دىللاردا سەنەم124-قسىم

文摘   2025-01-24 21:02   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم


ـ-104باب

كۆڭۈل ئالدىدا ھەركىم بىچارە


(171)


شۇ قېتىمقى ئىشتىن شەرۋانەمنىڭ دىلى قاتتىق ئازار يېدى. ئەمما ئايمەمەت بايۋەتچە، ئايتۇرسۇن خېنىم ۋە ئايزىبا خېنىملارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىغاندا ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايتتى. ئىتمۇ ئۆز يالىقىنى قورىغىنىغا ئوخشاش، شۇ بالىلار چېغىدا ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىنى قوغداشنى، ئۆز مەنپەئەتىنى ئامان ساقلاپ قېلىشنى ئەلا بىلەتتى، ئەلۋەتتە. يەنە كېلىپ مېھرىيار خېنىمنىڭ بالىلىرى بولمىش ئۇلار ئۆز ئانىسىدىن يۇقتۇرغان شۇ جاھىللىق ۋە ھىيلە- مىكىرلەرنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدىغاندەك، زادى مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بارلىق ئىشلىرى كاپالەتكە ئىگە بولىدىغاندەك، جان تىكىپ بۇ ئائىلىدىكى ئورنىنى قوغداۋاتاتتى.

شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئۆيدە پات- پات جېدەللەر چىقىشقا باشلىدى. بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئۆيدىكى ئۈچ بالا ئاشۇ بىر ئابدۇللانى پاتۇرماي، قىلغان ھەممە ئىشىدىن، دېگەن ھەممە گېپىدىن، يېگەن- ئىچكەنلىرىدىن، ئولتۇرغان- قوپقانلىرىدىن تارتىپ قۇسۇر چىقىرىپ، ھېلىدىن ھېلىغا قەستەن چېقىۋېلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنى چىشلەپ تارتىپ، «يېتىم ئوغلاق» دەپ تىللاپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقىنى ئاغرىتقان ئىدى. ئابدۇللا ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ بۇ ئىشلارنى ئانىسىغا چېقىشتۇرالايتتى. لېكىن شەرۋانەم ھېچكىمگە دېيەلمەيتتى. پەقەت ئوغلىغا تەسەللىي بېرىپ يۇم- يۇم يىغلىغىنىچە «بەرداشلىق بېرەيلى ئوغلۇم» دېگەندىن باشقا ھېچنېمە دېيەلمەيتتى. ئەگەر ئۇمۇ باشقىلارغا چېقىشتۇرغۇدەك بولسا ئۆز بالىسىنى دەپ بۇ ئۆيدىكى بالىلارنى پاتۇرمىغان، ئۇلارغا ئۆگەيلىك قىلغان ھېسابلىنىپ قالاتتى. ئۇ دەل مۇشۇ ئەيىبنىڭ ئۆزىگە ئارتىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ھەممە ئىشتا بەكلا ئېھتىياتچان بولىۋاتاتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئېھتىياتچان بولىۋاتقانلىرى بىلەن ھېسابلاشماي، بالىلار زادى پېتىشمىغىنى پېتىشمىغان بولۇپ، كۈنلەر كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى.

ھەر قېتىملىق جېدەللەردە ئابدۇللا ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە دېمەي، لېۋىنى چىشلەپ ئىچىگە يۇتۇۋېتەتتى. ئەمما بۇ ئۆيدىكى بالىلار ئۆزى جېدەلنى چىقىرىپ ئابدۇللانى بوزەك ئېتىپ بولۇپ، ئارقىدىنلا يىغلاپ بېرىپ دادىسىغا يا مومىسىغا چېقىشتۇرۇپ، ئابدۇللاغا ئۆزلىرى بوزەك بولۇپ كەتكەندەك بىر ھال پەيدا قىلاتتى. چوڭلار ئۇ تەرەپتىكى بالىلار بىلەن ئابدۇللانى بىللە ئوينىماڭلار دەپ توسۇپمۇ ھاردى. ئەلۋەتتە شەرۋانەممۇ ئۆز بالىسىغا دەل مۇشۇنداق تەربىيە قىلاتتى. ئۇمۇ ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئايمەمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئۆيدىكى ئۈچ بالىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئاۋارە ئىدى. لېكىن ئۇ قانچە ئۆزىنى قاچۇرغانسېرى بالىلار شۇ قەدەر يېقىنلىشىپ بوزەك قىلىپ بولۇپ، ئارقىدىن يەنىلا ھەممە خاتالىقنى ئابدۇللاغا دۆڭگەپ قويىۋېرەتتى.

ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇشۇ خىل دەتالاش، كۆڭۈلسىزلىكلەر سەۋەبىدىن چوڭلار ئارىسىدىمۇ ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ، نە تاماق ۋاقتىدا بولسۇن، نە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلاردا بولسۇن، ھېچقاچان ئىللىق بىر كەيپىيات بارلىقى كەلمىدى. بۇنى «ئائىلىدىكى پۈتۈن خۇشاللىقنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتتى» دېيىشكىمۇ بولاتتى. سەيدۇللا باي تۇيۇپ تۇراتتىكى، بۇ جېدەللەرنىڭ ھەممىسىنى مېھرىيار خېنىمنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن ئىككى قىز ۋە بىر ئوغلىدىن ئىبارەت ئۆز بالىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىچارە ئابدۇللانى توختىماي بوزەك قىلىۋاتاتتى. ئەمما شۇلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئابدۇللانى قوغداپ ئۆز بالىلىرىغا تەربىيە بېرەلمەي، مەسىلىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلىش چارىسى بىلەنلا بىرتەرەپ قىلىۋېتىپ جىممىدە ياشاپ يۈرىۋەردى. چۈنكى ئۇ بېلەتتىكى، ئەگەر بۇ ئىشنى ئادىللىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىمەن دەپ بالىلارنىڭ تاناۋىنى تارتىپ ئابدۇللاغا يان بېسىپ نەچچە ئېغىز سۆزلەيدىغانلا بولسا، بۇ ئىش تالاغا پۇر كېتىپ، سەيدۇللا باي ئۆگەي ئوغلىنى دەپ ئۆز بالىلىرىنى پاتۇرمىغان، يېڭى خوتۇنى ئۈچۈن ھەممە نېمىسىدىن ۋاز كەچكۈدەك ھالغا يەتكەن نادان، بىلىمسىز، ئەقىلسىز كىشىلەر قاتارىدىن بولۇپ قالاتتى. گەرچە ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىسىمۇ، سۆز- چۆچەك، پىتنە- پاساتلارنىڭ شۇ قەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كۈچلۈك ۋە رەھىمسىز بىر ئىشنىڭ يوقلىقىنى سەيدۇللا باي ياخشى بىلەتتى. يەنە بەلكىم شۇ جەھەتتىن گەپ- سۆز تارقىلىپلا قالسا مېھرىيار خېنىم قەسىرگە كېلىپ «بالىلىرىمنى پاتۇرماپسەن، ئۇنداق ئادەم ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بەرسەڭ بولمامدۇ؟» دەپ جېدەل چىقىرىپ، ئۇلارنى ئېلىپ كېتىشتىنمۇ يانمايتتى. شۇڭا ھازىر «ئارىدا ئادىللىق بىلەن تۇرىمەن، ھەممە ئىشلارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىمەن» دەپلا قالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن چىقىدىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ھەل قىلىش تېخىمۇ قىيىنغا توختايتتى.

شۇلارنى ئويلاپ كۆڭۈل غەشلىكى ھېچ بېسىلمىغان سەيدۇللا باي ئاخىرى بىر كۈنى شەرۋانەمنى چاقىرىپ بۇ ھەقتە سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭغا:

-قاراڭ، ھازىرقى ئىشلارنى سىزمۇ ئېنىق بىلىپ تۇردىڭىز، بىز قانچىلىك كۈچىسەكمۇ بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى جېدەلنى بېسىقتۇرۇپ ئۇلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇرالمىدۇق. ئابدۇللا بىلەن ئايسەنەمدە مەسىلە يوق، ئۇلار خۇددى كىچىكىدىن بىر ئۆيدە چوڭ بولغاندەكلا شۇنداق ئىجىل- ئىناق چىقىشىپ كەتتى. ئەمما مېھرىيار خېنىم تۇغۇپ بەرگەن ئۈچ بالام ئابدۇللانى ھېچ پاتۇرمايۋاتىدۇ، بۇلارنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. لېكىن ئابدۇللا تەرەپتە تۇرۇپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىدىغانلا بولسام مېنىڭ يامان نامىم دەرھال تالاغا تارايدۇ. مېنىڭچە بۇنداق بولۇشىنى سىزمۇ خالىمايسىز، ئەلۋەتتە. بۇ جېدەللەر مۇشۇنداق بولۇپ كەتكەنسېرى ئۇلار ھەتتا ئايسەنەم بىلەنمۇ پېتىشمايدىغان بولىۋالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۆيدە ئازراقلا كۆڭۈلسىزلىك بولسا ئۇلار ھەممىسى بۇنى ئايسەنەمدىن كۆرۈپ يوپۇرۇلۇپ بېرىپلا ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلاتتى، مەن مىڭ تەستە ئۇلارنى ياخشىلاشتۇرۇپ قوياتتىم-يۇ، لېكىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىك چىقىپ قالسا يەنە داۋاملىق شۇنداقلا بولاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مېھرىيار خېنىمنىڭ ئۇلارغا سىڭدۈرگەن ناچار تەربىيەسىنىڭ مەھسۇلى. لېكىن بۇنداق دەپلا ئىشلارنى ھەل قىلماي رايىغا تاشلاپ قويىۋەرسەك تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا... مۇمكىن بولسا ئابدۇللانى بىرمەزگىل مەتنۇر داداملارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويساق قانداق بولار؟ ھەپتىدە بىر كۈن بازارغا بېرىشتىن باشقا سىرتقا چىقىدىغان مۇھىم ئىشىمۇ بولمىغاندىكىن ئابدۇللاغا ئۇلار قاراپ بەرسۇن، بىز كېتەرلىك راسخوتلىرىنى شۇ ئۆيگە يەتكۈزۈپ بېرەيلى، سىزنىڭچە شۇنداق قىلساق بولارمۇ؟- دېدى.

سەيدۇللا باينىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قايتىدىن ياش يۈگۈرۈشتى ۋە مىڭ بىر يېرىدىن تۆكۈلگۈدەك بولۇپ ئازاب ئىچىدە قالدى.
-بۇنى باشتا مەنمۇ ئويلىغان،- دېدى ئۇ كۆزلىرىدىكى ياشنى ئىمكانىنىڭ يېتىشىچە يۇتۇۋېتىشكە تىرىشىپ، ئېغىر خۇرسىنىپ،- لېكىن دادىكام بىلەن ئانىكام ياشىنىپ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىدى، بۇ يېشىغا كەلگەندە مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا يوق، بالامنىمۇ سەن بېقىپ بېرىسەن دەپ ئۇ ئۆيگە ئاپىرىپ قويسام... ئابدۇللا ئوغۇل بالا، سەل كەپسىز، بۇ ئۆيدە بالىلاردىن ھەم سىزدىن قورقۇپ جىم يۈرۈپ كەتكىنى بىلەن، چوڭ ئۆيگە بارسا ھەرگىزمۇ تۇرۇڭ دېگەن يەردە تۇرۇپ، قېلىڭ دېگەن ئىشنى قىلمايدۇ، ھاي دېگەننى ئون ھەسسە زىيادە قىلىپ، ھەر قەدىمىدە بىر ئىش تېرىپلا يۈرىدۇ، دادىكام بىلەن ئانىكام ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالمايدۇ، ئوينىغىلى بىر چىقىپ كەتسە نە- نەلەرگە كېتىدىغان بالا ئۇ، پۇتى ئاغرىيدىغان، ھاسىغا تايىنىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالغان بۇ ئاي، بۇ يىللاردا ئابدۇللانىڭ كەينىدىن ئىزدەپ تېپىپ، غىزالىرىنى كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ يېگۈزۈپ بېقىپ بولالامدۇ؟ شۇڭا ئۇ ئۆيگە ئاپىرىپ قويسام خاتىرجەم بولالمايمەن، ئۇ ھەتتا چوڭلارنىمۇ ئاچچىق يۇتقۇزۇپ كېسىلدۈرۈپ قويىدۇ، شۇنداق بولۇپ قالسا ئاتا- ئانامدىن ھەم ئۇ بالىدىن خاتىرجەم بولالماي، بىر پۇتۇم شۇ ئۆي تەرەپتە بولۇپ قالسا يەنە قانداق قىلىمەن؟ ئۇ چاغدا يەنە «ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۈزۈك تۇرماپتۇ، قېيىنئانىسىنى باقمايدىكەن، ئۆگەي بالىلىرى بىلەن كارى يوق ھە دېسە ئۆز بالىسى بىلەن ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قاترايدىكەن» دېگەن گەپنى يۈدۈپ مەن ئەسكى بولۇپ قالارمەن ئۇ چاغدا؟ ھېلىمۇ ئەسكى ئاتنى يۈدۈگىلى ئارانلا تۇرىمەن، ھېچ بىر قۇتۇلۇپ بولالمىدىم خەقنىڭ يامان نەزەرلىرىدىن، ئۇنىڭغىغۇ بوپتۇ دەيلى، لېكىن كىچىككىنە بالىنى خاتىرجەم بولۇپ قانداقمۇ چوڭ ئۆيگە، ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان قېرى ئاتا- ئانامغا تاشلاپ قويالايمەن؟...

-شارائىتنى ئادەم بەلگىلەيدۇ، بىز ئالدى بىلەن ئاشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇپ، ناۋادا چوڭلار ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغۇدەك بولسا بىرەر خىزمەتكار ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسەك، ئىش ھەققىنى قەسىردىن ئېلىپ، ئۇ ئۆيدە تۇرۇپ بالىنىڭ ھەم چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا بولىدۇغۇ؟ بۇنىڭ بىزگە تەس يېرى يوق، ئەمما بۇ ئىشنى دەپلا ئابدۇللانى بۇ ئۆيدە تۇرغۇزىۋالساق، بۇ ئۆيدىكى ئۈچ بالا نارازى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن پېتىشمايدىكەن، ئاندىن بۇ پېتىشماسلىقلارنىڭ باش ئاغرىقى بىزگە كېلىپ، قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمەي قالىدىكەنمەن. مېنىڭ تەڭقىسلىقىمنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان چارە ھازىر مۇشۇ بىرلا،- دېدى سەيدۇللا بايمۇ ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ شەرۋانەمگە مېھرى بىلەن تىكىلىپ.

ئىمكانىيەت شۇنىڭدىن ئارتۇققا يار بەرمەيدىغان بۇ ھالدا شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئىلاج بولمىدى. شەرۋانەم بىلەن ئامانەم ئابدۇللانى ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ باش مەھەللىگە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مەتنۇر ياغاققا بولغان ئەھۋاللارنى ئېيتىپ، بالىنى شۇ ئۆيدە قالدۇرۇپ قويۇپ يېنىپ كەلدى. ئەمما ئۇلار ئۆيگە يېنىپ كېلىپ ئارىدىن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تەرلەپ تەپچىرەپ ھېرىپ ھالىدىن كېتەي دېگەن ئابدۇللا پۇتلىرىنى ئاران- ئارانلا سۆرەپ قەسىر دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلدى. بۇنىڭ نېمە ئىشلىقى سورالغاندا ئۇ تالاشقا سالغان ئىتتەك ھاسىراپ، لەۋلىرىنى يالاپ تۇرۇپ:

-ئانام بولمىسا ئۇ ئۆيدە تۇرغۇم كەلمەيدىكەن، ھەم چوڭ ئانام بىلەن چوڭ دادام مېنى بەك تولا باشقۇرىۋالىدىكەن، بالىلار بىلەن ئوينايمەن دېسەم ئۆينىڭ ئالدىغا چىققىلىمۇ قويمىدى، ئۇلار ئەتكەن غىزانى مەن يېيەلمەيدىكەنمەن، بۇرۇنمۇ شوۋىگۈرۈچ بىلەن ئۇماچلا ئېتەتتى، ھازىرمۇ پەقەت شۇنىلا ئېتىدىكەن، ئۇلار «بىزنىڭ چىشىمىز يوق، مۇشۇنىلا يېيەلەيمىز» دەيدۇ، لېكىن مېنىڭ چىشىم بار تۇرسا، مەن يېيەلەيدىغان باشقا تاماقلارنى ئېتىپ بەرمەيدىكەن، ئۇ بەتتام تاماقلارنى يەپ ئۇ ئۆيدە تۇرغۇم كەلمىدى، ئانام يوق ئۆيدە تۇرمايمەن،- دېدى.

بۇ ئىش ھەممەيلەننىڭ بېشىغا غەم بولدى. ئانىسى يوق ئۆيدە بۇ بالا تۇرمىسا، يا ئانىسىنى قوشۇپ بىللە ئاپىرىپ قويغىلى بولمىسا، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟

ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار قەمبەردىن ياردەم سوراپ، بالىغا ئەمەلىي ئەھۋالنى تولۇق چۈشەندۈرگۈزۈپ ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئاپىرىپ قويۇپ كەلدى. بىراق بۇلار ئاپىرىپ قويسا بالا كېلىۋېلىپ، يەنە ئاپىرىپ قويسا يەنە كېلىۋېلىپ، بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلىپ قايتا ئاپىرىپ قويسا يەنىلا كېلىۋېلىپ، ئىشلار ھېچ كىشىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمايۋاتاتتى. بالا گەپ ئاڭلىمىغانسېرى شەرۋانەم تېخىمۇ تەڭلىكتە قېلىپ، بۇ ئۆيدىكى سوغۇق نەزەرلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈشكە توغرا كېلىۋاتاتتى. ئىشلارنىڭ تۇيۇقسىز مۇنداق يامىنىغا تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتقىنىدىن كۆڭلى غەش بولغان سائادەت خېنىممۇ ھېچنېمىگە ئارىلاشمىدىم دېگەننى قىلىپ، بېشىنى بىراقلا ئىچىگە تىقىۋالدى.


(172)


مانا مۇشۇنداق ئاپىرىپ قويۇش، كېلىۋېلىشلار داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاۋۇت باي قازا تاپتى. يېشى توقسانغا ئۇلىشىپ قالغان، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تولا كېسەل چىقىپ ھالىنى قويمايۋاتقان بۇ ئادەم ئاخشىمى بىر چىرايلىق ئۇخلاپ قېلىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنالمايلا نەپەستىن قالغىنى مەلۇم بولغان ئىدى. سەيدۇللا باي بۇ يۇرتتىكى بايلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئاۋۇت باينىڭ سابىق كۈيئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەسەتنى يەرلىكىگە قويۇش ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى يوقلاشقا قاتناشمىسا بولمايتتى، ئەلۋەتتە. سائادەت خېنىم ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ھالەتتە پالەچ بولۇپ قالغىلى كۆپ يىللار بولغانلىقتىن، شەرۋانەم سائادەت خېنىمغا ۋاكالىتەن بۇ ئىشلارنىڭ ئالدى- كەينىدە ئېرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئەمما ئاۋۇت باينىڭ بارلىق جەددى- جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراپ پەقەتلا قارشى ئالمايدىغانلىقىنى ئېنىقلا ئۇقتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئەتىسىدىن باشلاپ سەيدۇللا باي ئۆزى يالغۇز بېرىپ ئىشلارنىڭ بېشىدا تۇردى.

ئالدى- كەينى ئون كۈن ئەتراپىدا ھەممە ئىشلار تۈگەپ تۇرمۇش ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن، تۇيۇقسىز بىر كۈنى مېھرىيار خېنىم قەسىرگە كېلىپلا بىشەملىك بىلەن «بالىلىرىمنى ئېلىپ كېتىمەن» دەپ جېدەل چىقاردى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئاۋۇت باي ھايات ۋاقتىدا بالىلىرىغا سۈر- ھەيۋىسىنى ئىشلىتىپ قالايمىقان ئىش تېرىماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلىپ تۇرغىنى بىلەن، ئۇ كىشى ئۆلۈپ كىرپىكىگە توپا قونار- قونماستا ئۇلار ئەمدى دادىسىدىن قورقمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى خالىغانچە ئىش قىلسا بولىۋېرىدىغانلىقىنى بايقاپ قالغاندەك تۇراتتى. دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مېھرىيار خېنىمنىڭ ئاكىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي، كۆرمەسكە سېلىپ كۆزىنى قىسىۋالغان ئىدى. ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرمىغان، باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمىغان، ئاكىلىرىنىڭ تېخىمۇ كارى يوق بۇ ئەھۋالدا مېھرىيار خېنىمنىڭ خورىكى ھەسسىلەپ ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەيدۇللا باي قەسرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئۆلگۈدەك مۇشتلاپ، «بالىلىرىمنى ئالمىسام بۇ يەردىن كەتمەيمەن» دەپ ساراڭلىق قىلىپ تۇرىۋېلىۋەردى. بالىلار ئانىسىنىڭ بۇ ۋارقىراشلىرىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇراتتى، بىراق دادىسىنىڭ ئۆز ماقۇللۇقى بىلەن ئۆزلىرىنى ئانىسىغا قوشۇپ قويۇشىنى كۈتۈپ، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى يوشۇرۇپ لېۋىنى چىشلىگىنىچە جىممىدە ئولتۇرىۋەردى. سەيدۇللا باي ئۇلارنىڭ «ئانىمىز بىلەن كەتمەيمىز» دېيىشىنى قانچە تاما قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بالىلار ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماي، بىر كۆزى ئىشىكتە ھالدا قورقۇمسىراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى لەسسىدە بولدى.
 

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章