خورلانغان ئايالنىڭ كەچمىشى1؟ ئالتۇندەك ئايال2-قسىم

文摘   2025-02-01 21:13   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .




ئالتۇندەك ئايال1-قسىم

- باب: قەرزدارچىلىقنىڭ خىجالىتى

رەتلىك، پاكىز بېزەلگەن ياتاق ئۆيدىكى قوش كىشىلىك كارۋات ئۈستىدە، چاچ-ساقىلى ئۆسۈپ قالغان ئابلەتجان تورۇسىغا قارىغىنىچە، بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. ئۇ بوي-بەستى قاملاشقان قاۋۇل ئەر ئىدى. ئۇزاققا سوزۇلغان كېسەللىك، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالماسلىق ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى خورىتىپ، روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئازابلىغاچقا، ئۇستىخىنى تارتىلىپ، ئىلگىرىكى ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىق، كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنىڭ ئورنىغا ئويجان، جىمغۇرلۇق ئالماشقان ئىدى.   ئابلەتجان يېقىندىن بېرى كۆپ ئىشلارنى ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى. ئويلىغانلىرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، ئۆزىنىڭ كۈتمىگەن بىر ھادىسە سەۋەبىدىن مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇ ھاياتىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى بىرمۇ-بىر ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بۇنچە ئازاب تارتقۇدەك نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى، قانداق سەۋەنلىك ئۆتكۈزگىنىنى ئويلاپ يېتەلمىدى.

ئەمما ئابلەتجاننىڭ ئىدىيىسىدە «ئادەم ھاياتىدا قىلغان قىلدەك ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرمەي قالمايدۇ. ھەم ھاياتلىقىدا ئۆتكۈزگەن قىلدەك خاتالىقىغا بەدەل تۆلىمەي ئۆتمەيدۇ» دېگەن ئەقىدە بولغاچقا، شۇنچە ئويلاپمۇ ئۆزىدىن خاتالىق تاپالمىغاچقا. «بۇندىن ئىلگىرىكى ھاياتىمدا ئۆزۈم توغرا دەپ قاراپ سېزەلمەي ئۆتكۈزىۋەتكەن خاتالىقلىرىم بولسا» دەپ ئويلاپ، بىر كۈنى ئانىسىدىن:

- ئانا يۈرىكىڭدىكى گەپنى قىلە، مەن سېنىڭ كۆڭلۈڭدە قانداق بالاڭ؟- دەپ سورىدى. ئانىسى ئويلاپ تۇرمايلا:  - ياخشى، ۋاپادار بالا.  -دەپ جاۋاب بەردى.

- ئانا مېنى كېسەل سەۋەبىدىن بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى دەپ كۆڭلۈمنى ئايىما، چىن يۈرەك سۆزۈڭنى ئېيتقىن. مەن ھازىر ئىككى بالىغا دادا بولغان بولساممۇ، سېنىڭ ئالدىڭدا يەنىلا بىر بالا. نۇقسانسىز ئادەم بولمىغىنىدەك، بالىلىق قىلىپ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى چېگىپ قويغان، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان ئىشلىرىم بولسا دەپ بەرگىن. سەن مېنىڭ ئانام، تۇغۇلۇپ مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە قىلغان ئىشلىرىمنى، خۇي-پەيلىمنى ياخشى چۈشىنىسەن. كۆرۈپ، بىلىپ كېلىۋاتىسەن. ئادەم بەزىدە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى سېزىپ بولالماي قالىدىكەن. سېنىڭ ئالدىڭدا ياشلىق قىلىپتاشلىغان خاتالىقىم بولسا، ياكى باشقىلار ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم، باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەن ئىشلىرىم بولسا دەپ بەرگىن. بىلىپ قالاي.   - دېدى ئۆتۈنۈش ئىچىدە.

- بالام بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، سەنمۇ مۇشۇ خىيالغا كېلىپ قاپسەندە؟ يېقىندىن بېرى مېنىڭمۇ كۆڭلۈمگە «بىر ئوبدان ئوغلۇم مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغۇدەك نېمىنى خاتا قىلغان بولغىيتتى؟» دېگەن ئوي كېلىۋېلىپ، كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ياتاق ئۆيۈمدە جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئائىلىمىز داداڭدىن ئايرىلىپ قالغاندىن بېرى، سېنىڭ ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىكىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ، ئۆزۈڭنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، جېنىڭنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ پۇل تېپىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ھازىرغا كەلگۈچە قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىنى بىر كېچە ئويلاپ چىقتىم. شۇنچە ئويلاپمۇ سېنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن جانپىدالىق كۆرسەتكىنىڭدىن، ماڭا چىن يۈرىكىڭدىن كۆيۈنگىنىڭدىن، ئىنى-سىڭىللىرىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكىنىڭدىن، خوتۇن-بالىلىرىڭغا ۋاپادارلىق قىلغىنىڭدىن باشقا ھېچقانداق سەۋەنلىكىڭنى تاپالمىدىم. ماچاغقىچە ئىنى-سىڭىللىرىڭنىڭمۇ سەندىن نارازى بولغان، رەنجىگەن بىر ئېغىز گېپىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئايالىڭمۇ شۇ. سەن ئائىلىدە بۇنچە پەزىلەتلىك ئادەم، سىرىتتىمۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن بالام. بۇ تەرىپىدىن خاتىرجەم بول!

ئابلەتجان ئانىسىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ كۆڭلىدە خاتىرجەملىك تاپقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى ئويلاپ قانائەت قىلمىدى. ئالدىراپ يېنىغا كىرگەن ئالتۇنگۈلنىڭ:

- بايامنىڭ ياقى ئۆي ئىشلىرىنى بېسىقتۇرىۋېتەي دەپ ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، يېنىڭىزغا كىرىدىغان ۋاقتىم سەل ئۇزىقىپ كېتىپ قالدى. ئۇسسۇزلۇق ئىچەمسىز؟ بىئارام بولغان بولسىڭىز ئاستىڭىزغا قاچا تۇتايمۇ؟ - دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ بولۇپ:

- چارچاپ كەتتىڭ، كېلە ئالتۇن، يېنىمدا ئولتۇرۇپ بىر ئاز دېمىڭنى ئېلىۋالغىن.- دەپ ئايالىنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، - ئالتۇنگۈل سەندىن بىر سوئالنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، راستچىللىق بىلەن جاۋاب بەرگىن. سەن بىلەن تۇرمۇش قۇرغىنىمغا ئون نەچچە يىل بوپتۇ. مۇشۇ جەرياندا بىز ھەربىر كۈنىمىزنى يېڭى توي قىلغان ۋاقتىمىزدىكىدەك كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ كەلگەن، ئىككى بالىغا ئاتا-ئانا بولغان بولساقمۇ. مېنىڭ سېنىڭ ئىچىڭدىن چىقمىغۇدەك دىلىڭغا ئازار بەرگەن، رەنجىتكەن يەرلىرىم بولسا دەپ بەرگىن، تۈزىتەي، ھەرگىز مېنى ئايىما.- دېدى. ئالتۇنگۈل:

- ئۆزىڭىز بىز توي قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغا كەلگۈچە خۇددى يېڭى توي قىلغان چېغىمىزدىكىدەك كۆڭۈللۈك ئۆتكەنلىكىمىزنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، يەنە مەندىن بۇنداق سوئال سورايسىزغۇ؟- دېدى.

- ئۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم. سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى گېپىڭنى سوراۋاتىمەن.  

- مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گېپىممۇ سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش.

- يۈرەك سۆزۈڭنى دېگەن بولساڭ بولاتتى ئالتۇن.

- مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم شۇ. مەن سىز بىلەن توي قىلغاندىن بۇيان مەيلى ئانام، مەيلى سىز مېنى ئالقىنىڭلاردىكى ئەتىۋارلىق گۆھەردەك ئاسراپ، قوغداپ، بىلمىگەن يەرلىرىمنى ئۆگىتىپ، كۆيۈنۈپ كەلدىڭلار. بۇ چاغقىچە بۇ ئۆيدە مېنىڭ سىزدىن ياكى ئانامدىن ئازار يەيدىغان، كۆڭلۈم چىگىلىپ قالىدىغان ئىش يۈز بەرمىدى. مەن ھەر بىر كۈنۈمنى ئەتىۋارلىنىش، خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ كەلدىم. مانا بۇ مېنىڭ راست، چىن يۈرەك سۆزۈم.

ئابلەتجان ئايالىنىڭ يۈرىكىدىن چىقىرىپ بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆڭلى ئارام تاپتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىچىنى مۈشۈك تاتلىغاندەك بىئارام قىلىپ كەلگەن ئوي-خىياللارغا خاتىمە بېرىپ، «بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھاياتلىقنىڭ ماڭا بەرگەن سىناقلىرى ئوخشايدۇ.» دېگەن ئويغا كەلدى. بۇ ئويغا كېلىش بىلەن كۆڭلى ئارام تېپىپ، چىدام، سەۋرچانلىق بىلەن ياشاش قارارىغا كەلدى.

شۇ ئارىدا دەرۋازا قېقىلىپ، ئالتۇنگۈل ئابلەتجاننىڭ يېقىن بىر تونۇشىنى باشلاپ كىردى. كىرگەن كىشى ئابلەتجان بىلەن كۆرۈشۈپ، ھال-ئەھۋال سوراشتى. بۇ چاققىچە ئالتۇنگۈل كۆرپە سېلىپ بولغان ئىدى. ئۇ مېھماننى كۆرپىگە تەكلىپ قىلىپ، ئالدىغا داستىخان سالدى.

مېھمان ئالدىغا قويۇلغان پىيالىدىكى چاينى ئېلىپ ئوتلىۋالغاندىن كېيىن:

- ئابلەتجان مەن بىر تەرەپتىن سىزنى يوقلىغاچ، بىر تەرەپتىن سىزگە بىر ئىشنى دىگىلى كىرىپتىم. - دىدى.

- قېنى قۇلىقىم سىزدە. - دىدى ئابلەتجان قىزغىنلىق بىلەن.

- سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بېلپ تۇرۇپ بۇ گەپنى دىمەسلىكىم كېرەك ئىدى. ئەمما شۇتاپتا ئامالسىز قىلىپ بۇ گەپنى دىيىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتىمەن. سەت تۇرىدىغان بولدى. يېقىننىڭ ياقى ئىشلىرىم تازا ئوبدان يۈرۈشمەي، بىر قىسىم ئىشلار بىلەن پۇل خىجالىتى تارتىپ قالدىم. شۇڭا سىزگە بېرىپ تۇرغان پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسۇنمىكىن دەپ كېلىشىم ئىدى. شۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز. ئىشلىرىمنى يۈرۈشتۈرۈۋالسام، يەنە مەن بولغاندىكىن سىزگە پۇل لازىم بولسا بېرىپ تۇرسام.- دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئابلەتجان خىجالەتچىلىكتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى. قەرزنى قايتۇراي دەي دېسە قولىدا تۇرمۇشىغا ئىشلەتكۈدەكمۇ پۇلنىڭ تايىنى قالمىغان ئىدى. ئارتۇق گەپ قىلاي دەي دېسە ئۇ كىشىدىن قەرز پۇل ئالغىلى ئۇزۇن بولغاچقا، قەرزنى قايتۇرىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالغان ئىدى. لېكىن شۇ تاپتا ئۇنىڭ قولىدا قەرز قايتۇرغۇدەك پۇل يوق.

كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ قولىدا پۇل قالماي قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغۇچە بىر ئادەمگە قەرزدار بولۇپ باقمىغاچقا، قەرزدارچىلىقنىڭ خىجالىتىنىڭ، قەرز قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندىكى ئىلاجىسىزلىقنىڭ بۇنچە ئېغىر بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم بولدى. شۇڭا ئابلەتجان تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزرە ئېيتىپ، بىر ئامال قىلىپ قەرزنى قايتۇرىدىغانغا ۋەدە قىلىپ ئۇ كىشىنى يولغا سالدى.

ئالتۇنگۈل مېھماننى ھويلا دەرۋازىسىغىچە ئۇزىتىپ چىقىپ، مېھماننى ئۇزۇتۇپ تۇرۇشىغا ئىككى بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى. ئالتۇنگۈل بالىلارنىڭ قورسىقىغا كەچلىك تاماق بېرىش ئۈچۈن ئابلەتجاننىڭ يېنىغا باشلاپ كىرىپ داستىخان ئالدىدا ئولتۇرغۇزدى. بالىلارنىڭ كىچىكى دادىسىغا ئەركىلەپ:

- دادا، ھېيت كېلەي دەپ قاپتۇ.- دېدى.

- نېمە گېپىڭ بولسا دەۋېرە بالام.-دېدى ئابلەتجان مېھرىبانلىق بىلەن.

- راست دادا، بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم         ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ھېيتلىق قانداق كىيىم-كېچەك ئېلىپ بەرگەنلىرىنى دېيىشكەن ئىدى، ماڭا سىلەر كىيىم ئېلىپ بەرمىگەچكە گەپ قىلالماي كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.- دېدى.

- ئۇكام بايام مەن ساڭا يولدا كەلگۈچە نېمە دېدىم؟

- سەن شۇ «دادام ئاغرىپ قالغاچقا پۇل تاپالمىغىلى ئۇزاق بولدى. ئانام دادام يەيدىغان دورىنى ئېلىپ بېرىشكىمۇ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالماي چوڭ ئانام بىلەن غەمگە قالدى. شۇڭا بىز بۈگۈندىن تارتىپ ئۆيگە بارغاندا كىيىم گېپى قىلمايمىز. ئاتا-ئانام كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىمەن دېسىمۇ ئۇنىمايمىز. ئانام بار كىيىملىرىمىزنى يۇيۇپ بەرسە چىرايلىق كىيىپ، خۇشاللىق بىلەن ھېيت ئۆتكۈزىمىز. تۇغقانلار ھېيتلىق بەرسە خەجلىۋالماي يىغىپ، دادامغا دورا ئېلىپ بېرىمىز» دېگەن ئىدىڭ. مەن شۇ ئۇقۇشماي شۇنداق دەپ تاشلاپتىمەن ئاچا.

بالىلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئالتۇنگۈل ئوغلىنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالغانلىقىنى بىلىپ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسىمۇ، كىچىككىنە بالىلىرىنىڭ بۇنچە ئىش ئۇقۇپ چوڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇلارنى باغرىغا باستى. بالىلار تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئالتۇنگۈل ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ ئايرىم ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئابلەتجاننىڭ يېنىغا كىردى.

- مېنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىم ئائىلىمىزنى ئەجەب بىر سورۇقچىلىققا سېلىۋەتتى ھە؟ كىچىككىنە بالىلىرىمىزمۇ ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماي چوڭ بولىدىغان ۋاقتىدا، باشقا بالىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ، دىلى ئۈزۈك چوڭ بولۇپ قالارمۇ ئەمدى؟ - دېدى ئابلەتجان كۆڭلى يېرىم ھالدا.

- ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس. ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى ئايدىڭ دەپ، كۈنلىرىمىز بۇنداق ئۆتىۋەرمەس. سىز تۇرمۇشىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلىۋالماي، كېسىلىڭىزنىڭ دەردىنى تارتىڭ.- دېدى ئالتۇنگۈل.
- دەرۋازا قېقىلىۋاتامدۇ نېمە؟ - دېدى ئابلەتجان. ئالتۇنگۈل ئىتتىك سىرتقا چىقىپ كېتىپ ئابلەتجاننىڭ دادىسىنىڭ ئىنىسىنى باشلاپ كىردى. ئابلەتجان تاغىسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئوڭشىماقچى بولدى، تاغىسى ئۇنى ئورنىدىن قوزغالماسلىققا ئۈندەپ يېنىدىن ئورۇن ئالدى. ئابلەتجاننىڭ ئەھۋالىنى سوراپ قىسقىلا پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئابلەتجانغا دەرت تۆككىلى كەلگەندەك ئۆز گېپىنى باشلاپ، ئائىلىسى چوڭ ئائىلە بولغاچقا ئائىلىسىدە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ ئىشلارنى ئۆزى ئۈستىدە تۇرۇپ بىر قوللۇق بىر تەرەپ قىلىمەن دەپ بەك جاپا تارتىپ كەتكەنلىكىنى، مۇشۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن دەپ جاپاغا قېلىپ، ئابلەتجاننى پات پات يوقلاپ كېلەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئاندىن ئابلەتجانغا يۈزلىنىپ:

- ماڭا قارا ئابلەتجان، مەن ساڭا پۇل بېرىپ تۇرغىلى قانچە ئۇزۇن بولدى؟ - دەپ سورىدى. ئابلەتجاننىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن. - شۇ ۋاقىت شۇنداق ئېنىق ئېسىڭدە باركەن. مەن ساڭا شۇ چاغدىمۇ ئېنىق قىلىپ دېگەن. ئائىلىمىزدە ئۈچ ئوغلۇم بىكار تۇرماي تىجارەت قىلىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن تاپاۋىتى تايىنلىق. ئۆيۈمدە پۇلغا ئالغان ناننى پوققا ئايلاندۇرىدىغان بىر-مۇنچە تەڭنە بىكار قىلىدىغانلار بولغاچقا، ئۈچ ئوغلۇمنىڭ جان قىيناپ تاپقان پۇلى ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ئايدىن ئايغا ئۇلاشقا ئاران يېتىدۇ. شۇڭا يېنىمدا ئارتۇق پۇل بولمىغاچقا ساڭا يۈز كېلەلمەي، موماينىڭ ئالتۇن جابدۇقلىرىنى سېتىپ پۇل جايلاپ بېرەي دەپ شۇنداق قىلغان ئىدىم. مانا ئەمدى موماي شۇ ئالتۇن جابدۇقلىرىنى «قاچان ئېلىپ بېرىسەن؟» دەپ تولا گەپ قىلىپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى. مەن ساڭا يامان ۋاقىتتا جانغا ئەسقاتقاندىكىن، سەنمۇ شۇ پۇلنى بېرىۋەتكەن بولساڭ، مەنمۇ شۇ ئۇششاق سۆز موماينىڭ گېپىدىن قۇتۇلۇپ كاللام ئارام تاپقان بولسا ياخشى بولاتتى. ساڭا بېسىم قىلىپ قويمىغاندىمەن؟- دېدى. ئابلەتجان:

- ئۇنداق بولامدىغان؟ لېكىن…

- مەن سېنىڭ قىيىنچىلىقىڭنى بىلىمەن. ھازىرقى ئەھۋالىڭنىمۇ چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. لېكىن نېمە ئامال؟ ھەممىمىز ياشىمىساق بولمايدۇ. مېنىڭچە سەن بۇ ھالىتىڭدە ئۆرە بولۇپ كېتەلمەيدىغان ئوخشايسەن. شۇڭا ساقىيىپ قالامدىمەنكىن دېگەن ئۈمىدىڭنى ئۈزۈپ، كۆز ئالدىڭدىكى ئەھۋالغا يۈزلىنىپ، بۇ ئۆيۈڭنى ساتقىن. كېلىشىپ قالساق ئۆيۈڭنى مەن ئېلىپ قالاي. ئاڭلىسام باشقىلاردىن ئالغان قەرزىڭمۇ خېلى باركەن. ئۆي ساتقان پۇل بىلەن قەرزدارچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، قولۇڭدا ئازراق پۇل ئېشىپ قالسا، شۇ پۇل بىلەن تىرىكچىلىكنىڭ يولىنى تۇتۇپ جان باقىدىغان ئىشنى قىلمامسەن.

بۇ گەپ ئابلەتجاننىمۇ، ئالتۇنگۈلنىمۇ كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەندەك ئەندىكتۈرۈۋەتتى. ئەمما ئارتۇق گەپ قىلماي بۇ گەپنى ئويلىشىپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇزىتىپ قويدى.

- كۆردۈڭمۇ ئالتۇن، تاغامنىڭ دېگەن گەپلىرىگە كىممۇ ئىشىنەر؟ قارىغىمۇ تاغامنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ قىلىۋاتقان تىجارەتنىڭ گېپىنى ئاڭلىسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاران قامداۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ھەر ھالدا تاغام باشقىلارغا قىلغاندەك قوپاللىق قىلماي مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئايىدى. بىر ئامال قىلمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

بۇ گەپ بىلەن ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، جىم بولۇپ قېلىشتى. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېغىر غەم بېسىۋالغان ئىدى.

(داۋامى بار)

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章