بۇزۇلغان ئانا8-قسىم

文摘   2025-02-03 21:20   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم
بۇزۇلغان ئانا3-قسىم
بۇزۇلغان ئانا4-قسىم
بۇزۇلغان ئانا5-قسىم
بۇزۇلغان ئانا6-قسىم
بۇزۇلغان ئانا7-قسىم

-8-قىسىم

-قىسىم

مېنى ياتىقىغا ئەكىرىپ ئىشىكنى ئەتتى كىملەنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنىڭ سەۋەبىدىن نىم خورلۇقلانى تاتقىننى سۆزلەيتى،بوزەك بوپ ئۆتكەن خار بوپ ئۆتكەن بالىلىقىنى سۆزلەيتى،ئاخىردا دادامنىڭ توي قىمايمە دىگىننى بوۋا مومىلىرىمنىڭ مېنى يالغۇزلا بالا بوپ قالدى دەپ دادامغا توختىماي گەپ قىپ ماقۇل كەلتۈرگىننى سۆزلەپ بەدى…

-بەك جىق گەپ قىلۋەتتىم چۈشىنەلەمسەن يوق بىلمىدىم،لىكىن ئۆگەينىڭ خورلىقىغا ئۇچرىساڭ بىرىنجى داداڭدىن خاپا بولما ئىككىنجى  ئىچىڭگە يۇتما داداڭغا دە ياكى كىلىپ مەن بىلەن تاغاڭغا دە ئۇقتۇڭمۇ…

بىشىمنى لىڭشىتتىم،

-نىمانداق ئىغىزىڭ بوش خوتۇن سەن، مەسلىھەت قىپ قويغانغا بىردەمدە ئىسمايىلغا خوتۇن ئەپ بىرىپ بولدۇڭ دىگىنە…

تاغام دۈكىلدەپ دەسسەپ كىردى،گۈلىستان ئاپام قولۇمنى قويۋىتىپ ئورنىدىن تۇردى

-مەسلىھەت پىشسۇن پىشمىسۇن شەھلاغا ئۆگەي ئاپا تىپىپ بىردىغان بولغىنىڭلا راستۇ.

-ئۆگەي دەپ بەك يامان ئەپ كەتمە،ئىسمايىلغا تاپقان لايىقنىڭ ئون ياشلارغا كىرگەن بالىسى باكەن، شەھلانى ئەتىۋالاپ بالا قىلامدۇ تىخى.

-خىڭ… ئەتىۋالاپ كەتمىسۇن يەنە…كۆرىمىزغۇ شەھلا كۈن ئاتلىتىپ ئۇ خوتۇندىن تاياق يەپ  بەدىنىنى كۆكەتىپ كەممىسلا مەيلىغۇ.

-ئەستا ما خوتۇننى… نىمانداق ئىغىزىڭ يامان بوپ كەتتى سىنىڭ، ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ باقساڭ بولمامدۇ دەيمەن ھە.

تاغام مېنى چىقىپ كىتىڭ دەپ ئىشارە قىغاچ چاپىنىنى سالدى،مەن ئىشىك يىنىغا باغىچە گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ قالدىم،

-ماڭا قاراڭ… شەھلانى گۈلچىھرەگە جۈپلەپ بىقىۋاساق نىم بولىدۇ دەيمەن، ئىككىلىسى يالغۇز قىز بوپ چوڭ بوغاندىن ياخشى ئەمەسمۇ؟

-نىمانداق چىڭ گەپ قىلسە،ئىسمايىل ئاڭلاپ قاسا قىزىمنى تالاشتىڭ دەپ بىكا جىدەل تىريدۇ پەسرەك گەپ قىل،يىڭى ئاجرىشىپ كەتكەندە  شەھلانى بىقۋالاي دەپ تالاشقان جىدىلىنىڭ دەردىنى نەچچە يىل تارتتۇق.

-----

-شەھلانى بىزگە بىرىپلا تويىنى قىپ سودىسىنى قىپ ئىچكىردە يۈرىۋەسە بولدىغان ئىش، يىڭى ئاجراشقاندىمۇ شۇنداق تەتۈرتى بۇ ئۇكىڭىز …ئۆگەي ئانا، ئۆگەي قىرىنداش بىر ئۆيگە قانداق پاتىدۇ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ مىنىڭ، با ئۇۋالغا شەھلا قامىسلا بولاتتى……

دادامنىڭ يىنىمدا پەيدا بوپ قىلىشى بىلەن ئىشىكنىڭ بارماق پاتقىدەك يىرقىنى مەن يىپىۋەتتىم،دادام مەن ئاڭلىغاننىڭ ھەممىنى ئاڭلىغان بوسا كىرەك مەن ياپقان ئىشىكنى قايتا ئىچىپ بوراندەك ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
كەينىدىن كىرىپ بىر قولۇمدا بىلكىنى بىر قولۇمدا يوغان ئالقىنىنى تۇتتۇم،ئەلۋەتتە جىدەل قىپ تاكاللىشىپ قالدى،تاغامنىڭ ئايالىنىڭ نىمىشقا مېنى بىقىۋىلىشتا چىڭ تۇردىغىننى چۈشەنمەيتىم. ھازىر چۈشەنسەم گۈلىستان ئاپام ئەمدى تۇغامايدىكەن،مەن بىلەن بىر  كۈن پەرىقلىنىپ تۇغۇلغان ئوغلى باكەنتۇق، ئىسمىنى شەھرىيار قويۇپتىكەن، بالىسى بىر ياشتىن ئىشىپ بوپ تۈگەپ كىتىپتۇ، تۈگەپ كەتكەن شەھرىىيار بىلەن  مىنىڭ بىلىمىزدە ئوخشاش جايدا خال باكەنتۇق، مەن كۆزىگە شۇ بالىسىدەك كۆرىنسەم كىرەك، دادامغا قانچىلىك دىسەڭ مەبلەغ بىرەيلى شەھلانىڭ نوپۇسىنى يۆتكەپ بە دىدى، دادام ئۇنىمىدى،گۈلىستان ئاپام مەبلەغنى قايتۇمايسە دىدى دادام يەنە ئۇنىمىدى، گۈلچىھرە كىرىپ مېنى ئۇكا قىلۋالاي دەپ دادامنىڭ قولىغا ئىسىلۋىلىپ يالۋۇغىلى تۇدى.

-ئەمدى شەھلانى بوزەك قىمايمە،ۋەدە بىرەي داۋاملىق بىر ئۆيدە تۇرايلى ماقۇلمۇ…ئەمدى ئۇرۇشمايمىز…

گۈلچىھرەنىڭ توختىماي يالۋۇرشىدىن دادام ئىككىلىنىشكە باشلىدى، گۈلىستان  ئاپام مېنىڭ بىشىمنى ئۆزىگە يىقىن ئەكەپ دۈمبەمگە قولىنى قويدى،دادامغا قارىدىم، دادام قوشۇلغاندەكمۇ قىلاتتى،گۈلىستان ئاپام ماڭا ئاپا بولسا دادام خاتىرجەم بولدىغاندەكمۇ قىلاتتى،نىمىشقىكىن دادامدىن مەڭگۈ ئايرىلدىغاندەك كۆڭلۈم يىرىم بولدى،دادام كارۋاتتا ئاستا ئولتۇردى يىنىدا بىرىپ:

-دادا مەن تاغامغا بالا بوممايمە…مېنىڭ سىز بىلەن تۇرغىم با…

دادامنىڭ قولىنى تۇتتۇم،دادام قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ مەيدىسىگە قويۇپ چوڭ بىرنى تىندى، ئاندىن قولۇمنىڭ دۈمبىسىنى يىرىك ساقال ئىزى قاپلاپ كەتكەن  يۈزىگە ئاندىن لىۋىگە قويدى،دادامنىڭ ھازىر ماڭا پارچە خىراجەت بەرگىدەكمۇ پۇلى يوق،لىكىن دادامدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق،تاغامنىڭ بالىسى بولسام دادام يالغۇز قالىدۇ،خىلىدىن كىيىن دادام بىشىمنى سىيلىغاچ مۇنداق دىدى:

-قىنى بىر تەۋەككۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى سودىغا مەبلەغ سېلىپ باقاي،قاملاشماي قالسا شەھلا مۇشۇ ئۆيدە قالسۇن…

گۈلىستان ئاپام تىزلا قوشۇلدى،تاغام دادامغا بۇ قىتىم سودا ئەپلەشمىسە  بۇرۇن ئاچقان رىستۇراننى قايتا ئىچىپ بىرەيلى دىدى،ئەلۋەتتە بەدىلى مېنى تاغامغا بىرىۋىتىپ ئۆزى تويىنى قىلىپ ئىچكىرگە كىتەتتى.

بۇ مەۋسۇممۇ تىزلا ئاخىرلاشتى، تەتىل قويۋىتىدىغان چاغدا كانان  نەچچە كۈن ساياھەتكە بىللە چىقالايدىغان چىقاممايدىغىنىمنى سورىدى.

-دادام مېنى ھېچنەگە باغۇزمايدۇ كانان… ھەپتىلىك ساياھەتكە  ئەسلا قوشۇلمايدۇ.

-بۇ پەقەت دوسلار ئارا قىلىدىغان ساياھەت بارىدىغىنىمىزمۇ شۇ دوستىمىزنىڭ ئۆيى… دادىڭىزغا بىز دەيلى رۇخسەتنى بىز ئەپ بىرەيلى.

كانان توسقىنىمغا ئۇنىماي دادامغا تېلېفون قىلدى دادام ئويلىغىنىمدەكلا گەپنى باشلاپ بوغىچە رەت قىلدى.

-قىززىق ئادەمكەنسىزغۇ ئاكا، ئاپىسى تاشلاپ چەتكە چىقىپ  كەتسۇن، ئەمدى سىزمۇ  دوسلىرى بىلەن كۆڭلى خۇش بوپ قالا دىمەي ئۆيىڭىزگە سولىۋىلىڭ بۇ قىزنى…بالا بوغانكى قاندا قىلىدۇ بۇمۇ… يوتقىنىدا يىغلاپ تاڭ ئاتقۇزۇپ  كۈنى ئۆتىۋەسۇن…


بۇ گەپنى ئاڭلاپ بوغىچە مىنىڭ پۇت-قولۇمدا جان قاممىدى،  ئۆيگە باسام  بۇ گەپلە ئۈچۈن پاچىقىمدىن گۈل ئىچىلغىچە  تاياق يىيىشىم ئىنىق ئىدى.

-ھە ماقۇل باسۇن… ئۆيگە كەممىسىمۇ بولىدۇ، كىتەرلىك نەسسىسىنى ياتىقىدىن ئاسۇن پۇلنى ھازىرلا كارتىسىغا سەپ بىرىمە…

بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم…ئۆيگە كەممىسىمۇ بولىدۇ دىگەن بوغاچ چوڭ ئاپامنىڭ يىنىغا بادىم،  ئاپامنىڭ  ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۋىدىم ھېچقانداق خەۋىرى يا تېلېفونى كەممەپتۇ. يىرىم يىلدىن ئاشتى ھېچقانداق خەۋرى يوق ئاپامدىن ھەم ئەنسىرەيتىم ھەم ئاغرىناتتىم.

ئەتىسى ئەتىگەندە دىيىشكىنىمىزدەك ساياھەتكە ماڭدۇق ئون نەچچەيلەن ئەمەسكەنمىز كانان بىلەن مەنلا باكەنمە.

-ئاپام سىزنى ئۆيدىكىلىرى رۇخسەت قىسا نەچچە كۈن يۇرتنى كۆرسىتىپ ئاندىن ئەكەپ قويىلى دىگەنتى، شۇڭا…

ئۇنىڭ بۇرۇنقى بىپەرۋالىقى نەگىدۇر يوقاپ بىلپ بومماس خىجىلچىلىق چىرايىغا چىقىپ قاغان ئىدى.  پىشانىسى تاتىلاپ كۆزىنى مەندىن ئىپ قاچاتتى، مەن  يەنە نەچچە ساۋاقدىشىمىزنى چاقىرمىساق بامايمە دەپ تۇرۋىلىپ كانان يەنە بەش قىز ئوغۇل ساۋاقداش دوسلىرىنى يىغدى.

كانان بىلەن يانمۇيان ئولتۇرۇپ كىرا ماشىنىسىدا ماڭدۇق،كانان ئۆزىنىڭ بالا ۋاقتىدىكى قىزىقارلىق ئىشلىرىنى ئىيتىپ بىرەتتى،ئۇنىڭ بالىلىقى خۇددى چۆچەككە ئوخشاش گۈزەل ھەم قىزىقارلىق،مىنىڭ بالىلق ئەسلىمەم دىگىدەك ئەسلىمەم يوق ئىدى، قىزىقارلىق ئىشلامۇ يوق ئىدى،كانانغا شۇنداق ھەۋەس قىلىپ ئىشتىياقىم بىلەن ئاڭلاپ كەتتىم.

-ئەسلى شۇنداق بەخىتلىك ئائىلەم با ئىدى، دادام چەتكە ئوقۇشقا چىقسام دىدى ئاپام قوشۇلمىدى، كىيىن ئاپامنىڭ ھامىلدارلىقىنى بىلىپ دادامنىڭ ئوقۇشقا چىقىدىغان ئىشىنىڭ گىپى بولۇنمىدى، خىلى بىر ئايلا ئۆتۈپ  ئاپام بىلەن دادام ئۇرشۇپ كەتتى، دادام ئاپام يەڭگىپ بوغاندىن كىيىن ماڭىدىغاننىڭ تەييارلىقىنى قىپتۇدەك، ئاپام قۇچىقىمدا بىر بالا  قۇيرىقىمدا يەنە بىر بالا سېنى نەچچە يىل ساقلامدىم دەپ ئۇرۇشاتتى، بىر كۈنى دادام ئىمتاھان بەگىلى كەتتى، قورسىقى راۋۇرۇس يوغىنىغان ئاپام يىقىلىپ چۈشۈپتۇ ئۆيدە  ھېچكىم يوق  مەن مەكتەپتىن كەگۈچە  قانغا مىلىنىپ يىتىپتۇ…ئاپامنىڭ جىنىنى ئاران قۇتۇلدۇردۇق، ئىنىم ئۆلۈك تۇغۇلدى دادام كەتمەيدىغان بولغاندا ئاپام دادامنى سوتقا ئەرىز قىلدى،ئۆيدە كۈندە جىدەل ئاپام بەكلا تۈگىشىپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن داداممۇ چىداپ بولامماي ئاخىرى بىزنى تاشلاپلا چىقىپ كەتتى…

كانان كولانى غۇتۇرلىتىپ ئوتلاپ يىرمىدىن جىقىنى سۈمۈرۈپ بوپ توختىدى،كۆزىدىن ئىقىپ چانىقىدا توختاپ قاغان بىر تامچە يىشىنى ئىيتتىم، كانان بىلىمدىن قۇچاقلاپلا قۇچىقىمغا بىشىنى تىقىپ ياتتى،چۆچۈپ پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى،ئالاقزادە بوپ ئەتراپىمغا قارىدىم،ئىككى قىز قۇلقىغا نائۇشكىنى سىلىپ دەرىزە سىرتىغا قاراپ ناخشا غىڭشىپ ئولتۇرۇپتۇ،ئالدىمىزدا ئولتۇرغان ئوغۇللا بىشىنى يانتۇ قىلىپ ئۇخلاپ كىتىپتۇ. شوپۇر تاغىمىز يىنىدىكى ياشتا چوڭ ئايال بىلەن قايسى بىر ۋاقىتلىرىنى ئەسلىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپتۇ، كىيۋاغان كالتە يوپكامغا ئىسسىق كۆز يىشى ئىقىپ خىلىدىن كىيىن كانان بىشىنى كۆتۈردى،كۆتۈرگەندە يوپكام تارتىلىپ تىخىمۇ قىسقىراپ يوتامنىڭ چوڭ گۆشلىرى ئىچىلىپ قالدى، قولۇمدا ياپسام يىپىلمىدى، كانان ئۇچىسىدىكى جەلىتكىنى سىلىپ يۇتامغا ياپتى،كۆزى دەرىزە سىرتىغا تىكىلگەن ئىدى. قىپقىزىل بوپ كەتتىم، مەنزىلگە كەگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، سوغۇق شامال يالاڭ پاچىقىمغا، يەكسىز بىلەكلىرىمگە بويۇنلىرىمغا ئۇرلاتتى، بەدىنىم سىزىمىنى يوقىتايلا دەپ قالدى.تومۇز ئايلىردا تاغنىڭ كۈز ئىيىدىنمۇ سوغۇقلىقىنى ئويلىماپتىمەن، ئىلۋاغان ئاپتاپتىن ساقلايدىغان چاپىنىم ھېچنىمگە دال بوممىدى،

-شەھلا يۈرۈڭ…

كانان مېنى تارتىپلا ماشىنىدىن چۈشۋاتقانلادىن يىراقلاشتۇردى، بىر قازاق چىدىرىغا كەلدۇق،كانان ئىچىگە كىرىپ بىرەيلەننى چاقىردى، بۇ سېمىز قازاق ئەرنىڭ گىپىنى ئاز تۇلا چۈشنىپ قالدىم، ماڭا قاراپ قۇچاق ئىچىپ كۆرۈشكەن ئايال ئىككىسى بەكلا خۇشچىراي ئىدى. ماڭا بىر چاپان بىلەن پادىچىلا ئىشتىنى ئەچىقىپ بەدى، پادىچىلا ئىشتىنىنىڭ بىلى چۆرگىلەپ قىلۋىدى ئايال تىكىپ ئوڭشاپ بەدى، كانان ئىككىمىز خوشلىشىپ چىقىپ كەتتۇق.

-سىزنى قىلىنراق كىيىم ئىلۋىلىڭ دەپ ئەسكەرتىپ قويسام بوپتىكە، تاغدا سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ…

كانان شامال ئۇچۇرۋەتكەن ماڭلاي چىچىمنى كەينىگە قايرىغاچ:

-شەھلا قىشىڭىز بەك چىرايلىقكەن،پىشانىڭىزمۇ شۇ، نىمىشقا ماڭلاي قويۋالسىز…

-ساراڭ… نىمش قىلۋاتسىز؟

پىشانەمنى سىيلاۋاتقان كاناننىڭ قولىغا ئۇرۋەتتىم…كانان قولىنى چۈشۈرۈپ ئىشتان يانجۇقىغا سالدى، ئىككىمىزنىڭ چىدىرى ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئىدى، كانان بىلەن باشقا ئوغۇللا  ئويۇن ئويناپ چىدىر ئالدىدا ئولتۇردى، مەن ئۇخلىياممىغاچ ئىسكىرىپكامنى كۆتۈرۈپ چىدىردىن يىراقلاشتىم، يۇپيۇمىلاق تولۇن ئاي جىمىرلاپ تۇرغان ساناقسىز يۇلتۇز سالقىن شامال، شامالغا ئەگىشىپ شىلدىرلاۋاتقان  دەرەخ شاخلىرى،شارقىراپ چۈشۋاتقان ئىقىن سۇ… بۇلانىڭ ھەممىسى سەزگۈلىرىمنى بۇ يىقىملىق كۈيلەنى مۇزىكا بىلەن تەڭگەش قىلىشقا ئۈندەيتى…

قانچىلىك ۋاقىت چالدىم بىلمەيمەن،ئاي بۇلۇتلا كەينىگە يوشۇرۇنغاندا كۆزۈمنى ئاچتىم…

ئىسكىرىپكامنى چۈشۈرۈپ تۇرشىم كانان گىتتارنى شوخ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلدى، بالىلار چاۋاك ئۇرۇپ ناخشا تەڭكەش قىلدى، قاياقتىندۇر بىرى داپ چاغاچ يىقىنلاپ كەلدى، ئىككىسى بىر پەس شوخ پەدىگە تەڭكەش قىلىپ بوغاندىن كىيىن كانان مىنىمۇ تەڭ چىلىشقا ئۈندىدى، مەن كاناندەك قۇلقىم ئاڭلىغاننى مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ چىلىشنى بىلمىگەچ،ھەم ئۆگەنگىنىمنىڭ ھەممىسى مۇڭلۇق كۈي بوغاچ رەت قىلدىم.

-كىلىڭە سىڭلىم… چالالايسىز ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ مۇزىكا دىگەن يۈرەكنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىشى كىرەك مانا مۇشۇنداق…

بىر قازاق ئاكاش قولدىكى سازىنى خالىغانچە تىرىڭشىتىپ كاناننىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ كەتتى،داپ چاغان ئاكاشمۇ شۇ، ئۆزەمنى توختىتۋىلىپ مەنمۇ ئەگىشىپ باقتىم،بىشىدا بوممىدى كىيىن ھەممەيلەننىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن مۇزىكىغا كىرىشىپ كەتتىم. قاملاشسا قاملاشمىسا ھېچكىمنىڭ كارى يوق،خۇشال بوساقلا ھېساپ ئىدى. ھازىر ئەتراپتا لىققىدە ئادەم يىرىم كىچە بولاي دىگەندە جانلىنىپ كەتكەن يايلاق ھەممىسىنىڭ ئۇيقىسىنى قاچۇرغان ئىدى،  بىر يىنىمىزدا گۈلخان بىر يىنىمىزدا قاقلىنۋاتقان پۈتۈن قوي كاۋىپى، پۈتۈن يايلاق باشقىچە تۈسكە كىرىپ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئىدى، ھەممەيلەن توۋلىشىپ ئۇسۇل ئوينىشىپ كەچ سائەت ئۈچ بوغاندا تارىدۇق،چىدىرغا كەپ خىلدىن كىيىن  قورسىقىم ئىچىپ كەتتى،ئىككى قىز ساۋاقداش ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى،سومكامنى ئاختۇرۇپ بىردىنبىر ئاچچىقنى ئالدىم دە نىرىغىراق بىرىپ يىيىش ئۈچۈن چىدىردىن چىقتىم، خالتىنى ئەمدى ئىچىشىمغا كانان موككىدە يىنىمدا پەيدا بولۇپ قالدى،



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章