دىللاردا سەنەم129-قسىم

文摘   2025-01-29 20:55   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى

تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى

بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .

دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم

ـ-

-شۇنىڭدىمۇ بىر سەۋەب باردۇ بالام؟ بىكاردىن بىكارغىمۇ ئۇنداق قىلمىغاندۇ؟ سىزدىن سەۋەنلىك ئۆتمىسە بىكارغا ئۇنداق قىلىدىغانغا ئاڭسىز، بىغەرەز بالا ئەمەس ئۇ، ھېچ بولمىسا سىزنى ئۆيدىن ھەيدىۋېتىشتىن بۇرۇن سىزنىڭ دادىڭىز بولغان مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ، كۆڭلۈمنى ئازراق بولسىمۇ ئاياپ قوياتتى، ئارىدا چوقۇم سىزدىن كۆڭلى بەكلا ئاغرىغان بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ، شۇنداقمۇ؟

سەيدۇللا باي قىزىنىڭ گېپىنى زەن قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن شۇنداق دېدى. يالغان ئېيتىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان، بۈگۈن يالغان ئېيتسا ھامان بىر كۈنى ئاشكارا بولۇپ قالىدىغان بۇ سۇئالغا ئېنىق جاۋاب بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئايچېھرە خېنىم ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئاۋازىنى پەس قىلىپ:

-شۇ... سىلى ئېيتقاندەك بالىنىڭ ئىسمىنى دانىيار قويغانلىقىمغا خاپا بولدى، شۇ ئىشقا رەنجىپ خېلى ئۇزۇن چالۋاقاپ سۆزلىدى، ئاندىن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپمۇ قويماستىن باش خىزمەتكارغا بۇيرۇپ مېنى مۇشۇ ئۆيگە ھەيدەپ قويدى،- دېدى.

-مانا ئەمەسمۇ، كۈيئوغۇل بالىلا ئەمەس، ھەرقانداق ئەر كىشىنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ مۇنداق ئىشتا، دانىيار ئاكىڭىز بىلەن بولغان ئۇ كۆڭۈلسىز ئىشلاردىن خەۋەر تاپمىغان بولسا ياخشى ئىدى، خەۋەر تېپىپلا قالدى، ئەلۋەتتە كۆڭلىگە كېلىدۇ، يا بىزمۇ ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىرەر چۈشەنچە بېرىشكە ئۈلگۈرۈپ بولالمىدۇق، ئەمدى بۇ ئىشلارنى ياخشىلايلى دەپ تۇرغاندا بالىڭىزنىڭ ئىسمىنىمۇ نەۋرە ئاكىڭىز بىلەن ئوخشاش قىلىپ قويىۋالغىنىڭىز زادى ياخشى بولمىغان، بۇ ئىشتا ھەقىقەتەن بىزدىن ئۆتۈپ كەتتى، توغرىسىنى ئېيتقاندا سىزدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئەينى چاغدا مۇنداق قىلمايلى دېسەم ئۇنىمىدىڭىز، بۇ پىشانىڭىزگە قويغىنىم ئەمەس، ھازىر بولسىمۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرايلى، ئاندىن سىزنى ئۆيىڭىزگە چىرايلىققىنە ئاپىرىپ قويۇپ كېلەيلى، بۇ بىزنىڭ بېشىمىزدىكى قەرز، ئادا قىلمىساق بولمايدۇ،- دېدى سەيدۇللا باي ئايچېھرە خېنىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

-بارغۇم يوق دادا، مەن بارمايمەن، بۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالىمەن، يامان بولسا ئۆزى يالغۇز ئاشۇ ئۆيدە تۇرۇپ باقسۇن، بالىسىنى سېغىنىپ باقسۇن، مېنىڭ يوقلىقىمنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ باقسۇن، ئىشقىلىپ بەك رەنجىدىم بۇ قېتىم، ھەرگىز بارمايمەن،- دېدى ئايچېھرە خېنىممۇ جاھىللىقنى ئاخىرغىچە قىلىپ.

-سەۋەنلىك سىزدىن ئۆتمەي ئۇنىڭدىن ئۆتكەن بولسا بارمىسىڭىز ئەلۋەتتە بولاتتى، بارىمەن دېسىڭىزمۇ بىز ئۆزىمىز قويمايتتۇق، لېكىن ھازىر سەۋەنلىك سىزدىن ئۆتتى، ئۆزىمىزنى سورىمىساق بولمايدۇ، خەق ئاڭلىسىمۇ قوڭىدا كۈلىدۇ، «سەيدۇللا باي قىزلىرىنى مۇشۇنداق تەربىيەلەپتىكەن» دەپ ئەيىبنى بىزگە قويىدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى، ھازىر دېگەن بالىڭىزنىڭ دادىسىغا ئەڭ مۇھتاج ۋاقتى، مۇشۇنداق چاغدا ئۇلارنى ئايرىۋەتسەك ياخشى بولمايدۇ جېنىم بالام، مۇشۇ بىر قېتىم گېپىمنى ئاڭلاڭ، بۇنىڭدىن كېيىن يامانلاپ كەلسىڭىز سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە قىلايلى،- دېدى سەيدۇللا باي يەنە ئۇنىڭغا يالۋۇرغانچىلىق قىلىپ. بۇ قېتىم ئايچېھرە خېنىم داۋاملىق جاھىللىق قىلالمىدى، گەرچە دادىسىنىڭ گېپىگە ئۇنىغۇسى بولمىسىمۇ، قايتا- قايتا يالۋۇرۇشلاردىن كېيىن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، نارازىلىق بىلەن لەۋلىرىنى چىشلەپ ئاستا بېشىنى لىڭشىتتى.

-ۋوي راست، ئاشۇ بالىنى قايتىپ كەلدى دەپ ئاڭلاپ ئۆزۈم بارالمىغاچقا دادىڭىز بىلەن شەرۋانخانىنى يوقلاپ كېلىڭلار دەپ ئەۋەتىۋېدىم، چۈشۈپ قالغان ئەھۋالىنى ئەينەن سۆزلەپ كەپتۇ پۇتلىرىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ دەپ. نېمە بولۇپ پۇتلىرىدىن ئايرىلىپ قاپتىكەن؟- دەپ سورىدى سائادەت خېنىم بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ھامان سورىماي بولمايدىغان بۇ گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ.

ئەلۋەتتە، نۇركامىل بايۋەتچە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىرھازا يىغا- زارە ۋە قىزغىن كۆرۈشۈشلەر بولدى. شۇ چاغدا نۇركامىل بايۋەتچە مومىسىنىڭ كېسىلىپ كەتكەن پۇتلىرىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن ھالدا سورىغان ۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئايچېھرە خېنىممۇ بۇ گەپلەرنى شۇ چاغدا ئېرى بىلەن مومىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان ئىدى....

(201)

نۇركامىل بايۋەتچە سەيدۇللا باي قەسرىدە قىزى بىلەن دادىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالغاندىن كېيىن، كەينىگە يانغان پېتى ئۇ قورۇدىن چىقىپ كېتىپ ئۆز ئۆيىگە كەلدى ۋە ھۇجرىسىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۇزاقتىن- ئۇزاق خىيال سۈرۈپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭداشتى. شۇ تەرزدە ئۇ خوتۇنىنى كەچۈرىۋېتەي دەپ قانچە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ھەرگىز كەچۈرەلمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئويلاپ يەتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كۆيۈكنىڭ تارتۇقلۇقى قېلىپ چىرايى بەتبەشىرە بولۇپ كەتكەن، يا ئۆزىگە بېغىشلىغان مېھرى- مۇھەببىتىنىڭ تايىنى يوق، مۇئامىلىسى تېخى ئىلمان سۇدەكلا بۇ خوتۇننى «كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى ياخشى كۆرۈپ قالار» دېگەن ئۈمىد بىلەن كۆزىگە قاراپ ئەتىۋارلاپ كەلگەن بىر ئەر تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، باشقا بىر ئەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلسە، بۇ ھەقىقەتنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالايدۇ؟ ئۇمۇ ھەم ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ تەرىپىنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزەلمىدى. كەچۈرگۈسىز خورلۇق، پايخان بولغان مۇھەببىتى ۋە ئەقىدىسىگە ئېغىردىن ئېغىر ھار كەلگەن بۇ ئىشنى ئۇ ھەرگىزمۇ كۆڭلىدىن چىقىرالمىدى. شۇڭا ئايچېھرە خېنىم كەلگەن ھامانلا ئۇنىڭ خېتىنى بېرىپ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنىمۇ ئويلىدى. ئەمما ئۇنداق قىلسا ئايچېھرە خېنىمنىڭ يۈزىگە سەت بولاتتى. ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى خوتۇنلۇققا  ئالىدىغان يەنە بىرەر ئەر كىشىنىڭ چىقمىقى بەشى مۈشكۈل ئىدى. سىرتتا خەقلەر «نېمە ئۈچۈن ئاجرىشىپ كېتىپتىكەن؟» دەپ قالسا «ئايچېھرە خېنىمنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن» دېسىمۇ ئۇنىڭ نامىغا داغ چۈشىدىغان بىر ئىش بولاتتى.

نۇركامىل بايۋەتچە يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۆزى بىلەن ئۆزى ئۇزاق كېڭەش قىلغاندىن كېيىن، بۇ دەردنى ئۆزىلا تارتىپ ئۆتۈپ كېتىش، ئايچېرە خېنىمنىڭ نامىغا داغ قوندۇرماسلىق قارارىغا كەلدى ۋە ئۇ قايتىپ كەلمەستىن دەرھال نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، دادىسىغا ئىككىلىك خەت يېزىپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قويۇپ، ھېچكىم كۆرمەستە ئاستا ئۆيدىن چىقتى...

ئۇ ئۆيدىن شۇ چىقىپ كەتكىنىچە ھېچ يەردىن ئىز- دېرىكى بولمىدى. نەگە بېرىپ نەدە تۇرغانلىقىنىمۇ ھېچكىم بىلمىدى. دادىسىغا قالدۇرۇپ قويغان خېتى بولسا «كېلىنلىرىنىڭ مەن بىلەن ئۆتكۈسى يوق ئىكەن، دادىسى مەجبۇرلاپ تۇرىۋالغانلىقتىن ئامالسىز قېلىپ ماڭا تېگىپتىكەن، بۇ ئىشتىن بۈگۈن خەۋەر تاپتىم ھەم كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ماڭا كۆڭلى يوق بىر ئايالنى زورلاپ تۇتۇپ قالالمايمەن، مەن كېتىپ ئىككى- ئۈچ ئايلاردىن كېيىن ئوغلۇم ئەمدى كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ ئۇنى ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويسىلا، مېنىڭ ئورنۇمدا ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋەتسىلىرى تېخى خۇش بولىمەن، ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ بىرەر مەزگىلدىن كېيىن مەنمۇ قايتىپ كېلىمەن، بۇ ئۆيدىن خەۋەر تىڭتىڭلاپ تۇرىمەن، ئەگەر ئۇ بۇ ئۆيدىن كەتمىسە مەن ھەرگىز قايتىپ كەلمەيمەن، ئاخىرقى مەقسىتىم ئەمدى بۇ مۇناسىۋەتنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇش، چۈنكى ئارتۇقچە كۆڭۈل ئاغرىقىنى خالىمىدىم، جېدەللىشىپ ئارىنى بۇزۇپ يۈرگەندىن كۆرە مۇشۇنداق ھەل قىلساق ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى تىنجىيدۇ ھەم ئىشلار جايىدا بېسىقىدۇ، ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ ئىشلارنى بېجىرىۋەتسىلە دادا، ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا، ۋاقتىنچە يانلىرىدا بولالمايدىغان بولدۇم، ئەقىلىسىز ئوغۇللىرى نۇركامىلدىن» دېگەن مەزمۇندا ئىدى.

نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ دادىسى بۇ خەتتىن خەۋەر تېپىپ ئوغلىنى ئىزدىگەندە ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ بولغانلىقىنى بىلدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ مىنىدىغان ئېتىمۇ ئېغىلدا يوق بولۇپ، ئات مىنىپ يولغا چىققان بىر ئوغۇلنى ئىزدەپ دەرھاللا تېپىۋېلىش تەس ئىش ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىچارە دادا ھەر ياقلارغا ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى نەچچە كۈن ئىزدىگەن بولسىمۇ قىلچە خەۋىرى بولمىدى. ئوغلىدىن خەۋەر ئالالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خەتتە ئېيتقان ئىشلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشىغا، تۇيۇقسىز ئايچېھرە خېنىمنىڭ بويىدا بارلىقى مەلۇم بولدى. بۇ تۇرقىدا ئۇنى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش مۇمكىن بولمىدى. نۇركامىل بايۋەتچە خېتىدە «بۇ ئۆيدىن خەۋەر تىڭتىڭلاپ تۇرىمەن» دېگەن بولغاچقا، «شۇنداق بولغاندا ئۇ خوتۇنىنىڭ بويىدا بارلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپالايدۇ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپسا چوقۇم ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كېلىدۇ» دېگەننى ئويلاپ، ئايچېھرە خېنىمنى ئاپىرىپ قويۇش ئىشىنى كېچىكتۈرۈپ تۇردى. لېكىن ئاي- كۈنلەر بىر- بىرىنى قوغلاپ خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇ قايتىپ كەلمىدى. ئايچېھرە خېنىمنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلىشىشقا قەدەر ئوغلىدىن تولا ئەنسىرەپ كېچە- كۈندۈز ئۇيقۇسىز، غىزاسىز قالغان بىچارە دادا ئاخىرى ئاجىزلاپ، تېنىنى كېسەل چېقىپ كەتتى ۋە شۇ كېسەل بىلەن قازا قىلىپ ھەممەيلەننى ھەسرەتتە قويدى.

ئەمەلىيەتتە نۇركامىل بايۋەتچە خورجۇننىڭ بىر پېيىنى لىق نان ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن توشقۇزۇپ، يەنە بىر پېيىغا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتابلىرىنى، يېزىقچىلىق ۋە ھۆسنىخەت ماھارەتلىرىدە ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلىرىنى قاچىلاپ ئاتقا ئارتىپ يولغا چىققان بولۇپ، كىيىۋالغان قىممەت باھالىق كىيىملىرى، مىنىۋالغان ئېسىل نەسىللىك ئېتى ۋە خورجۇنىدا پۇسكىيىپ تۇرغان ئۇ نەرسىلەرگە بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ بالىسى ئەمەسلىكىنى، بىر قىسىم مال- مۈلۈك قاچىلانغان خورجۇننى ئېلىپ ئۇزاق سەپەرگە چىققانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.

دەل مۇشۇ بىلىۋېلىش تۈپەيلىدىن يۇرتتىن ئايرىلىپ بىر سايلىققا ئۇلاشقاندا ئۇنىڭ كەينىدە ئۈچ- تۆت قاراقچى پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ قاراقچىلارنىڭ قەيەردىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىكى نامەلۇم ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزى نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ مىنىۋالغان ئېتى ۋە خورجۇنىدىكى نەرسىلەردىلا ئىدى. ئالدىدا نۇركامىل بايۋەتچە، كەينىدە ھېلىقى قاراقچىلار ئىز بېسىپ مېڭىپ، ئادەمسىز سايلىققا ئۇلاشقاندا ھەممىسى يوپۇرۇلۇپ كەلگىنىچە نۇركامىل بايۋەتچىنى ئارىغا ئېلىۋالدى ۋە ئۇنى بۇلىماقچى بولدى. ئەزەلدىن مۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغان بايۋەتچە ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلگەندىن كېيىن، تۇتۇق بېرىشنى ياكى چىرايلىقچە سۆزلىشىپ ھەل قىلىشنى خالىمىدى ھەمدە ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپلا سايلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ قاچتى. ئۇنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەن قاراقچىلارمۇ تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كەلدى. ئۇ قېچىپ، بۇ قوغلاپ قاق يېرىم كۈن شۇ تەرزدە ئۆتكەندىن كېيىن سايلىقنىڭ يەنە بىر چېتىگە چىقىپ قالغاندا ئاخىرى ئاتنىڭ داۋاملىق چېپىشقا ماغدۇرى يەتمىدى. نۇركامىل بايۋەتچىمۇ ئۇسساپ ھالىدىن كەتتى. خورجۇننىڭ بىر پېيىدا كىچىك قاپاققا ئېلىنغان سۇ بار ئىدى، ئەمما كەينىدىنلا قوغلاپ كېلىۋاتقان قاراقچىلاردىن قېچىۋاتقان بولغاچقا، ئاتنى توختىتىپ، قاپاقنى ئېلىپ بىر يۇتۇم سۇ ئىچىۋېلىشقا ئىمكان بولمىدى. ئاتنىڭ داۋاملىق چېپىۋېرىشكە مادارى يەتمەي، مۈدۈرۈپ ئالدىغا يېقىلغاندىلا نۇركامىل بايۋەتچە ئات ئۈستىدىن موللاق ئېتىپ غولاپ چۈشتى. يىقىلغان يېرىدىن تۇرۇپ ئۈستىباشلىرىنى قېقىشتۇرۇپ، كۆزىگە كىرىپ كەتكەن قۇمنى ئادالىغىچە ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن قاراقچىلارمۇ ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى ۋە ئاتلىرىدىن سەكرەپ چۈشكەن پېتى ئۇنى تۇتۇپ، قوللىرىنى كەينىگە قايرىپ بېشىنى ئەگدى...

قاراقچىلار نۇركامىل بايۋەتچىنى چەمبەرچەس باغلاپ تىزلاندۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خورجۇنىدىكى نەرسىلەرنى تۆكۈپ ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئەپسۇسكى، خورجۇننىڭ بىر پېيىدىن نان، ئۈزۈم، ياڭاق، بىر قاپاقتا سۇ دېگەندەك نەرسىلەر چىقتى. يەنە بىر پايدىدىن كىتاب، دەپتەر، قەلەم، دۈۋەت، دېگەندەك نەرسىلەر تورۇكلاپ تۆكۈلدى. بايلىققا تەۋەدىن «باركەن» دېگىلى پەقەت نەچچە تەڭگە پۇل ۋە بىر دانە كۈمۈش ئۈزۈكلا بار بولۇپ، شۇ كۈمۈش ئۈزۈكنىمۇ دادىسى سوۋغا قىلغان ۋە ئۇ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ بارمىقىغا تاقاغلىق ئىدى. قاراقچىلار بۇ ئىشتىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ ئۇنىڭ قويۇنلىرىنى، ئۆتۈكلىرىنىڭ ئىچىلىرىدىن تارتىپ ھەممە يەرلىرىنى ئاختۇرۇپ چىقتى. ھېچنەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن كۆزلىرىگە ئىشەنمەي، كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ باشتىن ئاخىر يالىڭاچلاپمۇ باقتى. ئەمما ھېچ يەردىن پۇچۇق تەڭگىگە چاغلىق ئارتۇق نەرسە تاپالمىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن ئاچچىقى كېلىپ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ تۇرغاندا نۇركامىل بايۋەتچىمۇ نوچىلىقىغا ئېلىپ ئۇلارنى ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىدى ۋە يولىنى توسۇپ ئاۋارە قىلغىنى ئۈچۈن خېلى قاتتىق ھاقارەتلىۋەتتى.

ئەسلىدە باشتىلا نۇركامىل بايۋەتچە ئاتنىڭ بېشىنى بۇراپ قاچماستىن، توختاپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ نېمە ئىشلار سەۋەبتىن ئۆيدىن چىققانلىقىنى، يېنىدا مال- مۈلۈك يوقلىقىنى ئۇلارغا چىرايلىقچە ئېيتقان بولسا، ئۇلارمۇ بۇنىڭ كەينىدىن قاق يېرىم كۈن يول يۈرۈپ ھېرىپ چارچاپ ھالىدىن كەتمەس ئىدى. شۇلارغا قورسىقى كۆپۈپ قۇرۇق ئاۋارە بولغىنىغا ئاچچىقى كېلىپ ئاران تۇرغاندا نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ھاقارىتى ئۇلارنىڭ زىتىغا تېگىپ، ئاچچىقىنى نەچچە ھەسسىلەپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئاقىۋەت يۈز بېرىپ، قاراقچىلارنىڭ باشلىقى يېنىدىكىلىرىگە ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى سۇندۇرىۋېتىشنى بۇيرۇدى. بۇ چاغدا دېگەن گېپىگە پۇشايمان قىلىپ يالۋۇرۇشلارنىڭ، يىغلاپ ئۆتۈنۈشلەرنىڭ قىلچە پايدىسى بولمىدى. ئۇلار نۇركامىل بايۋەتچىنى تىزلىنىپ ئولتۇرغان يېرىدىن سۆرەشتۇرۇپلا ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئاتلىرىغا غانجۇغىلىۋالغان بىردىن كالتەكلىرىنى سۇغۇرۇپ كېلىپ، ھەر بىرى ئۇنىڭ پۇتىغا بىردىن ئۇرۇپ ئىككى پۇتىنى قاق تىزىدىن سۇندۇرىۋەتتى. قاش قارىيىپ، گۇگۇم پەردىسى يېيىلىشقا باشلىغان سايلىق نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازى بىلەن زىل- زىلىگە كەلدى. ئەمما بۇ ئاۋاز ئۈن يىتىم يەردىن يىراققا ئۇلىشالمىدى. قاراقچىلارمۇ ئۇنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ شۇ يەرگىلا ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىغا مىنىپ، ئۇنىڭ ئېتىنى يېتىلەپ، بايا ئۇنىڭ خورجۇنىدىن تۆگۈلگەن نان، باشقا يېمەكلىك ۋە سۇلارنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنى بىر نان، بىر سۇسىز شۇ سايلىقتا قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشتى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章