ئاشنسى ئۈچۈن ئايالىدىن كەچكەن ئەرنىڭ ئاقىۋتى؟ئاياللارھېيلسى132.ق

文摘   2025-01-27 20:46   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


يۇقاردا تەۋسىيە قىلىنغان تاش تۇز كۆرپىسى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز15022934483

  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم
ئاياللارھېيلسى123-قسم
ئاياللارھېيلسى124-قسم
 ئاياللارھېيلسى125-قسم
ئاياللارھېيلسى126-قسم
 ئاياللارھېيلسى127-قسم
ئاياللارھېيلسى128-قسم
ئاياللارھېيلسى129-قسىم
ئاياللارھېيلسى130-قسم
ئاياللارھېيلسى131-قسم


    
   
- تۈفېي-غەزەپتىن جالاقلاپ تىتىرەپ كەتكەن خانقىز، ھازازۇل ئايالنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى - قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا شۇ گەپلەرنى دەۋاتىسەن؟ سەنمۇ بىر ئانىمۇ، ئادەممۇ؟ سەن بىر ئانا تۇرۇپ، ئۆز قىزىڭنى ئىرىڭنىڭ قوينىغا سولاپ بىرىمەن دىيىشكە قانداق تىلىڭ بېرىۋاتىدۇ؟-ئۇ ئاچچىق كۈلدى - ھە راس! سىنىڭ تىگىڭدىن بىر بۇزۇق ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بىر ئىرىڭنىڭ خىيانىتىڭ بىلەن، يەنە بىر ئىرىڭنى مەينەت كىسىلىڭ بىلەن ئۆلتۈرىۋەتكەن سەندەك بىر پەسكەش خوتۇن ئۈچۈن بۇنچىلىك ئىش نىمىتى، ھەيرانمەن ئايتولۇن، شۇنچە يىلدىن بۇيان، دادام بىر قېتىممۇ چۈشۈڭگە كىرىپ باقمىدىمۇ؟ قوقمىدىڭمۇ؟ قانداق كۈندە ئۆلەرمەن دەپ ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سەندە ئۇنچىلىك ئويلىيالىغۇدەك ئەقىلمۇ يوق ئىدى راس، ماڭا مىنى سۇدا ئېقىتىۋەتمەي، ئوتتا كۆيدۈرىۋەتمەي باققىنىڭنى پەس قىلما ئايتولۇن، ئەسلىدە مىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولساڭ ياخشى بولاتتى، شۇنداق قىلغان بولساڭ،ئاشۇ ئېچىنىشلىق ھەم نەپرەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولاتتىم، سىنىڭ خورلاشلىرىڭ ھەم ھاقارەتلىرىڭنى قەلبىمە ئويۇپ، ھاياتىمغا نەپرەتنى يېزىپ، ياشىمىغان بولاتتىم، سەن تېخى ئۆزۈڭنى ماڭا ھاياتلىق بەردىم دەپ ئويلاۋاتامسەن ئايتولۇق، جۆيلۈپسەن، سەن مىنى ۋەيران قىلدىڭ، ئاشۇ قارا قوللىرىڭ بىلەن ھاياتىمنى نابۇت قىلدىڭ،مەن ئاللىقاچان ئۆلگەن،تېخى ئەمدى تەمتەم ماڭغۇدەك بىر گۈدەك قىزنى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەپ،بوينىغا ئۆزىدىن يوغان قاپ-تاغارلارنى ئارتىپ،ئوي ئېلىشىا، ئۆزىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان چىنە-قاچىلارنى يۇيۇشقا بۇيرىغان چېغىڭدىلا ئۇنى ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭ شۇنچىلىك گۈدەك،ھەم سەبى بىر قىز تۇرۇپ،تالاي كىچىلەرنى ۋەھىمە،ھەم قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ مەن ئۆلگەن  ئايتولۇنخان،سەن  ئۆزۈمدىن يوغان كەتمەننى ماڭا  تۇتقۇزۇپ، قېرىمدىكى كاڭكا لاينى ئادالاشقا بۇيرىغاندا، كەتمەننى كۆتۈرەلمەي كاڭكىغا دۈم چۈشكەن چېغىمدا، خۇددى جىنايەتچىنى پالاۋاتقان نازارەتچىدە، ماڭا قىلچىلىك ئىچ ئاغرىتماستىن، لايغا چىلنىپ ياتقان قىزىڭنى تارتىۋېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، كەتمەننىڭ دۈمبىسى بىلەن لايغا بېسىپ، دەسسەپ، پېتىقلىۋەتكەن شۇ چاغدىلا ئۆلگەن، مەن ئۆلگەن، ئايتولۇنخان، سىنىڭ خىيانىتىڭنى قوبۇل قىلالماي، ئاچچىق ئۈنلگەن بىچارە دادام ئېچىنىشلىق نالە قىلغان ئاشۇ كۈنىلا ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولغان، مەن ئۆلگەن ئايتولۇنخان، سەن مىنى ئاشۇ پاك نىيەتلىك سەمىمىي بوۋايغا چاپلاپ ھاقارەت ياغدۇرغان چېغىڭدىلا ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولغان، مەن ئۆلگەن ئايتولۇنخان، سەن مەندەك بىر قىزىڭنىڭ بارلىقىنى ئىسىڭدىن چىقىرىپ، پەس نەپسىڭنى دەپ، ياش ئاشناڭنى ئۆيگە باشلاپ كەلگەن چېغىڭدىلا ئۆلۈپ بولغان، مەن ئۆلگەن ئايتولۇنخان، سىنىڭ ئاشۇ سۈيۈملۈك ئىرىڭ، ماڭا ئاچ بۆرىدەك ئېتىلىپ، قۇتراپ، دەپسەندە قىلماقچى بولغان كۈندە، قىزىم نىمە بولدۇڭ دەپ، ھالىمنى بىر رەت سوراپ قويۇشقا يارىماستىن، مەينەت ئىرىڭنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، پەس كۆڭلۈڭ ئۈچۈن، مىنى ئۇنىڭدىن كۈنلەپ، ئۇرۇپ، خورلاپ، ھاقارەتلىگەن چېغىڭدىلا ئۆلۈپ بولغان، مەن ئۆلگەن ئايتولۇنخان، ئاشۇ يارامسىز ئىرىڭغا بولغان مەينەت ئاشىقلىقىڭ ئۈچۈن، مىنى ئۇنىڭدىن كۈنلەپ، ئۇ ئۆيدە ياشىغۇسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۇنىڭ قوينىغا ئىتتىرگەن چېغىڭدىلا ئۆلۈپ بولغان...  مەندىن يەنە نىمە ئىزدەيسەن، سىنىڭ قوينۇڭدىن تۇغۇلۇپ قالغىنىم ئۈچۈن يەنە نىمە بولۇشۇمنى، قايسى بەدەللەرنى تۆلۈشۈمنى ئىزدەيسەن! بالا ۋاقىتلىرىمدا، سىنىڭ ئۈگەي ئانام بولۇشۇمنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم؟ نىمىشقىلقىنى بىلەمسەن؟ چۈنكى ھېچ بولمىسا، سەن ئۆگەي ئانام بولۇپ قالغان بولساڭ، سىنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭ، ماڭا بۇنچىلىك ھار كەلمەيتتى،نىمىشقا، زادى نىمىشقا سەن مىنى تۇغقان ئۆز ئانام بولۇپ قالىسەن-خانقىز ئۆكسۈپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى- كەت، ھازىرلا كەت، سىنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن -

-راستلا مەن بىلەن قايتمامسەن؟ ئۇنداق قىلما، يەنە ساڭا ئەسقاتىدىغان نى كۈنلىرىم كىلىدۇ،  بۇنچىۋالا يۈزسىز بولۇپ كەتمە -ھازازۇل ئايال خۇددى بۇرۇنقىدەكلا،خانقىزنىڭ يىغىسىغا قىلچىلىك ئىچى ئاغرىمىغاندەك قىلاتتى.

- كوچىغا چىقىپ، تىلەمچىلىك قىلىشقا رازىمەنكى، ھەرگىز سىنىڭ ئالدىڭغا ياردەم سوراپ بارمايمەن، يوقال، دەرھال كۆزۈمدىن يوقال -خانقىز شۇنداق دەپلا ھازازۇل ئايالغا قاراپمۇ قويماستىن ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى.

-قانىتىڭ قاتتىمۇ بۇزۇق، ئوقۇتقۇچىڭدىن بىرەرسى بېشىڭنى سىلاۋاتقان ئوخشىمامدۇ رەسۋا، ئەمدى مىنىڭ ئىرىم بولۇپ قېلىۋاتامدۇ؟ ئەجەپ، ئانامنىڭ ئىرى ئىدى دىمەي قوينىغا كىرىپ يېتىۋاتاتتىڭغۇ قانجۇق، مەكتىپىڭدىكىلەر ئاناڭغا مۇشۇنداق قىلغانلىرىڭنى بىلسە يەنە يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەرسەنمۇ؟ -

- زۇۋانىڭنى يىغ، بۇزۇق دىگەن سەن ئۆزۈڭ!  سەن ئۆزۈڭنى ئانا دەپ ئاتاۋاتامسەن، دۇنيادا ئانا ئىتى بارى قالمىسىمۇ، سىنىڭ ئانا بولۇشقا سالاھىيتىڭ توشمايدۇ، مىنىڭ يۈزۈم بىلەن قالماي،بېرىپ  ئۆزۈڭنىڭ مەينىتىڭنى ئادالا - خانقىز كەينىگە ئۆرۈلۈپ، ھازازۇل ئايالغا يەۋەتكۈدەك قاراپ، شۇلارنى دىگەندىن كىيىن،  ئالدى كەينىگە قارىماي كىتىپ قالدى، ھەم شۇنىڭدىن كىيىن، ئۆزىنىڭ شۇنداق بىر ئانىسىنىڭ بارلىقىنى تامام ئىسىدىن چىقىرىپ، تاكى داشۆنى پۈتكۈزگەنگە قەدەر  ئۇنىڭ ھېچنىمىسىدىن خەۋەرسىز ياشىدى.

بىر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئانىسى ۋە كىلىپ چىقىشىغا بولغان نەپرىتى،يا بېرىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالىدۇ،ياكى ئۇنى  جىنايەتچىگە ئايلاندۇرىدۇ...

خانقىز ئۆزىنىڭ جاراھەتلىك ئۆتمۈشىنى يېپىش ۋە ئۆزىگە بولغان كەمسىتىشلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن، بارا-بارا شەخشىيەتچى، ھېيلىگەر ۋە سۈيقەستچى بولۇشنى تاللىدى، ئۇ، ئەتراپىدىكى  ھېچكىمنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك بولۇشىغا چىدىمايتتى،ئۇنىڭچە بولغاندا، باشقىلارنىڭ  كۈچلۈك بولۇشى ھامان، ئۇنىڭغا خەۋپ ھەم خىيىم -خەتەر ئېلىپ كىلەتتى، مەيلى دەرىستە زىيادە ياخشى بولۇپ كەتسۇن،ۋە ياكى ئوغۇللار بەكىرەك قوغلاشقان بولسۇن،ۋە ياكى پۇلنى سۇدەك خەجلەيدىغانلار بولسۇن،ھەممىسى دىگۈدەك  خانقىزنىڭ يوشۇرۇن سۈيقەستىگە ۋە ئارقىسىدىن پىچاق ئۇرىشىغا ئۇچرايتتى، ئۇزۇن يىللىق خورلىنىش داۋامىدا،ھايات ۋە ئادەملەر توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە تەپەككۇرنىڭ موللىقىدىن شەكىللەنگەن چۈشىنىش، خانقىزنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋېلىشغا قولايلىق ياراتقان بولغاچقا،ئۇ كۆپ ھاللاردا ھېچكىمگە ئەسكى بولماي تۇرۇپ، ھەتتا دۈشمەنلىرى بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلىغان ئاساستا، باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى زىيان تارتقۇزالايتتى، ھەم ئۆزى چالغان داپقا ئۇسسۇل ئويناپ،بىر- بىرى بىلەن تالاش تارتىش قىلىۋاتقان،زىدىيەتلىشىۋاتقانلارغا تەسەللىي بەرگەن قىياپەتتە،ئۇلارنىڭ تاماشاسىنى كۆرەتتى، شۇ چاغلاردا ئۇ شەمسىيە بىلەن ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەكتەپتىكى ئەڭ چوڭ خىرىس قىلغۇچى ۋە رىقابەتچى بولۇپ ھېسابلىناتتى،خانقىز ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا،چاندۇرماي ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلىپ يۈرگىنى بىلەن، قەلبىنى ئاچچىق بىر ھەسەت  توختىماي تاتىلايتتى، ئۇنىڭ شۇنچە مۇكەممەل ئائىلىدە چوڭ بولغانلىكى،دادىسىنىڭ بىر چوڭ شەھەردىكى داڭلىق كارخانىچى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى قاتتىق بىئارام قىلاتتى، داشۆدىكى چاغدىلا،ئۇ شەمسىيەگە ئورا كولاپ،ئۇنىڭ چوڭچىلىقلىرىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان،ھەتتا يالقۇن بىلەن ئارلىشىۋاتقان چاغلاردىلا، ئۇنى تارتىۋېلىشنى كۆپ قېتىم سىناپ باققان،ئەمما ھەرقېتىمقى تىرىشچانلىقلىرى خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاشلا،شەمسىيە تېخى  ھېچبىر قارشىلىق كۆرسەتمەستىنلا مەغلۇب بولغان ئىدى، شەمسىيە ئۇ ئالىي مەكتەپتە بىچارە قىياپەتكە چۈشۈرۈپ قويالماي،كۆز ئالدىدا كۈنسېرى مەغرۇرلىشىپ كىتىشىگە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان بىردىنبىر ئادەم ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى قاتتىق ئۆچ كۆرەتتى، ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقلىرى،ئىچ ئاغرىتىشلىرى،ھېسداشلىقلىرى،كۆيۈنۈشلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ غەزەپ- نەپرىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇراتتى،ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ گۈزەل نەرسىللىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كىلەتتى، ئوغۇرلىۋالغان بىلەن پايدىلنالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا، كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن نەرسىللىرىنى ئوغۇرلىۋالغاندىن كىيىن،يا بۇزۇۋىتەتتى،يا تاشلىۋىتەتتى، ئىشقىلىپ، شەمسىيەنىڭ بىئارام بولغان،بىچارە قىياپىتىنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈپ بېقىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتى،بىراق ئۇ خانقىزنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەكسىنچە، شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان نەرسىللىرىنى يوقۇتۇپ قويسىمۇ يا قايغۇرمايتتى،يا يىغلىمايتتى،يا ھېچقانچلىك ئىچ ئاغرىقى تارتمايتتى، ناھايىتى تىزلا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا  كۆرسىتىپ قوياتتى.

- شەمسىيەنىڭ ئالتۇن ئۈزۈكىنى ئوغۇرلىۋال رىزۋان،ئۇ بەك پۇلغا يارايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئوقۇش پۇلۇڭنى تۆلىسەڭ بولىدىغۇ،ئۇ دىگەن  باينىڭ قىزى ،ھەر-ھەر نىمىسى يوقاپ كەتسىمۇ كۆزىنى مىت قىلىپمۇ قويمايدۇ - شۇ قېتىم خانقىز رىزۋاننىڭ قولى بىلەن شەمسىيەنى تۇنجى قېتىم ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ئامالسىز ھەم ئەندىشىلىك كەيپىياتقا چۈشۈرۈپ قويغاندىكى خۇشاللىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق ئۆزىمۇ  قىلىدۇ،ئەمماشەمسىيەنىڭ جاھىللىقى ئۇنىڭ بۇ خۇشاللىقىنىڭمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشغا يول قويمىدى. شۇڭا ئۇ رىزۋانغا نۇرغۇن پۇل بىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ بىرىش توغرىسىدا كىلىشىم تۈزۈپ، بۇ قېتىمقى سەتچىلىكنى يىغۇشتۇردى. 

ئالىي مەكتەپنى  پۈتكۈزۈشكە بىر ماۋسۇم قالغان چاغدا، خانقىز ئۇزۇن مۇددەت سورۇنلاردا ھەمرا بولۇپ ئىچىشنى كۆتۈرەلمىگەچكە  ئېغىر دەرىجىدىكى سۆڭەك شالاڭلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا ئىككى قېتىم پۇتى سۇنۇپ، ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.

- مەن ساڭا نىمە دىگەن بۇزۇق،ھامان ئالدىمغا يالۋۇرۇپ كىلىسەن دىمىگەنمىدىم،ئۆزۈڭگە بەك ئىشىنىپ كىتىۋاتقانتىڭيا قانجۇق،مانا مۇشۇنداق ھامان بىركۈنى مىنىڭ قولۇمغا چۈشىدىغان كۈنۈڭنىڭ كىلىدىغانلىقىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بولغىيدىڭ رەسۋا، - داۋالىنىش ۋە ھەرىكەتتە قىينالغان خانقىز ئاقىۋەت يەنىلا ئۆزى خالىمايدىغان ھالدا ھازازۇل  ئايالنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى.

-سىنى تېخىچە ئۇنتىيالمىدىم خانقىز،ھەركۈنى  سىنى چۈشىمەيدىغان كۈنۈم يوق،ئاناڭ بىلەن ھازىرغىچە ئاجراشماي ساقلىشىممۇ سىنىڭ ھامان بىركۈنى يېنىمغا قايتىپ كىلىشىڭگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن، مەن سىنى داۋالىتىپ ساقايتىمەن،بىز بىرلىكتە يىراقلارغا قېچىپ كىتىپ،  توي قىلىپ، مەڭگۈ بىرگە ياشايمىز – توققۇز ئايغا يېقىن ھەرىكەتسىز ياتقان مەزگىلدە، ئانىسىنىڭ ئىرىمۇ ئۇنى ئاز پاراكەندە قىلمىدى. 

- ئەمدى ئۇ ئۆيدە ياتماڭ خانقىز، شۇنچە تارتقان  زۇلۇملىرىڭىز يەتمىدىمۇ ئەجەبا، سۆڭەك شالاڭلىشىش دىگەن كىسەلگە ئاپتاپ پايدا قىلىدۇ، ئۇنداق يېتىۋەرسىڭىز يەنە بىر يىلدىمۇ ساقايمايسىز، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بىر تىرىك يىتىممەن، بۇ شەھەردە ھېچقانداق ئۇرۇق -تۇغقان ھەم قاياشىم يوق، ئۆزۈم يالغۇز ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرىمەن، خالىسىڭىز  مەن سىزنى ئەكىلىۋالاي، ساقايغۇچە مەن بىلەن بىللە تۇرۇڭ، سىزگە ھېچقانداق يامان نىيەتتە بولمايمەن، ماڭا ئىشىنىڭ – شۇ كۈنى خانقىز توردا تونۇشۇپ، پۈتۈن ئىچ-سىرلىرىنى تۆكۈپ مۇڭداشقا قابىل ئىسىملىق يىگىت، ئۇنىڭ ئۈگەي ئانىسى تەرىپىدىن شۇ ھالدا تۇرۇپمۇ خورلانغىنىغا چىدىماي، ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. خانقىز پۈتۈن كەچمىشلىرىنى، ھەتتا ئۈگەي دادىسى بىلەن  ئارىسىدا بولغان ئىشلاردىن تارتىپ، ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىپ، ئۇنىڭ تەكلىۋىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدى.

- قايسىمىزنىڭ قايسىمىزدىن قالغۇچىلىكى بار خانقىز؟  مەنمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش تىرىك يىتىملىكتە چوڭ بولغان، ھېلىھەممۇ يىتىم دەپ ھېچكىم ياراتماي ياشاۋاتىمەن، بۇ ھاياتىمدا خوتۇن ئېلىپ، ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇشنىمۇ ئويلاپ باقمىدىم،خاتىرجەم بولۇڭ  سىز ئەنسىرەيدىغان ھەم خالىمايدىغان ئىشلارنىڭ بولۇشىغا مەنمۇ يول قويمايمەن،- بىراق قابىلنىڭ ئۇدا نەچچە كۈنگىچە  ئىزچىللىقنى ساقلاپ قايىل قىلىشى نەتىجىسىدە ھازازۇل ئايال ۋە رەزىل ئۈگەي دادىنىڭ زۇلىمىدىن قۇتۇلۇپ، بۇ مەينەت ئۆيدىن بالدۇرراق كىتىش ئۈچۈن، ئاخىرىدا يەنىلا  ئۇنىڭ بىلەن كىتىشكە ماقۇل بولدى.

-ياخشىلىق ياراشمايدىغان بۇزۇق، رەسۋا قانجۇق، شۇنچە كۆيۈنۈپ بېشىڭنى سىلاۋاتسام، ئاشنا تۇتۇۋالغۇدەك بولدۇڭما تېخى، سىنى ئۆلتۈرىۋەتمەيدىغان بولسام توختاپ تۇر -خانقىزنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىدىغان ئۆگەي دادىسى، ئۇنىڭ ئۆزىدىن يۈز ئۆرىشىگە چىدىماي كەينىدىن قوغلاپ كىلىپ ئەسكىلىك قىلغاندا قابىل ئۇنى قوغدىدى.

-سىزمۇ بىر ئانا بولدىڭىزمۇ؟ نۇمۇس قىلماي قىزىڭىزنى ئەپكەتكىنى كەلدىڭىزمۇ تېخى، يوقۇلۇڭ ھازىرلا كۆزۈمدىن يوقۇلۇڭ – كۆڭلىدىكىدەك ئىش بوغان بولسىمۇ، ياش ئىرىنىڭ بېسىمى بىلەن قىزىنى ئالغىنى كەلگەن ھازازۇل ئايالنىمۇ قابىل بوسۇغىدىن ئاتلاتماي ھەيدىۋەتتى. خانقىز ئۆزى بىلەن تەقدىرداش يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغان بۇ غېرىب ئەرنى ئىنتايىن ۋە تونۇش ھېس قىلدى، ئۇ ھېس قىلدۇرغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن كۈچلىنىپ، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ، ياردەم بىرىشى داۋامىدا ناھايىتى تىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى، قەلبىدىكى شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپرەتنىڭ ئورنىنى بارا-بارا توسۇۋالغۇسىز بىر كۈچلۈك مۇھەببەت بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى  ئۆزىمۇ تۇيىمايلا ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن تىز تەرەققىي قىلىپ، قەدىناس ئەر-خوتۇنلارغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

- نۇمۇس قىلماي، ئاشناڭنى مىنىڭ يېنىمغا باشلاپ كەلدىڭمۇ بۇزۇق، ساڭا دەپ قوياي، مەن سىنىڭ بۇ دىۋانە قەلەندەر بىلەن توي قىلىشىڭغا رازى ئەمەس، بېشىڭنى تاشقا ئۇرۇپ ئۆلۈپ بەرسەڭمۇ، سىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلشىڭغا قارشى، بۇ يالاڭتۆشنى نەدىن باشلاپ كەلگەن بولساڭ شۇياققا يوقات، دەرھال كۆزۈمدىن يوقات – ياش ئىرىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان ھازازۇل ئايال، قىزى قابىلنى باشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بارغىنىدا، ۋاقىراپ – جاقىراپ، ئۆينى بېشىغا كىيىپ، ئىككىسىنى نەپەس ئالغىنىمۇ قويماي ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى، خانقىز ئۇنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى، بەختىنى تاپقانلىقىنى كۆز-كۆز قىلغۇسى كەلدى، ھېلىقى پەسكەش ئۆگەي دادىسىغا بۇنىڭدىن كىيىن، ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغۇسى كەلدى. شۇنداق قىلىپ، كىچىكىدىن نۇرغۇن خورلۇق ۋە ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى تارتقان قىزچاق، قابىلدىن ئىبارەت نىمە دىسە ياق دىمەيدىغان يۇمشاقباش ئەرنى تېپىپ، ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق بەختىنى تاپقاندەك بولدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ بەختى ئايسىمانىڭ تۇغۇلىشى بىلەنلا بەربات بولدى، ئايسىمانىڭ تۇغۇلىشى ، قابىلغا نىسبەتەن چوڭ خۇشاللىق ئېلىپ كەلگىنى بىلەن، خانقىزغا نىسبەتەن بۇ بىر چوڭ ئازاب-ئوقۇبەت بولۇپ ھېسابلىناتتى،  ئۇ ئەسلى قورساق كۆتۈرۈپ، بالىلىق بولۇشنى قابىلدىنمۇ بەكىرەك ئارزۇ قىلغان، ھەتتا ئايسىماغا ھامىلدار بولغان چاغلاردا، چەكسىز ھاياجاندىن پۈتۈن جىسمى تىترەپ كەتكەن ئىدى، بىراق ئۇ بۇ بالىنىڭ ئوغۇل بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۆزىگىلا تەۋە بىر ئوغلى بولسا،  مەڭگۈ ئۇنىڭغا يۆلىنىپ ئۆتسە،باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قوغدىسا، ئاسرىسا، دەپ ئارزۇ قىلاتتى، بىراق، ئايسىمانىڭ تۇغۇلۇشى ئۇنىڭ ئۈمىدلىرىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلدى، ئوغۇل بولۇپ تۇغۇلمىغىنى ئۈچۈن، ئايسىماغا كۆڭۈلسىز بولدى.
- ئۇنداق قىلماڭلار جېنىم ئانىسى،ئۇمۇ ئوخشاش بىزنىڭ بالىمىزغۇ؟ ئوغۇل بولۇپ قالمىغىنى ئۈچۈنلا ئۇنى ئىمىتمىسەڭلار قانداق بولىدۇ- ھەتتا بوۋاق ۋاقتىدا ئۇنى ئىمىتىشنىمۇ خالىمىغاچقا، قابىل سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلدى، ئوغۇل تۇغۇش ئارزۇسى كۈچلۈك خانقىز، كەينى-كەينىدىن يەنە ئۈچنى توغدى، ئەمما دۇنيا ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك كىيىنكى ئۈچ پەرزەنتىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قىز بولۇپ تۇغۇلدى، ئۇ ئۈمىدلىرى يەر بىلەن يەكسەن بولغاندەك قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى، ئۆزىنى يالغۇز قالغاندەك، قارىغانلىكى كىشى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك،ھېس قىلىپ، ھالى تېخىمۇ بەتتەر بولدى،ئۇنىڭ نەزىرىدە قىزلىرى ھامان ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرەتتى، قىز بولغىنى ئۈچۈن خورلىناتتى،  چەتكە قېقىلاتتى، ئازاب چىكەتتى، شۇڭا ھەرقېتىم قىزلىرىنى كۆرگەن ھامان كۆڭلى يىرىم بولاتتى، بالام بولسا،ئۇلارغا چوقۇم پۈتۈن مېھرىمنى بىرىمەن دىگەن ۋەدىللىرىنىڭ ئەكسىنچە، ئۇلارغا بىلىپ-بىلمەي ئازار بىرەتتى، ئازار بىرىپ بولۇپ پۇشايمان قىلاتتىيۇ، ئەمما بۇ پۇشايمانلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بىرەلمەيتتى، قىسقىسى قىزلىرى ئۇنىڭ بالىلىقىدىكى جاراھەتلىرىنى تاتىلايتتى، ھەرقېتىم يادىغا ئالغان چېغىدا، تېنىنى  شۈركەندۈرىدىغا  ئاشۇ قاباھەتلەرنى  يادىغا سالاتتى،بۇخىل تۇيغۇ داۋاملاشقانسىرى ئۇنىڭ قىزلىرىغا بولغان ئېچىنىشىنىڭ ئورنى بارا- بارا  سەسكىنىشكە ئالمىشىپ، خۇددى ئەينى چاغدىكى ھازازۇل ئايالغا ئوخشاش ئۇلارغا بارا-بارا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان بولدى.  ھەرقېتىم چوڭ ئۈمىد بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇشتىن كىيىنكى ئۈمىدسىزلىك ئۇنى قاتتىق ھالسىراتتى، ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ يارىماس ۋە ھېچنىمىگە ئەرزىمەستەك ھېس قىلدى، كاملىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، يەنە بۇرۇنقى شەخسىيەتچى ۋە رەھىمسىز خاراكتىرىغا قايتىپ، قابىلغا بولغان مۇئامىلىسىمۇ بارا-بارا ئۆزگىرىپ كەتتى.

-خانقىز، بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئىشلىرى خېلى ياخشى،ھازىر جىددىي ئادەمگە ئېھتىياجلىق ، ئاڭلىسام تۇرمۇشتا قىينىلىپ قاپسىلەر، يولدۇشۇڭ بىلەن كىلىپ، بىزگە ياردەملىشەمسىلەر، باشقىلارغا قارىغاندا ساڭا ئىش ھەققىنى ئىككى ھەسسە بىرىمەن، شۇ باھانىدە تۇرمۇشۇڭلارمۇ ياخشىلنىپ، ئاز تولا سودا-سېتىق ئۈگىنىپ قالىسەن-شۇ قېتىم ئۇ ئاللىبۇرۇن ئىسىدىن چىقىرىۋەتكەن ۋە ئەسلەشنىمۇ خالىمايدىغان شەمسىيەدىن كەلگەن تىلفوننى تاپشۇرىۋالدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خانقىزغا نىسبەتەن ئېنىقكى، ئۇنى كەمسىتكەنلىك، ياراتمىغانلىق، مەنسىتمىگەنلىك، چەتكە قاققانلىق ۋە ئۆز – ئۆزى كۆز -كۆز قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىناتتى،  خانقىز دەسلەپتە رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شەمسىيەنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن سۇندۇرغان ھېلىقى سۆزلىرىنى پەقەتلا يادىدىن چىقىرالمىدى، ئىچىگە پاتمىغان ئەلەملىرىگە ئازراق شىپا ئىـزدەش ئۈچۈن، بىرقانچە كۈندىن كىيىن قەلبىگە رەزىل پىلانلارنى پۈكۈپ، خەپ شەمسى، قاراپ تۇر، دەپ، ئۆز -ئۆزىگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بىرىپ، ئۇنىڭغا ماقۇللۇق جاۋابىنى بىلدۈرۈپ، قابىلنى ئېلىپ يولغا چىقتى... خانقىز ئەسلى شەمسىيەنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆزىگە تەمەننا قويغىنى ئۈچۈن، ئۇنى قاتتىق چۆچۈتۈپ قويماقچى ئىدى، بىراق، ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغانلىرىدەك ئوڭۇشلۇق بولماي، بارا -بارا كونتىرول دائىرىسىدىن چىقىپ كىتىپ، شەمسىيەگە پايدىلىق يۆلىنىشكە قاراپ ئۆزگەردى، ئاخىردا ئۇنى يا ئالدىغا، يا ئالدىغا  ماڭالمايدىغان يار لىۋىگە قىستاپ كىلىپ، بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشىق ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ئاھ!  خورلانغان قىزچاق، ئاھ! ئۆزىنى شۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان دۇنيادىن ئۆچ ئالماقچى بولغان قىزچاق! ئۇ زادى نىمىگە ئىرىشتى، شەخسىيەتچىلىك، ھەسەت، ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت ئۇنى زادى قايسى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرەلىدى، ئاقىۋەت ئۇ دەل ئاشۇ شەخسىيەتچىلىك ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ زىيانەشلىكىگە دەل ئۆزى ئۇچرىدىغۇ؟

ھە!  ئەسلىدە خانقىزغا كام بولغىنى قانداقتۇر تۈگىمەس بايلىق، پۇلدار ئەر، ۋە ياكى باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك باياشات تۇرمۇش بولماستىن ئەكسىنچە، خورلانغان بالىلىقتا  چاڭقاقلىق ئىچىدە كۈتكەن ئانا مېھرى ھە ئىتىراپ قىلىش تۇيغۇسىكەن ئەمەسمۇ؟  ئۇ زادى نىمىلەرنى قىلىپ قويدى؟ ئۇ نىمىشقا ئاشۇ ھازازۇل ئايالدىن ئىبرات ئالمىدى، ئۇ نىمىشقا بۇنداق ئىتىراپ قىلىشقا زورلۇق ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىك، مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىرىشكىنى بولىدىغانلىقىغا سەل قارىدى؟  ئۇ نىمىشقا ئۆزى شۇ خورلۇقلارنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇرۇپ، ئۆز قولى بىلەن باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدى؟ ئۇ نىمىشقا قىزلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بىر ئانا تۇرۇپ، ئاشۇ ھازازۇل ئايالغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولدى! ئۇ شۇنچە كۆپ ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىش ئارقىلىق زادى نىمىگە ئىرىشەلىدى؟ ئۇ نىمىشقا شەمسىيەگە بۇنچىلىك كىرىشىۋالىدۇ، ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا ئۆچمەنلىك قىلغۇدەك، ئۇ خانقىـزغا زادى قانداق  زىيانكەشلىك قىلدى؟ نىمە خاتالىق ئۆتكۈزدى؟ ئۇ خانقىزنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرەتتىغۇ؟ ئۇنىڭغا كۆيۈنەتتىغۇ؟ شۇنچە ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزسىمۇ، بىرەر قېتىممۇ يۈزىگە سېلىپ باقمىغان ئىدىغۇ! -خانقىزنىڭ ۋۇجۇدى بىردىنلا، ئۆز -ئۆزىنى ئەيىبلەش سادالىرى بىلەن تولدى! -ئۇ زادى خانقىزدىن نىمە ئىزدەۋاتىدۇ!

- يىغلىدىڭىزما، بولدى يىغلىماڭ – ئۇ ئۆزىگە تەسەللىي بەرمەكچى بولۇپ تۇرغان بارخاننىڭ مۇھەببەتكە تولغان كۆزلىرىدىن سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى تاپتى –

ھە! ئەسلىدە شەمسىيە ئۇنىڭ قەلبىدىكى كەمتۈكلۈك شۇكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈتۈۋاتقىنى، ئىنتىزار بولۇۋاتقىنى، تەلمۈرىۋاتقىنى ۋە تەلپۈنىۋاتقىنى، يوقۇتۇپ قويغىنى دەل، شەمسىيەنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاك نىيەت، مېھرى -مۇھەببەت، ئادىمىيلىك،  كەڭ قورساقلىق، ۋە ئانىلارغا خاس پەزىلەت ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ بالىلىقىدا دەل مۇشۇلار كام بولغىنى ئۈچۈن،  ئۆزىدە كام نەرسىلەر تولۇقى بىلەن تېشىپ تۇرغان شەمسىيەگە ئۆچمەنلىك قىپتۇ، ئۇنىڭدىكى ئاياللارغا خاس مۇكەممەللىكلەر ئۇنىڭ جاراھىتىنى تاتىلاپ، شەمسىيەدە بار نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئارقىلىق  ، ئېچىرقاشلىرىنى بېسىقتۇرۇشتەك ئەخمىقانە قارارغا قاراپ يىتەكلەپتۇ…

ئاھ! ئەقىلسىز خانقىز سەن  زادى نىمىلەرنى قىلىپ قويدۇڭ! نىمىشقا ئاشۇ ھازازۇل ئايالدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئايالغا ئوخشاپ پەزىلەت بىلەن ياشاش ئۈچۈن تىرىشمىدىڭ،  نىمىشقا ئاشۇ مەينەت ئايالدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوخشىغان پەسكەشلىكنىڭ يولىنى تاللىۋالدىڭ! نىمىشقا شەمسىيەدەك بىر ئۈلگە كۆز ئالدىڭدا تۇرسا، ئۇنى ئۈلگە قىلماقتا يوق، قەدىرلىمەكتە يوق، ئۇنى ئۆزۈڭگە دۈشمەن ھېساۋىدا كۆردۈڭ!  - خانقىز پۇشايمان ياشلىرىنى نادامەت ئىچىدە تۆكۈپ، ئاچچىق نالە قىلدى. ئۇ تۇرۇپلا ئويلاپ قالدى- يەنە بىر قېتىم ياشاش پۇرسىتى بولغان بولسىچۇ كاشكى، شەمسىيەنىڭ سىڭلىسى بولۇپ تۇغۇلغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئاياللىقىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئىشەنچكە تولۇپ ياشىغان بولسا، ھېچ  بولمىسا، چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۈسەي قىلىپ، باللىرى ئۈچۈن، ئۆلۈپ، باللىرى ئۈچۈن تىرىلىدىغان ئۇلۇغ ئانا بولالىغان بولسا...

- جېنىم باللىرىم، مىنى كەچۈرۈڭلار، مەندەك نۇمۇسسىز، پەسكەش   ئانا بولۇشقا سالاھىيتى يوق، ئەقىلسىز خوتۇننى كەچۈرۈڭلار، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئوخشاش بەخىتسىز، شورپىشانە قىزغا ئايلاندۇرۇپ قويغۇنۇمنى كەچۈرۈڭلار....

-، خانقىـزنىڭ كۆز ئالدىغا تۆت قىزىنىڭ توپىغا مىلەنگەن، غېرىبلىق چىقىپ تۇرىدىغان چىرايى ئايان  بولغان ھامان، يۈرىكى پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ كەتتى، - جېنىم ئوغلۇم،  سەنمۇ مىنى كەچۈر، مىنى كەچۈر – بارخاننى باغرىغا مەھكەم تاڭدى. ئەگەر خانقىـزغا راسلا يەنە بىر قېتىم ياشاش پۇرسىتى بىرىلگەن بولسا، ئىشلار راسلا باشقىچە بولغان بولاتتى،،، ئىنتايىن ئەپسۇس! ئۇنىڭ ئازغۇنلارچە ياشىغان ھاياتى  ئۇنى بۇ پۇرسەتتىن ئاللىبۇرۇن مەھرۇپ قىلىپ بولغان ئىدى!

-خانقىز، مەن كەلدىم،سەن نەدە، خانقىز – ئۇ ئىسىنى تاپقان چاغدا، يانفونىنىڭ توختىماي سايراۋاتقانلىقىنى سەزدى، بۇ دەل شەمسىيە ئىدى!



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章