توي ۋە سۈيقەست19-قسىم

文摘   2025-01-31 21:44   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 

19-قىسىم

_ بۇ ئويۇننى باشلىغانكەنسىز، مەن بىلەن ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ. بولامدۇ. بىز ھەمكارلىشايلى..

ئۇنىڭ قولىغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم.

_ سىز يەنە مەندىن قانداق پايلانماقچى؟

_ مەنلا پايدىلانمايمەن. سىزمۇ مەندىن پايدىلىنىسىز..

_ ياق ئۇنداق قىلغۇم يوق. باشقىلاردىن پايدىلىنىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىمنى تولۇق ھېس قىلدىم. سىزدىن پايدىلىنىمەن دەپ سىز تەرىپىڭىزدىن پايدىلاندىم..

_ سىز پۈتۈنلەي زىيان تارتقىنىڭىز يوق..

_ قانداق؟! بۇرۇنقى يىگىتىمدىن ئۆچۈمنى ئالالمىغاننى ئاز دەپ، خىزمەتتىن ئايرىلدىم. بىكاردىن دېرىكتور بىلەن ئۆچلىشىپ قالدىم. بۇلار زىيان تارتىش ئەمەسقۇ..

_ ياق. بۇ تېخى باشلىنىش.

_ ئۆتۈنۈپ قالاي. مېنى ياشىغىلى قويۇڭ. دېرىكتورۇمدىن ئۆچ ئالماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز ئېلىڭ، مېنى ئارلاشتۇرماڭ.. مەن نورمال خىزمەتتىن بىرنى تېپىپ خاتىرجەم ياشاي..

_ كونىلار يۈزۈڭگە بىر شاپىلاق ئۇرغان ئادەمگە بىر شاپىلاق قايتۇر دەپتىكەن..سىز مۇشۇنداقلا بولدى قىلماقچىمۇ..

_ ئەسكى ئادەم بىلەن تەڭ بولالمايمەن. بولدىلا..

_ مۇشۇنداق ۋاز كېچىۋەرسىڭىز، مەڭگۈ باشقىلارغا بوزەك بولىسىز..

_ سىز مېنى نېمە قىلسۇن دەيسىز، ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ پۇلى بار شىركىتى بار. يەنە بىرسىنىڭ قورسىقىدا لىق يامان پىلانى بار. مېنى نېمە قىلسۇن دەيسىز..

_ سىزنىڭمۇ پۇلىڭىز بار، يامان پىلاننى ھەرقانداق ئادەم پىلانلىيالايدۇ. پەقەت كۆڭلى ئۇنىسىلا بولىدۇ خالاس..

_ مېنىڭ پۇلۇم بار؟ تۈنۈگۈن ئۇلار 3000 يۈەن مائاش بەردى، 300گە يەيدىغان نەرسە ئاپتىمەن. 2700 يۈەن قالدى..بۇ پۇلغا نېمە كېلىدۇ..دەپ بېقىڭە..سىزگە قايتۇرىدىغان پۇللار بار تېخى..

_ بولدى ئۇ پۇللارنى ئالمايمەن..

_ ئالمىسىڭىزمۇ مېنىڭ يېنىمدىكىسى ھېچنېمىگە يەتمەيدۇ. مېنى جىم قويۇڭ، مۇشۇ پۇلۇم بىلەن جان بېقىپ ياخشىراق خىزمەت تېپىۋالاي..30غا كىردىم، خىزمەت تېپىشىم، سىزدىن ئاجراشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق ئادەم تېپىپ توي قىلىشىم كېرەك..

_ پۇلدا مەن سىزگە ياردەم قىلاي..دادامغا دېسەم پۇل بېرىدۇ...

_ بولدىلا، بىز ئاجراشقاندا يەنە سىزنىڭ پۇلىڭىزنى خەجلىگەن نامنى ئالغۇم يوق..

_ ئاجىز قىز..راستىنلا بەك ئاجىز ھەم قورقۇنچاقكەنسىز..

_ شۇنداق مەن ئاجىز ھەم قورقۇنچاق. مېنىڭ مۇشۇنداق ياشىغۇم بار..تۇرمۇشۇمغا ئارلاشماڭ.

_ بۇنداق ھالەتتە ئاجرىشىپ كەتسەم ئاپام خاتىرجەم بولىدۇ دەپ ئويلامسىز؟

_ ئۇ مېنى قوللايدىغانلىقىنى دېدى..

_ ئۇنىڭ ئۇنداق دېيىشىدىكى مەقسەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماسلىق..

_ مەن ئۇنىڭ قىزى ئۇ مېنىڭ ئازابلىنىشىمنى خالىمايدۇ..

ئۇ تېلىفونىنى ئالدىمغا ئەكەلدى، تېلىفون ئاپامنىڭ ئۇچۇرى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

_ بۇ سىزنىڭ ئاجرىشىشىڭىزغا قوشۇلغان ئاپىڭىزمۇ؟

تېلىفوننى ئېلىپ ئۇچۇرنى ئوقۇدۇم.

« ئوغلۇم، ھەرقانداق ئىش يۈز بەرگەن بولسا يېنىكلىك قىلماڭلار، توي تۇرمۇشى شۇنداق بولىدۇ. باشتا چىقىشالماي قالىدىغان ئىش. لېكىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مىجەزىڭلارنى چۈشىنىشىپ قالىسىلەر، قىزىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن يېرى بولسا كەچۈرۈڭ»

_ بۇ ئاپامنىڭ نېمە قىلغىنى..

_ ئاپىڭىز كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىم بولىشىدىن ئەنسىرەپ ئاجراشساڭ مەيلى دېگەن بىلەن ئاجرىشىڭىزنى خالىمايدۇ.

_ لېكىن ئىككىمىز ھامان ئاجرىشىپ كېتىمىز..

_ شۇنداق. لېكىن بىر ئايدىلا ئاجراشساق بولمايدۇ..

_ بىر ئاي بىلەن ئۈچ ئاينىڭ نېمە پەرقى..

_ قاراڭ، سىز بىرمۇنچە چىقىم قىلىپ بۇ توينى قىلىپ، بىرمۇنچە ئازارنى يەپ، ئاپىڭىزنى ئالداپ..ئاخىرىدا ھېچنېمىگە ئىرىشەلمەيلا ئاجراشماقچىمۇ..بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟

_ بۇ ھاياتىمغا قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىقىم. پۇشايمان قىلىمەن. شۇڭا بۇ خاتالىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىنى خالىمايمەن..

_ ھەربىر قارارنى چىقىرىشىمىز مەلۇم سەۋەب بىلەن بولىشى كېرەك، ئۇ سىزگە يا ماددىي پايدا ياكى مەنىۋىي پايدا ئەكېلىشى كېرەك..30 ياشقا كىردىڭىز..توي ئويۇن ئەمەس..

_ مېنى زادى نېمە قىل دېمەكچى؟ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمغا قوشۇلمايسىز، لېكىن مېنى يەنە ئۆزىڭىز بىلەن ئۆي تۇتۇشقا زورلايسىز.. بۇنىڭ ئاخىرى زادى قانداق بولىدۇ، ماڭا دەپ بېرىڭە، ماڭا زادى قانداق مەنىۋى ياكى ماددىي پايدا بېرەلەيدۇ..

_ ماددىي پايدا بېرىدۇ..مەن كېسىپ ئېيتالايمەن..

_ قانداق ماددىي پايدا؟

_ مەن سىزگە پۇل بېرىمەن.. مېنىڭ ئايالىم بولىسىز..

_ ماڭا پۇل بېرىسىز..ھاھا.. قىزىق ئىش بولدى..بەكلا قىزىق، ئەسلى بۇ ئىشتا مەن سىزنى پۇل بېرىمەن دەپ ئىزدىگەنتىم..

_ شۇنداق. لېكىن مەن ھېچقاچان پۇلىڭىزنى ئالمىدىم..

_ ئالمىدىڭىز..لېكىن بۇنداق ئالمىشىپ قالساق بولمايدۇ-دە.

_ مەن سىزگە 30مىڭ بېرەي..مەندىن ۋاقتىنچە ئاجراشماڭ بولامدۇ؟! توختامنى بەش ئايغا سوزايلى بولامدۇ..

_ 30مىڭ؟

_ شۇنداق. مېنىڭ راسمى ئايالىم سۈپىتىدە ئۆيىمىزگە كىرىسىز.. بەش ئاي ئۆي تۇتىمىز..پەقەت ماڭا ئايال بولسىڭىزلا بولدى..ئىشلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق..

ئۇنىڭ بېشىدىن پۇتىغىچە قارىدىم.

_ سىز كىنونى كۆپ كۆرۈپ كەتكەن ئوخشايسىز..

_ بۇ كىنونى باشلىغان ئۆزىڭىز..

_ بۇنداق قىلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ چۈشىنىپ بولالمىدىم..

_ دادامنىڭ ئايالىنىڭ قورسىقىدا بار..ھازىر ئۇ مال مۈلۈكنىڭ 70%گە بالىسىنى ئىگە قىلماقچى..مەن دادامنىڭ شىركىتىنى ئۆزۈمنىڭ قولىغا ئېلىشىم كېرەك..

_ توختاڭ..مەن سەل سىڭدۈرىۋالاي.. بۇ بۇ..

_ دادامنىڭ ئايالىنىڭ دادام بىلەن پاراڭلاشقىنىنى ئاڭلىدىم..ئۇ دادامدىن 70% پاي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ..

_ بۇ قانداق گەپ، دادىڭىز تېخى ھاياتقۇ، يەنە كېلىپ شۇنداق ساغلامكەن. ئۆلۈپ كەتمەي تۇرۇپ بايلىقنى ھېساۋاتىغا چۈشۈپ كەتتىڭلارما؟

_ دادامدەك بايلار چوقۇم ھايات چېغىدا ۋەسىياتنامە قالدۇرۇشى مىراسنىڭ كىمگە تېگىشى توغرىسىدا ئېنىق ھۆججەت قالدۇرۇشى كېرەك..

_ سىلەردەك بايلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.. ئۇنداقتا دادىڭىز رازى بولدىمۇ؟

_ ياق، دادام تېخى ئىپادە بىلدۈرمىدى. دادام ئىككىمىز مۇشۇ سەۋەبتىن تالىشىپ قالدۇق..

_ بۇنداق ۋاقىتتا ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىڭىز ئۇ ئايالغا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ..

_ شۇنداق. شۇڭا ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېتىشىم كېرەك..

_ ھەي، بۇنداق چوڭ بىر ئىشقا ئارلىشىپ قېلىشىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن..

_ شۇڭا مەن سىزنىڭ يارىمىڭىزگە مۇھتاج..

_ لېكىن بىر ئىشنى سوراي..

_ نېمە ئىش؟

_ ئۇ ئايال تۇغسا ئۇ بالا سىزنىڭ ئۇكىڭىز بولىدۇ..نېمىشقا ئۇنىڭ بايلىققا ئىگە بولىشىغا رازى بولمايسىز..

_ ئۇ دېگەن مېنىڭ ئاپامنىڭ بەختىنى تارتىۋالغان خوتۇن..نېمىشقا ئۇنىڭغا بايلىقنى ئىگە قىلغۇدەكمەن..

_ ھەي.بۇنداق دېسىڭىز توغرا چۈشىنىمەن. دېمىسىمۇ باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغان ئاياللارنىڭ پايدا ئېلىشىغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ..

_ يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بالىسىنى دادامنىڭ بالىسى ئەمەسمىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن..ئۇ 22 ياشتا دادام بىلەن توي قىلغان، شۇنچە يىلدىن بېرى ھامىلدار بولماي، نېمىشقا 37ياشتا ھامىلدار بولىدۇ..

_ بۇنى دادىڭىزغا دېدىڭىزمۇ..

_ ياق. بۇنداق دېسەم دادا بالا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلىدۇ..يەنە كېلىپ دادام بۇ يېشىدا بالىلىق بولغىنىدىن خوشال بولۇپ، ئۇنداق يىراقنى ئويلاپ كەتمىدى..

_ دادىڭىز قانچە ياش؟

_ 50 ياش..ئايالى ئۇنىڭدىن 10 نەچچە ياش كىچىك..

_ ئاھ..مەن راستىنلا ساراڭ بوپ قالاي دېدىم..تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن ئاددىيلا بىر ئايالتىم..نېمە بوپ بۇ مۇرەككەپ ئىشقا ئارلىشىپ قالدىم..

_ شۇڭا بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئويلىشىشىڭىز كېرەك. توي دېگەن مۇشۇنداق نەرسە، سىز ئويلىغاندەك ئاددىي ئەمەس..

_ ماڭا باشتىلا مۇشۇلارنى دېگەن بولسىڭىز، بۇ توينى قىلمىغان بولاتتىم..

_ گېپىمنى ئاڭلاڭ، سىز زىيان تارتمايسىز.. پەقەت ماڭا ۋاقتىنچە ئايال بولسىڭىز، شۇ ئۆيدە مېنىڭ ئورنۇمنى ساقلاپ تۇرسىڭىزلا بولدى..

_ سىز قانداق قىلماقچى؟ ھە راست، دوختۇرخانىدا ئىش تاپتىم دېگەنتىڭىزغۇ..ئۇ نېمە گەپ؟

_ سىز مېنى ئىش تېپىڭ دېگەنتىڭىز، شۇڭا شۇنداق دېگەن. دادام مېنى ئىزدەپ تاپقۇچە شۇ يەردە ئىشلەپ تۇراي دېگەنتىم..لېكىن دادام ھازىر مېنىڭ ئۇچۇرۇمنى بىلىپ بولدى، ئۇ ئىشنى ئىشلىيەلمەيدىغان بولدۇم..

_ ۋاھ.سىز راستىنلا بەك يامانكەنسىز..بىر تالاي يالغانلارنى سۆزلىۋېتىپمۇ يەنە جىددىيلەشمەي ياشىيالايكەنسىز..قايىل بولدۇم..

_ بۇ يالغانغا سىزسەۋەبچى بولدىڭىز..توي قىلىش يالغانچىلىقىنى مەن ئويلاپ باقمىغان..

_ سىزگە ئايال بولۇپ 30مىڭ ئالسام توغرا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن بىكارغا ئايال بولساممۇ توغرا ئەمەس..ئاھ..كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتتى..نېمىشقا بۇنداق ساراڭلىق قىلغاندىمەن..

_ سىز ھازىر خىزمەتتىن ئايرىلدىڭىز، مەن پۇل بەرمىسەممۇ يەنىلا بىر يەگە ئۇدۇل بېرىپ 5000 ئالالمايسىز.. بىز بەرىبىر توي قىلىپ بولدۇق. سىز پەقەت بۇ ۋاقىتنى ئۇزارتسىڭىزلا بولدى..ئارتۇق ئويلىماڭ بولامدۇ..مەن سىزنى زىيان تارتقۇزمايمەن..

ئۇنىڭغا قولۇمنى تەڭلىدىم.

_ مەيلى. مەن رازى بولدۇم. بۇمۇ بەلكى بىر تۇرمۇش ئۆگىنىشتۇ..

_ رەھمەت. سىزنى چوقۇم زىيان تارتقۇمايمەن.

_ نېمە قىلىمەن. سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىز بويىچە بولسۇن..

_ ئاۋال كىيىملىرىڭىزنى رەتلەپ بىر قۇر ياخشىراق كىيىم كىيىڭ. ئەتە سەھەردە شۇ ئۆيگە بارىمىز..

ئۇنىڭ بىلەن قول سىقىشىپ قويغاندىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئۆزۈمنى نەچچە قېتىم چىمداپ باققان بولساممۇ بۇ ئىشنىڭ راستلىقىغا يەنىلا ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم. چۈنكى بۇنداق باي ھەم كېلىشكەن يىگىتلەرگە ئۇچراپ قېلىش پەقەت كىنولاردىلا كۆرۈلىدىغان ئىش ئىدى.

ئىشكاپنى ئېچىپ ئۇ ماڭا ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى قايتىدىن كىيىپ باقتىم. بايلارنىڭ ئايالىغا ئوخشىغان ئوخشىمىغانلىقىمغا قاراپ بېقىۋاتاتتىم.

تۇيۇقسىز ئاپامنىڭ تېلىفونى سايرىدى.

_ قانداقراق بوپ قالدىڭ؟ قايسى كۈنى كەيپىياتىڭ بەكلا ناچارتى..

_ ياخشى ئاپا. ئەنسىرىمە..

_ ئەتە سېنىڭكىگە باراي دېگەن..سىلەر بارمۇ؟

_ بىز يوق ئاپا، ئەتە بىر يەرگە بارماقچى باشقا بىر كۈنى ئۆزۈم يېنىڭغا باراي..
_ ئاجراشقىلى بارمايدىغانسىلەر..

_ ياقەي. ئۇ ئىشنى ساڭا مۇنداقلا دەپ قويغان، راست ئەمەس، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بەك ياخشى. ئەنسىرىمە..

_ يېنىكلىك قىلما، بولامدۇ، ئاجرىشىپ كەتمە..

_ ماقۇل..ئاجراشمايمەن..ئەنسىرىمە ئاپا..

تېلىفوننى قويغاندىن كېيىن ئەتە كىيىدىغان كىيىملىرىمنى تەييارلاپ قويۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم.

*                                *                                *                               

ئەتىسى سەھەر ئويغاندىم-دە، تۈجۈپىلەپ ياسىنىشقا باشلىدىم.

گىرىمنى ئۇ لاھىيلەپ بەرگەن بويىچە قىلىپ، كىيىمنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى كەيگەندىن كېيىن مېھمانخانا ئۆيگە چىقتىم.

_ ۋوي، بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسىز..

_ رەھمەت. بۇنداق كىيىنسەم دادىڭىزغا يارايدىغان يارىمايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن..

_ يارايسىز. ماڭايلى..

ئۇنىڭ بىلەن لېفىتكە چىققاندىن كېيىن ئۇدۇلدىكى ئەينەككە قاراپ باقتىم. بارغانسىرى راست ئەر-ئايالغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتۇق.

ئۇنىڭ بىلەن ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇردۇق. ماشىنا خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ئېسىل نەچچە داچىنىڭ ئالدىدا توختىدى.

ماشىنىدىن چۈشۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ داچىغا قاراپ ھەيران قالدىم.

_ بۇ..بۇ..دادىڭىزنىڭ ئۆيىمۇ..

_ شۇنداق..ھەم مېنىڭ ئۆيۈم..

_ بۇنداق چوڭ ئۆيىڭىز بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن..

_ سىز ئويلىمىغان ئىشلار كۆپ تېخى.. يۈرۈڭ..

ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ مېنى داچىغا باشلىدى. داچىنىڭ ئىشىكى يۈز تونۇيدىغان بولۇپ «يولدىشىم»ئالدىغا كېلىشى بىلەن ئېچىلدى.

_ ۋاھ..ئاجايىپلا..

ئىشىكتىن كىرىشىمىز بىلەن خىزمەتچى ئايال ئالدىمىزغا چىقتى.

_ كەلدىڭىزمۇ، خوجايىن ئۈستىدە سىزنى ساقلاۋاتىدۇ..

«يولدىشىم»غا ماسلىشىپ ئاياقنى سېلىپ ساپما كەشكە ئالماشتۇرغاندىن كېيىن پەلەمپەيگە قاراپ ماڭدىم. ئۆمرۈمدە بۇنداق چوڭ ئېسىل داچىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئۈستىگە چىققانسىرى ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان قوللىرىم تىترەشكە باشلىدى.

_ تىترەپ كېتىۋاتىسىز..جىددىيلەشمەڭ..

_ دا..دادىڭىزغا نېمە دەيمەن..بەكلا قورقۇپ كېتىۋاتىمەن..

_ ئەنسىرىمەڭ. ئۇ سىز بىلەن ئەمەس مەن بىلەن پاراڭلىشىدۇ..

ئۇنىڭ تارتىشى بىلەن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقتىم-دە، ئېسىل سافا ئۈستىدە ئولتۇرغان دادىسىنى كۆردۈم. دادىسى ئالدىنقى كۈندىكىدىنمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنىۋاتاتتى.

_ ئاخىرى قاپتىپ كەپسەندە..

_ ئۆزۈڭ مېنى كەل دېدىڭ..

_ قېنى ئولتۇرۇڭلار،_ «يولدىشىم»نىڭ دادىسى بىزنى ئۇدۇلدىكى سافاغا باشلىدى. سافادا ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈپ ئاران ئولتۇردۇم.

_ ۋوي، بالام كەپتۇغۇ،_ تۈنۈگۈنكى ياسانچۇق ئايال چىقىپ بىزگە قارىدى،_ كېلىنمۇ كەپتۇ..

ئۇ مېنىڭ بېشىمدىن پۇتۇمغىچە يەنە بىر قېتىم قاراپ قويۇپ «يولدىشىم»نىڭ دادىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.

_ مېنىمۇ چاقىرماي توي قىپسەن..

_ سەن شۇنداق ئالدىراش تۇرساڭ. مەن توي قىلسام باراتتىڭمۇ.._ دېدى يولدىشىم كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۆگەي ئاپىسىغا قاراپ قويۇپ.

_ نوپۇس دەپتەرنىمۇ ئەچىقىپ كېتىپسەن..

_ مېنى ئەيىپلىگىلى چاقىرغان بولساڭ قايتاي..

_ ياق. ئەيىپلىگىلى چاقىرمىدىم..سەن بىلەن پاراڭلىشاي، كېلىنىم بىلەن تونۇشاي دەپ چاقىردىم.

  خىزمەتچى ئايال ئۈستەلگە ھەرخىل يەيدىغان نەرسىلەرنى تىزدى، بۇ نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مەن يەپ باقمىغانىدىم.

_ كېلىن قىز نېمە خىزمەت قىلىدۇ،_ دېدى بايىدىن بېرى مەندىن كۆزىنى ئۈزمىگەن ئايال.

_ مەن..مەن..

_ ئايالىمنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگۈزدۈم.. ھازىر ئىشلىمەيدۇ..

_ ۋوي. بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ..ياشلار دېگەن ئىشلىشى كېرەك..

_ بولدى، بۇ گەپنى دېيىشمەيلى. توينى بەرىبىر قىپ بوپسىلەر، ئەمدى كۆچۈپ كېلىپ مۇشۇ ئۆيدە بىز بىلەن بىرگە تۇرۇڭلار..

بۇ ئۆيدە ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇشۇمنى ئويلىساملا يۈرىكىم ئەنسىز سوقاتتى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章