تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 9-قىسىم_ مۇۋاپىق ئۆي تېپىلدى

文摘   小说   2024-11-23 13:59   中国  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق 48-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321


876


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

9-قىسىم

   





9-قىسىم

مۇۋاپىق ئۆي تېپىلدى


  -  توختاڭ!  توختاڭ -  مۇنىرە مانتىنى چىشلەپ تۇرغان ئاغزىنى بوشىتىپ، -  توختاڭ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بالكۇنى بارمۇ؟  - دەپ سورىدى.

ئاپىسى ئۇنىڭ بۇ  ئىنكاسىدىن گاڭگىراپ قېلىپ، خېلى ئۇزۇندا ئاندىن بېشىنى لىڭشىتتى.

  -  ئاپا، بۇرۇنقى خوجايىنىڭلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلەمسىز؟ بىزنىڭ خوجايىننىڭ نەۋرە ئىنىسى بالكونلۇق ئۆي سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ.  - دېدى.

ئاپىسى تىلىنى چىكىلدىتىپ:

   -  ئۇ ئۆيىنى خېلى كۆپ پۇلغا ساتىدۇ، - دېدى. 

مۇنىرە مانتىنى يەنە بىر چىشلەم چىشلىدى، لەۋلىرى مايلىشىپ:

- قىممەت بولۇشى مەسىلە ئەمەس، - دېدى. 

- ھە، خوجايىننىڭ نەۋرە ئىنىسىمۇ پۇلدار ئىكەندە، - دېدى ئاپىسى مۇنىرەنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ، ئاندىن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، - بولىدۇ،  ساقلاپ تۇرۇڭ، تېلېفون قىلىپ سوراپ باقاي، - دېدى.  

ئاپىسى ئەسلىدە  كىچىك بىر شىركەتتە ئىشلەيتتى، شىركەت ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك سودىسى قىلاتتى، خوجايىن نۇرغۇن پۇل تاپقاندىن كېيىنمۇ، خوجايىنلىق كىبىرى يوق، چىقىشقاق ئادەم ئىدى.

 قارشى تەرەپ مۇشۇنداق پەيتتە تېلېفون قوبۇل قىلدى.

ئاپىسى ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، خوجايىن خۇشال ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى، نەچچە كۈندىن بۇيان نۇرغۇن ئادەم ئۆينى كۆرگىلى كەلگەن بولۇپ، بىراق ئۇ ئالدىراپ قولدىن چىقارماقچى بولغاچقا باھانى بەك تۆۋەن قويغانىدى، ھازىر نۇرغۇن ئۆي كۆرگۈچىلەر  ئۆيىنىڭ باھاسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆرلىتىپ قويدى، بۇ تەرىپى ئۆزىگە پايدىلىق بولدى.

   -  قارشى تەرەپ بىلەن  ئۆي كۆرىدىغان ۋاقىتنى دېيىشىپ قويسىڭىز،  ھەر ۋاقىت بارالايمەن، - دېدى مۇنىرە. 

  

ئاپىسى مۇنىرەنىڭ دېگىنى بويىچە سورىدى، خوجايىنىمۇ ئالدىراپلا، دەرھال ئۇلارغا قولايلىق بولسىلا، ھازىر بارسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇنىرە ئويلىنىپ كۆرۈپ، ھازىرلا بېرىشنى قارار قىلدى.

ئۇ ئاۋۋال ئۆزى بېرىپ كۆرۈپ بېقىپ، مۇۋاپىق بولسا، نادىرنى ئاپىرىپ يەنە بىر قېتىم كۆرسەتمەكچى بولدى.

چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكى قەرەللىك يىغىندىن كېيىن، نادىر ئەمدىلا ئولتۇرۇشىغا چىرايلىق ياردەمچى ھور چىقىپ تۇرغان قەھۋەنى  ئېلىپ كەلدى.

  -  رەھمەت. - دېدى نادىر. 

ياردەمچى كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقىدى، بۇ كېلىشكەن يېڭى خوجايىنغا قاراپ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا:

   -  سىز بۇ يەرنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىگە كۆنەلىدىڭىزمۇ؟ باش لىدىر  ماڭا ئالاھىدە تاپىلىغان، سىزنىڭ قانداق تەلىپىڭىز بولسا... - دېدى. 

  -  سەل ساقلاپ تۇرۇڭ. - دېدى نادىر ، ئاندىن تېلېفوننى ئېلىپ،   -  نېمە بولدى؟  - دېدى.

ئۇنىڭغا سۈرەت ئەۋەتىپ ئۇزۇنغىچە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقتىن، ئاخىرى ھاياجىنىنى باسالماي تېلېفون قىلغان مۇنىرە  سەل يۇقىرى ئاۋازدا:

   -  نادىر ئەپەندى، مەن سىزگە ئەۋەتكەن سۈرەتنى كۆردىڭىزمۇ؟ نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ باقتىم، مۇھىتى ئىنتايىن ياخشىكەن، جىمجىت، ئۆي ئىچى بوشلۇقى رەتلىك ئايرىلىپتۇ، ھاجەتخانىسىمۇ چوڭ ئىكەن، بالكۇننىڭ ئۈستى ئوچۇق، كۆرۈش دائىرىسى كەڭ،  15 مىنۇتتا شىركەتكە بارغىلى بولىدۇ... ئەلۋەتتە ماشىنا توسۇلۇپ قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا.  - دېدى.

ئىشخانا ئىچى ناھايىتى جىمجىت بولۇپ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى بىر چەتتە تۇرغان ياردەمچىمۇ ئاساسەن ئېنىق ئاڭلىدى.

نادىر دىرېكتور باش لىدىر ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان ئۆيدىن رازى بولمىدىمۇ؟!

ئۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆينىڭ بازار قىممىتى نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك ھەشەمەتلىك ئۆي  دەپ ئاڭلىغانتىدۇ!

  -  نادىر ئەپەندى، سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم تارتقان، راستلىقىغا تامامەن كاپالەتلىك قىلالايمەن، مەن ھازىرمۇ مۇشۇ ئۆيدە، سىزنىڭچە قەيەر ئېنىق ئەمەسكەن، دېسىڭىز قايتىدىن تارتىپ ئەۋەتسەم بولىدۇ، - دېدى مۇنىرە.

  -   ساقلاپ تۇرۇڭ. - دېدى نادىر.

نېمىدىندۇر خۇش بولغان مۇنىرە گەرچە سەۋەبىنى بىلمىسىمۇ، دەرھال توختاپ ياۋاشلىق بىلەن ساقلىدى.

 نادىر بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزى تەرەپكە سەل-پەل يانچە قاراپ تۇرغان ياردەمچىسىگە قاراپ:

  -  نېمە ئۈچۈن سىزنى يېڭى ئۆي تېپىپ بېرىڭ دېمىگەنلىكىمنى بىلەمسىز؟ - دەپ سورىدى. 

ياردەمچى بىردەم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىنلا دۈمبىسى مۇزلاپ كەتتى.

ئۇمۇ خىزمەت ئورنىدا ئۇزۇن يىل تىرىكچىلىك قىلدى، ئەسكەرتىلگەندىن كېيىن،  ئازراق ئويلىنىپلا ھەممىنى چۈشەندى ۋە ئالدىراپ-تېنەپ:

   -  خاتىرجەم بولۇڭ، ئارتۇق گەپ قىلمايمەن، - دەپ ۋەدە بەردى. 

ئىككىسىدىن باشقا ئۈچىنچى بىر ئادەم ئاڭلاپ قېلىشقا، بولۇپمۇ باش لىدىر  ئۆزى تەييارلاپ بەرگەن ئۆينى ياراتمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالسا بولمايدۇ!

بۇنداق سەھنە سۆزىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ:

 - چىقىپ ئىشىڭىزنى قىلسىڭىز بولىدۇ، - دېدى. 

ياردەمچىسى  ئۇششاق قەدەملىرى بىلەن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، نادىر تېلېفوننى يەنە قۇلىقىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ:

   -  ۋەي.  - دېدى.

ئۇنىڭ بۇ تەرەپتە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان مۇنىرەنىڭ كۆڭلى قىسما بولۇپ، توپتوغرا ئۈچ سېكۇنت ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن:

   -  ھە... - دېدى. 

 نادىر ئۇنى ماختاپ:

   -  - ئىشنى ئوبدان بېجىرىپسىز، - دېدى. 

مۇنىرە يۈزىنى يېپىپ تۇرۇپ:

   -  ئارتۇقچە ماختىۋەتتىڭىز، - دېدى يالغاندىن چۈشەنمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ.  




شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، نادىر ئۆزى كېلىپ ئۆينى كۆردى، گەرچە ئۇ يەنىلا بىر مۇنچە ئۇششاق-چۈششەك يېتەرسىزلىكلەرنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئۆينى ئالىدىغان بولۇپ بىر قارارغا كەلدى.

سۆھبەتتىن كېيىنكى باھامۇ ئىككى تەرەپنى ئىنتايىن رازى قىلدى، ئىككىنچى كۈنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ بېرىپ ئۆينىڭ نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىردى. ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىڭ قولىغا تېگىشىگە يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتەتتى، خوجايىن نادىر ئېلىشنى خالىمىغان ئۆي جاھازلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يۆتكەپ كېتىدىغانغا كېلىشتى، ئەگەر نادىر ئۆينىڭ بېزەكلىرىنى كونىكەن دېمىسىلا، مۇددەتتىن بۇرۇن كۆچۈپ كىرسە بولىدىغان بولدى.

ئەلۋەتتە، نادىرغا نىسبەتەن بۇنداقلا كۆچۈپ كىرىش مۇمكىن ئەمەس.

قايتىدىن بېزەشكە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ، ئاي ئاخىرىدا كۆچۈپ كىرىش پىلانى سۇغا چىلاشتى.

بىراق بۇنىڭ مۇنىرە بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

مۇنىرە خۇشال ھالدا نادىر بىلەن خوشلاشتى، ئىشقىلىپ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولدى.

ئۇ ئىككى قولى بىلەن ئېڭىكىنى يۆلەپ، كومپيۇتېرنىڭ يېنىدىكى كىچىك مەنزىرە دەرەخكە قاراپ كۈلۈمسىرەپ كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.

ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى بېشىنى چايقاپ:

   -  سىزنى راستتىنلا چۈشىنەلمىدىم.  - دېدى.

  -  بۇ ئازاب-ئوقۇبەت دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ، چاڭ-توزانغا پېتىپ قالغان قانائەت تۇيغۇسى. - دېدى  مۇنىرە چۈشەندۈرۈپ .

- ئۇ دېگەن ئاز ئۇچرايدىغان كېلىشكەن يىگىت. - دېدى ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى.

  -  يا مېنىڭ بولمىسا. - دېدى مۇنىرە.

  -   ھوي، سىز راستلا باشقىچە ئويدا بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى. 

مۇنىرە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، راستچىللىق بىلەن:

   -  تۇنجى قېتىم كۆرگەن چېغىمدا، ئازراق باشقىچە ئويدا بولغان، - دېدى. 

قانداقلا بولمىسۇن كېلىشكەن تۇرسا، باشقىچە ئويدا بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟

ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  خىياللار قاناتلانسا قانداق بولىدىكەن؟ - دەپ سورىدى. 

  -   ياق، ياق. ياق، - دېدى مۇنىرە ناھايىتى تېزلا مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، كېلىشكەن ئىكەنلىكىغۇ راست، مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىمۇ ئەمەلىيەت، لېكىن قولغا كەلتۈرۈش بەك تەس! ئوتتۇرىدىكى   پەرقنى دېمەي تۇرايلى، مىجەزىمىزمۇ پەقەت چىقىشالمايدۇ.

دىرىڭ - دىرىڭ...

مۇنىرە گېپىنى بىر سېكۇنت توختىتىپ، تېلېفوننى ئېلىپ:

- ۋەي.  - دېدى.

  -   مۇنىرە، ئىشخانامغا كىرىڭ.  - دېدى قارشى تەرەپ.

  -  بولىدۇ.  - مۇنىرە مىكروفوننى قويۇپ، شۆلگىيىنى يۇتۇپ گېلىنى سىلىقلىۋېلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.

   كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككى ئىشخانىنىڭ ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرۈشى نورمال ئىشقا ئايلاندى.

- كىردىڭىزمۇ ئولتۇرۇڭ. – دېدى  چوڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، - بۇ بىر نەچچە كۈندىن ياقى جاپا تارتىپ نادىرغا كۆڭلىدىكىدەك ئۆي تېپىپ بەردىڭىز، - دېدى.

مۇنىرە يۈزەكى قىلىپ:

- جاپا ئەمەس، بۇمۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، - دېدى.

 قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ نادىرنىڭ تېگى - تەكتىنى ئاشكارىلاپ:

- مەن ئۇنى تېخى بىلمەمدىم، مەن سىزگە ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى ئىشلارنى دەپ بېرەي، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا تاپشۇرۇق ياكى ئىمتىھان قەغىزىنى مۇئەللىم تەكشۈرۈپ تۈزىتەتتىغۇ؟  - دېدى.

مۇنىرە قىزىقىپ بېشىنى لىڭشىتتى.






  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章