توي ۋە سۈيقەست17-قسىم

文摘   2025-01-29 20:55   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 

--بىر پارچە ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم. دېرىكتورنىڭ ئۇچۇرى ئىدى. 

ئۇچۇرنى بېسىشقا شۇنچە تىرىشساممۇ قولۇم بارمايۋاتاتتى.

_ قانداق، كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدىم.

_ نېمىش بولدى؟ ماڭا غەلىتە قارايسىزغۇ..چىرايىمغا بىرەر نەرسە چاپلىشىپ قاپتۇما؟

_ بايا بىر تېلىفون كەلگەنتى، سىزنى چاقىرىشقا ئۈلگۈرمەي قويىۋەتتى.  

ئۇ تېلىفوننى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ قالدى.

_ ھە..بۇ..

_ راست گەپ قىلىڭە. نېمىشقا دېرىكتورۇم بىلەن ئايرىم ئالاقىلىشىسىز؟

_ سىزنىڭ ئىشىڭىز بىلەن..

_ ھاھا..مېنىڭ ئىشىم بىلەن؟ مەن بۈگۈن ئىستىپا بېرىپ، مائاشىمنىمۇ ئېلىپ قايتىم كەلدىم.. يەنە مېنىڭ ئىشىم بىلەنما؟

_ توختاڭ. گېپىمنى ئاڭلاڭ...

_ سىز ئالدىنقى قېتىم ئۇنىڭ تېلىفون نومۇرىنى ساقلىدىم دېگەندىلا مەن گۇمانلانغان. ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىدا يالغۇز مېنىڭ ئىشىملا بار ئەمەس..ھاھا..قىزىق ئىش..نېمىشقا مېنىڭ يېنىمدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ..

_ سىز ئويلىغاندەك ئىش ئەمەس..

_ ئەمىسە قانداق ئىش؟! دەڭە..

_ دېيىش ئەپسىز..چوقۇم بىر پۇرسىتىنى تېپىپ دەيمەن..

_ باشقا نېمە سەۋەب بولسۇن. ئۇنىڭ پۇلى بار، ماشىنىسى ئېسىل، شىركىتى بار. ئۆزى چىرايلىق ھەم ياش. مېنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇمدەك يارىماسمۇ ئۇنى كەلتۈرەلىگەن يەردە سىزمۇ سىناپ باقاي دەپسىزدە..سىلەرنىڭ پۇلى بار ياش قىزلارنى قوغلىشىشتىن باشقا ئىشىڭلار يوقما؟

_ گەپ قىلىشتا دېققەت قىلىڭ. مەن ئۇنىڭغا ئوخشىمايمەن..

_ نەرىڭىز ئوخشىمايدۇ..ھەر ئىككىلىڭلار ئەركىشى، پۇلۇڭلار يوق..ھاھا..ئەركىشىنىڭ پۇلى بولمىسا بۇنچىلىك پەسلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن..

ئورنۇمدىن تۇرۇپ ياتاق ئۆي تەرەپكە ماڭدىم.

_ ئۇ مېنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستۇم..

جايىمدا توختاپ ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا ئۆرۈلدۈم.

_ بۇرۇنقى قىز دوستۇم؟ مېنىڭ دېرىكتورۇم؟ بۇ..بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن..

_ ئولتۇرۇڭ. مەن دەپ بېرەي..

بۇ ئىشنى تېخىچە قۇبۇل قىلالمايۋاتاتتىم. ھەيرانلىقتا سافاغا كېلىپ ئولتۇردۇم.

_ مەن بۇنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىمەن..ئۇ دېرىكتورۇم قانداق بولۇپ سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بوپ قالىدۇ..

تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇنىڭ دېرىكتور بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.

_ ياق..ياق..بۇ مۇمكىن ئەمەس. قانداقمۇ بۇنداق ئۇدۇل كەپ قالىدىغان ئىش بولسۇن. مەن پەقەتلا قۇبۇل قىلالماي قالدىم،_ بېشىمنى تۇتقىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم.

_ مەنمۇ ھەيران. ئىككىمىز دەسلەپتە كۆرۈشكەندە سىز ماڭا باغاقنى كۆرسەتكەن ئېسىڭىزدىمۇ..

ئاستا بېشىمنى لىڭشىتتىم.

_ مەن شۇ توي رەسىمنى كۆرمىگەن بولسام بۇ ئىشقا قوشۇلمايتتىم.

_ شۇ..شۇڭا.. مەن بىلەن توي قىلىشىڭىز بۇرۇنقى قىز دوستىڭىزغا كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنداقمۇ..

_ شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ..

_ ئا..ئاندىن مېنى ئۆزگەرتىمەن. ئۇلارغا زەربە بېرىمەن دېيىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى..،_ گەپ قىلغانچە ئاۋازلىرىم تىترەپ كېتىپ باراتتى.

_ شۇنداق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا كۆرسىتىش ئۈچۈن..

_ ئاھ،_ بېشىمنى قۇچاغلىغىنىمچە يىغلاشقا باشلىدىم،_ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكچىمىتىڭىز..

_ ئۇنداق ئەمەس، مەن ئەسلى بۇنداق قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان..سىز ئۆزىڭىز بۇ گەپنى چىقاردىڭىز..

_ قىزىق ئىش..راستىنلا قىزىق ئىش.. ئاخىرىدا مەن سىزنىڭ ئويۇنچۇقىڭىزغا ئايلىنىپتىمەندە..

_ بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ..سىزمۇ مەندىن پايدىلىنىش ئۈچۈن مەن بىلەن توي قىلغانغۇ..

_ شۇنداق. ھەممىنى قىلغان ئۆزۈم،_ ئۆزۈمنى كاچاتلاشقا باشلىدىم.

_ بۇنداق قىلماڭ. ئۆزىڭىزنى بۇنداق جازالىماڭ..

ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم.

_ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشلىرىڭىز، كۆل بويى، تاغقا ئەچىقىشلىرىڭىز، دوستلۇق قولىڭىزنى سۇنۇشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى يالغانما؟

_ ئۇلار راست، چۈنكى راستىنلا قىزبالا دوستۇم بولۇپ باقمىغان..

_ قۇرۇپ كەتسۇن. قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق دوستلۇقلار..

ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدىم.

_ نېمىشقا، نېمىشقا ئەتراپىمدىكى ھەممە ئادەم مەندىن پايدىلىنىدۇ..

_ بۇنداق قىلماڭ بولامدۇ..ئىش يالغۇز بۇنداقلا ئەمەس..

_ ئەمىسە قانداق؟! مېنى شىركەتكە زورلاپ ئاپىرىپ قويۇپ، ئۇلارغا كۆرسىتىپ ماڭا يېقىنچىلىق قىلىشلىرىڭىز..مېنى چەمبىرەك يوللاشقا زورلاشلىرىڭىز.. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ قىزغا كۆرسىتىش ئۈچۈنغۇ.. مېنى دەيسىز، ئەسلى سىز ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمەپسىز.. بەكلا قىزىق ئىش بولدى..

_ لېكىن بۇ جەرياندا سىزمۇ نەپكە ئېرىشتىڭىز، مېنىڭ كۆيۈنۈشۈم ۋە مۇھەببىتىمگە ئېرىشتىڭىزغۇ..

_ ھاھا..شۇ شۇ..يالغان كۆيۈنۈش ھەم مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشتىم..

_ ئۇنداق قىلماڭ. بۇ ئەسلىمۇ بىر يالغان مۇناسىۋەت، ئىككىمىزنىڭ توي قىلىشى ئەسلىمۇ بىر سودا ئالاقىسى..ئۆزىڭىز بۇ ئالاقىنى باشلاپ، يەنە ئۆزىڭىز قۇبۇل قىلالمىغىنىڭىز نېمىسى..

_ سىز بىلەمسىز، بۇنىڭدا ئەڭ چوڭ پايدىغا ئېرىشكۈچى سىز.. مەن سىزنىڭ مېلىڭىزنى پۇلغا ئېلىپ يەنە سىزگە سوۋغا قىلدىم..توينىڭ بارلىق چىقىملىرىنى مەن چىقىرىپ، ئۆينىمۇ مەن ئىجارە ئېلىپ يەنە سىزگە پۇل تۆلەپ، ئاخىرىدا يەنە سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم..ھاھا... ما قىزىق ئويۇننى كۆر..

_ مەن تېخى پۇلىڭىزنى ئالغىنىم يوق..ئالدىراپ قارار چىقارماڭ..

_ ھامان ئالىسىز..بۈگۈنكى پۇلنىمۇ ئالدىڭىزغۇ..

ئۇ پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزدى.

_ مەن تېخى ئالمىدىم، ئۆزىڭىز ماڭا بەردىڭىز.. قايتۇرۇپ بېرەي..

_ بولدى، بۇ سىزنىڭ ماڭا كىيىم ئەپ بەرگەن دوختۇرغا ئاپارغان پۇلىڭىز.. بۇنى قايتۇرىۋالمايمەن،_ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم،_ قانداق قىلاي..بۇ ئۆزۈمنىڭ خاتالىقى..كىم مېنى بۇنداق ساراڭلىق قىلسۇن دەپتۇ..بەختىم بىلەن ئوينىشىپ چىقارغان قارارىمنىڭ جازاسىنى تارتىشىم كېرەك..

 ئۇ ئالدىمغا كېلىپ كۆزۈمگە قارىدى.

_ مېنى كەچۈرۈڭ، باشتىلا سىزگە دەي دېگەن، قۇبۇل قىلالماي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىدىم.

_ ھازىر دېسىڭىزمۇ قۇبۇل قىلالمىدىم،_ يىغلاشقا باشلىدىم،_ ھېچ بولمىسا كۆيۈنۈشلىرىڭىزنى راست دەپ ئويلىغانتىم..

_ مەن سىزگە مەن ئۇنچە ياخشى ئادەم ئەمەس، ماڭا ئىشەنمەڭ دېگەن...

_ شۇ..شۇنداق.. ئەسلى دۇنيادىكى ھېچقانداق ئادەمگە ئىشەنمەسلىك كېرەككەن..

_ مەن دېرىكتورىڭىزغىمۇ ئىشەنمەسلىكنى ئەسكەرتكەن..ئۇمۇ ئۇنچە ياخشى ئادەم ئەمەس...

_ شۇڭا..ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرىسىز شۇنداقمۇ..

_ ياق..ياخشى كۆرمەيمەن.. لېكىن ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى قايتۇرغۇم بار ئىدى..

_ ماڭا كەلگەندە شۇنداق ئۇلۇغۋار گەپلەرنى قىلىسىز...ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمەپسىز..مەن ئارقىلىق ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى ئويلىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى شۇنىڭدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ..

_ بەلكى شۇنداقتۇ..بەلكى بىزگە ۋاقىت كېتىدىغاندۇ..

_ شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن نېمىشقا ئالاقە قىلدىڭىز، مەن بىلەن ئالاقىسى يوقمۇ..

_ بار..ئۇ بۈگۈن چوقۇم سىزنىڭ ئىشىڭىز ئۈچۈن تېلىفون قىلدى..

_ دېمەك دېرىكتورنىڭ مېنى ھەيدىشى، ماڭا تۇيۇقسىز ئۆچ بولۇپ كېتىشى يالغۇز بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇم سەۋەبتىن ئەمەسكەندە..

_ شۇنداق. مېنىڭ سەۋەبىممۇ بار...

_ ھاھا..ھاھا..مەن راستىنلا ساراڭ بوپ قالدىم.. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر-بىرىڭلاردىن ئۆچ ئېلىش قۇرالىڭلار بوپتىمەندە..باغچىدىكى مايمۇننىمۇ بۇنداق ئويۇنغا سالمايدۇ..

_ ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن..مەن بۇنداق بولارىنى ئويلىمىغان..

_ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالماڭ. سىزنىڭ بۇ چىرايىڭىزنى كۆرسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ..يالغاننى شۇنداق قاملاشتۇرىدىكەنسىز..

_ ئۇنداق دېمەڭ. ھەممىلا كۆڭۈل بۆلىشىم يالغان ئەمەس، سىزنىڭمۇ مەندەك دەرتكە قالغىنىڭىزنى كۆرۈپ قۇتقۇزاي دېدىم..
_ قۇتقۇزاي دېدىم؟! ئۆزىڭىزنىمۇ قۇتقۇزالماي تۇرۇپما؟

_ ئىككىمىز تەڭ قۇتۇلايلى بولامدۇ..تەڭ تىرىشايلى..

_ ياق. بولدى.. قوشۇلمايمەن..ئەمدى سىزنىڭ ھېچقانداق گېپىڭىزگە ئىشەنمەيمەن..

_ بۇنداق قىلماڭ.. بۇ ئەسلىمۇ مۇشۇنداق مۇناسىۋەت، ئىككىمىز پەقەت ھەمكارلاشقۇچى..

_ لېكىن سىز مەندىن پايدىلاندىڭىز..

_ سىز مەندىن پايدىلانمىدىڭىزمۇ؟! مەن ئارقىلىق توي قىلدى دېگەن نامغا ئېرىشتىڭىز، بۇرۇنقى ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا قەددىڭىزنى تىك تۇتالىدىڭىز..ئاپىڭىزنى خاتىرجەم قىلدىڭىز، ئەجەبا مېنىڭ سىزگە پەقەتلا پايدام تەگىمىدۇ. يالغان كۆيۈنسەممۇ شۇ ۋاقىتتا كۆڭلىڭىز خوشاللىق تاپمىدىمۇ..

تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېگىنى خاتا ئەمەس ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ قىلغانلىرى يالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەزگىلدە مەن راستىنلا ئۆزۈمنى مېھىر- مۇھەببەتكە ئېرىشتىم دەپ ئويلىغانىدىم. ئاپاممۇ ھەم خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنىدى.

_ شۇنداق. سىز ماڭا مېھىر بەردىڭىز. ئاپامغا خاتىرجەملىك بەردىڭىز.. ئەسلى بۇنىڭ يالغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەي قالسام بولاتتى.. ئاجراشقۇچە دېمىگەن بولسىڭىز بولاتتى..ھېچ بولمىسا نەچچە ئاي ئۆزۈمنى ئالداپ كەتكەن بولسام بولاتتى..

_ مېنىڭ دېگۈم يوقتى.. بۇ ئىش ئاشكارلىنىپ كېتىپ مەنمۇ خىجىل بولدۇم..

ئۇنىڭغا قارىدىم.

_ بەلكى سىزدىن ئاغرىنىش ھەققىم يوقتۇ..چارچاپ قاپتىمەن. ئاپامنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەي.

سومكامنى كۆتۈرۈپ ئىشىكنىڭ ئالدىغا باردىم.

_ ئاپىڭىزغا بۇ گەپنى دېمەڭ..ئېغىر كېلىدۇ..

_ دېمەيمەن. بۇ ئىشنى ئۆزۈم تېرىدىم. ئۆزۈم ھەل قىلىشىم كېرەك..

ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتىم. لېفىتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭ مېنى كۆتۈرۈپ لېفىت ئالدىغا ئېلىپ چىققىنى ئېسىمگە كېلىپ، پەلەمپەي زالىغا قاراپ ماڭدىم.

ياشلىرىمنى سۈرتۈپ بىر ئاز ئەسلىمگە كېلىۋالغاندىن كېيىن ئاپامنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.

_ ۋوي كەپقاپسەنغۇ..

مەن ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن ئاپام سىرتقا قارىدى.

_ بولدى ئاپا، ئۇ كەلمەيدۇ..

ئاپام ئىشىكنى ياپتى.

_ نېمىشقا ھەر قېتىم بىرگە كەلمەيسىلەر..

_ ئۇنىڭ خىزمىتى ئالدىراش شۇڭا..

ئاستا كېلىپ سافادا ئولتۇردۇم.

_ نېمىش بولدى؟ ماغدۇرسىز كۆرۈنىسەنغۇ..

_ سەن بىلەن پاراڭلاشقۇم كەپ قالدى ئاپا..

ئاپام يېنىمغا كېلىپ پىشانەمنى تۇتتى.

_ مىجەزىڭ يوقمۇ.. ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ..

_ ئاپا، سەن ماڭا ئەزەلدىن دادام توغرىلىق گەپ قىلىپ باقمىغان..

_ داداڭ سەن كىچىك ۋاقتىڭدا كېتىپ قالغان..كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەي قالدىڭ..

_ شۇنداقمۇ.. ئەينى ۋاقىتتا دادامدىن ئاجرىشىشنى ئويلاپ باققانمىتىڭ..

_ بۇ قانداق گەپ ئەمدى.. ئاجرىشىشنىڭ گېپىنى قىلىسەنغۇ..توي قىلغىنىڭغا ئەمدى بىر ئايدىن ئاشتى نېمانداق ئادەمنى ئەنسىرىتىسەن..

_ ياقەي ئاپا، سوراپ باقتىم.. سەن دادامغا ياتلىق بولغىنىڭغا پۇشايمان قىلىپ باققانمۇ..

_ ياق. ئۇنىڭغا ياتلىق بولغىنىمغا پۇشايمىنىم يوق..

_ ئۇنى ئۆزۈڭ تاللىغانمۇ؟

_ بىزنىڭ ئۇ دەۋردە نەدە ئەركىن مۇھەببەتلىشىش دېگەن ئىش بار دەيسەن.. ئۇ ئۆيدىكىلەر تاللىغان ئادەمتى. باشتا مەنمۇ قورققان، لېكىن كېيىن كۆڭلۈم چۈشۈپ قالدى..

ئاپامنىڭ چىرايىدا سۇس كۈلكە پەيدا بولدى. ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئازابلىنىۋاتاتتىم.

_ لېكىن ئىككىمىزگە ئۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت نېسىپ بولماي قالدى..ھېچ بولمىسا ئۇ ماڭا سېنى بەردى..

ئاپام بېشىمنى سىيلاپ قويدى.

_ ئاپا. بىر كۈنى مەن ئاجرىشىپ كېتىپ قالسام..كۆڭلۈڭ يېرىم بولامدۇ..

_ بۈگۈن سەن باشقىچە، يولدىشىڭ بىلەن بىرەر ئىش بولمىغاندۇ..

_ ياق. ھېچ ئىش بولمىدى.. پەقەت سوراپ باققۇم كەلدى..مەن ئاجراشسام كۆڭلۈڭ يېرىم بولامدۇ..

_ ئەلۋەتتە يېرىم بولىدۇ. سېنىڭ بەختىڭنى كۆرۈشنى قانچىلىك ئويلايدىغىنىمنى بىلمەيسەن...بۇ يىگىتكە ياتلىق بولغىنىڭنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولالمىغانتىم، لېكىن تويدىن كېيىن ساڭا كۆيۈنۈشلىرىگە قاراپ خاتىرجەم بولدۇم..بۇ ياخشى يىگىتكەن.. مېنىڭچە ساڭا يامانلىق قىلمايدۇ.

كۈلۈپ كەتتىم.

_ ھاھا.. شۇ..ئۇ ماڭا يامانلىق قىلمايدۇ..ئۇ راستىنلا ياخشى..

_ ئەگەر بىر كۈنلەردە راستىنلا چىقىشالماي قالساڭلار، ياكى كۆز قارشىڭلار ئوخشاش بولماي قالسا، ئاجرىشىپ كەتسەڭ مەن قۇبۇل قىلىمەن..ئاياللار راستىنلا چىدىمايدىغان يەرگە كەلگەندە ئاندىن ئاجرىشىدۇ..

_ شۇ شۇنداق ئاپا..بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدۇم..

_ نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق گەپلەرنى قىلىسەن..ئۇ دىلىڭغا ئازار بەرگەن بولسا، مەن نەسىھەت قىلىپ قويايمۇ..ئۇ مېنى بەك ھۆرمەتلەيدىغۇ..

_ ياق ئاپا، ئۇ ماڭا ھېچنېمە قىلمىدى..مۇناسىۋىتىمىز ياخشى..بۈگۈن بىر كىنو كۆرگەنتىم، بىر قىزنىڭ يولدىشى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىكەن..شۇڭا كۆڭلۈم خاتىرجەم بولمايدۇ..

_ ئۇنداق نەرسىلەرنى ئۆزۈڭگە ئېلىۋالما. دۇنيادىكى ھەممە ئەرلەر ۋاپاسىز بولمايدۇ..ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئوخشاش بولمايدۇ..

_ شۇ..شۇ..ئاپا، تامىقىڭنى يەۋېلىپ ماڭايچۇ..

_ بولىدۇ. ساڭا ئوخشىتىپ تاماق قىپ بېرەي. بىردەم ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋال..

ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئۈستەلدىكى ئوخشىغان تاماقلارنى كۆرۈپ ئالدىراپ يېيىشكە باشلىدىم. يەنىلا ئاپامنىڭ يېنىدا تۇرۇشنىڭ خاتىرجەم ھەم ئازادە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.

_ ماۋۇنى يولدىشىڭغا ئالغاچ كەت، ئۇ مېنىڭ تامىقىمغا بەك ئامراق..

_ بولدىلا.. ئۇ بۇ چاغدا تاماق يەپ بولغاندۇ..

_ ئوخشىمايدۇ.ئاپاڭنىڭ ئەتكىنى ئوخشىمايدۇ..

ئاپام بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئىشىكنى ئېچىپ سافانىڭ قۇرۇق تۇرغىنىنى كۆردۈم. ئۇ ياتاق ئۆيىدە ئىدى. ئىشىكنى ئۇرىشىم بىلەن ئۇ چىقتى.

_ ئاپام بۇ تاماقنى سىزگە ئەۋەتتى.. يەۋېلىڭ..

ئۇ قولىنى سۇنۇشتىن خىجىل بولۇپ تۇرۇپ قالدى.

_ ئىككىمىزنىڭ ئىشى باشقا، ئاپامنىڭ كۆڭلى باشقا. ئېلىڭ.

ئۇ تاماقنى ئېلىپ سافا ئالدىغا كەلدى.

_ ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن. مۇشۇنچىۋالا ئىش بولۇپ يەنە ئاپىڭىزنىڭ تامىقىنى يەپ..

_ ھېچقىسى يوق بۇ بەلكى ئاخىرقى قېتىم ئاپامنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن..

_ بۇ..بۇ نېمە دېگىنىڭىز،_ ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ھەيرانلىقتا قارىدى.

_ توختامىمىزنى دېيىشىپ بىكار قىلىپ، ئاجرىشىپ كېتەيلى..
 

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章