توي ۋە سۈيقەست15-قسىم

文摘   2025-01-27 20:46   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 

--قىسىم

_ سىز..مېنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغانسىز ھە..

بۇ گەپكە نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.

ئۇ كۈلۈپ كەتتى.

_ جاۋاب بەرمىگىنىڭىز قارىغاندا ئۇنداق ئەمەسكەن..ھەر نېمە بولسا..

_ بەك خوش بوپ كەتتىڭىزغۇ..

_ مەندەك ئۆيى، ماشىنىسى، ھەتتا خىزمىتىمۇ يوق بىر يىگىتنى كىم ياخشى كۆرۈپ قالاتتى...

_ شۇ ئەمەسمۇ..ئىككىمىز دېگەن توختاملىق ئەر-ئايال تۇرساق..قانداقمۇ مۇھەببەت پەيدا بولسۇن..

_ بىلىمەن.سىز ھېلىقى يارىماسنى ياخشى كۆرىسىز..

_ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بەلكى شۇنداقتۇ..

_ سىزگە ئۇنى ئۇنۇتقۇزىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس..

«مەن ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ بولدۇم، ھازىر پۈتۈن كاللامدا سىز» دېگەن گەپنى دېيەلمىدىم.

_ سىزگە رەھمەت. ئۇنى چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىمەن..مەنمۇ سېستىرا ئىككىڭلارنىڭ بالدۇرراق مۇھەببەتلىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن..

_ ئىككى ئايدىن كېيىن بىرگەپ بولسۇن، مېنىڭ ئايالى بار ئەركىشى قىزلارنى قوغلاشتى دېگەن نامنى ئالغۇم يوق..ھازىر پەقەت چۈشىنىپ باقساملا بولدى..

_ ئىككى ئاي ئەمەس، 57كۈن قالدى..

ئۇ ماڭا ھەيرانلىقتا قارىدى.

_ كۈننى بەك تولۇق ھېسابلاپسىز، مېنى ئۆيدە بىر كۈنمۇ ئارتۇق تۇرمىسۇن دەپسىزدە..

_ ئەلۋەتتە.. توختام بويىچە ماڭمىساق بولمايدۇ-دە..

ئۇ ئاچچىق كۈلۈپ كەتتى.

_ دېمەك پۇلۇمنى ئېلىشقا 57كۈن قاپتۇ..

_ مائاشىمنى ئالسام دوختۇر ھېساۋاتى، يول كىراسى دېگەنلەرنى ئالدىن بېرىۋېتىمەن..

_ بەك ياخشى بولدى.. كۆپ رەھمەت..

ئۇ ماڭا ماشىنا ئەينىكىدىن قاراپ كۈلۈپ قويدى، لېكىن ئۇ ئىچىدىن ئېچىلىپ كۈلگەندەك قىلمايتتى.

_ ھەمكارلىقىمىز ياخشى بولىۋاتىدۇ..

_ بولدى قايتايلى.. سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ سىرتتىن خىزمەت ئىزدەيمەن..

ئۇ ماشىنىنى ھەيدىشى بىلەن يۈرىكىم يەنە بىر قېتىم سىلكىندى. خۇددىي ماشىنا مېنى ئايرىلىش يولىغا ئېلىپ مېڭىۋاتقاندەك..

  ئۇ مېنى ئۆيگە ئەكېلىپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى. دەم ئېلىش ۋاقتىمنىڭ توشۇشىغا ئىككى كۈنلا قالغانىدى. ئۇنى خىزمەت ئىزدەشكە ئالدىراتقىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىۋاتاتتىم. چۈنكى بۇ مېنىڭ مەيلىم ئەمەس ئىدى، مەيلىمچە بولسا ئۇ كۈندە يېنىمدا بولسا، ماڭا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ بەرسە، مېنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ئېلىپ چىقسا، ھېلىقى كۈندىكىدەك گۈزەل جايلارغا ئاپارسا بولاتتى. لېكىن بۇنداق بولسا ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن، ئايرىلىشقا قىيماي قېلىشتىن قورقاتتىم.

«چىدا، چوقۇم چىدا، ھېچقانداق ئادەمگە كۆنۈپ قالماسلىقىڭ كېرەك. ئۇمۇ ساڭا مەڭگۈلۈك ھەمراھ ئەمەس. ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى مەقسەت قىلىپ توي قىلغانكەنسەن، چوقۇم دېگىنىڭنى قىلىشىڭ كېرەك» ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ قويۇپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.

  چۈشلۈك تاماققا ئۇنى ساقلىغان بولساممۇ قايتىپ كەلمىدى، ئامالسىز ئۆزۈم يالغۇز تاماق يېدىم، گەرچە ئاجرىشىشىمىزغا 57كۈن بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم تۇرمۇش كەچۈرىشىمىز ھازىردىن باشلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى.

  كەچ بولغاندا ئىشىك ئېچىلىپ ئۇ ھارغىن ھالەتتە قايتىپ كەلدى.

_ نېمىش بولدى؟ بەك چارچاپ قالغاندەك كۆرىنىسىزغۇ..

_ بىركۈن خىزمەت ئىزدەپتىمەن..ئاخىرى مۇۋاپىق خىزمەتتىن بىرنى تاپتىم..

_ شۇنداقمۇ، مۇبارەك بولسۇن.. تاماق ئېتىپ قويدۇم، ئاشخانىدىن ئەچىقىپ يەڭ..

ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ بىر قاچا تاماقنى ئېلىپ چىققاندىن كېيىن سافادا ئولتۇردى.

_ مەن تېخى مۇۋاپىق خىزمەت چىقمامدىكىن دېگەن، ئويلىمىغان يەردىم خىزمەت چىقتى..مائاشىمۇ ياخشىكەن..

_ شۇ..شۇنداقمۇ..قانداق خىزمەت؟

_ دوختۇرخانىنىڭ قان ئىسكىلاتىدا ئىشلەيدىكەنمەن..

يۈرىكىمنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىدى، بۇ ئۇنىڭ ھەركۈنى شۇ قىزنى كۆرۈپ تۇرىشىدىن دېرەك بېرەتتى، يۈرىكىم ئېچىشىۋاتقان بولسىمۇ زورلاپ كۈلدۈم.

_ بەلكى ئۇچرىتىپ قالارمەن..

_ بەك ياخشى بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن..

_ لېكىن ئىككى كۈندە بىر كېچىلىك سىمىنا ئىشلەيدىكەنمەن..شۇڭا ئىككى كۈندە بىر شۇ يەردە قونۇپ قېلىشىمغا توغرا كېلىدىكەن..

_ شۇنداقمۇ. بوپتۇ، بۇمۇ مەيلى..

_ مېنىڭچە بۇمۇ ياخشى بولدى. سىزگىمۇ قايسى كۈندىكىدەك ئەپسىزلىك بولمايدۇ..مەن يوق ۋاقىتتا ئاپىڭىزنى ئەكەلسىڭىزمۇ، دوستىڭىزنى ئەكەلسىڭىزمۇ بولىدۇ..

_ شۇ ئەمەسمۇ.. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مۇبارەك بولسۇن. مەنمۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئىشقا چۈشمىسەم بولمايدۇ..

_ مۇشۇنداق بولسا بۇ ۋاقىتمۇ بەك ئاسان ئۆتىدىكەن..50 نەچچە كۈن دېگەن بىردەمدە ئۆتۈپ كېتىدۇ..

_ شۇ ئەمەسمۇ.._ كۆزۈمدىكى ياشنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇشقا تىرىشاتتىم.

_ نېمىش بولدى؟ يىغلاۋاتامسىز نېمە...

_ يا..ياقەي..

ئۇ يۈزۈمنى ئۆرىگەن تەرەپكە ئۆتۈپ ماڭا قارىدى.

_ راستىنلا يىغلاۋېتىپسىزغۇ.. بۇنى قانداق چۈشەنسەم بولىدۇ..

_ راست گەپنى قىلايمۇ..

_ ياق بولدى. راست گەپ ئاڭلىغۇم يوق..

ئۇ ئورنىدىن تۇردى.

_ سىزگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالدى،_ ئۇنىڭ ئاشخانا تەرەپكە ماڭغان قەدىمى توختاپ قالدى،_ مېنى كەچۈرۈڭ، بۇنى دېمىسەم بولاتتى.. بىلىمەن، بىز ھامان ئاجرىشىپ كېتىمىز..لېكىن..لېكىن سىز بىلەن بىرگە ياشايدىغان كۈنلەرنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ..

  ئۇ قاچىنى ئاشخانىغا ئەچىقىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىمغا كەلدى.

_ قاراڭ، بەكلا ئاسان ھاياجانلىنىدىكەنسىز.. بۇنداق ئاسان بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ بولامدۇ..

_ بىلىمەن. بۇنداق قىلىشىمنىڭ خاتالىقىنى بىلىمەن..ئۆزۈمگە ئۆچ بوپ كېتىۋاتىمەن..

_ بۇرۇنقى يىگىتىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا زىيان تارتتىڭىز، سىز مېنىڭمۇ قانداقلىقىمنى بىلمەيسىز، ماڭا بۇنچە ئاسان كۆڭلىڭىز چۈشۈپ قالمىسۇن..

_ شۇڭا ماڭا كۆيۈنمەڭ بولامدۇ..ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلماڭ.. بولمىسا ئايرىلىش بەك قىيىن توختايدىكەن..

_ مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ياخشى يىگىت ئەمەس.. سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىزغا ئەرزىيمەيمەن..

_ ئەمىسە نېمىشقا..نېمىشقا ماڭا بۇنچە كۆڭۈل بۆلىسىز.. نېمىشقا مېنى ئۆزگەرتىمەن دەيسىز.. سىز بۇنداق قىلغانسىرى مەن ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايدىكەنمەن...

_ دەل مۇشۇنداق بولغىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك.. بۇنداق ئاسان بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز زىيان تارتىسىز...

_ ئۆزىڭىز ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كۆڭلۈمنى ئېلىپ بۇنداق دېگىنىڭىز نېمىسى..

_ مېنىڭ مەقسىتىم سىزنى ئۆزۈمگە كۆندۈرۋېلىش ئەمەس، پەقەت بۇرۇنقى يىگىتىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئىدى..

_ رەھمەت. سىزگە يەنىلا رەھمەت ئېيتىمەن. دېگەن گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. مەن چوقۇم سىزسىز تۇرمۇشقا كۆنىمەن. دوختۇرخانىنىڭ ياتىقىدا ياتىمەن دېسىڭىز مەيلى. قاچان ياتاق ئۆيىڭىزنى سېغىنسىڭىز كېلىڭ. سىزنى ساقلايمەن..

_ ئىش كېلەر ھەپتە چۈشمەكچى..ئاڭغىچە يەنە سىزنىڭ ئۆزگىرىشىڭىزگە ياردەم قىلىمەن..

_ بولىدۇ..بىز يەنە دوستقۇ ھە..

_ ئەلۋەتتە..

_ كۆڭلۈمدىكىنى دەۋېتىپ قالدىم..مېنى كەچۈرۈڭ..

_ ياق. مەن ھېچنېمە ئاڭلىمىدىم..سىزمۇ ھېچنېمە دېمىدىڭىز..بىز يەنە ياخشى دوست...

_ شۇ شۇنداق..

ئۇنىڭ ماڭا سۇنغان قولىنى كۆرۈپ يىغلاشقا باشلىدىم.

ئۇ قولۇمنى سىقىمدىدى.

_ بۇنداق ئاجىز بولماڭ. سىز 30غا كىردىڭىز.. بىزگە ھېچقانداق ئادەم مەڭگۈ ھەمراھ بولمايدۇ..مەنمۇ شۇ..ئەتراپىمىزدىكى ئايرىلىشلارغا كۆنۈشىمىز كېرەك...

_ بىلىمەن..مەن چوقۇم كۆنۈپ كېتىمەن...

ئۇ بېشىمنى سىيلىدى.

_ نادان قىز، سىز چوقۇم بەختلىك بولالايسىز...

بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. قارىغانسىرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ قىيمايۋاتاتتىم.

_ سېستىرا قىز بەكمۇ بەختلىك ئىكەن..سىزدەك يىگىتنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتى..

_ ئۇ قىز بىلەن يۈرگىنىم يوق..ھازىر مېنىڭ نە ئۆيۈم، نە خىزمىتىم مۇقىم ئەمەس. ماشىنىمۇ دوستۇمنىڭ، ھازىر مۇھەببەتلەشسەم بولمايدۇ..

_ چۈشىنىمەن.. لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا مەستلىكىم كېلىۋاتىدۇ..

_ نېمىشقا ئۆزىڭىزگە مەستىلىكىڭىز كەلمەيدۇ..

_ ئۆزۈمگە؟_ ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم.
_ سىزنىڭ مەندەك بىر ياخشى دوستىڭىز بار..ھەم سىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ..مەن قىز بالىدىن دوست تۇتۇپ باقمىغان..سىز تۇنجىسى..

_ ھاھا.._ ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم،_ چۈنكى مەن سىز ياقتۇرىدىغان تىپ ئەمەس.. شۇڭا پەقەت دوستلا بولالمايمەن..سېستىرادەك سىز ياخشى كۆرىدىغان تىپلار ئوخشىمايدۇ..شۇنداقمۇ..

_ ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى سىز ئىشەنچلىك، ھەم سىزدە مەندە يوق نەرسە بار..

_ نېمە بار؟ سىزدە يوق نېمە بار؟

_ ۋاپادارلىق..ئاپىڭىزدىن كەلگەن مۇھەببەت بار..

_ ھاھا..بەك قىزىق ئىش.. مېنى ئاپىسى باركەن دەپ دوست تۇتۇپسىزدە.. دېمەك باشقا بىرەر قىزنىڭ ئاپىسى بولسا ئۇنىمۇ دوست تۇتالايسىز..بۇنى نېمە پايدىسى..

_ ئوخشىمايدۇ..سىز چۈشەنمەيسىز..

_ چۈشىنىشنى خالىمايمەن..بولدى، ئىككىمىز ھېچنەرسە دېيىشمەيلى..بەرىبىر نېمىلا دېسەك ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى دوستلۇقتىن مۇھەببەتكە ئۆزگەرمەيدۇ..

_ شۇنداق. بۇنى سىز دېگەن، توختامغىمۇ شۇنداق يازغان..

_ ھەئە..مەن شۇنداق يازغان..شۇڭا ئەمەل قىلىشىم كېرەك...

ئۇ ئورنىدىن تۇردى.

_ چارچاپ قاپتىمەن. ئارام ئالاي..سىزمۇ بالدۇر ئارام ئېلىڭ..

ئۇ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى ياپتى.

يۈرىكىم ئېچىشىشقا باشلىدى. گەرچە توختامغا شۇنداق يازغان بولساممۇ، لېكىن يەنىلا بۇنداق نەتىجىگە رازى ئەمەس ئىدىم. ئۇنىڭ نېمىشقا مېنى رەت قىلىدىغانلىقىنى، مەن بىلەن پەقەت دوستلا بولۇشنى تاللايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.

  ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم–دە، چىراغنى ئۆچۈردۈم.

*                             *                             *                            

  بىر ھەپتىلىك دەم ئېلىشنى تولۇق توشقۇزغاندىن كېيىن ئىشقا مېڭىشقا تەييارلىق قىلدىم. پۇتۇم تولۇق ساقايمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھاسسىغا تايانمايتتىم.

   «يولدىشىم» ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى كەيگەندىن كېيىن، چېچىم ۋە گىرىمىمنى ئۇ تاللىغان پوسۇن بويىچە ياسىدىم-دە، سومكام ئېسىپ قەددىمنى تىك تۇتۇپ شىركەتكە كىردىم.

   خىزمەت ئورنۇمغا كېلىپ ئۈستىلىمدىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى بايقىدىم.

  ئەمدى ئولتۇرۇشۇم بىلەن بىر قىز يېنىمغا كەلدى.

_ ھەدە، سەت بولدى، بۇ مېنىڭ خىزمەت ئورنۇم..

ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇرۇن بۇ شىركەتتە كۆرۈپ باقمىغان قىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.

_ بۇ مېنىڭ خىزمەت ئورنۇم..خاتالىشىپ قالدىڭىزمۇ نېمە..

_ مەن كەلگىلى بەش كۈن بولدى ھەدە..ئىشخانا مۇدىرى بۇ ئورۇننى خىزمەت ئورنىڭىز دېگەن..

ياندا ئولتۇرىدىغان خىزمەتدىشىم جايىغا ئولتۇرۇپ مېنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.

_ ۋوي، سىز..كەپسىزغۇ..

_ قانداق؟! كەلسەم بولمامدىكەن..مەن پەقەت يارىلانغاچقا ئارام ئالدىم..ئىستىپا بەرگىنىم يوق..

_ يارىڭىز قانداقراق؟!

_ ساقىيىىپ كەتتىم. مېنى قەستلىگەنلەر مۇرادىغا يېتەلمەيدىغان بولدى..

_ ساقايغان بولسىڭىزلا ياخشى بوپتۇ.._ ئۇ زورلاپ كۈلۈپ قويدى.

_ مېنىڭ خىزمەت ئورنۇم ئالمىشىپ كەتتىما؟ بۇ قىز بۇ ئورۇننى ئۆزىنىڭ دەيدىغۇ..

_ ھەئە..بۇ قىز نەچچە كۈن بۇرۇن كەلگەن..سىز يوق بولغاچقا ئورنىڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇردۇق..

_ تۇردۇق؟

_ شۇنداق. مەن ھازىر مۇدىر ياردەمچىلىكىگە ئۆستۈم.. بۇ قارارنى بىرلىكتە چىقاردۇق..

ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم.

_ ئەسلى جىننىڭ قەستى شاپتۇلدىكەندە..

_ ئۇنداق ئەمەس. مېنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز..شۇ كۈنى ئېلان ئىشلىگەندە ئىپادەم ياخشى بولغاچقا مېنىڭ خىزمەت ئورنۇمنى ئۆستۈردى..

_ شۇنداقمۇ..شۇ كۈنى ئېلان سۆزىنى بىلمەيمەن دەۋاتمامتىڭىز..

_ سىز كەتكەندىن كېيىن يادلىدىم..

_ بوپتۇ مەيلى..ئۆسكىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن..ماڭا يېڭى ئورنۇمنى كۆرسىتىپ قويامسىز؟

_ ھازىرچە يوق..

_ يوق؟ بۇ قانداق گەپ. ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭە..

_ سىزنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلمىگەچكە..

_ مەن مۇدىرغا بىر ھەپتە دېگەنغۇ..

_ ئۆزىڭىز پاراڭلىشىپ بېقىڭ بولمىسا..

_ نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ.._ بۇرۇنقى يىگىتىم ھازىرقى ئىشخانا مۇدىرىم ئالدىمىزغا كەلدى.

_ ياخشىمۇسىز مۇدىر..

_ ئىشخانىغا كىرىڭ،_ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىشخانىغا كىردىم.

_ سىز زادى نېمە قىلماقچى؟ نېمىشقا مەندىن سوراقسىز ئورنۇمغا باشقا ئادەم ئولتۇرغۇزىسىلەر..

_ تېلىفوندا بەك نوچى سۆزلەۋاتمامتىڭىز..

_ بۇنىڭ خىزمەت بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى. شەخسىي ئۆچنى خىزمەتكە ئارلاشتۇرماڭ..

_ سىزنىڭ يېشىڭىز چوڭىيىپ قالدى. ئورنىڭىزغا ياشلارنى ئالماشتۇردۇق..

_ ئەمىسە سىزچۇ..سىزمۇ مەن بىلەن تەڭغۇ..

_ مەن ئوخشىمايمەن..

_ شۇنداق. سىز ئوخشىمايسىز..سىز دېگەن دېرىكتورنىڭ يولدىشى..

_ بىلسىڭىزلا بولدى..

_ شۇڭا زادى نېمە دېمەكچى؟ مېنى ئىستىپا بەر دېمەكچىما؟

_ ياقەي..ۋاقتىنچە شىركەتنىڭ ھۆججەت ئۇرۇش ماتېريال يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرۇڭ..

_ بەك ئاشۇرىۋەتتىڭىز.. مەن بۇ شىركەتتىكى ئەڭ كونا خىزمەتچى..

_ بۇ مېنىڭ قارارىم ئەمەس، دېرىكتورنىڭ قارارى..

_ ئىشەنمەيمەن.. ئۇ ئۇنداق ئادەم ئەمەس..

_ مەيلى ئەمىسە. ئۆزىڭىز پاراڭلىشىڭ..

ئاچچىقتا دېرىكتورنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.

_ قانداقراق بولۇپ قالدىڭىز؟

_ ياخشى. دېرىكتور، بۇ نېمە قىلغىنىڭلار..نېمىشقا ئالدى كەينى بولۇپ خىزمىتىمنى چۈشۈرىۋېرىسىلەر. ئەمدى مېنى ياردەمچى خادىم ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغىنىڭىز نېمىسى..

_ باشتىكىسى خادىم رەتلەشتىن بولدى. كېيىنكىسى سىزنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەرىڭىزدىن..

_ مېنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەرىمگە نېمە بوپتۇ..شۇنداق ياخشى ئىشلىدىم. خىزمەت ئۈستىدە يارىلاندىم. ماڭا تۆلەم بەرمىگەننى ئاز دەپ، يەنە خىزمەت ئورنۇمنى تۆۋەنلىتىۋەتتىڭلارما؟ يەنە كېلىپ يېنىمدىكى خىزمەتدىشىمنى ئىشخانا مۇدىر ياردەمچىلىكىگە ئۆستۈرۈپسىز.. بىزدە بۇرۇن مۇشۇنداق خىزمەت بارمىتى..نېمىشقا مېنى بىراقلا چۈشۈرۈپ ئۇنى ياردەمچىلىك ئورنىغا چىقىرىسىلەر..

_ سىزنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىڭىز نېمە بىلەمسىز..ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنماي، ئۆزىڭىز بىلگەننى قىلىسىز..

_ قاراپ تۇرۇپ باھانە ئىزدىگەنلىك.. يارىلانساممۇ يەنە ئىشلىشىم كېرەكمىتى..

_ بوپتۇ. بۇ مەزگىللىك رۇخسەتكە پۇل تۇتمىدۇق. لېكىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغىنىڭىز ئۈچۈن 1000 يۈەن جازا پۇلى تۇتتۇق.

_ 1000 يۈەن؟ بەك ئېشىپ كەتتى...

_ رازى بولمىسىڭىز ئىستىپا بەرسىڭىز بولىدۇ..

_ ھا..ھاھا.. مېنى مۇشۇنداق قىلىپ ئىستىپا بەرگۈزمەكچىكەنسىلەردە..

_ ئۇنداق ئەمەس. سىزگە پايدىلىق گەپنى قىلسام ئاڭلىمىدىڭىز..ھۆججەت ياردەمچىلىكىنىڭ مائاشىمۇ ئۇنچە تۆۋەن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى خىزمىتىڭىزگە قارىغاندا سالمىقى يېنىك..

_ نېمىشقا؟ نېمىشقا شىركەتتىكى ئەڭ كونا خىزمەتچى تۇرۇپ ياردەمچى بولۇپ ئىشلىگۈدەكمەن..

_ رازى بولمىسىڭىز ماڭىمۇ ئامال يوق..

بوينۇمدىكى خىزمەت كېنىشكىسىنى ئۈستەلدە قويدۇم.

_ بولدى. مەن ئىستىپا بېرىمەن..

_ بولىدۇ، مەن قوشۇلدۇم..مەنمۇ يولدىشىمنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ شىركەتتە تۇرىشىنى خالىمايمەن..

 

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章