تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 7-قىسىم_ تەڭ نىسبەتتە ئالماشتۇرۇش

文摘   小说   2024-11-21 14:01   中国  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق 44-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321




6


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

7-قىسىم

   




 7 - قىسىم

تەڭ نىسبەتتە ئالماشتۇرۇش


مۇنىرە  ئۆزىنى سەل خۇشال تۇتۇپ:

-  قىلغان نەسىھەتىڭىزگە رەھمەت!  - دېدى.

مەنزىلگە ئازلا  قالغانىدى، نادىر سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ماشىنىنى بىر چەتكە توختىتىپ:

- رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەنمۇ ھوسۇلغا ئېرىشتىم.  - دېدى.

مۇنىرە ئۇنىڭ لىدىرلارنىڭ ھېكايىسىدىن ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە قىزىقىپ، يۈرەكلىك ھالدا:

  -  نېمە ھوسۇلغا ئېرىشتىڭىز؟ - دەپ سورىدى. 

نادىر ئاۋۋال ماشىنىنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈپ قول تورمۇزنى تارتتى، ئاندىن  بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يېشىپ ماشىنىدىن چۈشكەچ:

  -  چىرايىڭىزغا قارىغاندا كۆڭلىڭىز يېرىم ئەمەس ئىكەن.  - دېدى.

ئۇلارنى كۈتۈۋالغىنى دىرېكتورنىڭ ئۆزى بولۇپ، 30 ياشلار چامىسىدىكى كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان بۇ ئادەم قارىماققا سىپايە كۆرۈنەتتى.

  -  ئىككىڭلار ئۆي كۆرگىلى كەلگەنلەر شۇغۇ دەيمەن؟ - دېدى دىرېكتور ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆزلىرى نادىرنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا يېنىك ئەندىكىپ كەتتى، ئىختىيارسىز  كەينىدىكى مۇنىرەگە قاراپ، ـ ھە، مۇنىرە خانقىز؟   - دېدى.

نادىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز گېپى بىلەن قاتتىق ئازابلانغان مۇنىرە قارىداپ كەتكەن يۈزىنى كۆتۈرۈپ:

   -  شۇنداق، بۇياق ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان نادىر ئەپەندى، بىزنى بىۋاسىتە ئۆيگە باشلاپ بارسىڭىز كۆرۈپ باقايلى، - دېدى .  

دىرېكتور كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، خۇپىيانە ھالدا ئەر-خوتۇننىڭ يېڭى ئۆيى توغرىسىدا كۆپ گەپ قىلماي:

- بولىدۇ، قېنى مەرھەمەت.  - دېدى.

ھاۋا تۇتۇق، ئولتۇراق رايون ئىچىدە يول چىراغلىرى شالاڭ بولۇپ، چىراغنىڭ ئەتراپنى يۇرۇتىشىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ئەمما يول يەنىلا كەڭرى ئىدى.

دىرېكتور ئالدى بىلەن ئۇلارنى ماشىنا ئىسكىلاتىغا باشلاپ باردى، ئاندىن لىفىتقا ئولتۇرۇپ مۇناسىپ قەۋەتكە چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى.

بۇ بىر يۈرۈش ئۆي نادىر تاللىغان ئۆيلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى بولۇپ، بالكونىنى قوشقاندا كۆلىمى 200 كىۋادرات مېتىر كېلەتتى.

دىرېكتور ئەتراپتىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ، ھازىرقى ئۆي سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ۋە كەلگۈسىدە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مۇمكىنلىقىنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇردى.

ئەپسۇسكى، ئۇ ئېيتقان بۇ سۆزلەرگە نادىر ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدى، چۈنكى ئۇ شۇ تاپتا ھېلىقى ئالدى ئوچۇق، توسۇقى يوق ئاشخانا سەۋەبلىك قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، چىراي ئىپادىسى بىلەن خېلى نارازى بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  -   ئۇچۇق شەكىللىك ئاشخانا، ماتېرىيالدا  ئېنىق دېيىلمەپتۇ، - دېدى نادىر. 

قۇسۇر ئىزدەش باشلانغاندەك قىلاتتى، مۇنىرە ئامالسىز  دىرېكتورغا قاراشقا مەجبۇر بولۇپ، گەپنى بۇراپ:

   -  شۇنداق، سىز ئۆزىڭىز مۇناسىۋەتلىك بىزەكچىلىك شىركەتلىرىنى ئىزدەپ  قايتىدىن ئوڭشاتسىڭىز  بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك مەسىلىلەر. - دېدى. 

  -  ئۇنداقتا مەن نېمىشقا بىۋاسىتە رازى بولغۇدەك بىر يۈرۈش ئۆينى تاپمايمەن؟  - دېدى نادىر.

دىرېكتور ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  شۇنداق، لېكىن ھەر بىر يۈرۈش ئۆينىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان جايلىرى بولىدۇ، سىزمۇ ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.  - دېدى.

نادىر بېشىنى سەل لىڭشىتىپ، بۇرۇلۇپ چوڭ ياتاق ئۆيگە قارىدى.

چوڭ ياتاق ئۆينىڭ كۆلىمى مۇۋاپىق بولغاچقا، ئۇ بىر ئايلىنىپ چىقىپ، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.

ئادەتتىكى ئۆلچەملىك،  چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى،  ۋاننا، كىرئالغۇ بولسىلا بولىدىغاندەك قىلاتتى.

مۇنىرە ئۇنىڭ ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىغان چىرايىغا قاراپلا، بۇ  ئۆينىڭ يارىمىغانلىقىنى بىلدى.

ئۇ دىرېكتور بىلەن تەكەللۇپ بىلەن خوشلىشىپ، ماشىنىغا قايتىپ كەلگەندە، نادىر ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ماتېرىيالغا قاراپ داۋاملىق تەتقىق قىلدى، ئەمما قوشۇمىسى بارغانسېرى تۈرۈلدى.

مۇنىرە ۋاقىتقا قاراپ، ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ پەس ئاۋازدا:

   -  نادىر ئەپەندى، بولمىسا بىز ئاۋۋال كەچلىك تاماق يەيلەۋالىمۇ؟  - دېدى.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىشىگىلا، نادىر  سوغۇق كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ:

   -  سىزنىڭ يەنە تاماق يېگۈدەك كەيپىياتىڭىز بارمۇ؟  - دېدى.


مۇنىرە كۈمۈشتەك  چىشىنى چىشلىدى، ئىچىدە< ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۆزگىرىشچان نېمىكەن> دېدى.

  -   مەن باشقا ئىككى ئۆي بىلەنمۇ ئالدىن دېيىشىپ قويغان، ئۇنداقتا كېيىنكىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي. - دېدى مۇنىرە  .

كېيىنكى بىر يېرىم سائەتتە، ئۇ نادىرنىڭ قانچىلىك قىينايدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يەتتى.

  -  بۇ شاۋقۇن - سۈرەننى بېسىقتۇرغىلى بولامدۇ؟ - دېدى نادىر.

  -   چۈنكى... قەۋەت سانى تۆۋەن بولغاچقا، مۇشۇ ئىككى سائەتتە سەل ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇپ قالىدۇ... ھى...   - دېدى مۇنىرە.

  -  ئۇنداقتا مەن ئېرىشمەكچى بولغان جىمجىتلىق تۈن نىسپىدىن كەلگەن جىمجىتلىقمۇ؟ - دېدى نادىر. 

  -  ھە، ھى، ھى، ھى، ئەمەلىيەتتە دېرىزىنى يېپىۋەتسىڭىز ۋاراڭ-چۇرۇڭمۇ ئاڭلانمايدۇ، دېرىزىلەرگە ئاۋاز توسۇش ئەينىكى ئىشلىتىلگەن!  - دېدى مۇنىرە.

  -  ھە، ئۇنداقتا بۇ بالكۇن نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟  - دېدى نادىر.

مۇنىرە بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى.

  -  نېمە ئۈچۈن ئۆينىڭ ھەقىقىي چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن تەكشىلىك خەرىتىسىدىكى  چوڭ-كىچىكلىكى ئوتتۇرىسىدا شۇنچە چوڭ پەرق بولىدۇ؟  - دېدى نادىر.

- نادىر ئەپەندى، ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يېرىم كىۋادراتقىمۇ يەتمەيدۇ ... - دېدى مۇنىرە. 

  -  شۇنىڭ بىلەن ياتاق ئۆي سىرتقا تومپىيىپ چىقىپ قالغانمۇ؟  - دېدى نادىر.

- ئوھۇي... نادىر ئەپەندى، سىز قانداق بايقىدىڭىز، مەن كۆرۈپ بىلەلمىدىمغۇ! - دېدى مۇنىرە. 

  -   چۈنكى مېنىڭ كۆزۈم بار. - دېدى نادىر.

 يەنە بىر قېتىم ماشىنىغا قايتىپ كەلگەندە، سائەت ئىسترېلكىسى توققۇزغا يېقىنلىشىپ، كوچىدىكى ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئادەملەرمۇ ئازلاپ قالغانىدى.

بۇمۇ يارىمىدى.

مۇنىرە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بولۇپ، ئاغرىغان پۇتى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغدىن قېچىپ چىقىپ نەپەس ئېلىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئۇ پەقەت پۇتىنى ئالدىغا سوزۇپ، پۇتىنى ئازراق ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلىنىپ:

- كەچۈرۈڭ، نادىر ئەپەندى،  خىزمىتىمنى جايىدا قىلالمىدىم، ئەتە يەنە ئىزدەپ، نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سىزگە جاۋاب قايتۇرىمەن.  - دېدى .

گەرچە ئۇ ئەسلىدە ئۆزى بېرىپ كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن جاۋاب قايتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق نادىرنىڭ بۈگۈن كەچتىكى تاللاش ئۇسۇلىغا قارىغاندا،  ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىدىيەسى بويىچە كۆرۈپ تاللىسىمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوقتەك قىلاتتى.

نادىر  غۇۋا چىراغ يورۇقىدا ئۇنىڭ قورسىقىنى سىيلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى، كۆز ئالدىدىكى كوچا نېئون چىراغلار  بىلەن تولغان بولۇپ، ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى.

  -   ئاچچىق يېيەلامسىز؟ - دەپ سورىدى نادىر. 

سورىغان سوئالنى ئاڭلاپ، مۇنىرەنىڭ قورسىقىنى سىلىغان قولى توختاپ قالدى، خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئىنكاس قايتۇرۇپ :

- يېيەلەيمەن، - دېگەن سۆزنى  ئېغىزىدىن چىقاردى.

نادىر ماشىنىنى قوزغىتىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ، ماي كىلاپانىنى دەسسەپ سۈرئەتنى 80 ياردقا چىقاردى، بەش مىنۇتتىن كېيىن مۇنىرە بېشى قايغان ھالدا سۇدا پىشۇرۇلغان بېلىق دۇكىنىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى.

ئۇ نادىرنىڭ تۆت جىڭدىن ئارتۇق كېلىدىغان بېلىق تاللىغانلىقىنى كۆردى، يەنە ئىككى تەخسە يېشىل كۆكتاتمۇ بار.

بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەك ئاز،  ئورنىنى خالىغانچە تاللىغىلى بولاتتى، ئىككىيلەن دېرىزە يېنىدا ئولتۇردى.

مۇنىرە خېلىغىچە ئارىسالدى بولۇپ، ئاخىرى يۈرەكلىك ھالدا تەۋەككۈل قىلىپ:

   -  سىز بېلىق، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات يېمەيتتىڭىزغۇ؟  - دەپ سورىدى.

نادىر ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويۇپ:

  -  ئۇ كۈنى يېگۈم كەلمىگەن، - دېدى. 

مۇنىرە ھەيران قالغىنىدىن چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ كەتتى.  ئىچىدە  بولسا:

- ئادەمنى قىيناشنىلا بىلىدىغان ئەسكى ئەبلەخ...  - دەپ پىچىرلىدى.


 



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章