_ ھاھا..سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي دېگەن گەپتە بۇ..

_ مەن ئەزەلدىن سىزنى ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمىم دەپ كەلگەن..لېكىن سىزنىڭ يولدىشىمغا نىيىتىڭىزنى بۇزىشىڭىزنى ئويلىماپتىمەن..

_ دېرىكتور. مەن ئەسلى دېمەي دېگەن، ئۆزىڭىز ئاغزىمنى تاتلىدىڭىز..ئەمىسە دەپ بېرەي. يولدىشىڭىز مېنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇم..ئۇ سىزنى دەپ مېنى تاشلىۋەتتى..

_ ھاھا..مۇشۇنداق دېيىشىڭىزنى بىلەتتىم. قاراڭ،_ئۇ تېلىفوندىكى پاراڭ خاتىرىسىنى ماڭا كۆرسەتتى،_ ماۋۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا يازغان خەتلىرىڭىزكەن..

 پاراڭ خاتىرىسىگە قاراپ ھەيران قالدىم. چىسلاغا مەن توي قىلغاندىن كېيىنكى چىسلا يېزىلغان بولۇپ، مېنىڭ بۇرۇن ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغان «سىزنى كۆرگۈم كەلدى» دەپ يازغان خەتلىرىم ئىدى.

_ توي قىلغان يىگىتكە مۇشۇنداق خەت يېزىشتىن ئۇيالسىڭىزچۇ..

_ ياق. بۇ يالغان.. مەن ئۇنداق قىلمىدىم..

_ سىزنى خېلى ئىدىتلىق ئايال دەپ ئويلايتتىم..

_ دېرىكتور مېنىڭ يولدىشىم بار..يولدىشىم بار تۇرۇپ سىزنىڭ يولدىشىڭىزغا بۇنداق خەت يازمايمەن..

_ ئۇ سىلەرنىڭ بۇرۇنقى مۇناسىۋىتىڭلارنىمۇ دېدى..سىز توختىماي ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋاپتىكەنسىز..ئايرىلىپ كېتەيلى دېسە ئۇنىماي چىڭ تۇرىۋاپسىز..

_ چۈنكى ئۇ ماڭا دېمەيلا سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ، تويغىمۇ پۈتۈشۈپمۇ، قىز دوستى تۇرۇپ سوراش ھوقۇقۇم يوقما؟

_ ئۇ سىزنى قىز دوستى دەپ ئېتىراپ قىلماپتىكەن. سىز ئۆزىڭىز كەينىگە كىرىۋاپسىز. ئۇ توي قىلىمەن دېسە، توي قىلسىڭىزمۇ مۇناسىۋىتىمىزنى بۇمايلى دەپسىز..

_ ھاھا..ھاھا..ئاجايىپ ئادەملەر بولىدىكەن.. بۇ گەپلەرگە ئىشەندىڭىزما؟

_ ئىشەنمەي دېسەم ئىسپات تولۇق تۇرسا..

_ دېرىكتور، سىز خېلى ئەقىللىق قىزتىڭىزغۇ..

_ ئەقىللىق بولغاچقا يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلاي دەۋاتىمەن. سىز بىلەن نەچچە يىللىق باشلىق خىزمەتچى مۇناسىۋىتىمىز بولغاچقا يۈزنى ئۆرۈمەي ئىشتىن بوشىتاي دېدىم..مەندىن باشقا ئادەم بولغان بولسا سىزنى بۇنداق ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىۋەتمەيتتى..

 ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ئۇنتۇش ئۈچۈن بارلىق مۇھەببەت پاراڭلىرى ۋە سۈرەتلەرنى يۇيىۋەتمىكىن ئۈچۈن پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم. بىر كۈنلەردە بۇنداق قارىلىنىشىمنى بىلگەن بولسام، ھېچقانداق نەرسىنى يۇيماي تولۇق ئىسپات ئېلىپ قويغان بولاتتىم.

  _ دېرىكتور، سىزنى بەك مۇنەۋۋەر دەپ ئويلايتتىم. مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر تۇرۇپ قانداقسىگە مۇھەببەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئىلىنىپ قالغانسىز.. ئاق قارىنىمۇ ئايرىماس بولۇپ قاپسىز..بەكلا ئۈمىدسىزلەندىم..

  _ بۇنداق دېيىش ئارقىلىق، يولدىشىڭىزنى مەن ياخشى كۆرسەم بولىدۇ دېمەكچىمۇ..

  _ ئۇنداق ئەمەس. مەن يولدىشىڭىزنى ياخشى كۆرمەيمەن..مېنىڭ يولدىشىم بار،_ بۇ گەپنى دېگۈچە يۈرىكىم ئېغىشىپ قويدى، چۈنكى ئۇنىڭ مەندىن ئاجرىشىپ كېتىشىگە ئاز قالغانىدى.

  _ مەن سىزگە ئىشەنمەيمەن. شۇڭا يولدىشىم ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرمىسام بولمايدۇ..

  _ مېنىڭمۇ يولدىشىڭىزدىن يىراقلاپ كەتكۈم بار ئىدى..بۇمۇ ياخشى بولدى..

  _ بۇ ئايلىق مائاشىڭىزنى مالىيە ئىشخانىسىغا كىرىپ ھېسابلىۋېلىپ ماڭسىڭىز بولىدۇ..

  دېرىكتورنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدىم.

  _ نېمە بولدى؟ بەك قارايسىز..پىكرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ..

_ دېرىكتور، پاراڭ خاتىرىسىنى قايتىدىن ياسىغىلى بولىدۇ..گەپنىمۇ يالغاندىن دېگىلى بولىدۇ..لېكىن ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ..بۈگۈن مېنى مۇشۇ سەۋەبتىن قارلىسىڭىز ئەتە ئۆگۈن ھەقىقەت يەنىلا سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ، شۇ چاغدا ۋىجدانىڭىزنىڭ سورىقىغا چىدىيالامسىزكىن..

_ مېنى قارغاۋاتامسىز.. قىزىق..خاتالىقنى ئۆزىڭىز قىلىپ يەنە گېپىڭىز چوڭغۇ..

_ ياقەي.مەن پەقەت سىزنى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ قارار چىقارماڭ دېمەكچى..

_ بولدى، ماڭا ئىش ئۆگەتمەي. ماۋۇ ھۆججەتكە قول قويىۋېتىڭ..

 دېرىكتور ئۈستەل ئاستىدىن ئىستىپانامىنى چىقاردى. ئىستىپانامىغا قوشۇلۇپ يەرگە چۈشكەن نەرسىنى كۆرۈپ قولۇمغا ئالدىم. بۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بولۇپ، بىزدەك ساغلاملىق بويۇملىرى ئىشلەيدىغان شىركەتتە، يەنە كېلىپ دېرىكتورنىڭ ئىشخانىسىدا ئېغىزى ئېچىلغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بولغىنىغا ھەيران قالدىم.

_ بۇ..

_ ھە..بۇ..مېنىڭ نەرسەم..

ئۇ قولۇمدىن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئالدى-دە، ئالدىراپ تارتمىسىغا سالدى.

_ ھاھا..بەك قىزىق ئىش ھە..مېنى ئىشتىن ھەيدەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويۇپتىكەنسىزدە..

_ سىز نېمە دېمەكچى..

_ ھېلىقى كۈنى مەن تېيلىپ يىقىلغاندا يەردىكىسى نەق مۇشۇنداق سۇيۇقلۇقتى..

_ شۇڭا نېمە دېمەكچى؟ مېنى چوڭ دېرىكتور تۇرۇپ يەرگە بىر نەرسە چېچىپ قويدى دېمەكچىما..

_ ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس. چۈنكى شۇنداقلىقى ئېنىق. دېرىكتور. سىزنى بۇنچە كۆزى كىچىك دەپ ئويلىماپتىكەنمەن..بەكلا ھەيران قالدىم..

_ نېمە دەپ ئويلىسىڭىز مەيلى. قول قويۇپ بۇ شىركەتتىن كېتىڭ..

_ راستىنلا ماسلىشىدىغانلار توي قىلىدىكەن. بۇرۇن ئۇ سىزنى تاللىغاندا ھەيران قاپتىكەنمەن، ئەمدى تولۇق ھېس قىلدىم. ئىككىڭلار راستىنلا بەكلا ماسلىشىدىكەنسىلەر.. چۈنكى ئادىمىيلىكىڭلار ئوپمۇ ئوخشاشكەن..

ھۆججەتكە قول قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم.

_ بولدى، ئەمدى مالىيە ئىشخانىسىدىن مائاشىڭىزنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ..

_ مېنى يارىلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن پىلانىڭلارغا يېتەلمىدىڭلار، مەن يىقىلغان بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئەمدى سىلەرنى يىقىتىمەن..

_ ھاھا.. ئاۋال تۇرمۇش مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىپ ئاندىن مېنى يىقىتىڭ...

ئىشىكنى جاڭڭڭىدە ياپقاندىن كېيىن مالىيە ئىشخانىسىغا كىردىم.

_ بۇ ئايلىق مائاشىڭىز تۇتۇلغان پۇلنى چىقىرىۋەتكەندە 3000 چىقىپتۇ.

_ نېمىلەرگە تۇتۇلۇپتۇ؟ 5000دىن 2000 يۈەن تۇتقان بارمۇ؟

تالوننى قولۇمغا ئېلىپ «خىزمەتدىشى بىلەن پاراڭلاشقان، دېرىكتورنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان، خىزمەتكە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان» دېگەندەك ئاقماس سەۋەبلەرگە قاراپ ھەيران قالدىم. ياندىكى خىزمەتدىشىمنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ ھەممىسى ماڭا ئارتىلغانىدى.

قولۇمنى قويىۋېتىپ مائاشنى ئېلىپ ياندىكى خىزمەتدىشىمنىڭ ئالدىغا كەلدىم.

_ مەن كېتىدىغان بولدۇم..

_ شۇ..شۇنداقمۇ..تازىمۇ بىر ئىش بوپتۇ..

خىزمەتدىشىمنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ زالغا ئېلىپ چىقتىم.

_ سىزدەك يۇمىلاق تاۋۇز ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن.. بار غەيۋەتنى ئۆزىڭىز قىلىپ، مېنى گەپكە تۇتۇپ ئاخىرىدا ھەممىنى ماڭا ئارتىپ قويۇپسىز ھە..

_ ئۇنى مەن يازمىدىم. مەندىن كۆرسىڭىز بولمايدۇ،_ دېدى ئۇ كۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپ.

_ مەن تېخى پۇرسەتنى سىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن كۈچەپ كېتىپتىمەن. دېرىكتورنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ پۇرسەتنى سىزگە بېرىشنى ئۆتۈنۈپتىمەن..

_ ئۇ پۇرسەتنى سىز ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەرمىدىڭىز.. ئىشخانا مۇدىرى بەردى..كىم سىزنى ئۇنداق قىلسۇن دېدى..مەن سىزنى ماڭا بىر ئىش قىلىپ بېرىڭ دېدىمما..قىزىق..

_ ھاھا..ياخشى.. ئەسلى ھەممىڭلارنىڭ تىلى بىركەن..

_ مېنى قوشىۋالماڭ. مەن خىزمەتنى ياخشى قىلغاچقا بۇ ئورۇنغا ھەم بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتىم..

_ بۇنداق ئېرىشكەن پۇرسەت ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئالدىراپ خوش بوپ كەتمەڭ..

_ ماقۇل ئاچا.. ماڭا تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت..

ئۇ ماڭا ئالىيىپ قويۇپ ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى. خىزمەت مەيدانىدا دوستلۇقنىڭ بولمايدىغانلىقىغا بۈگۈن تولۇق ئىشەندىم.

مائاشىمنى ئېلىپ دۇكاندىن يەيدىغان نەرسىلەرنى ئالغاندىن كېيىن ئۆيگە كىردىم-دە، ئۈستەلگە قويدۇم.

«يولدىشىم» ياتاق ئۆيدىن چىقىپ ئۈستەلدىكى يەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.

_ نېمانچە كۆپ نەرسە بۇ..ئىشتىن بالدۇرلا چۈشۈپسىزغۇ..

_ سىزمۇ كېلىڭ..بىللە يەيمىز..

_ نېمىش بولدى، سىز ئادەتتە بۇنداق نەرسىلەرنى يېمەيتتىڭىز..بىرەر ئىش بولدىما..

_ ئاۋال ئولتۇرۇڭ. بىربىرلەپ دەپ بېرىمەن..

ئۇ ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ماڭا تىكىلىپ قارىدى.

_ كۆزىڭىز قىزىرىپ كېتىپتۇ. يىغلىدىڭىزما؟

_ ياقەي..ماۋۇ نەرسە ئاچچىقكەن،_ ئۇنىڭغا ئالدىمدىكى نەرسىنى تەڭلىدىم.

ئۇ ئاغزىغا سېلىپ بېقىپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي ماڭا قارىدى.

_ ئاچچىق ئەمەسكەن..يالغان سۆزلىمەڭ..

يانچۇقۇمدىكى مائاشتىن 2000نى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم.

_ مائاشىمنى ئالدىم. ماۋۇ سىزنىڭ مېنى دوختۇرغا كۆرسەتكەن، كىيىم ئېلىپ بەرگەن پۇلىڭىز بولسۇن..بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ھازىر بېرەلمەيمەن.. قەرز ھېسابلاپ تۇرۇڭ. كېلەر ئاي چوقۇم بېرىمەن..

ئۇ پۇلنى تۇتقىنىچە ھەيران قالدى.

_ زادى، نېمىش بولدى؟ ماڭا دەڭە.. سىز باشقىچىلا..

_ مەن خىزمەتتىن ھەيدەلدىم..ھاھا..30 ياشتا خىزمەتتىن ھەيدەلدىم..

_ ئالدىنقى ئىش ئۈچۈنما؟

_ ياق.. ئۇ پەقەتلا مېنى ھەيدەش ئۈچۈن تەييار قىلغان باھانىكەن..

_ نېمىش بولدى، ئالدىرىماي دەڭە..

_ سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي دېگەندەك ئىش بولدى..ئاۋۇ ناكەس پاراڭ خاتىرىسىنى يالغاندىن ياساپ ئايالىغا كۆرسىتىپ، مېنى كەينىگە كىرىۋالدى دەپتۇ..ئۆزى ھەركۈنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ مېنى كىرىپ ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلدى دەپتۇ..ھاھا.. كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ دەپتىكەن..

_ ئۇنىڭ ناچارلىقىنى مەن كۆرۈپلا ھېس قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا قانداقمۇ تاللاپ قالغانسىز..

_ مەنمۇ ھەيران، مۇھەببەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قىزلارنىڭ كۆزى راستىنلا كور بولۇپ قالىدىكەن..

_ ئۇنىڭ سىزنى ئالمىغىنىمۇ بوپتۇ..بولمىسا تويدىن كېيىن تېخىمۇ ناچارلىق قىلاتتى..

_ ئۇنىڭ ناچارلىقىغا ھەيران قالمايمەن. لېكىن دېرىكتورنىڭ بۇ گەپكە ئىشەنگىنىگە ھەيران قېلىۋاتىمەن..
_ مەن سىزگە دېدىمغۇ، ئۇنى بەك مۇكەممەل دەپ ماختاپ كەتمەڭ. شۇ ئەرنى تاللىغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىمۇ مەسىلە بار دېگەن گەپ دەپ..

_ ئەڭ قىزىق گەپنى دەپ بېرەي..ھەيران قالىسىز..

ئالدىندىكى قەھۋەنى ئېچىپ تولۇق ئىچىۋەتتىم.

_ ۋوي، قەھۋە دېگەننى ئالدىرىماي، ئىچىدىغان، قايناقسۇ ئىچكەندەك تىنماي ئىچىۋەتتىڭىزغۇ...

_ قانداق قىلىمەن. مەن ھاراق ئىچمەيمەن..شۇڭا ئۆچۈمنى قەھۋەدىن ئېلىۋاتىمەن..

ئۇ قولۇمدىن قەھۋەنى ئېلىۋېتىپ سۈت تۇتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن يېنىمدا ئولتۇردى.

_ قەھۋەنى بۇنداق بېسىپ ئىچسە بەدەنگە زىيانلىق..

ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم.

_ ماڭا كۆيۈنمىسىڭىز بولاتتى.. مەن ئادەملەرگە ئۆچ بوپ كەتتىم..

يىغلاشقا باشلىدىم.

_ ئۇنداق قىلماڭ.. باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى دەپ ئۆزىنى جازالاش خاتا ئىش..

_ ئۇ كۈنى يەرگە نەرسە چېچىپ قويغىنىنى باشقىلارمىكىن دەپتىمەن.. ئەسلى دېرىكتور ئۆزىكەن..

_ ھەي..بۇ ئىشنى كۆرۈڭ..سىز تېخى ئاۋۇ ناچار ئوغۇل دوستىڭىزمىكىن دېگەن..

_ شۇ..ئۇ قىلسا مەن ھەيران قالمايتتىم، لېكىن دېرىكتورنىڭ قىلغىنىغا ھەيران قالدىم..مەسىلەن شۇ كۈنى پۇتۇم قايرىلماي سۇنۇپ كەتكەن بولسا قانداق قىلاتتى..

_ سۇنۇپ كەتسىمۇ ئۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش ئىدى..

_ يەنە ھېلىقى يېنىمدىكى خىزمەتدىشىم. ئۇ كۈندە يېنىمغا كېلىپ دېرىكتور بىلەن يولدىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، ئاخىرىدا ماڭا دۆڭگەپ قويۇپتۇ..

_ خىزمەت مەيدانىدا مۇشۇنداق ئادەمدىن قورقسىڭىز بولىدۇ..ئۇلار بار گەپنى ئۆزى قىلىپ سىزگە ئىتتىرىپ قويىدۇ..ۋاقتى كەلگەندە ھېچنېمە قىلمىغاندەك پاكىز بولىۋالىدۇ..

_ ئۇ خىزمەت كۆرسەتكەچتە ئۆسۈپتۇ..ئىشخانا مۇدىر ياردەمچىسى بوپتۇ..ھاھا..

_ شۇڭا خىزمەت قىلغاندا بىر كۆزىڭىزنى كەينىدە قويۇڭ..ھېچكىم سىز بىلەن ھەقىقىي دوست ئەمەس..خىزمەت مەيدانى پەقەت پايدا مەنپەئەت سورۇنى، ئۇلار بىلەن ئادىمىيلىك ئالاقىسى قىلسىڭىز پۇشايماندا قالىسىز..

ئۇنىڭغا ئۆرۈلۈپ قارىدىم.

_ سىز..سىز نېمىشقا مۇشۇنداق مۇكەممەل..نېمىشقا ھەممە نەرسىنى بىلىسىز..

_ ياتاق ئۆيۈمدىكى كىتابلارنى كۆرگەنسىز، گەرچە پۇلۇم بولمىسىمۇ كىتاب كۆرىمەن..شۇڭا ئانچە مۇنچە بىر نەرسە بىلىمەن. لېكىن مۇتلەق توغرا بولىشى ناتايىن...

ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم. ئۇ كۆزىنى باشقا ياققا يۆتكىۋالدى.

_ خىزمەتتىن ئايرىلدىم.  سىزمۇ مېنى تاشلاپ كېتىسىز.. ھېچنېمەم قالمىدى..

سافاغا يۆلەندىم.

_ قىزىق ئىش. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا توي قىلىپ يەڭدىم دەپ ئويلىغانتىم. ھاھا..مەن تەلتۆكۈش ئۇتتۇردۇم.. سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم. نېمىلا قىلسىڭىز ئوخشاشلا ياخشى كۆرمەيمەن..

_ تېخىچە ئۇنى ئويلاۋاتامسىز..مۇشۇلارمۇ ئۇنتۇشىڭىزغا تولۇق سەۋەب بولالمامدۇ..

_ ياق. ئۇنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن بۇنداق دەۋاتمايمەن.. پەقەت ئۆزۈمگە ھەيران قېلىۋاتىمەن. يا مۇھەببەتتە يا كەسىپتە ئۇتۇق قازىنالمىدىم..ياشاشنىڭ پەقەتلا ئەھمىيىتى قالمىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن..

_ سىز تېخى 30ياش..ماڭىدىغان يولىڭىز ئۇزۇن..بۇنداق دېمەڭ..

ياشلىرىم تۆكۈلۈپ ياقامنى ھۆل قىلىۋاتاتتى.

_ ھەي، بۇ كىيىم بەك قىممەت. ھۆل قىلىۋەتمەڭ..

كۈلۈپ كەتتىم.

_ سىزمۇ پەقەت شۇ پۇلغا كۆڭۈل بۆلىسىز.. ماڭا ئەمەس..

_ مەن سىزنى يىغلىماڭ دېمەكچى..نەدىكى ئەرزىمەس ئادەملەر ئۈچۈن يىغلاپ نېمە كەپتۇ..

_ بۇ جاھاندا ئادالەت بارمىدۇ..نېمىشقا ياخشىلار قارىلىنىپ يامانلار خوشال ياشايدىغاندۇ..

_ دۇنيادا خىزمەت تۈگەپ كەتكىنى يوق، بۇنداق ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ. سىز ئەمدى 30ياش..60 ياشتىمۇ خىزمەت تېپىپ گۈلدەك ياشايدىغانلار بار..

_ سىزگە دېيىش ئاسان..

_ بۇنچىلىك ئىشلارغا بوشىشىپ كەتسىڭىز، كېيىن قانداق ياشايسىز..سىزنى زادى ئۆزگەرتمىسەك بولماپتۇ..

_ بولدىلا..ئۆزگەرگۈم يوق..

_ قاراڭ. ماۋۇ ئاياللارنى كۆردىڭىزمۇ..ئەڭ ياش ئايال 45 ياشتىن كېيىن ئۆزگىرىپتۇ..سىز تېخى ياشلىق قىلىسىز..پۇرسىتىڭىز كۆپ..

ئۇ تېلىفونىدىكى بىر ئۇلانمىنى ماڭا كۆرسەتتى. تېلىفوننى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.

_ مەن سىزگە تاماق قىپ بېرەي..بۇنداق نەرسىلەرنى يېسىڭىز بولمايدۇ..

«يولدىشىم» چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئېكراندا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان دېرىكتورنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. قۇبۇل قىلىپ گېپىنى ئاڭلاپ باققۇم بولسىمۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئامالسىز رەت قىلىش كۇنۇبكىسىنى بېسىۋەتتىم. ئارقىدىنلا بىر پارچە ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم. دېرىكتورنىڭ ئۇچۇرى ئىدى.

ئۇچۇرنى بېسىشقا شۇنچە تىرىشساممۇ قولۇم بارمايۋاتاتتى.

 

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章