كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
14 | 13 | 12 | 11 | |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
15-قىسىم
15-قىسىم
ۋاسىتە تاللىماي ئېرىشىمەن.
- رەھمەت. - دېدى زۇبەيدە.
- ئەمما قوشنىڭىز يەنىلا مەن، - دېدى زەپەر.
زۇبەيدە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئەمەلىيەتتە ماڭا ئۆي تېپىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك. - دېدى.
ئۇ ئىشىكنى يېپىپ، زەپەرگە ئەگىشىپ ئاشخانىغا كىرىپ:
- سەل كۈلكىلىك ئىش بولدى، مەن سىزنى بۇ شەھەرگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، نەتىجىدە سىز ماڭا يېڭى ئۆي تېپىپ بەردىڭىز، - دېدى.
زەپەر قولىدىكى خالتىنى تەكچىگە قويۇپ:
- كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە، ئەرلەر ئاياللاردىن ئازدۇر-كۆپتۇر كۈچلۈك بولىدۇ، - دېدى.
كىم ئۇنى كۆڭلىدە زۇبەيدەدىن خىجىل بولسۇن دەپتۇ؟
ھېلىقى ئۆلگۈر دىلارە، پەقەت ئۇنى ئىش قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىلا بىلىدۇ، ئاخىرىدا ئىش تېرىلسا، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىلا بىلىدۇ.
بايلارنىڭ ھەممە يامان قىلىقىنىڭ ھەممىسى دىلارەدىن تېپىلىدۇ.
- مېھمانخانىغا چىقىپ بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن تەييار قىلىپ سىزنى چاقىراي. - دېدى زۇبەيدە.
- ياردىمىم كېرەك ئەمەسمۇ؟ - دېدى زەپەر.
زۇبەيدە بېشىنى چايقاپ:
- بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئاددىي تاماق ساماۋار شورپىسى، - دېدى.
زەپەرمۇ زورلاپ تۇرۇۋالمىدى.
ئون نەچچە مىنۇتتىلا زۇبەيدەنىڭ تاماق يەيلى دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
زەپەرمۇ كېلىپ، كۆڭلىدە بىر ھازا ھەيران قالدى.
ئايال كىشىنى ئاجايىپكەن، شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن تاماق ئۈستىلىنى سەي كۆكتات بىلەن توشقۇزۋېتىپتۇ.
ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قازاندىن ئىسسىق ھور چىقىپ ، مىززىلىك پۇراپ تۇراتتى.
- شۇنچە تېزلا تەييارلاپ بولدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى زەپەر.
- ئەمەلىيەتتە كۆكتات يۇيۇلۇپ تىزىلسىلا تەييار بولىدۇ، قېنى، ئولتۇرۇڭ. - دېدى زۇبەيدە.
زەپەر گەپنى ئاڭلاپ ئولتۇردى، زۇبەيدە پۈتۈن جەرياندا سەي - كۆكتاتنى قازانغا سېلىش، ئوت تەڭشەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بىرىنچى قېتىم سېلىنغان سەي - كۆكتاتلاردىن تاللاپ ئېلىپ زەپەرنىڭ تەخسىسىگە ئېلىپ بەردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككىنچى قېتىملىق سەي كۆكتاتلارنى سالدى.
زەپەر ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە جىمجىت قاراپ، قاش-كۆزلىرى قىسىلىپ بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ قويدى.
- ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ھېچكىم چىشىغا تېگىشكە پېتىنالمايدىغان ھاكاۋۇر ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان ، ئەينى چاغدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق شەخسنىڭ ھازىر مۇشۇنداق ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئۇستا بوپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، - دېدى زەپەر.
زۇبەيدە بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، چوكىنى بىر چەتكە قويۇپ:
- باشقىلار ماڭا قەرزدار ئەمەس، مېنىڭ ھالىمدىن شەرتسىز خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى يوق. نېمىلا دېگەن بىلەن يەنىلا بەزى تۇرمۇش ماھارەتلىرىگە موھتاج بولىمەن، بولمىسا ئۆزۈم يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرسەم، ئاچ قالمامدىم، - دېدى.
زەپەر توختاپ ئۇنىڭغا يەنە بىر نەچچە سېكۇنت قاراپ تۇرۇۋېتىپ، ئاندىن چوكىنى ئېلىپ، سەيدىن تاللاپ قىيامغا چىلاپ ئاغزىغا سېلىپ:
- ھىم، ھەقىقەتەن زىيانسىز، يېشىل كۆكتاتلارنىڭ تەمى ياخشى بولىدىكەن. يۇرتىمىزنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا نېمە يەتسۇن. - دېدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن كۈلكىسىنى باسالماي:
- ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، كۆكتاتلارنى سۇدا پىشۇرۇپ قىيامغا چىلاپ يەيمىز، بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭىزمۇ قانداق - دېدى.
- بىراق تەمى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ئەگەر سەۋەبىنى ئىزدەشكە توغرا كەلسە، ئاساسلىقى يەنىلا ئاشپەزنىڭ كۈچىدىن ئايرىپ قالغىلى بولمايدۇ. - دېدى زەپەر.
زۇبەيدە كۆزىنى يوغان ئېچىپ:
ـ ماختاشلىرىڭىز بەكلا يالغان بولۇپ قالدى، سەل ئەستايىدىل بولسىڭىز قانداق؟ - دېدى.
- ھەممىسى يۈرىكىمدە يەتتە-سەككىز قېتىم دومىلىتىپ يۈرۈپ ئېيتقان يۈرەك سۆزۈم، يەنە دېمىسەم، ئۇلار يۈرىكىمدە تۇرۇپلا ھېرىپ قالىدۇ، - دېدى زەپەر.
زۇبەيدە قولىنىڭ دۈمبىسىنى پېشانىسىگە تىرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى، مۈرىسىمۇ لىكىلداپ كەتتى.
- ئەرلەرنىڭ ئاغزى تاتلىق، يالاقچى دېگەن گەپنى ھەقىقەتەن خاتا دېگىلى بولمايدىكەن، - دېدى.
ئۇنىڭ شۇ تاپتا تۇرقىغا قاراپ، زەپەر يېنىك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- سىزنىڭ تامىقىڭىز پىشتى. - دېدى.
زۇبەيدە بېشىنى كۆتۈرۈپ قازانغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئورتاق ئىشلىتىدىغان چوكىنى قولىغا ئالدى.
دوختۇرخانىدا ئىمران مەۋلاننى توسۇشقا جۈرئەت قىلالمىغاچ، دوختۇرخانىدىن چىقتى، دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەن توختاپ قالدى، كەينىدىكى ئىمران يېتىشىپ كەلدى، مەۋلان ئۇنىڭ قولىدىكى ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تارتىۋالدى.
- ئەپەندىم، يارىڭىز تېخى ساقايمىدى، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي... - دېدى ئىمران.
مەۋلان چوڭ قەدەم بىلەن پەلەمپەيدىن چۈشتى.
ئىمران يېتىشىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى، مەۋلان ماشىنىنى تېپىپ ماشىنىغا چىقتى.
ئىمران يۈگۈرۈپ بېرىۋىدى، ماشىنا بىر پىرقىرىغان پېتى ئۇدۇل ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن ئايرىلدى.
ئەڭ تېز سۈرئەتتە داچىغا قايتىپ كەلدى.
ئەمما ماشىنا ھويلىدا توختاپ قاپقاراڭغۇ داچىغا قارىغاندا، مەۋلاننىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
ئۇ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ يېپىپ، داچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىشىك تۇتقۇچىنى بۇرىدى، لېكىن يەنە بۇرىيالماي ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى.
قايتا-قايتا، توختىماي باستى.
لېكىن ھېچقانداق ئىنكاسقا ئېرىشەلمىدى.
مەۋلان قاپقاراڭغۇ داچىغا يەنە بىر قېتىم قاراپ، لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ، ئىشىك سىرتىدىكى راۋاق تەرەپتىكى تاش چىراغ ئاستىدىن زاپاس ئاچقۇچنى ئالدى.
ئىشىكنى ئېچىپ قاپقاراڭغۇ مېھمانخانىغا قاراپ، قاش-كۆزلىرى بىردىنلا تۈرۈلدى، دوختۇرخانىدىن بۇ يەرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى غەزىپى خۇددى تېگى يوق ھاڭغا سىڭىپ كەتكەندەك پەسىيىپ، قالغىنى بولسا خاتىرجەمسىزلىنىپ ئەنسىرەش بولدى.
ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلدى، ھەقىقەتەن خاتىرجەم بولالمىدى.
گەرچە بۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگىلى بىر نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، زۇبەيدەنىڭ داچىنىڭ بىرىنچى قەۋەت مېھمانخانىدىكى چىراغنى ئەزەلدىن ئۆچۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
لېكىن بۇ قېتىم، ئۇ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان... ئۇنى ئالداۋاتامدۇ!
ئۇ ئايىغىنىمۇ ئالماشتۇرماي، مېھمانخانىدىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى.
نېمىشقىدۇر بىرەر ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدى، لېكىن ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى.
كارىدوردىكى ئاۋاز بىلەن كونترول قىلىنىدىغان چىراغ ئۇنىڭ قەدەملىرىنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ ياندى، ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا، يەنىلا قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ئازراقمۇ شەپە يوق ئىدى.
چىراغنى ياندۇرغاندا، رەتلىك تۈزەشتۈرۈلگەن كارىۋاتتا ھېچكىم يوق ئىدى، مۇنچىدىمۇ ھېچقانداق شەپە يوق.
مەۋلاننىڭ چىرايى چىڭىپ، قارىداپ كەتتى.
ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ ياندىكى كىچىق ياتاق ئۆي ۋە كۇتۇپخانىغا قارىدى، نەتىجىدە زۇبەيدەنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى.
ئىشىكتىن كىرىپلا بىر يەرلىرىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك قىلغان، ئۇ ئاخىر كۇتۇپخانىدىكى سەرەمجانلىرى ئىچىدىن زۇبەيدەنىڭ نەرسىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى.
ئىلگىرىكى كىتاب ئۈستىلىدە زۇبەيدەنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرى، يېنىدا ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرى تۇراتتى، ئۈستەلدىكى كىچىك زىننەت بۇيۇملىرىمۇ زۇبەيدە ئۆزى سېتىۋالغان كىچىك نەرسىلەر ئىدى، چاي ئۈستىلىنىڭ يېنىغا يەنە بىر نەچچە بالا بېقىش توغرىسىدىكى كىتابلار تىزىقلىق تۇراتتى.
لېكىن ھازىر، ھەممىسى يوق ئىدى.
ئۇ بىردىنلا جىددىيلىشىپ، چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن ياتاق ئۆيگە كىرىپ، كىيىم ئىشكاپىنى، جۈملىدىن كىيىم ئىشكاپىنىڭ تارتمىلىرىنى بىر - بىرلەپ ئاچتى.
ئىچىدە ئۇنىڭ بىر قۇر كىيىمىلا بار ئىدى، زۇبەيدەنىڭ چوڭ-كىچىك كىيىملەردىن بىرسىمۇ، ھەتتا پايپىقىمۇ يوق ئىدى.
تازىلىق ئۆيىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى، چىش چوتكىسى، لۆڭگە، چاچ قۇرۇتقۇچ، ھەتتا تارغاق، چاچ قىسقۇچ، زۇبەيدەنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
مېھمانخانىدا نېمە كەم، توغرا ئۇنىڭ ئىستاكانى، ئايىغى، ئىتى، سېتىۋالغان بارلىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، ئاشخانىدىكى بارلىق نەرسىلەر، ئۇنىڭغا تەئەللۇق تەخسە، قاچا-قۇچا، ھەتتا ئۇ ئۆزى تەييارلىغان خۇرۇچلار، ھەممىسى يوق ئىدى.
مەۋلان ئەڭ ئاخىرىدا مېھمانخانىدا تۇرۇپ، تۆت ئەتراپقا نەزەر سالدى، قۇپقۇرۇق داچا، شۇ تاپتا پەقەت چىراغ نۇرىغىلا تولغانىدى.
ئۇنىڭ چىرايى بۇرۇنقىدەكلا تۇتۇلغان بولۇپ، پەقەت بۇرۇنقى غەزەپ ۋە ئاچچىققا سېلىشتۇرغاندا، پۈتۈن بەدىنى ھودۇقۇش ئىچىدە قېتىپ قالغاندەك قىلاتتى.
پۈتۈن بەدىنى شەپە چىقارماي تىترەپ كەتتى.
ئۇ ئۆز ئورنىدا قانچىلىك ۋاقىت تۇرغانلىقىنى بىلمىدى، ئاندىن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، سۆزلىشىش خاتىرىسىنى باستى، پۈتۈن ئېكراندا زۇبەيدەنىڭ ئىسمى بار ئىدى.
كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلانمىغان بولۇپ، پەقەت بىرىنچىسىدىلا سۆزلىشىش خاتىرىسى پەقەت 36 سېكۇنت يەتكەنىدى.
زۇبەيدە ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئىت ئۈچۈن، ئۇنىڭ تېلېفونىنى قويۇۋەتكەن...
توغرا ... ئىت، سافا...
مەۋلاننىڭ نېپىز لەۋلىرى تۇيۇقسىز بىر تۈز سىزىققا ئايلىنىپ، چىڭ يۇمۇلۇپ، بارماقلىرى بىلەن بېسىۋالدى.
تېلېفون سايرىغاندا، زۇبەيدە ساماۋار شورپىسىغا چۆپ سېلىۋاتاتتى، تېلېفوننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ قول ھەرىكەت سەل تېزلىشىپ قالدى، زەپەر قولىدىكى چوكىنى قويۇپ، ئۇنىڭغا ياردەملەشتى.
- مەن ئالاي، سىز تېلېفوننى ئېلىڭ. - دېدى زەپەر.
- بىلەمسىز؟ - دېدى زۇبەيدە.
زەپەر قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:
- كىمنى كۆزگە ئىلمايسىز؟ - دېدى.
زۇبەيدە ئەپۇ سوراپ كۈلۈپ قويۇپ، خېمىرنى ئۇنىڭغا سۇندى-دە، بۇرۇلۇپ مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدى.
كەلگەن تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپ، بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ ئاندىن تېلېفوننى ئېلىپ:
- يەنە باشقا ئىش بارمىتى؟ - دېدى
- سىز ھازىر قەيەردە؟ - دېدى مەۋلان. بۇرۇنقى ئاچچىقلىنىشقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ چاغدىكى مەۋلان قارىماققا ناھايىتى تەمكىن كۆرۈنەتتى، لېكىن ئۇنىڭ غەزەپلىنىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئاسان ھېس قىلغىلى بولاتتى.
- ئۆيدە. - دېدى زۇبەيدە.
- قايسى ئۆيدە؟ - زۇبەيدەنىڭ گېپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا مەۋلاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
زۇبەيدە بىر نەچچە سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرۇۋېتىپ:
- دوختۇرخانىدىن چىقتىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- مەن ھازىر سىزدىن قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى سوراۋاتىمەن؟ - دېدى مەۋلان. ئاۋازى يەنىلا تىپتىنچ، دولقۇنسىز بولسىمۇ، ئەمما شامالسىز كۆل يۈزى ئەمەس، بەلكى مۇز تۇتۇپ كەتكەن دېڭىزغا ئوخشايتتى، تەلەپپۇزى سوغۇق ئىدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭغا ئۇدۇللا جاۋاب بەرمەستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىپ:
- ئەگەر سىز ھازىر دوختۇرخانىدىن چىققان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئاجرىشىش رەسمىيەتنى داۋاملىق كەينىگە سۈرمەڭ، دېيىشكە تېگىشلىكنىڭ ھەممىسىنى دېدىم، قىسقىسى، بۇ ھەممە ئادەم خۇشال بولىدىغان ئىش، بالدۇرراق بېجىرسەك، بىر-بىرىمىزدىن بالدۇرراق قۇتۇلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئادەم سىزنى ساقلاۋاتىدۇ.
مومام بىلەن ئاپامدىن خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇلار بىلەن دېيىشىپ قويدۇم، ئۇلار ئەمدى ئامانگۈل ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى توسمايدۇ ... - دېدى.
بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەنە:
- مەۋلان، قانداقلا بولمىسۇن، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تولۇقلاپ بېرىمەن، ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، ھەر قانچە گەپ قىلساممۇ، يەنىلا شۇ بىر نەچچە ئېغىز گەپنى قىلالايمەن، مېنىڭ ھەر قانداق ئادەمگە يامان نىيىتىم يوق، سىزمۇ شۇ. بۇرۇنقى ئىشتا مەن خاتا قىلدىم، ئالدىڭىزدا خىجىلمەن. - دېدى.
مەۋلان خېلى ئۇزاققىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ، يەنە سوغۇق تەلەپپۇزدا:
- دېمىسىڭىزلا، مېنى تاپالمايدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
زۇبەيدە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- مەن سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشنى ئويلاشمىدىم، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ شەھەردە سىزنىڭ تونۇشلىرىڭىز كۆپ ، بىرەر ئادەمنى تەكشۈرۈش ئاسان. قانداقلا بولمىسۇن، بىز رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن بولسىمۇ، يەنىلا كۆرۈشۈپ قالىمىز... - دېدى
بۇ قېتىم مەۋلان ئاۋۋال تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar