گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم4-قىسىم _قەلبى سەزمەس ئەر

文摘   小说   2024-11-18 13:59   中国  

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 




دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 78 -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم   第9部

قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ




321










گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675
8483828180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
109108107106105


112111110





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

4-قىسىم

 


 4-قىسىم

قەلبى سەزمەس ئەر

تازىمۇبىر، بۇ ئويۇن چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق، مەۋلاننى ئويغىتالماي، ئەكسىچە بۇ ئايالنىڭ قاتتىق ئويغىنىپ كەتكىنى نېمىسى.

 - بالىنىچۇ؟ بالىنى قانداق قىلماقچى سىز؟  - دەپ سورىدى زەپەر.

زۇبەيدەنىڭ چىرايى سەل-پەل ئۆزگىرىپ، قولىنى سوزۇپ قورسىقىنى سىيلاپ سۈكۈتكە چۆكتى، ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى.

- بالا... - دېدى زۇبەيدە.

زەپەر كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا داچىنىڭ ئىشىكىدىن شىددەت ئاچچىقى  بىلەن چىقىۋاتقان  مەۋلاننى كۆرۈپ، قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:

 -  زۇبەيدە، بەلكىم سىزنىڭ ئويىڭىز توغرا بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزنى بۇنچە ئازابلاپ، چارچىتىپ يۈرگەندىن كۆرە، بالدۇرراق ۋاز كەچكىنىڭىز تۈزۈك، سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا پەقەت بىرلا ئەر بولمايدۇ، يەنە سىزنىڭ شىركىتىڭىز، دوستىڭىز، بالىڭىز بار...  مەۋلان بولمىسىمۇ، سىزمۇ ئوخشاشلا ياخشى ياشىيالايسىز،  سىز  پەقەت كۆڭۈل-كۆكسىڭىز كەڭ تۇتسىڭىزلا، باشقىلار ئاندىن سىزنىڭ قەلبىڭىزگە كىرەلەيدۇ. ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ، ئۆزىڭىزگىمۇ بىر پۇرسەت  بېرىڭ... - دېدى.

زۇبەيدە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ ئاڭلىدى، ئاندىن گاڭگىراش ئىچىدە بېشىنى لىڭشىتىپ:

  -  دېگىنىڭىز توغرا  ... - دېدى.

سوغۇق ۋە كۈچلۈك بىر نەپەس ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كەلدى، زۇبەيدە بېشىنى بۇراپ، چىرايى  سەتلىشىپ كەتكەن مەۋلاننىڭ بۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئىشىك تەرەپكە قارىدى، ئەمما ئامانگۈلنى كۆرمىدى.

ئۇنداق ئۇ بۇ يەرگە   كېلىپ نېمە قىلماقچى؟  ئامانگۈلنى ئۆيدە يالغۇز تاشلاپ قويدىمۇ؟

مەيلى مېھمان كۈتۈش جەھەتتە بولسۇن، ياكى قەلبىدىكى ئادەمگە بولغان مۇئامىلىسىدە بولسۇن، ئۇنىڭ بۇ يەردە پەيدا بولۇشى  نورمال ئەمەستۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ مومىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئامانگۈلنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

 ئۇنىڭ ئازار يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرمەمدۇ؟

مۇشۇ خىياللارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە، مەۋلان  كېلىپلا زۈبەيدەنىڭ قولىدىن تارتىپ باغرىغا باستى، چىرايى سوغۇق، نەپەس ئېلىشلىرى شۇنچىلىك جىددىي، ئەنسىز ئىدى!

- نېمىشقا يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىسىز؟ !- دەپ سورىدى مەۋلان. 

 زۇبەيدە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، سۇس كۈلۈمسىرەپ:

- مۇشۇ تۇرقۇمدا يۈگۈرىيەلەمتىم!  - دېدى.

ئۇ ھازىر ھامىلىدار، يۈگۈرۈشكە قانداقمۇ جۈرئەت قىلالايدۇ؟

زۇبەيدەنىڭ كۆزى يەنىلا ئۇنىڭ نېپىز كىيىمىدە بىردەم توختاپ قالدى، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا نەزىرىنى يىراق بولمىغان ئىشىك ئالدىغا قارىتىپ:

- بولامدۇ؟ - دېدى  سۇسقىنا قىلىپ،  -  ئۇنى ئۇ يەردە يالغۇز قويۇپ قويسىڭىز، مومام بىلەن ئاپامنىڭ ئۇنى تەڭلىكتە قويۇشىدىن قورقمامسىز؟ -  دېدى. 

مەۋلاننىڭ چىرايى سەل-پەل ئۆزگىرىپ، كۆزىنى قىسىپ زۇبەيدەگە قاراپ:

  -  شۇڭا، سىز مومام بىلەن ئاپامنىڭ ئۇنى تەڭلىكتە قويىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلدىكەنسىز - دە، تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىشىڭىزدىمۇ كەينىڭىزدىن  چىقىدىغانلىقىم ئالدىن پەرەز قىلىپ بوپسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا يالغۇز قالىدىغان پۇرسەت قالدۇرۇپ، ئۇنى تەڭلىكتە قويماقچى شۇنداقمۇ؟  - دېدى .

زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇ بېشىنى بۇراپ مەۋلانغا ئىشەنمىگەن ھالدا قاراپ:

  -  بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپ سورىدى.

 -  توغرا ئويلاپسىز، ئۇلار ھەقىقەتەن ئۇنى تەڭلىكتە قويدى، ئەمما  سىز باشتىن-ئاخىر ھېچ ئىش قىلمايلا ئۇنى قىستاپ يىراقلارغا كەتكۈزۋېتەلەيسىز... - دېدى مەۋلان. 

زۇبەيدەنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز سانجىلىپ ئاغرىدى، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى، كۆزلىرىمۇ ياشتا يالتىراپ قالدى.

ئۇ كۈچەپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئاستا چىقاردى، يەنە چوڭقۇر نەپەس ئالدى، يەنە چىقاردى...

بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن كۆڭلىدىكى بارلىق كەيپىياتىنى بېسىۋېلىپ، ئاخىرىقى بىر قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ مەۋلانغا قاراپ:

-  خاتالاشتىڭىز. - دېدى زۇبەيدە ئاۋازىنى كونترول قىلىشقا تىرىشىپ، تەمكىن قىياپەتتە، - چۈنكى مەن ئەزەلدىن ئامانگۈلنى قىستاپ كەتكۈزۈۋېتىشنى ئويلاپ باقمىدىم. ئەكسىچە، مەن يەنە سىلەرنى مۇرادىڭلارغا يەتكۈزمەكچى. ئۇ بۇ يەردە تۇرسۇن، بۇ شەھەردە قالسۇن، يېنىڭىزدا قالسۇن، بۇ  ئۆيدە قالسۇن، مەن  كۆچۈپ چىقىپ كېتەي. مەۋلان، مېنىڭ ئەمدى سىز بىلەن بۇنداق ئۆتكۈم يوق، بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى! - دېدى. 

گەرچە ئۇ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن سۆزىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاۋازىغا روشەن تىترەش ئارىلىشىپ كەتتى.

ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزى شۇ تاپتا  غەزەپكە تولغان مەۋلاننى بىردىنلا قاتتۇرۇپ قويدى.

بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى!

بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ يۈرىكىگە قاتتىق ئۇرۇلغان ئېغىر بولقىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمۇ قېقىلىپ تىترەپ كەتتى.

ئۇنىڭ بۇ گېپى ھەقىقەتەن كەسكىن ھەم رەھىمسىزلىك بىلەن ئېيتىلىپ، ئاڭلىماققا ئازراقمۇ بۇرۇلۇش ئىمكانىيىتى يوقتەك قىلاتتى.

ئاجرىشامدۇ...

مەۋلان ئۇنىڭغا ھاڭۋىقىپ قاراپ، ئۇزۇنغىچە ئىنكاس قايتۇرالمىدى.

ئاجرىشايلى دېگەن بىر ئېغىز گەپ ئاغزىدىن چىققان شۇ دەقىقىدە، زۇبەيدەنىڭ يۈرىكىمۇ تەڭلا ئاغرىدى، ياق، ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانسىزلىغان يىڭنە سانجىلىپ، ئاغرىقتىن نەپەس ئالالماي قالدى.

ئۇ ئاخىرى يەنىلا بۇ گەپنى ئاغزىدىن چىقاردى.

گەرچە ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزى يالغۇز ئاشۇ قۇرۇق ئۆينى قوغدىغان، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ غەلىتە نەزىرى ۋە سوغۇق مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ،  كۆپ ئادەمنىڭ كۈلكىسىگە قالغان تەقدىردىمۇ، يېرىم كېچىدە ئۆزى يالغۇز ئازابلانسىمۇ، ئاجرىشىدىغان ئىشنى ئويلاپ باقمىغان.

چۈنكى ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، ئۇ ۋاز كېچىدىغان گەپنى قىلىشقا قانداق چىدايدۇ.

ئەگەر ئاغزىدىن چىقارسا، ھەممە نەرسە يوقىلىدۇ، بۇ ھاياتتا، قايتا بىللە بولۇش پۇرسىتى بولمايدۇ.

بىراق، زۇبەيدە ئۇنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشىنى مۇشۇنداق كۈتۈپ تۇرسا بولمايدۇ، ئۇ مەۋلاننىڭ مىجەزىنىڭ قانچىلىك ياخشىلىنىپ كېتىشىنى، ئۆزىگە ھەر قانداق ئىشتا مۇلايىم مۇئامىلە قىلىشىنى ئۆتۈنمەيدۇ.

ئۇ پەقەت مەۋلاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشتا ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.

دەسلەپتىكى   نۇرغۇن گۈزەل خىياللارنى قىلىشتىن تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قەدەممۇ قەدەم يول قويۇشقىچە، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ نۇقتىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى.

ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۇرۇنلا باشقا ئادەم بار بىر ئەرنى تەسىرلەندۈرۈشكە ئامالى يوق.

ئۇنىڭمۇ مەۋلاندىن كەلگەن ئازابقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۇنچە كۆپ زېھنىي كۈچى ۋە كۈچلۈك يۈرىكى يوق.

ئەگەر باشقىلار بولغان بولسا، قايتۇرما زەربە بەرسە بولىدۇ، لېكىن مەۋلانغا نىسبەتەن، قانداق قىلىشنى بىلمەيدۇ.

ئۇنىڭغا ئازار بېرىشكە  قانداق چىدايدۇ؟

ئىككى ئادەمنىڭ دەردىنى تەڭ تارتماي، بالدۇر ئايرىلىپ كەتكىنى توغرا.

زەپەرنىڭ بايا دېگىنى توغرا، مەۋلان بولمىسا، ئۇمۇ بەرداشلىق بېرىشكە ئۆزىنى مەجبۇرلىمايدۇ، ئۇنىڭ يەنە شىركىتى، دوستى بار ، بەلكىم يەنە  ھەمراھ تېپىپ  قېرىغىچە بىللە ئۆتەللىشى مۇمكىن، بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولسىلا شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.

 -  شۇڭا مېنىڭ زادى قانداق ۋىجدانسىزلىق قىلغىنىمدىن، باشقا غەرىزىم بارلىقىدىن گۇمانلانمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز نېمە دېسىڭىز شۇ بولسۇن، مەن ئىنكار قىلغان تەقدىردىمۇ، مېنىڭچە يەنىلا سىزنىڭ ماڭا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيمەن. مەن شۇنداق  قارا نىيەت، ئاستىرتىن نەيرەڭۋازلىق قىلىدىغان ئادەم،  قانداقلا قىلسام  كۆزىڭىزگە سىغمىدىم،  بىر نەچچە ئايدىن ياقى ياخشى ئۆتۈپمۇ كەتمىدۇق، بولمىسا مۇشۇنداق بولسۇن ... - دېدى زۇبەيدە.

زۇبەيدە گېپىنى تۈگىتىپ، بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ بىر ئاز سۈكۈتكە چۆمدى، ئاندىن تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتىدىن داچا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

مەۋلان ئىختىيارسىز ھالدا قولىنى سوزۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدى،   ئالاقزەدە بولۇپ:

  -  نېمە قىلماقچى سىز؟ ! - دەپ سورىدى.

زۇبەيدە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، بېغىشىنى تولغاپ چىقىرۋېلىپ:

 -  سىلەرنى مۇرادىڭلارغا يەتكۈزمەكچى بولغانىكەنمەن، ئىشنى ئۈزۈل-كېسىل قىلىشىم كېرەك،  سۆرەلمىلىك قىلىشنى ياقتۇرمايمەن.  - دېدى.

 گېپىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قالدى، مەۋلان يەنە يېتىشىۋالماقچى بولدى، ئەمما زەپەر ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋالدى.

مەۋلاننىڭ چىرايى بىردىنلا تۇتۇلۇپ، پېشانىسىدىكى كۆك تومۇرلار يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى.

 زەپەرنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ،  ئالدىغا تارتىپ:

  -  سىزنىڭ پىكرىڭىزمۇ... - دېدى.

 -  مەۋلان ئەپەندى.- دېدى  زەپەر ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ،  -  بارلىق خاتالىقلارنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويماڭ، مەن پەقەت بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئويۇن كۆرگۈچى،  بايا شۇنچە كۆپ چوڭقۇر مۇھەببەت ئىزھار قىلدىم، ئۇنىڭ ماڭا ئازراق بولسىمۇ قىزىقىپ قالغانلىقىنى كۆرمىدىم، ھازىر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىدە  كۆڭلىڭىزدە سان يوقمۇ؟  - دېدى. 

مەۋلاننىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، لېكىن بىر مەھەل گەپ قىلالماي قالدى.

 -  مەن دەيمەن، مەۋلان ئەپەندى.  - زەپەر سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ،   -  زۇبەيدەنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا دېگىلى بولمايدىغان ئىشلارنى قىلدى دېمەڭ، ئەمما قىلغان تەقدىردىمۇ نېمە بوپتۇ. ئەگەر بىر ئايال مېنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي، پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن مېنىڭ يېنىمدا ئوچۇق-ئاشكارا تۇرماقچى بولسا، مەن چوقۇم خۇشال بولىمەن. 

 - نېمىلا بولمىسۇن مەن بىر ئايالنى  شۇنچە سېغىندۇرالىدىم، ھەتتا شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەتكۈزەلىدىم...  ئۇ ماڭا قەرزدار ئەمەس، مەنمۇ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايمەن، سىزنىڭچە ئۇ نېمىنى كۆزلەيدۇ؟ - دېدى. 

مەۋلاننىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى دۈشمەنلىك تۇيۇقسىز بىر ئاز پەسەيدى، كۆز ئالدى خىرەلىشىپ:

- نېمە دېدىڭىز؟ - دەپ سورىدى. ئاندىن زەپەرگە سوغۇق نەزەر بىلەن قاراپ، -  سىز زۇبەيدە مېنى ياخشى كۆرىدۇ دېمەكچىمۇ؟  - دېدى.

زەپەر بىردەم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز يەنە سوغۇق كۈلۈپ كېتىپ:

- سىزنىڭچىچۇ، زۇبەيدە نېمىشقا سىزگە ياتلىق بولىدۇ؟ سىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئادەم ئۇنى بالىسىدىن پايدىلىنىپ سىلەرنىڭ ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ كىردى دەپ قارايدۇ، ئۆزى يالغۇز ھامىلىدار بولۇپ، ئۆزى يالغۇز بۇ ئۆيدە تۇردى،  ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىرمۇ ئادىمى يوق، تاكى ھازىرغىچە سىز ئۇنىڭغا پات-پات يامان گەپ قىلىپ، سوغۇق مۇئامىلە قىلسىڭىزمۇ، يامان غەرەزدە بولدىڭىز دەپ پەرەز قىلسىڭىزمۇ  ھېچقانداق قاتتىق گەپ قىلىپ باقمىدى، سىزنىڭچە ئۇ ئەخمەقمۇ ياكى ساراڭمۇ، ئۇنىڭدا ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىپ خورلايدىغان ئادەت بارمۇ؟ - دېدى.

مەۋلان گەپ قىلالماي قالدى.   

زەپەر چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئىلاجسىزلىق ئىچىدە كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -  سىز ھەقىقەتەن ئەخمەق ئىكەنسىز، بۇ ئايال  ئالدىڭىزدا،  ئەزەلدىن سىزگە بولغان خىيالىنى يوشۇرۇپ باقمىدى، لېكىن سىز بۈگۈن مەندىن بۇ سوئالنى سوراۋاتىسىز... - دېدى. 

مەۋلاننىڭ  چىراي ئىپادىسى بىر ئاز سۈرلۈكلىشىپ، بىر جۈپ نېپىز لەۋلىرى تۈز سىزىق بولۇپ قالدى.

 -  بىراق، سىزنىڭچە، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار بەك كۆپ بولۇشى ، بەلكىم ئۇنىڭدەك بىر ئادەم كەم بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە  كۆڭلىڭىزدە يەنە بىر ئايال بار، ئۇ سىلەرنى مۇرادىڭلارغا يەتكۈزىمەن دەيدۇ، مېنىڭچە، سىز ھازىر ناھايىتى خۇشال بولۇشىڭىز كېرەك، ئاخىرى سىزنى قاتتىق نەپرەتلەندۈرگەن بۇ ئايالدىن قۇتۇلىدىغان بولدىڭىز، مەن  سىز ئۈچۈن خۇشال بولۇشۇم كېرەكمۇ؟ - دېدى زەپەر. 

مەۋلاننىڭ قاپىقى تۇيۇقسىز تىترەپ، چىڭ تۇتۇۋالغان زەپەرنى قويۇۋېتىپ:

- بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىڭىز يوق، مەن سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، زۇبەيدەدىن يىراقراق تۇرۇڭ! - دېدى.

زەپەر پەرۋاسىز ھالدا مۈرىسىنى ئېتىپ قويۇپ:

  -  بولىدۇ، ئىشقىلىپ، پەقەت مۇشۇ بىر نەچچە كۈننىڭلا ئىشى، سىلەر ئاجرىشىپ كەتسەڭلار، ئۇنىڭ ھاياتىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى يوق ئادەم سىز بولىسىز... - دېدى.

مەۋلاننىڭ پېشانىسىدىكى كۆك تومۇرلار تۇيۇقسىز بۆرتۈپ چىقىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ  يىراقلاپ كەتتى.

زۇبەيدە ئۇنىڭغا بۇنداق قاتتىق گەپ قىلىشقا قانداق چىدىغاندۇ؟

ئاجرىشىدىغان گەپنىمۇ ئاغزىدىن چىقاردى، بۇنىڭدىنمۇ رەھىمسىز گەپ بارمۇ؟

ئۆلگۈرنىڭ زۇبەيدەنى  چۈشىنىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغىنى قارا!




  

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章