10 مىليون 930 مىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرى تەمىنلەندى

时事   2024-11-15 21:40   北京  

جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمى 12 مىليون 220 مىڭ كىشى بولۇشى مۆلچەرلەنگەن

جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇلىرىنىڭ 14-چېسىلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بىرلىكتە خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، 2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار كۆلىمى 12 مىليون 220 مىڭ كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 430 مىڭ كىشىنىڭ كۆپىيىشى مۆلچەرلەنگەن.

جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «2025-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 9-ئايدىن بۇيان ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر 55 مىڭ مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 10 مىليون 930 مىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەن.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

ئېلان قىلىندى! تەكشۈرۈلدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章