بۇزۇلغان ئانا2-قسىم

文摘   2025-01-28 21:25   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم


 2-قىسىم


بىر كۈنى يەنە ئوغۇرلۇقچە دوسلىرىمنى ئىزدەپ ماڭدىم.بىر قىزىل  چىراقتىن ئۆتۈپ  يەنە بىر قىزىل  چىراقتا تۇراتتىم. قاش كۆزى چىرايلىق بىر ئاكاش مەندىن يول سورىدى،دەپ بەدىم،ئۇ ئىككىمىز يۇرتداشكەنمىز دىدى ئاندىن ئۆزىنىڭمۇ مەن بىلەن تەڭ قىزى بارلىقىنى ئۆيىگە بېرىپ  بىللە ئويناپ كىلشىمنى ئىيتتى. ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوينايمە دەپ كەتتىم لىكىن، ساۋاقداشلىرىمنى قورۇ ئەتراپىدىن تاپامماي بىر بوش ئورۇندا كۆڭلۈم يېرىم ئولتۇردۇم،

ھېلىقى ئاكاش يەنە كەلدى…بىر قىزنى  يىتىلەپ ئەكەپتۇ،قىز ماڭا بىر تال ساپلىق كەمپۈت بەدى،ساپلىق كەمپۈتكە ئالدىنىپ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ بىللە ئوينىماقچى بولدۇم،ساپلىق كەمپۈتنى يەۋىتىپ ئۇيقا باستى،بىر كەمدە كىچىكلا دەرىزىدىن يورۇقلۇق كىرۋاتقان زەي پۇرايدىغان ئۆيدە كۆزىمنى ئاچتىم…قورسىقىم ئىچىپ تارتىشىپ كەتكەن ئىدى،يىنىمدا ئىككى ئوغۇل ئۈچ قىز بالا با ئىدى،ھەممىسى مەن دىمەتلىك بولغاچ ئۇلادىن بۇ  يەنىڭ نەلىكىنى سورىدىم…

-بىزمۇ ئۇقمايمىز…بىزنى بۇيەگە سولاپ قويغىلى نەچچە كۈن بولدى…

سىرىق بىر قىز يىغلاپ شۇنداق دىدى…ھېچكىم بىزگە سۇ تاماق بەمىدى،بىر كىچە ئالمىشىپ تاڭ ئاتقاندا بىر پارچىدىن نان،نەچچە شىشە سۇنى يورۇقلۇق چۈشۈۋاتقان  كامارغا ئوخشايدىغان يەدىن تاشلاپ بەدى…چوڭ-كىچىك تەرەت پۇراپ  كەتكەن زەيكەش ئۆيدە قىينىلىپ بىر چىشلەم بىر چىشلەمدىن يەپ تۈگەتتىم،ئىككى ئوغۇل ئۇرۇشۇپ قىپ بىر ئىتتىرشىپ تەرەت تۇڭىنى ئۆرىۋەتتى…ھۆ بوپ كۆزۈمدىن بۇرنىمدىن،ئىغىزىمدىن تەڭ چىقىرۋەتتىم…دادامنى سىغىنىپ كىتىپ باراتتىم،كۈندە يەيدىغان مەززىلىك تاماقنى،دادام يىنىمدا يىتىۋىلىپ  تولا ئۆرۈلۈپ غىچىرلىتىۋىتىدىغان كارۋىتىمنى يۇمشاق يوتقىنىمنى سىغىناتتىم…بۇ يەدە ماڭا تويغىدەك نانمۇ،قىنىپ ئىچكىدەك سۇمۇ بەمەيتى. ھەپتە ئۆتۈپ يىنىمىزغا بىر نەچچە ئادەم كىردى،ئىنتايىن كۆرۈمسىز،تەلەتى سۆرۈن،يۈزى تۆمۈردەك قارداپ كەتكەن قىشى ئوتتۇرسىدا مىققىدە گۆش بوپ كەتكەن بىرى ھەممىمىزنى ئۆرۈپ قاراپ مېنى ئالدىغا تاتتى.قولۇمنى چىقىرىپ قاراپ دولامغا قولىنى قويۇپ مېنى يىنىغا  تاتتى…

-مۇشۇ بوسۇن…

-بۇنىڭ باھاسى ئۆرە ئاكا،قارا ئۇنىڭ قولىغا،شۇنداق نازۇك ئەپلىك تۇرمامدۇ…بۇ قوللا كىيىن سېنى باي قىلۋىتىدۇ…چىرايىچۇ بۇنىڭ  قوش پايدا ئالدىڭ…

مىنى ئالداپ كەمپۈت يىگۈزگەن ئادەم پۇلنى سانىغاچ  توختىماي ئىڭكى ئاستىدىكى بىر تۇتام تۈكى ياراشمىغان مۇنۇ ئادەمگە خۇشامەت قىلىشقا باشلىدى…مېنى يەنە بىر ئون يەتتە ياشلادىكى بىرى بىللە ئەپ ماڭدى…قايسى جايغا  كەپ قاغىنىمنى ئۇقمايمە،يىغلاپ قارشىلىق قىپ ماڭمايمەن دىسەم ھېلىقى سەت ئادەم بىر كاچات ئۇرۇپ ئارقامغا ئۇچۇرۋىتىپ قارشىلىق قىلىشنى ئۇنتىغان ئىدىم.كۈندە قانداق ئوغۇرلۇق قىلىشنى ئۈگىتەتتى،ئۆگىنەممىسەك ئۇراتتى بىر كۈن ئىككى پۇتۇمنىڭ  گۆشلىرى ئىچىلىپ كەتكۈدەك تاياق يىدىم ھېلىقى ئون يەتتە ئون سەككىز  ياشلادىكى ئاكاش مەن تاياق يىگەندىن كىيىن يىنىمغا كىلىپ ماڭا يانچۇقىدىن بىر تۇتام مىغىز چىقىرىپ تەڭلىدى…

-ئاكا بۇنى مەن گەپكە كىرگۈزەي.

مىنى تاسما بىلەن ئۇرۋاتقان ئادەم  ماقۇل دەپ چىقىپ كەتتى…

-ئۆيىڭىزگە كەتكىڭىز بامۇ؟

بىشىمنى لىڭشىتىپ تېخىمۇ يىغلاپ كەتتىم،ئۇنىڭ دادامنىڭ كۆزگە ئوخشاش كۆزىدىن دادامنىڭ ماڭا قارغاندىكى مىھرىنى كۆگەندەك ئىدىم،

-بۇنى يەۋىلىڭ، مەن نىم قىل دىسەم قىلىڭ،سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويۇشقا ۋەدە بىرەي…

ماقۇل دەپ ئۇ تەڭلىگەن مىغىزنى ئالقىنىمغا ئىلىپ يىيىشكە باشلىدىم…

ئۇنىڭ يول كۆسەتكىنى بويىچە نىم ئۆگەتسە قىلدىم،ئۇ ئاكاشنىڭ ئېغىزىدىن چىققاننى قىلاتتىم، ئۇنىڭ ئۆيىڭگە ئاپىرىپ قويمە دىگەن  گىپىگە ئىشەنگەن ئىدىم، ئۇ ئاكاش مېنى سىرتقا ئەچىقىپ خەخنىڭ سومكىسىدىن پۇل ئاغۇزماقچى بوپ ئەچىقتى،خىلى يولنى پىيادە بىسىپ   يىنىمدا ھېلىقى مېنى ئۆيىمگە ئاپىرىپ قويمە دىگەن ئاكاشلا قالدى،خىلى  ماڭغاندىن كېيىن بىر تاكسىغا چىقىپ ماڭدۇق،ئۆيۈمنىڭ ئادرىسىنى دەپ بەدىم ئۇ ئاكاش بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى.

-ئاكا مېنى ئاپىرىپ قويسىڭىزھېلىقى ئادەم  مەيلى دەمدۇ.

ئۇ ئاكاش  ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى

-مەيلى دىمەيدۇدە ئەلۋەتتە،تۇتۋاسا مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ

-ئەمسە…

-ئۇ مېنى تۇتاممايدۇ سىزنى ئىلىپ قىچىپ كەتتىمغۇ مانا…

ھە دەپ ئۇ ئاكاشنىڭ قولىنى تۇتۇپ پويىز ئىستانسىسىغا كىردىم،ئاندىن پويىزدا بىر كۈندىن  جىقراق  ماڭدۇق، دادام ئىچىۋاتقان رىستۇراننىڭ ئالدىغا ئاز قاغاندا ئۇ ئاكاش قولۇمنى قويۋەتتى،

-بۇندىن كىيىن بەك دىققەت قىلىڭ چوڭلاردىن قەتئىي ئايرىلماڭ ماقۇلمۇ…

بىشىمنى لىڭشىتتىم،ئۇ يۈزۈمنى سىيلاپ قويۇپ  ئارقىسىغا بۇرۇلدى

-ئاكا سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟

-ئىسمىم نەبى…قارامايدىن.

ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ كەتتى،مەنمۇ ئارقامغا بۇرۇلدۇم،نەگە بارغىنىمنى ئۇقمايلا بىر ئايدىن ئازراق ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە  نەبى ئىسىملىك ئون يەتتە ئون سەككىز  ياشلادىكى ئاكاش سەۋەپلىك   دادام ئىچىۋاتقان رىستۇران ئالدىغا قايتىپ كەپ قالغان ئىدىم،ئەللىك ماڭدام نىرىسىدىكى رىستۇرانغا با كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۈپ ماڭدىم.

-دادا… دادا…

دادام ئولتۇرغان ئورۇندىن سەكرەپ تۇرۇپ ئالدىمغا يۈگرەپ كەلدى،دادامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم، ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرى يۈزىمگە بوينۇمغا سانجىلدى، دادامنىڭ كەينى مىڭەمدىن دۈمبەمدىن چىڭ تۇتقان قولى خىلى بىر چاققىچە چۈشمىدى… بىر قىتىم يۈتۈپ كەتكەندىن كىىيىن ئوينىغىلى چىقمايدىغان بولدۇم. دادام ئۆزى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى.مىنى كۆزىدىن نىرى قىمايتى،تاماق يىسەم بىر قولۇمنى تۇتۋىلىپ ئولتۇراتتى،تاپشۇرۇق ئىشلىسەممۇ  يىنىمدا ئىدى. ئوبىرنىدا ئۇزۇنراق ئولتۇرۇپ قاساممۇ ئوبۇرنى ئالدىغا كېلىپ توۋلاپ باقاتتى،يىشىم چوڭىيىپ خىلى ئىش ئۇققىدەك بولدۇم لىكىن بۇ شەھەردە بىللە ئوينايدىغان  دوستۇم يوق، دەرستىن چۈشۈپ دادام  ئاچقان جەنۇبىي يۇرتتىكى ئىسىل تەم ئاتالغان، كىچىكى تورت-پىشۇرۇق چوڭى داڭلىق قورۇمىغىچە چىقىردىغان تەخمىنەن 200كىۋادرات كىلدىغان رىستۇراننىڭ بىر بۇرجىكىدىكى  تۆتلا ئورۇندۇق قويۇلغان لىكىن شىرە بەكلا كىچىك بوغاچ مىھمانلا ئولتۇرۇشنى خالاپ كەتمەيدىغان، رەڭگى  قىزغۇچ ھېلىقى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيتىم، ئىشىك ئالدىدا دادام ھىساۋات قىلىپ ياكى بىركىملە بىلەن تىلفۇنلىشىپ ئولتۇرغاچ  سىرتقا چىقىپ ئويناپمۇ كىرەمەيتىم، دادام بىشىنى كۆتۈرۈپ ئانچە-مۇنچە قاراپ قوياتتى، جوزىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ سىرتقا چىقىپلا كەتسەم دادام ۋارقىراپ قايتۇرۇپ كىرەتتى،  دادامنىڭ تىللىشىدىن قوقۇپ مىدىر قىماي تاپشۇرۇق ئىشلەپ تۈگىتەتتىم، يازدىغان تاپشۇرۇقىم تۈگىسە كىتاپنى قايتىدىن ۋاراقلاپ كىتاپتىكى خەتلەنى ئارلاپ ئېلىپ دەرس خاتىرسى ئاتالغان دەپتەرگە   كۆچىرەتتىم،ئىشقىلىپ دادام ماڭا يازدىغان كۆچۈردىغاننى تەييار قىپ بىرەتتى،مەكتەپتىكى ئورۇندىقىمدىن ئاجراپ كەسەم ھېلىقى قىزغۇچ ئورۇندۇقتا سائەتلەپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان ئىدى،

-شەھلا بەك گەپ ئاڭلايدۇ جۇمۇ… بەك تىرىشىدۇ …چوڭ بوسا چوقۇم  قالتىس قىز بولىدۇ…

سەي قورۇيدىغان،مۇلازىملىق قىلدىغان ئاكاش ئاچاشلا  سودا سەل بوش چاغدا توپلىشىپ پاراڭ سىلىشاتتى،پاراڭ تىمىسى جىق ۋاقىتتا مەن ئىدىم، دادامغا مېنى ماختاپ بىرەتتى، مەۋسۇملۇق ئىمتاھاندا  ئەدەبىيات نەتىجەم93،ماتىماتىكا 100ئىنگىلىزتىلى 91چىقتى.بۇ نەتىجە باشلانغۇچ ئىككىنجى  يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن بەك ناچار نەتىجىمۇ ئەمەس ئىدى، دادامنىڭ يىنىغا بىرىپ نەتىجەمنى ئوقۇپ بەدىم،  مۇلازىمەت سۇپىسىدىكى ئىككى ئاچاش مېنى ماختاپ كەتتى،

-شەھلا بەل قالتىسكەنسىز…  نىم يىگۈڭىز با مەن سىرتقا ئەچىقىپ مىھمان قىلاي ھە…

ئۇ ئاچاشقا بىر قاراپ دادامغا قارىدىم،دادامنىڭ ماختىمىسىمۇ ھە بوپتۇ دەپ قويشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم، دەپتەرگە بىرنىمە يىزىۋاتقان دادام بوسا كۆزىنى ماڭىمۇ ئاغدۇرۇپ قويماي

-قالتىس ئادەم بولىشىغا تىخى يىراق… دىگەن يىرىمدىن چىقالسىلا مەيلىغۇ…

دىدى، دادامنىڭ ئەركىلتىپ ئىلھام،مەدەت بىرىپ قويشىنى، چىرايلىق گەپ قىلىپ باشقا دادىلاردەك ئەركىلىتىپ كۆتۈرۈپ سۆيۈپ قويشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم، دادامنىڭ يىنىغا بىرىپ يۈزىنى تارتىپ ئۆزەمگە قاراتتىم

-دادا… تەتىلدە مەكتەپتىن  يازلىق لاگىرغا ئاچىقىدىكەن مۇئەللىم ۋاقتى ئون بەش كۈن دەيدۇ مەن باسام بۇلامدۇ؟

-ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىشىڭىزگە كەسپىي ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچى  ئەكەپ بىرەي بۇ تەتىل ئەدەبىيات بىلەن تىل ئۆگىنىشىڭىزگە كۈچىمىسەك بوممايدۇ.

-لېكىن دادا ئون بەش كۈن لاگىرغا بىىرىپ كەگەندىن كىيىن ئۆگەنسەم بوممامدۇ؟

-شەھلا ئۆگىنىش نىشانىڭىز نىمە؟

دادامنىڭ سۇئالىدىن گاڭگىراپ قالدىم، قانداقتۇر نىشانىم يوق ئىدى، پەقەت دادامدىن قوقۇپ ئۆگىنىش قىلاتتىم، دادامدىن تىل ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كىتاپ قولۇمدىن چۈشمەيتى.

-ئىمتاھاندا…ئىمتاھاندا يۇقىرى نومۇر ئىلىش.

-ئالالىدىڭىزمۇ؟

بىشىم لەسسىدە چۈشۈپ كەتتى،

-ئەتە بىر كۈن ئارام ئىلۋىلىڭ ئۆگۈنلىككە ئەتىگەن كۇرۇسقا ئاپىرىپ قويمە، كۇرۇسنىڭ ئورنى  يىراقراق ئارام ئىلىشتىمۇ كىلەمەيسىز، تەتىل توشقاندا مەن قايتۇرۇپ كىلىمە…

-دادا لاگىرغا...

گىپىمنىك ئاخىرى چىقماي دادام قولىدىكى ھېساۋات دەپتىرىنى پاققىدە ئالدىغا ئاتتى.

-ئارزىگۈل شەھلانى بازاغا ئەچىقىپ لازىملىق نەرسىنىنى تەييارلاپ بىرىڭ......

بايا مېنى توختىماي ماختاپ كەتكەن  ئاق سىرىق ئاچاش مۈرەمدىن تۇتتى، ئارزىگۈل ئاچامنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تىترەپ كەتتىم. ئەتسى ئەتىگەن دادام بىلەن يولغا چىقتۇق، يىڭى مۇئەللىم ئالدىدا دادام ھىجاراپ قول باغلاپ تۇردى، مۇئەللىم ماڭا قاراپ يىنىمغا كەل دەپ ئىشارە قىلدى، ئاندىن سۇئال سورىدى، جاۋاپ بىرىپ بوغاندىن كىيىن  بىشىنى لىڭشىتتى. بۇ مېنى قوبۇل قىلغىنى،مېنى يىتەكلەيمە دىگىنى ئىدى،  يىڭى كۇرۇسىمنىڭ ئورنى دەل  مۇئەللىمنىڭ ئۆيىكەن،بۇ ئالىي مەكتەپ ھويلىسىدىكى ئائىلىكلە قورۇسى ئىدى، چوڭ كىچىك ئىشىكتە ئامانلىق ساقلىغۇچى ھەرۋاقىت با،بىنادىن چۈشسەملا ساقچىخانا با ئىدى،كۈندە چۈشتە ساقچىخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماگزىندا دادامغا تېلېفۇن قىلاتتىم، بۇ ئۆيدە كۈندە يىرىم كۈن تىل دەرسىم يەنە ئەدەبىيات دەرسىم با ئىدى، ئەلۋەتتە ئىككى كۈندە بىر ماتىماتىكا دەرسىممۇ با ئىدى. سەكسەن نەچچە كىۋادرات بۇ ئۆيدە ئۇ مۇئەللىم ماڭىلا دەرس ئۆتەتتى، قايسىدۇر بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن  تامىقىمنى ئۇ ئىتىپ بىرەتتى لىكىن كىرىمنى يۇيۇپ بەمەيتى. كىرىمنى ئۇ مۇئەللىم كۆرسىتىپ قويغان كىرخانىغا ئەچىقىپ بىرەتتىم. ئەتىگىنى دەل ۋاقتىدا يەنى بەش يىرىمدا تۇرشىم كىرەك ئىدى، قىرىق مىنۇت تىل ئۆگىتەتتى، قىرىق مىنۇت ئەدەبىيات ئۆگىتەتتى ئاندىن ناشتىلىقىمنى بىرىپ ئۆتكەن مەزمۇننى ماڭا ئالاھىتەن ئون ۋاراقنى بىر دەپتەر قىپ تىككەن ھېلىقى قىزىل تاشلىق دەپتەرگە لىق كۆچۈرگىزەتتى. ناشتا قىلىپ بوپ يازغىلى تۇرسام ئۇخلايدىغان چاققىچە ئاران تۈگتەتتىم، يادلىتاتتى،دۇدۇقلىسام پاچىقىمنى چىمدىۋالاتتى، قوللىرىم قەلەم تۇتۇپ قاپىرىپ،ئاندىن قاپاغان جاي تىشىلىپ كىتەتتى، يوتقانغا كىرۋىلىپ كىچىسى يىغلايتىم…
ئۆگىنىشىم ئاخىرلىشىدىغان كۈنگىچە دادامنى بەك سىغىندىم، مېنى ئاغىلى كەگەن كۈنى ئالدىغا يۈگرەپ بىرىپ بىلىدىن چىڭ قۇچاقلىۋالدىم…

-شەھلانى مەكتەپ يۆتكەي دىگەن...

دادام مىنى ئىتتىرىپ مۇئەللىمنىڭ يىنىغا بادى، مۇئەللىم مىنى ئىمتاھانغا قاتنىشىپ تۆتىنجى يىللىقنى ئوقۇسۇن دىدى، بۇ ۋاقىتتا بەك دىققەت قىماپتىمەن، يىڭى مەكتەپكە باغاندا ئاندىن سىنىپ ئاتلىغىنىمنى  بىلدىم، بۇ مۇئەللىمنىڭ مىنى يىتەكلىشىگە قۇلاي بوسۇن ئۈچۈن دادام مېنى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يىنىدىكى مەكتەپكە ئورۇنلشتۇرغان ئىدى…دادامنىڭ پىلانى بويىچە بوغاندا مەن ئۈچ قىتىم سىنىپ ئاتلاپ بوغاندىن كىيىن داڭلىق  ئوتتۇرامەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپىغا  قوبۇل قىلىنىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقىشىم ئاندىن بىيجىڭدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتىشىم كىرەك ئىدى،بۇ پاراڭلا تۈگەپ دادام كەتتى، كۈنىم بىر رىتىمدا  ئۆتىۋاتاتتى.

كۈندە دەرستىن چۈشۈپ مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيتىم، بىر قىتىم قاتتىق قىززىپ قالدىم، سىنىپتا ئولتۇراماي  يىنىچە بوپ كەتتىم، كۆزۈمنىمۇ ئاچاماي پەلەمپەيدىن چۈشكىچە دومىلاپ كەتكىلى تاس قالدىم، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مەن ئۆيىدە تۇرۋاتقان مۇئەللىم مېنى دوختۇرخانىغا ئاپادى، كىچىچە ئۇخلىماي كۈندىزى ئىشقىمۇ باماي مېنى ئىككى كۈن باقتى،ئۈچىنجى كۈنى قىزىتمام ياندى، مېنى ماغدۇرى يوق دەپ يۈدۈپ مىڭىپ دوختۇرخاندىن  ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى،  مۇشۇ ئىشتىن كىيىن ئۇنىڭغا بوغان بىزارلىقىم يوقاپلا كەتتى، مۇئەللىم ئاچاشنى بەكلا ياقتۇرۇپ قاغان ئىدىم، يىشى ئوتتۇز نەچچە ياشلادا با بۇ ئاچاشنى ئاپامدەك كۆرۈپ ئەركىلەيتىم قۇچاقلاپ ئۇخلايتىم…ئارىمىزدىكى مىھىر-مۇھەببەت شۇنداق چوڭقۇرلاپ كەتكەن ئىدى، مېنى بازاغا، باغچىغا ئاپىراتتى، ئويۇنچۇق،چىرايلىق چاچ بوققۇچ چازا ئەپ بىرەتتى، مەن بىلەن  كارتۇن فىلىم كۆرۈپ تەڭ كۈلەتتى،مۇئەللىم مېنى باغىچىغا ئەچىققان كۈنى بىر ئاكاشنىڭ ئىسكىرىپكا چىلۋاتقىنىنى كۆرۈپ يۈگرەپ ئالدىغا بادىم،ئىسكىرىپكىنىڭ ئاۋازى قۇلقىمدىن كىرىپ يۈركىمدە سايراۋاتاتتى، ئۇ ئاكاش مۇزىكىسىنى توختاتقاندا ئۇنىڭ قولىغا ئىسىلدىم

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章