كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
9 | 8 | 7 | 6 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
10-قىسىم
10 - نېمە دېگەن غەلىتە
- ئۇ مۇئەللىمنىڭ دەپتەر ياكى ئىمتىھان قەغىزىگە يېزىپ بەرگەن خاتىرىلىرىنى قەتئىي ياقتۇرمايتتى، شۇڭا تۈزىتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى نۇسخا بولۇپ، بىر نۇسخىسىنى مۇئەللىمگە تاپشۇرىدۇ، يەنە بىر نۇسخىسى ئۆزى ئىشلىتىدۇ، - دېدى خوجايىن.
مۇنىرەنىڭ چۆچۈپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، مەمنۇن بولغان ھالدا:
- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپلا مۇشۇنداق قىلاتتى. - دېدى .
ھوي ئانامەي.
مۇنىرەنىڭ گېلى چىڭقىلىپ كەتتى، بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىدا چوقۇم چاتىقى باركەن... ھېلىمۇ ياخشى، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى تۆۋەنكەن. كېيىن ئۇچرىشىپمۇ قالمىغۇدەك.
- قورقۇپ كەتتىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ مۇشۇنداق تەرىپى بار، چىقىشماق تەس. - دېدى خوجايىن.
مۇنىرە يالغاندىن بولسىمۇ:
- ئۇنداقمۇ ئەمەسكەن، نادىر ئەپەندى ئىشلارغا بىر قەدەر ئىنچىكە ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىكەن، - دېدى.
يەنە ئۆزى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى، كۈلكىسىنى توختاتقاندىن كېيىن مۇنىرەگە مېھرىبانلىق بىلەن قارىدى، قاراشلىرىدىن مۇنىرە ئەركىن بولالماي، ئولتۇرالماي قالغىلى تاس قالغاندا ئېغىز ئېچىپ:
- ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتكەن بولسىڭىزلا بولدى، مەن باشتا سىزنى داۋاملىق ئاۋارە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆي بېزەكچىلىكىگە ياردەملىشىپ بەرسىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ياردەم بېرىشنى خالامتىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك گەپ بولدى.
ئەلۋەتتە خالىمايدۇ - دە!
مۇنىرە ئىچىدە قايتا - قايتا رەت قىلىپ، نەپەس ئالالماي قالدى.
ئۆلگۈر قېرى تۈلكە ئۇنىڭغا قىلتاق قۇرغىنىنى قارا!
زورىغا كۈلۈپ قويۇپ، سىپايىلىك بىلەن:
- ئۆينى بېزەشكە خېلى ۋاقىت كېتىدۇ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ ياردەملەشسەم، بەلكىم ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە... - دېدى.
- ھېچقىسى يوق، سىز ئاساسلىقى ئۇ تەرەپتىكى ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلسىڭىز، سىزنىڭچە بولامدۇ؟ - دېدى خوجايىن.
بولمايدۇ، ئەسلا بولمايدۇ، مېنىڭ پەقەتلا بارغۇم يوق! دەپ ئويلىغان مۇنىرە ئاغزىدە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بولىدۇ. - دېدى.
كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئۇنداقتا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. - دېدى.
- ئاۋارىچىلىك ئەمەس، تۈزۈت قىلىپ كەتتىڭىز، باشقا ئىش بولمىسا چىقىپ كەتتىم. - دېدى مۇنىرە.
- بېرىڭ. - دېدى خوجايىن.
مۇنىرە ئورنىدىن تۇرۇپ، نەپىس قەدەملىرى بىلەن سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، نېمىشقىدۇر پۇتلىشىپ، ئىشىككە سەنتۈرۈلۈپ يۆلىنىپ قالدى.
ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى ئۇنىڭ قىپقىزىل كۆزلىرىنى كۆرۈپ، ھەيران بولغان ھالدا دەرھال يېنىغا بېرىپ قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
- نېمە ئىش بولدى، نېمە بولدىڭىز؟ ئۇ سىزنى تىللىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، پېشانىسىنى كۆرسەتتى.
ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى پېشانىسىگە قاراپ كۈلۈپ كېتىپ:
- مەن تېخى نېمە بولدىكىن دەپتىمەن، نەگە ئۇرۇۋالدىڭىز؟ قىزىرىپ قاپتۇ. كېلىڭ، كېلىڭ، مەن ئۇۋۇلاپ قوياي ... - دېدى.
لېكىن تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىغىنى بېشىنىڭ ئىچى ئىدى.
نوقۇل ھالدا ئۆي تېپىشتا قانچىلىك قىينالغانلىقىنى بىر ئۆزى بىلىدۇ، ئۆي بېزەش تېخىمۇ ئاۋارىچىلىك ئەمەسمۇ.
نادىر لايىھەلەپ بىۋاسىتە چىقىرىپ بەرگەن لايىھە رەسىمىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ئۆزىدىلا مەسىلە بار.
دەرۋەقە مەسىلە باركەن.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىمدىن ئۇچۇر كەلدى: [ ئۆي جاھازلىرىنى تىزىش توغرىسىدا مېنىڭ كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىم بار، سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز ماڭا مۇۋاپىق ئۆي جاھازلىرىنى تاللاپ بېرىش] دېدى.
مۇنىرە: [ بولىدۇ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئالاھىدە ئويلىغانلىرىڭىز بارمۇ؟ ] دەپ سورىدى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ سوغۇق رەڭنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ئۆينىڭ ئاق-قارا ئىككى خىل رەڭدە بولۇشىنى خالىمايمەن... بەك سوغۇق بولۇپ كەتسىمۇ كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ] دېدى.
مۇنىرە: [ ئۇنداقتا سىز قايسى رەڭنى ياخشى كۆرىسىز؟ ] دەپ سورىدى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ قارا رەڭنى] - دېدى.
مۇنىرە نادىرنىڭ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
بۇ خىل كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە، مۇنىرە ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماي: [ مەن ئۆي زىننەتلەشنى ئانچە چۈشەنمەيمەن، بولمىسا لايىھىلىگۈچىدىن بىرنى تاپامسىز؟ ] - دېدى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ئۇلارنىڭ ئويى بەك كۆپ ئىكەن، ئالاھىدە لايىھەلىگۈچى تېپىشنىڭ ھاجىتى يوق] - دېدى.
ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، ئۇنىڭغا كېرەك بولغىنى كاللىسى ئاددىي يۈك توشۇغۇچى.
مۇنىرە ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى، ئۆي بېزەشتە، ئۇنىڭ ھېچقانداق تەكلىپ-پىكىر بېرىشى ھاجەتسىز، پەقەت گەپ ئاڭلىسىلا بولىدۇ.
مۇنىرە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ: [بولىدۇ، مەن ئالدى بىلەن قايسى تەرەپتىن باشلىشىم كېرەك؟ ] - دەپ سورىدى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ بېزەكچىلىك تېزىسى، پول، تام، تورۇس ] دەپ ئايرىم - ئايرىم ئىسىم قويۇلغان ھۆججەتلەرنى ئەۋەتتى.
بىردەمدىلا 10 نەچچە پارچە ھۆججەت كەلدى، مۇنىرەنىڭ مائۇسقا قويغان قوللىرى تىترەپ كەتتى.
يەنە تەپسىلىي قائىدە - تۈزۈم دەپمۇ ئايرىم ھۆججەت ئەۋەتتى.
<قالتىس. .. نېمە دېگەن قالتىس > دەۋەتتى مۇنىرە ئىچىدە.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [شۇ بويىچە قىلىڭ ] دېدى.
مۇنىرە قاتتىق سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىپ، ئىككى قولى بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىنى قاتتىق چېكىپ <خوپ> دېدى.
ھەي، ھەي، ھەي، ھەي! ! ! ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان كەيپىياتقا تايىنىپ جاۋاب قايتۇرغان مۇنىرە ئالدىراپ-تېنەپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇقلاپ يېزىپ ئەۋەتىپ < ماقۇل> دېدى.
ئۇچۇرنى ۋاقتىدا قايتۇرۇۋالدى، ھەممە ئىش قايتىدىن باشلاندى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ ئالدىنقى جۈملە يامان ئەمەس بولدى] - دېدى.
مۇنىرە ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ، بېشىنى قۇچاقلاپ يېتىۋالدى، ئاخىرىدا يەنە <بولىدۇ> دېگەن خەتنى ئەۋەتتى.
بولدىلا، يۈزسىزلىك قىلمىغىنى ياخشى.
تورۇستىن باشلانغان، ھەر خىل سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، نادىر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئېنىق بېكىتىپ ھەمدە ئەسلىدىكى لايىھەنى تۈزىتىپ مۇقىملاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇنىرەنىڭ قىلىدىغان ئىشى بېزەك ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە پات-پات قاراپ تۇرۇشلا بولدى.
خوجايىنمۇ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇ قەھۋە ئەكىرگەندە:
- بېزەش ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ناھايىتى ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتىدۇ، - دېدى.
بىر تورۇس ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى تاپالايدىغان بارلىق بېزەك ماتېرىياللىرى سودىگەرلىرىگە تېلېفون قىلدى، تېلېفون ھەققىلا نورمىدىن ئېشىپ كەتتى.
- ھا... ئۇنداق بولسا ياخشى. - دېدى خوجايىن.
مۇنىرە ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى، يېرىم يولغا كەلگەندە تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلدى.
خۇجايىن ئېڭىكىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سوراپ باقسام، مېنىڭ بىلىشىمچە، نادىر ئەپەندىنىڭ خىزمەتتىكى ئەمىلى باش نازارەتچى، ئۆي لايىھەسىنىڭ چېرتيوژىنى... ئۇ ئۆزى قىلغاندەك قىلامدۇ قانداق؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرەنىڭ ئاغزىدىكى چېرتيوژ ھەر بىر ھۆججەتنىڭ ئارقىسىغا قوشۇمچە قىلىنغان چوڭ-كىچىك ئورۇنلاشتۇرۇش چېرتيوژىنى كۆرسىتەتتى، دەسلەپتە ئۇ چېرتيوژنى نادىرنىڭ لايىھەلىگۈچى ئىزدەپ تەييارلاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغان، لېكىن تورۇس توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن، بۇ ئويى دەرھال ئاغدۇرۇۋېتىلدى.
نادىر ھەر خىل تەپسىلاتلارنى ئوبدان بىلىدىكەن، لايىھە پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئويى، بۇنىڭغا ئىككىنچى بىر ئادەم ئارىلىشىپ باقمىغاندەك قىلاتتى.
- بۇ... مۇمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس، ئۇ ئەسلىدە ئالىي مەكتەپتە لايىھە ئۆگەنمەكچى بولغان، لېكىن ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قارشى تۇرغاچقا، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئۆگەنگەن. - دېدى خوجايىن.
بۇ گەپ مۇنىرەگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغاندەك تۇيۇلدى، نادىردەك ئادەمنى ئاتا-ئانىسى باشقۇرالامدۇ؟
خوجايىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئۇنىڭ لايىھەسىگە قانداق قارايسىز؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە قايىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ:
- مەنمۇ قانداق باھا بېرىشنى بىلمەيمەن، لېكىن ھەقىقەتەن بەك نەپىس، چېرتيوژغا قاراپلا نەپىسلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، - دېدى.
- ئۇنىڭ ئۇسلۇبى بار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ - دېدى خوجايىن.
شۇنداق، ئۇنىڭغا ئوخشاش، زىيادە ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل ئادەم باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرمەيدۇ.
مۇنىرە كۆڭلىدىكى گەپنى دېمەي، كۈلۈپ قويۇپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
بايا تۇيۇقسىز مۇنداقلا سوراپ قويدى، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، چېرتيوژنى نادىرنىڭ ئۆزى تەييارلىغانلىقى بىلەن ئەللىك تىيىنلىك مۇناسىۋىتى يوق.
نادىرنى رازى قىلىدىغان ئۆي جاھازلىرىنى قانداق تېپىش ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.
ھەي، ئەجەب زېرىكتىم...
- ئېھتىيات قىلىڭ!
كارىدوردا دىققىتى چېچىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئاقىۋىتى بولسا كېرەك، يەنە بىر دوقمۇشتىن كەلگەندە ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئادەم بىلەن سوقۇلۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قولىدىكى قەھۋە چېچىلىپ كىيىمىنىڭ يېرىمىنى مەينەت قىلىۋەتتى.
بەختكە يارىشا قەھۋە سوغۇق بولغاچقا كۈيۈپمۇ كەتمىدى، قارشى تەرەپ ئىستاكاننى چايخانىغا ئاپىرىپ يۇيۇۋەتمەكچى بولدى.
مۇنىرە ھاڭۋىقىپ ئۆزىنىڭ مۈرىسى تەرەپكە بۇرۇلدى، ئاق رەڭلىك كوپتىسىنىڭ يوغان بىر پارچە يېرى بۇيۇلۇپ كەتكەنىدى.
ئېگىز بويلۇق ئەر ئەپۇ سوراپ :
- كەچۈرۈڭ. - دېدى.
- ھە، ھېچقىسى يوق، ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - دېدى مۇنىرە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بېشىنى چايقىغىنىچە، - دىققىتىم چېچىلىپ كېتىپتۇ، دوقمۇشقا كېلىپ قالغىنىمغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. - دېدى.
ئەر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، رەتلىك، ئاپئاق چىشلىرىنى چىقىرىپ:
- يەنىلا كەچۈرۈڭ... سىز بۇ يىل كاتىپ بۆلۈمىگە يېڭى كەلگەن مۇنىرە بولامسىز؟ - دەپ سورىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar