كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
11-قىسىم
11-قىسىم
زۇبەيدە مەسئۇل دوختۇردىن تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، كېسەلخانىدىكى ۋاقتى بىلەن پەرقى يوق ئىدى.
ئۇ جىمجىت ئاڭلىدى، دوختۇر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى، ئۇمۇ سۈكۈت قىلىپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
- دوختۇر، ئۇنىڭ يارىسى ۋە بېشىنىڭ ساقىيىشىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
دوختۇر بىردەم سۈكۈتتە تۇرۇپ:
- بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، يەنىلا بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئاندىن ھۆكۈم قىلىمىز. بىراق سىز خاتىرجەم بولۇڭ، پەقەت ياخشى خەۋەر ئالسىڭىزلا، چوڭ چاتاق چىقمايدۇ. مەۋلان ئەپەندى قانداقلا بولمىسۇن تېخى ياش. - دېدى.
زۇبەيدە بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، تەمكىن كۈلۈپ قويۇپ، ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ :
- ئاۋارە قىلدىم، ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن. - دېدى.
- تۈزۈت قىلماڭ، بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. - دېدى دوختۇر.
دوختۇر بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، زۇبەيدە ئىشخانىدىن چىقتى.
سىرتقا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، كارىدورغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا مەۋلاننىڭ بۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇنى كۆرۈپ، مەۋلاننىڭ قەدىمى تېخىمۇ تېزلەشتى.
زۇبەيدە ئۆز جايىدا سالماقلىق بىلەن توختاپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىگە قاراپ تۇردى، مەۋلاننىڭ قاپقارا كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلگىنىدە، خۇددى ئۇنى ھەر ۋاقىت بىر يەرگە مىخلاپ قويىدىغاندەك قاتتىق تەسىر بەردى.
- بايا نېمە ئىش قىلىۋاتقانتىڭىز؟ - دەپ سورىدى مەۋلان.
زۇبەيدە پەس ئاۋازدا:
- دوختۇردىن ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنى سورىسام، ئۇ سىزنى ياخشى كۈتۈنۈشكە موھتاج دەيدۇ. - دېدى.
مەۋلاننىڭ چىرايى سەل ياخشىلىنىپ، قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:
ـ ئاڭلىسام سىز بايا ئامانگۈلنىڭ ياتىقىغا بېرىپسىز ... - دېدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭ كەينىدىكى ياردەمچىسىگە بىر قاراپ قويۇپ، ئىنكار قىلماي:
- ھەئە. ياردەمچىڭىز ئەينى چاغدا مېنى توسۇۋالغانىدى، بۆسۈپ كىرگەندىن كېيىن ئاندىن بۇنداق قىلماسلىقىم كېرەكتەك ھېس قىلىپ، ناھايىتى تېزلا يېنىپ چىقتىم، ئۇنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلمىدىمغۇ دەيمەن، ئىشەنمىسىڭىز ياردەمچىڭىزدىن سوراڭ. - دېدى.
تەبىئىيكى، بۇنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بايا ئۇمۇ شۇنداق دېگەن.
تارتىشىپ قالغان چىرايى ئاخىرى بوشاپ:
-ھىم، ئۇنداقتا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتامسىز؟ - دەپ سورىدى مەۋلان.
- ھە؟ - زۇبەيدە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغىنىغا قاراپ گۇمان قىلىپ قالدى.
- بايا ماڭا تېخىمۇ ياخشى غەمخورلۇق قىلىش كېرەك دېگەنتىڭىزغۇ؟ - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:
- ئەلۋەتتە، مەن سىزگە زىيانكەشلىك قىلغان تۇرسام، - دېدى.
مەۋلان بىلىنەر - بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ:
- بىلسىڭىزلا بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن قالايمىقان يۈگۈرمەڭ، مەن ھازىر بىمار، پۈتۈن بەدىنىم يارا، يەنە تېخى دوختۇرخانىدا ھەممە يەرنى كېزىپ سىزنى ئىزدەپ يۈرسەم، بۇنىڭ ساقىيىش سۈرئىتىمنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ - دېدى.
زۇبەيدە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- سىز ئامانگۈلنىڭ ياتىقىغا بارغاندا، ساقىيىش سۈرئىتىڭىزنىڭ كېچىكىدىغانلىقىنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
مەۋلاننىڭ چىرايى سەل-پەل ئۆزگىرىپ، زۇبەيدەنىڭ چىرايىدىكى سۇس كۈلكىدىن باشقا كەيپىياتنىڭ يوقلۇقىغا قاراپ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ:
- ئۇ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى، دەل مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپتۇ، مەن بىلگەندىكىن ... - دېدى.
زۇبەيدە بېشىنى لىڭشىتىپ:
- مەن چۈشىنىمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن تونۇش ئادەملەر، يوقلاپ چىقمىسىڭىز بولمايدۇ، - دېدى.
مەۋلان ئۇنىڭغا بىر نەچچە سېكۇنت تىكىلىپ قارىدى، بۇ گەپتە قانداقتۇر مەسىلە باردەك ھېس قىلىپ:
- سىز راستتىنلا شۇنداق ئويلامسىز؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە پەس ئاۋازدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
- مەن ئىلگىرى زادى قانچىلىك يولسىزلىق قىلغانتىم؟ سىزنىڭ ھەقلىق يوسۇندا قىلغان ئىشىڭىزنىمۇ چۈشەنمەمدىم؟ - دېدى.
مەۋلان گەپ قىلمىدى.
ئەگەر ئۇ كۈلمىگەن بولسا سەل ياخشى ئىدى.
قانچە ئادەتتىكىدەك كۈلگەنچە، شۇنچە ئۇقۇمۇشلۇق ۋە كەڭ قورساق بولغانچە، مەۋلان بىرەر مەسىلە باردەك ھېس قىلدى.
- بولدى، تېز قايتىپ كېتەيلى، بولمىسا سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كېچىكتۈرۈپ قويىسىز، - دېدى.
زۇبەيدە ناھايىتى تەبىئىي گەپ قىلدى، ئەمما چىرايىنى ئۆزگەرتمەي قولىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ چىقاردى، چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، ئالدىدا بىر نەچچە قەدەم ئىلگىرى ماڭدى.
مەۋلان جايىدا تۇرۇپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئۇنىڭ قارىسىدىن قارىدى.
- مەۋلان لىدىر؟- دېدى ياردەمچىسى گۇمانلىنىپ ئېغىز ئېچىپ.
- ئامانگۈل بۈگۈن ئۆيۈمنى قانداق تېپىپ باردى؟ - دەپ سورىدى مەۋلان تۇيۇقسىز.
ياردەمچىسىنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ:
- مەن دەپ بەرگەن. ئامانگۈل خانقىز بۈگۈن تۇيۇقسىز مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، مەن تېخى سىزنى ئۇنى كۆرسە خۇش بولىدۇ دەپ... - دېدى.
نېمىلا دېگەن بىلەن، مەۋلان بىلەن ئامانگۈلنىڭ ئىشىنى پۈتۈن ئادەم بىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەۋلان بىلەن شۇنچە يىل مۇھەببەتلەشكەن تۇرسا، ياردەمچىسى قانداقسىگە بىلمەي قالىدۇ.
ئەمما مەۋلان تۇيۇقسىز بېشىنى بۇرىدى، ئۇنىڭ ئاشۇ سۇس سوغۇق كۆزلىرى ياردەمچىسىنى سوغۇق تەرگە چۈمدۈرۋەتتى.
- مەن ھازىر توي قىلىپ بولدۇم، مەيلى ھازىر ياكى كېيىن بولسۇن، پەقەت بىرلا خانىمىم بار. - دېدى مەۋلان.
- شۇنداق، بىلدىم، مەۋلان لىدىر. - دېدى ياردەمچى.
مەۋلان پۇتىنى كۆتۈرۈپ بۇ يەردىن ئايرىلدى.
زۇبەيدە مەۋلاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتا چوڭ-كىچىك ئىشلارنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى.
پەقەت شۇ گېپى ئازلاپ كەتتى، ئاندا-ساندا گەپ قىلسىمۇ، چىرايىدا سۇس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپلا تۇراتتى.
مەۋلاننىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشى بولمىدى.
ھەر قېتىم ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمغا قارىغىنىدا، ئاشقازىنى تارتىشىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى.
چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ تاماق بۇيرۇتۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، زۇبەيدا ئۈندىمەستىن يانفونىنى ئېلىپ، ئەمدىلا كىرگەن ئەر سېستېراغا :
- سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. - دېدى.
مەۋلان دەرھال كارىۋاتتىن تۇرۇپ:
- نەگە بارىسىز؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە ئامالسىز ئۇھ تارتىپ:
- ئۆيگە قايتىمەن، تاماق يېيىشىم كېرەكقۇ دەيمەن. - دېدى.
- تاماق ئەپكېلىپ بېرىشكە ئادەم ئورۇنلاشتۇراي. - دېدى مەۋلان.
- مەن قايتىپ بېرىپ يەنە يۇيۇنىمەن. - دېدى زۇبەيدە.
- بۇ يەردە مۇنچا بار! - دېدى مەۋلان.
- يەنە كىيىم ئالماشتۇرىمەن، - دېدى زۇبەيدە.
- كىيىمىڭىزنىمۇ ئەكېلىپ بەرسۇن! - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە بىردەم جىمىپ قالدى، ئاندىن ئەستايىدىللىق بىلەن مەۋلانغا قاراپ:
- مېنىڭ دوختۇرخانىدا تاماق يېگۈم، يۇيۇنغۇم يوق. - دېدى.
مەۋلان ئەمدى گەپ قىلالمىدى.
ئىككى ئادەمنىڭ كەيپىياتى سەل قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، يېنىدىكى ئەر سېستېرا بۇنى كۆرۈپ، كۈلۈپ قويۇپ، كەيپىياتنى ياخشىلىماقچى بولۇپ:
- ئەر-خوتۇن ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتىڭلار چوڭقۇركەن، بىراق ئەپەندىم، مېنىڭچە ئايالىڭىز ھامىلداركەن، ئۇنىڭغا كۆپرەك يول قويۇڭ، ھازىرچە ھالىڭىزدىن مەن خەۋەر ئېلىپ تۇراي، چاتاق چىقمايدۇ. - دېدى.
زۇبەيدە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- شۇنداق، مەن ھازىر ھامىلىدار. - دېدى.
مەۋلان يەنە باشقا گەپ قىلالماي:
- ئۇنداقتا تېز بېرىپ تېز قايتىپ كېلىڭ، - دېدى.
زۇبەيدە يېنىكلا ھىم دەپ قويۇپ، ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، موماي بىلەن خاسىيەت بار ئىدى.
- زۇبەيدە، مەۋلان ئىككىڭلار ياخشىمۇ؟ - دەپ سورىدى موماي.
زۇبەيدە كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
- مەن بىر بىمار بىلەن جېدەل قىلىپ يۈرسەم بولماس ، - دېدى.
خاسىيەت خاتىرجەم بولۇپ، ئۇھ دەپ:
- ھېرىپ كەتكەنسىز، تېز ئۈستىگە چىقىپ يۇيۇنۇۋېلىڭ، مەن سىزگە بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇپ بېرەي، - دېدى.
زۇبەيدە ھەقىقەتەن بەك چارچاپ كەتكەچكە، بېشىنى لىڭشىتىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۇ ئۆي ئىچى كىيىمىنى كىيىپ بىنادىن چۈشتى.
خاسىيەت گەرچە ھەقىقىي باي ئائىلىنىڭ خانىمى بولسىمۇ، لېكىن ئاشپەزلىك ھۈنىرىمۇ ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى، ئۈچ خىل قورۇما، بىر شورپا تەييارلىدى، زۇبەيدە خېلى كۆپ يېدى.
تاماق يەپ بولۇپ يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، زۇبەيدە ئاشخانىدىن چىقىپ، سافادىكى ئىككىيلەنگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ :
- موما، ئاپا، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ئارام ئالمامسىلەر؟ - دېدى.
موماي غەمكىن ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى.
زۇبەيدە لەۋلىرىنى يۇمۇۋالدى ۋە بىر نەچچە سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرۇپ :
- خاتىرجەم بولۇڭ، موما، مەۋلان ھازىر ناھايىتى ياخشى، مەن ئەڭ ياخشى قارىغۇچى تەكلىپ قىلدىم . ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ. - دېدى.
- بىراق سىز ... - دېدى موماي.
- ھازىر بەك ھېرىپ قالدىم، ئاۋۋال چىقىپ ئارام ئالغۇم بار. - دېدى زۇبەيدە.
قارىماققا ھەقىقەتەن بەك چارچاپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى، بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ دوختۇرخانىدا بىر كۈن بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىنى ئويلىسىمۇ، ھەقىقەتەن بەرداشلىق بېرىش تەس ئىدى.
موماي بىلەن خاسىيەت يەنىلا ھېچنېمە دېمىدى.
زۇبەيدە دوختۇرخانىغا بېرىپ مەۋلانغا داۋاملىق ھەمراھ بولۇشنى ئويلىمىغاندەك قىلاتتى.
ئۇ ھامىلىدار، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ياخشى ئاسرىشى كېرەك.
مەۋلانغا كەلسەك، تەبىئىي ھالدا بەزىلەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشنى ئويلايدۇ.
ئۇخلاشتىن ئېلىشتىن بۇرۇن، زۇبەيدە يان تېلېفونىنى ئېلىپ بىر نەچچە پارچە پوچتا يوللانمىسىنى تەكشۈردى، تېلېفون قىلىپ شىركەتتىكى مەسئۇلدىن خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاندىن يەنە ئالاقىلىشىش دېتالىنى ئېچىپ، ئەر سېسترانىڭ باش سۈرىتىنى تېپىپ، بىر پارچە قىسقا ئۇچۇرنى تەھرىرلەپ ئەۋەتتى.
[خاپا بولماي بۈگۈن كەچتە بىمارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ قويسىڭىز، ئەگەر بىرەرسى كېلىپ سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتسا، رەت قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ]
[ماقۇل خانىم، خاتىرجەم بولۇڭ. ]
زۇبەيدە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، ئاندىن تېلېفوننى ئېتىۋېتىپ، كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپقا قويۇپ:
- ئۇخلايلى، قوزام. - دېدى.
يېنىك ئۇھ تارتىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سەل-پەل چىقىپ قالغان قورسىقىنى سىلاپ قويدى، تەلەپپۇزى خۇددى يېقىنقى ئىشلار ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەندەك يېنىك ئىدى.
چىراغنى ئۆچۈرۈپ، يوتقانغا كىرىپ ياتتى، ئۆيدە پەقەت كىچىك كېچىلىك چىراغلا يورۇق ئىدى.
چىراغنىڭ ئازراق غۇۋا نۇرى ئاستىدا زۇبەيدە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، تورۇستىكى چىراغقا جىمجىت قاراپ ئويغا پاتتى، ئەمما نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
تەخمىنەن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئاستا-ئاستا كۆزىنى يۇمۇپ، يانچە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar