توي ۋە سۈيقەست18-قسىم

文摘   2025-01-30 21:04   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 

--قىسىم

_ توختامىمىزنى دېيىشىپ بىكار قىلىپ، ئاجرىشىپ كېتەيلى..

_ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ ئۈچ ئاي تېخى توشمىدىغۇ...

_ شۇنداق. لېكىن ئىككىمىزنىڭ داۋاملىق بىللە تۇرىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

_ سىز نېمە دېمەكچى؟ بۇنداق قىلسىڭىز توغرا بولامدۇ..

_ توغرا بولمايدۇ. لېكىن مەن سەۋەب تاپالماي قالدىم. بۇرۇنقى يىگىتىمگە كۆرسىتەي دېسەم ھازىر پەقەتلا ھاجىتى قالمىدى. ئۇ شىركەتتىنمۇ ھەيدەلدىم..

_ ئاپىڭىزچۇ؟! ئاپىڭىز بۇنى قۇبۇل قىلالامدۇ..

_ ئاپامدىن تۈنۈگۈن سوراپ باقتىم. ئۇ ئەگەر ئۆزۈڭ توغرا ئەمەس دەپ ئاجراشساڭ مەن قوللايمەن دەيدۇ..

¬_ ئاپىڭىزغا بۇ ئىشنى دېدىڭىزما؟

_ ياق..پەقەت ئۇنىڭغا ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ قويدۇم..

_ سىز ھەممىمىزنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئويناشماقچىمۇ..مەيلى مەن سىزدىن پايدىلانغانمۇ بولاي..لېكىن باشتا بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان كىم..مېنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىگەن كىم؟

_ مەن..شۇڭا بۇ قارارىمنىڭ زىيىنىنى تارتىۋاتىمەن..

_ مەن سىزنىڭ خالىغاندا توي قىلىپ خالىغاندا ئاجرىشىدىغان قۇلىڭىزمۇ؟

_ ئەمىسە مەنچۇ؟! مەن سىزنىڭ باشقىلاردىن ئۆچ ئالغاندا ئىشلىتىدىغان قۇرالىڭىزمۇ؟

_ بۇ ئىشنى بىلمىگەن بولسىڭىز ئۈچ ئايغا چىدىغان بولاتتىڭىز..

_ شۇنداق. بىلگەندىن باشلاپ چىدىماي قالدىم..

_ سىز پەقەت يېنىڭىزدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېرىكتورىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلالمىدىڭىز..

_ شۇنداق..ھەر ئىككىلىمىز ئايالكىشى، نېمىشقا؟! نېمىشقا ئۇ مېنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇمغا ئېرىشكەندىن سىرت يەنە «يولدىشىم»غا ئېرىشىدۇ.. نېمىشقا؟ پۇلى بولغانلىقى ئۈچۈنما؟ ياش بولغانلىقى ئۈچۈنما؟

_ بۇنداق قىلماڭ. ھەممە ئەرلەر سىز ئويلىغانغا ئوخشاش بولمايدۇ..

_ قانداق بولىدۇ؟! دەپ بېرىڭە..ئۇنىڭ پۇلى ھازىرقى ئورنى بولمىغان بولسا مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلامتى، سىزمۇ ھازىرغىچە ئۇنى ئۇنتۇيالماي يۈرەمتىڭىز..

_ مەن ئۇنى ئۇنتۇيالماي قالغىنىم يوق..بىزنىڭ ئارىمىزدا يەنە باشقا مەسىلىلەر بار..

_ قانداق مەسىلە؟ بۇنىڭدىن باشقا قانداق مەسىلە بار..

ئىشىكنىڭ قاتتىق چېكىلىشى بىلەن چۆچۈپ كەتتىم. «يولدىشىم» ئىشىكنى ئاچقىنىچە تۇرۇپ قالدى.

_ ھە..مەندىن قاچانغىچە يوشۇراي دېگەن..

ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ ئىشىك ئالدىدا تۇرغان چىرايلىق ياش ئايال بىلەن سالاپەتلىك بىر كىشىنى كۆردۈم.

_ بۇ..بۇلار..

_ ۋوي، بۇ ياق ئايالىڭمۇ؟..

_ شۇنداق.

_ بىزنى ئۆيگە چىللىمامسىز،_ دېدى ياش ئايال «يولدىشىم»غا قاراپ.

«يولدىشىم» يانغا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئۆيگە كىردى. سالاپەتلىك كىشى ئەتراپقا بېرىلىپ قارىدى.

_ ماڭا دېمەي تۇتقان ئۆيۈڭ مۇشۇما؟

 ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالغان مەن «يولدىشىم» سۇئال نەزىرىدە تىكىلگىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.

_ بۇ ياققا كېلىڭ،_ سالاپەتلىك كىشى ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن «يولدىشىم»غا قارىدى.

_ مېنىمۇ چاقىرماي توي قىلىۋاپسەن..

_ مېنى ئۆزۈڭ چىقىرىۋەتكەن. ئېسىڭدە يوق ئوخشايدۇ..

_ مەن چىقىرىۋەتمىدىم..بوينۇڭ قاتتىقلىقتىن شۇنداق بولدى..

نېمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي «يولدىشىم»نى ئاشخانا ئۆيگە تارتتىم.

_ بۇ نېمىش؟ يەنە نېمە ئويۇن ئوينىماقچى؟

_ ئويۇن ئەمەس. ئۇلارنىڭ كېلىشىنى مەنمۇ ئويلىمىغان. ئادرىسىمنى تېپىۋېلىشىنىمۇ ئويلىماپتىمەن..

_ شۇڭا، ئۇلار كىم؟

_ ئۇ مېنىڭ دادام. يېنىدىكىسى ئايالى..

_ ۋوي. دادىڭىز كەلسىمۇ مۇشۇنداق قىلامسىز..

ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ سالام بەردىم.

_ تاغا. سەت بولدى. سىزنى كۆرۈپ باقمىغاچقا كىملىكىڭىزنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم..

_ ھېچقىسى يوق. مەنمۇ سىزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن..

_ كۆڭلۈڭلار نېمە تارتىدۇ. مەن قىپ بېرەي..

_ بولدى، ھاجىتى يوق،_ دېدى يېنىدىكى ياش ئايال مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئاستىمغىچە قاراپ.

_ ئىشىڭلار تۈگىگەن بولسا، ماڭساڭلار بولىدۇ..

«يولدىشىم» ئاشخانىدىن چىقىپلا ئىشىكنى ئاچتى.

_ بىزمۇ ئۇزۇن ئولتۇرمايمىز..

_ تۇرىۋاتقان يېرىمنى كۆردۈڭلار. ئەمدى ماڭساڭلا بولىدىغاندۇ..

ئۇنىڭ دادىسى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا قارىدى.

_ ئىشىڭنى تۈگىتىپ ئۆيگە بار. ساڭا دەيدىغان گەپ بار..

_ بارغۇم كەلگەندە بارىمەن..

ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يولدىشىم ئىشىكنى تاقاپ سافادا ئولتۇردى.

_ مەن چۈشىنىپ بولالماي قالدىمغۇ..دادىڭىز توغرىلىق سۆزلەپ باقمىغانتىڭىز..

_ سىزگە ئاپام ئۆلۈپ كەتتى. دادام قايتىدىن ياتلىق بولدى دېگەنتىمغۇ..

_ شۇنداق. شۇنداق دېگەن..لېكىن..

_ لېكىن دادامنىڭ مەندەك بالىسىنى ئىزدەپ كېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان شۇنداقمۇ..

_ شۇنداق. راستىنلا ھەيران قالدىم..يەنە كېلىپ دادىڭىز بەك سالاپەتلىككەن. قارىسام ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمدەك قىلىدۇ..

_ شۇنداق. مېنىڭ دادام چوڭ بىر شىركەتنىڭ لىدىرى..

_ ھە؟! چوڭ بىر شىركەتنىڭ لىدىرىنىڭ ئوغلى تۇرۇپ ماشىنام يوق، ئۆيۈم يوق دېدىڭىزما.. ماڭا دېمىگەن زادى قانچىلىك يالغان بار؟! سىزنى چۈشىنەلمەيلا قالدىمغۇ..

_ پەقەت سىزگە دېگەن ئاپامنىڭ ئۆلۈمىدىن باشقا ھەممىسى يالغان..سىزگە دېگەنلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى راست ئەمەس..

_ ماڭا دەپ بېرىڭە، سىز زادى كىم؟ قانداق ئادەم؟ مېنىڭ بەك بىلگۈم بار..

ئۇ تېلىفوننى ئېچىپ دادىسىنىڭ خەۋىرىنى ماڭا كۆرسەتتى.

_ مانا بۇياق. مېنىڭ دادام. ئۆي مۈلۈك سودىگىرى. رايونىمىزدىكى نۇرغۇن بىنالارنى ئۇ سالغان..

_ بۇ..بۇ..

تېلىفوننى قولۇمغا ئېلىپ ئەستايىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقتىم. سۈرەتتىكى كىشى راستىنلا ئەتىگەن كەلگەن كىشى شۇ ئىدى.

_ قايسى كۈنى ھېلىقى كۆلدە كىچىكىمدە بېلىق تۇتقان دېگىنىڭىزدە بىر ئاز گۇمان قىلغانتىم. لېكىن سىزنىڭ بۇنچىلىك باي ئائىلىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن..

_ ياق. ئۇ دادامنىڭ بايلىقى. مېنىڭ ئەمەس..

_ نېمىشقا بۇنداق دەيسىز..

_ ئۇ ئاپامنى 14 يىل بۇرۇن قويۇپ بەرگەن..ئاپام شۇ ئىش ئېغىر كەپ كەتكەنلىكتىن بىر يىل ئازاب تارتىپ ئۆلۈپ كەتتى.. كېيىن مەن باشقا شەھەردە ئوقۇدۇم. مومام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم..

_ ئاپىڭىزغا بەك ئۇۋال بوپتۇ.

_ مېنىڭ ئاپام قۇرۇلۇش ئىلمى ئۆگەنگەن. دادامغا ئەينى ۋاقىتتا يېنىدا تۇرۇپ ياردەم قىلىپ قوللىغان ئايال. ئۇ دادامنىڭ قول ئىلكىدە يوق چېغىدا ئۇنىڭ بىلەن توي قىپتىكەن..لېكىن دادام پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆزگىرىپ ئاپامغا توختىماي ۋاپاسىزلىق قىلدى..ئاخىرىدا ئاجرىشىشقا قىستىدى. ئۇ چاغدا بەك كىچىكلىكتىن جىق ئىشلارنى بىلمىگەن بولساممۇ، لېكىن دادامنىڭ ئاپامنى تولا يىغلاتقىنىنى كۆرەتتىم. شۇڭا مەن دادامغا ئۆچ..

_ ھەي، ئەرلەر باي بولغاندا بىرىنچى بولۇپ ئۆزى بىلەن تەڭ جاپاغا چىدىغان ئايالنى تاشلايدىكەن..

_ دېرىكتورىڭىزنى نېمىشقا ھازىرغىچە ئىزدەيدىغانلىقىمنى بىلەمسىز..چۈنكى ئۇنىڭدا پۇلۇم بار..ئۇ مېنىڭ پۇلۇمنى ئەپ قېچىپ كەتكەن ئالدامچى..

_ نېمىشقا بۇ ئىشنى ماڭا بالدۇر دېمەيسىز..

_ سىزگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمىدىم. بۇ ئىشنى دېسەم سىز سالاھىتىمنى بىلىپ قالاتتىڭىز..

_ ئىككىڭلارنىڭ بۇنداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئويلىماپتىمەن..

_ ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان. بۇرۇن ماڭا راستىنلا كۆڭۈل بۆلەتتى،لېكىن ئۇ مېنىڭ دادامنىڭ يېنىغا قايتقانلىقىمنى بىلگەندىن باشلاپ ئۆزگەردى. مېنى پۇل ساندۇقى ئورنىدا ئىشلىتىشكە باشلىدى..

_ مېنىڭچە كۆپىنچە قىزلار شۇنداق قىلىدۇ. يىگىتىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى بىلسە شۇنداق پۇل خەجلەيدۇ. يىگىتىنىڭ باي چىقىپ قېلىشى نۇرغۇن قىزلارنىڭ چۈشى بولسا كېرەك.

_ شۇنداقمۇ، دېمەك قىزلارمۇ ئۇنچىلىك پاك نىيەت ئەمەسكەن...قىز دوستۇمنىڭ ماڭا بولغان تەلىپى بارغانسىرى يۇقىرىلاپ كەتتى. بۇرۇن ئادەتتىكى سومكا ئاسىدىغان ئادەم قىممەت سومكا ئاسىدىغان بولدى. ماشىنا ھەيدەشنى بىلمەيدىغان ئادەم پىراۋا ئېلىپ تولا مەندىن ماشىنا سورايدىغان بولدى. كېيىن ئۇنىڭغا ماشىنامنى ئۆتكۈزۈپ بەردىم.دادام ماڭا بېجىرىپ بەرگەن بانكا كارتامنىمۇ ئۇنىڭغا بەردىم..ئۇ مېنىڭ پۇلۇم بىلەن شىركەت ئاچتى. ئارقىدىن سىزنىڭ يىگىتىڭىز بىلەن تېپىشىپتۇ..

_ ۋاي ئانامەي.نېمىدېگەن مۇرەككەپ ھەم قالايمىقان مۇناسىۋەت بۇ.پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. دېرىكتور قارىماققا شۇنداق ئېغىر بېسىق ھەم ئەقىللىققۇ..

_ ئادەم دېگەن پۇل تاپقاندىن كېيىن ئوبراز تىكلەشكە باشلايدۇ..ئۇ سىلەرگە شۇنداق ئېغىر بېسىق ئەقىللىق تۇيغۇ بەرمىسە باشقا نېمە ئامالى بار..مەن شىركەتنى باي ئوغۇل دوستۇمنىڭ پۇلى بىلەن ئاچتىم دېمەيدۇ-دە..

_ لېكىن بىر ھېسابتا بۇمۇ بوپتۇ..ئۇنىڭ بۇرۇن سىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى شۇنداق قايتۇرۇپسىز..

_ ئۇنىڭ ماڭا بۇرۇن مېھىر بەرگىنى راست. لېكىن مېنىڭ پۇلۇم بىلەن باي بولۇپ باشقا ئەرنى تاپماسلىقى كېرەكتى..

بېشىمنى تۇتقىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۆزۈم پەقەت توي قىلىپ بۇرۇنقى يىگىتىمدىم ئۆچ ئېلىش نىيىتىدىلا تاپقان بۇ يىگىتنىڭ بۇنچە مۇرەككەپ ئادەم ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدىم.

_ شۇنچە باي تۇرۇپ نېمىشقا تورغا ماشىنام يوق پۇلۇم يوق دەپ چىقىرىسىز..
_ مەن باينىڭ ئوغلى پۇلۇم بار دېسەم ياخشى قىز تاپقىلى بولامدۇ..

_ ئاجايىپ ئىشلار بولىدىكەن ھە..مەن راستىنلا ھېچقانداق ئىش كۆرۈپ باقماپتىمەن..

_ سىز بۇ دۇنيادا يالغۇز قىزلارلا ئازاب تارتىدۇ، ئەرلەرلا ئاياللارغا ۋاپاسىزلىق قىلىدۇ دەمسىز، ئاياللارنىڭمۇ نۇرغۇن نىيىتى قارا ناچارلىرى بار..

_ ئاياللارغا ئۆچ بولۇپ كەتكەن تۇرۇپ نېمىشقا تورغا ئۇنداق ئېلان بېرىسىز، نېمىشقا مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلىسىز؟

_ مەن قىز دوستۇمنىڭ پۇل ئۈچۈن شۇنچىلىك ناچارلىق قىلغىنىغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ باينىڭ بالىسى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرسەم قارشى تەرەپنىڭ پەقەت پۇلۇمنى دەپلا مەن بىلەن ئارلىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭ ئۇنداق ئويۇنچۇق ئادەم بولۇپ ياشىغۇم يوق. شۇڭا تورغا ھېچنېمەم يوق دەپ چىقاردىم. رەسىمىمنىڭمۇ بەك كېلىشكەن ھالىتىنى چىقارمىدىم. ھېچقانداق قىزلار گەپ قىلمىغان. قارىسام سىز گەپ قىلىپ قالدىڭىز..بۇنداق يېزىپ تۇرساممۇ نىيىتىنى بۇزمىغان قىز زادى قانداق بولىدىغاندۇ دەپ سىز بىلەن كۆرۈشتۈم..

_ شۇنىڭ بىلەن قارىسىڭىز مەن دەل سىز ئۆچ ئادەمنىڭ رەقىبى چىقىپ قالدىم..

_ شۇنداق. بۇمۇ بىرخىل ئورۇنلاشتۇرۇشتۇ..شۇڭا سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە قوشۇلدۇم..

_ سىزنىڭ نۇرغۇن نەرسە بىلگىنىڭىزگە يەنە كېلىپ تۇرمۇش ئادىتىڭىزنىڭ مېنىڭكىگە قارىغاندا ئالاھىدە ئىكەنلىكىگە قاراپ گۇمان قىلغانتىم. بۇ ھېچنېمىسى يوق ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئەمەس. يەنە كېلىپ سىزنىڭ ماڭا خىزمەت توغرىسىدا دېگەنلىرىڭىز ئادەتتىكى ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان گەپلەر ئەمەس. گۇمانىم توغرىكەن..

_ لېكىن ئىشىنىڭ، ئاپىڭىزنىڭ تامىقىغا ئامراقلىقىم، ئاپىڭىزنى كۆرۈپ ئاپامنى سېغىنغىنىم راست.. چۈنكى ئاپام دادامنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ ئائىلە ئايالى بولغان، ئۇ دائىم ماڭا تاماق ئېتىپ بېرەتتى..ئۇنىڭ تامىقىنى يەپ باقمىغىنىمغا 15 يىل بوپتىكەن. بۇ خىل تەمنى ئاپىڭىزنىڭ قولىدىن تېتىدىم..

ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.

_ بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئاپام تاماقنى مېھىر بېرىپ ئېتىدۇ..

_ مېنى كەچۈرۈڭ. بەك كۆپ ئىشتا سىزنى ئالدىدىم..

_ لېكىن ھەيرانمەن. نېمىشقا تويىمىزغا دادىڭىز كەلمەيدۇ..

_ مەن سىز بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن دادام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ھەم ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن..

_ نېمە سەۋەبتىن؟

_ بۇنى سىزگە ئايرىم دەپ بېرەي..

_ نوپۇسنى ئەپ چىققانمىتىڭىز..

_ شۇنداق. مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە نوپۇس دەپتەرنى تەڭ ئەپ چىقىپ كەتكەن..

_توي قىلىمەن دەپ نوپۇس دەپتەرنى تەڭ ئېلىپ چىققانما..لېكىن دادىڭىزنى چاقىرمىغىنىڭىز بولماپتۇ..تويدا سىزنىڭ ھېچقانداق تۇققىنىڭىز يوق..

_ دادامنى چاقىرسام سىزچە ئۇ تويغا قوشۇلارمۇ؟!

_ ھازىر بىلدى، ئوخشاشلا قوشۇلماي قالسىچۇ..

_ لېكىن ئەمدى قوشۇلماي ئامالى يوق..

_ ھەي. ئاجايىپلا بىر ئىش بولدى..

_ شۇنداق. ھازىر ئىككىمىز بىر يىپقا ئىلىنىپ قالدۇق..

_ بۇ گەپنى باشتا دېيىشىڭىز كېرەكتى، بۇرۇنقى قىز دوستىڭىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن مېنى ئىشقا سالدىڭىز..

_ ئۆچ ئېلىش نىيىتىم يوق. پەقەت ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن ياخشى ئايال ئالغىنىمنى، ئايالىمنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلدۈرسەملا بولدى..

_ شۇنداقمۇ، لېكىن بۇ يالغان دە..

_ يالغان ئىكەنلىكىنى سىزمۇ بىلىسىزغۇ..مەن قاچان سىزگە راست دېدىم.. بۇ ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ قىلغان ئىشقۇ...

ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم. ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ھەقىقەتەن ئۆزۈمنىڭ خاتالىقى ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەسلىمۇ پەقەت مۇشۇنداق بىر مەيدان ئويۇن ئويناشقا پۈتۈشكەنىدۇق.

_ شۇنداق..ئۆزۈم ئويۇن ئويناپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنىپ قالغىنى قىزىق..

ئۇنىڭغا ھەيرانلىقتا قارىدىم.

_ دېمەك مېنى ئاپىرىپ ئەكەلگەن ماشىنا ئۆزىڭىزنىڭكەندە..

_ ياق. ئۇ شىركەتنىڭ ماشىنىسى. شوپۇر بىلەن دادامغا دېمەسلىك توغرىسىدا پۈتۈشىۋالغان..لېكىن يەنىلا دەپ قويۇپتۇ..

_ نېمىشقا؟ ئۆزىڭىزنىڭ ماشىنىسىچۇ..

_ ئاشۇ دېرىكتورىڭىز ھەيدەپ يۈرگەن ماشىنا شۇ..مەن نامنى ئۇنىڭكىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن..

_ راستىنلا سېخىيكەنسىز جۇمۇ..لېكىن سىز مۇشۇنداق ياخشى تۇرسىڭىز نېمىشقا ئۇسىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ..

_ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ پۇلنى قاراملارچە خەجلىدىم، شۇڭا دادام كارتامنى توختىتىۋەتتى..ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىشىمغا قارشى تۇردى. مەن ھەل قىلىپ بولغۇچە ئۇ يىگىتىڭىز بىلەن يۈرۈپ بوپتۇ..

_ يىگىتىممۇ ئۇنىڭ پۇلىنى دەپ ئارىلاشتى. ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ دېگەن شۇ..مەنچە بۇمۇ بولغىنى..

_ شۇنداق. ئۇ پۇل ئەسلىمۇ ئۇنىڭ ئەمەس..شۇڭا باشقىلار سورۇپ تۈگىتىۋېتىدۇ..

_ ئەمىسە سېستىراچۇ؟ ئۇ كىم؟

_ ئۇ ماڭا دائىم ئوكۇل ئۇرىدىغان قىز..سىزنىڭ ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭىزدىن قورقۇپ..

_ مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمدىن شۇنچە قورقامسىز؟

_ كەچۈرۈڭ. سالاھىتىم بەك مۇرەككەپ. مېنى ياخشى كۆرۈپ ئازابقا قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن..

_ بولىدۇ، ئۇنداقتا بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى..

_ ياق. ھازىر ئاجراشساق بولمايدۇ..

_ مېنىڭ بۇنداق مۇرەككەپ ئائىلىگە ئارلىشىپ قالغۇم يوق..ئەسلى پەقەت بۇرۇنقى يىگىتىمنىڭ توي قىلىپ كەتكىنى ئۈچۈن، ئاپامنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ چارىنى ئويلاپ تاپقانتىم..بۇنداق بوپ كېتىشىنى ئويلىماپتىمەن..ئالدىراپ چىقارغان قارارىم بېشىمغا چىقىدىغان بولدى..

ئۇ ماڭا قولىنى تەڭلىدى.

_ بۇ ئويۇننى باشلىغانكەنسىز، مەن بىلەن ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ. بولامدۇ. بىز ھەمكارلىشايلى..



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章