كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
2 | 1 | |||
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
3 -قىسىم
3 – قىسىم
بۇ نەدىمۇ بەخت بولسۇن
بۇ نەدىمۇ بەخت بولسۇن، ئۇنىڭچە بولسا بۇنداق بەختنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدىكى بۇ باتۇر، يۈرەكلىك ئايالغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالايدۇ.
- ھەي، ئۇ بويتاقمىكەن؟ پۇرسەت بارمۇ؟ - دەپ سورىدى خىزمەتدىشى.
ئۈستەلنىڭ بۇلۇڭىدىكى تېلېفون سايراپ كەتتى، مۇنىرە قولىنى سوزۇپ مىكروفوننى ئېچىپ، ئاندىن خىزمەتدىشىغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئىشقىلىپ سىزنىڭ ئېنىقلا پۇرسىتىڭىز يوق، ئۆيگە قايتىپ بالىڭىزنى ياخشى بېقىڭ، - دېدى.
خىزمەتدىشىنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى، مۇنىرە ئۆزىنى قاچۇرماي، ئەستايىدىللىق بىلەن تېلېفوندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ:
- ياخشىمۇسىز، ئىلىكترون تېخنىكىسى باش دىرېكتور ئىشخانىسى. قېنى سۆزلەڭ، - دېدى.
- ئۆلگۈر قىز، - خىزمەتدىشى ئامالسىز ئۇنىڭ پېشانىسىنى چېكىپ قويۇپ بولدى قىلدى.
بۇ ئەلۋەتتە خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى كىچىك قىستۇرما مۇزىكا، ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
مۇنىرە شۇنداق ئويلىدى.
ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى كەچتە.
مۇنىرە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئاخىرى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنقى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
كۈندۈزى كۆپ گەپ قىلغانلىقتىن، كەچتە گەپ قىلىشنى خالىمىدى، كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ياتاق ئۆيىگە قايتىپ ئارام ئالدى.
مۇنىرەنىڭ ئاپىسى قاتتىق تەشۋىشلىنىپ:
- ئۇنىڭغا قاراڭ، ئەتە يىگىت بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغانغۇ، كۆڭلى شۇنداق پاراكەندە تۇرسا، ئەگەر ئەتە يەنە مۇشۇنداق بولسا، بېرىدىغان تۇنجى تەسىرى قانداقمۇ ياخشى بولسۇن، - دېدى.
- كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز، ئۇ چوقۇم ھېرىپ قالدى، - دېدى دادىسى.
- سىز ئۇنى ئەركىلىتىپ، مىجەزىنى مۇشۇنداق قىلىپ قويدىڭىز! - دېدى ئاپىسى دادىسىغا ئالىيىپ قويۇپ، ئۇ يەنىلا مۇنىرە بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىپ بېقىشنى ئويلاپ، - قاچا - قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ يۇيۇۋېتىڭ، مەن بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باقاي، - دېدى.
ئايالى بىر قارارغا كەلسە، ئۆزىنىڭ ھېچنېمە قىلالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغان ئېرى ئۇنى توسۇۋالالماي، نائىلاج:
- ئۇ يا كىچىك بالا بولمىسا، - دېدى.
- مەنمۇ لايىقىدا گەپ قىلىمەن، سىز بېرىپ قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇۋېتىڭ، - دېدى ئاپىسى ۋە شۇنداق دېگىنىچە ئىتتىك مېڭىپ، مۇنىرەنىڭ ياتاق ئۆيىگە ئۇدۇللا كىرىپ كەتتى.
دادىسى ئېغىر ئۇھ تارتىپ، ئىچىدە <قانداقلا بولمىسۇن، ئىشىكنى چېكىپ كىرمەمسىز، - دېدى.
ئەمدىلا كومپيۇتېرنى ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىماقچى بولغان مۇنىرە ئاپىسىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، بىر ھازا ئايلىنىپ، ساقلاش ساندۇقىدىن چاچ بۈدۈر قىلىش تايىقىنى ئېلىپ، ئۇدۇل ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقنى كۆردى.
ئۇ ئېھتىيات بىلەن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى، غالتەكلىك ئورۇندۇقنى كۈچەپ ئىتتىرىپ يىراقلارغا قېچىپ:
- نېمە قىلىسىز؟ نېمە قىلماقچى؟ - دەپ سورىدى.
ئاپىسى ناھايىتى خۇشال كەيپىياتتا:
- چېچىڭىزنى تۈزۈشتۈرۈپ قوياي. - دېدى.
بۇلتۇر 7-ئايدا مۇنىرە چېچىنى بۈدۈرە قىلغان بولۇپ، چېچىنىڭ ئۇچىدا يەنە 10 سانتىمېتىرچە بۈدۈرىسى بار ئىدى، بۈدۈرە قىلغاندىن كېيىن يەنە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ ئاسرىغان، ھازىر بىر يىل بولاي دېدى، كارىمۇ بولماس بولدى، ئىشقىلىپ چېچى ئۆسسە قۇيرۇقى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى.
دەل شۇنداق بولغاچقا مۇنىرە كەسكىن رەت قىلىپ:
- ياق، مۇشۇنداق تۇرسا ياخشى، بىر مەزگىلدىن كېيىن كەستۈرۋېتىمەن، - دېدى.
- دېمەك يەنىلا بىر مەزگىل ساقلايدىكەنسىزغۇ؟ تېز كېلىڭ، چىرايلىق تۈزەشتۈرۈپ قوياي، - دېدى ئاپىسى.
مۇنىرە ئىچىدە خالىمىدى، ئەمما ئاپىسى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- مەن يا سىزگە دەخلى قىلمىسام، نېمە قىلماقچى بولسىڭىز شۇنى قىلىۋېرىڭ، - دېدى.
- بولىدۇ، بولىدۇ. - دېدى مۇنىرە ياۋاشلىق بىلەن جايىغا قايتىپ كەلدى، ئىشقىلىپ ئۇمۇ ئائىلە باشلىقى بولغان ئاپىسىغا تەڭ كېلىپ بولالمايدۇ.
مۇنىرە بىر مەيدان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناپ بولغۇچە، ئاپىسىمۇ ئىشىنى تۈگىتىپ، رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى بۇراپ:
- قىزىمغا ئەستايىدىللىق بىلەن قارايدىغان بولسا، ھەقىقەتەن پۈتۈن مەھەللىدىكى ئەڭ چىرايلىق قىزكەن، - دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇنىرە خۇش بولماستىن:
- ئەجەبا مەن دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق قىز ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
ئاپىسى ئۇنىڭ يۈزىنى يېنىك چىمداپ:
- يۈزىنىڭ قېلىنلىقى قارا ، بولدى پۈتتى، كەچتە ئۇخلىغاندا ئېھتىيات قىلىڭ، قالايمىقان بېسىپ ئۇخلاپ قالماڭ، - دەپ تاپىلىدى.
- بولىدۇ، بولىدۇ. - دېدى مۇنىرە.
ئەمدىغۇ چىقىپ كېتىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا ، ئاپىسى كەينىگە بۇرۇلۇپ، كىيىم ئىشكاپىنى ئاچتى، بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
- ئاپلا! شۇنچە كۆپ كىيىملەر ئىچىدە نېمىشقا چىرايلىقراق بىرەر قۇر كىيىمىڭىز يوق! - دېدى.
مۇنىرە ئاپىسىنىڭ بۈگۈن كەچتە نېمە ئىش قىلغىلى كىرگەنلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە، قولىدىكى مائۇسنى تاشلاپ، بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلغان، تېخى ئېچىلمىغان تېز يوللانمىنى ئېلىپ:
- بولدى، بولدى، ئەتىدىكى قىز-يىگىت كۆرۈشۈشنى دەۋاتىسىزغۇ، يېڭى كىيىم سېتىۋالدىم، مەنمۇ خېلى ئەھمىيەت بەردىم. - دېدى.
ئاپىسى ئۇنىڭ قولىدىكى تېز يەتكۈزۈش خالتىسىغا قاراپ:
- توردىن سىناپ باقمايلا سېتىۋالغان كىيىملىرىڭىز بىلەن خېلى ئەھمىيەت بەردىم دەۋاتامسىز؟ - دېدى.
مۇنىرە قايىل بولماي:
- بۇ كۆڭلەك بەك قىممەت، بەش يۈز يۈەنگە ئالدىم! - دېدى.
ئاپىسى دەرھاللا قىزىقىپ، ئىچىدە پىچىرلاپ:
- باھاسى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس ئىكەن. - دېدى.
ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ قويۇپ تېز يوللانمىنى ئاچتى، سۇس ھال رەڭلىك ، يېنىدا ئۇزۇن چېكى بار كۆينەكنىڭ ئىككى يەڭ ۋە ئېتىكى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ناھايىتى نەپىس ، كۆركەم كۆرۈنەتتى.
كۆينەكنى كۆرگەن ئاپىسى مەمنۇن بولۇپ:
- خېلى يامان ئەمەسكەن، كىچىك قىزلار كىيىدىغاندەك كۆرۈنىدىكەن. - دېدى.
- ئەمىسە... - دېدى مۇنىرە چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ قويۇپ، ئالىقىنىنى ئېچىپ، ئىشىك سىرتىنى كۆرسىتىپ، - چىقىپ خاتىرجەم ئارام ئېلىڭ، - دېدى.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا كۆرۈشىدىغانغا كېلىشىپ قويغاچقا، مۇنىرە سائەت توققۇزدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەينەككە قاراپ 20 مىنۇت گىرىم قىلدى، ئۆزىنىڭ يۈزى بىلەن كۆڭلىكىنىڭ باھاسىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كىچىك سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، پەردازلىنىپ ئۆيدىن چىقتى.
بۈگۈنكى ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ساھىبجامال بولۇپ كەتكەنىدى.
ھى...
كۆرۈشۈش ئورنى ئۇتۇق مەيدانىنىڭ غەربىدىكى قەھۋەخانىدا بولۇپ، ئۆيى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 20 مىنۇتلۇق يول ئىدى، مۇنىرە دېيىشكەن ۋاقىتتىن بەش مىنۇت بۇرۇن يېتىپ كەلدى.
يىگىت كېلىپ بولغاندۇ...
ئۇ شۇنداق ئويلاپ، غۇۋا يورۇق زالغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى، دادىسىدىن يىگىتنى بەك كېلىشكەن، بويىمۇ ئېگىز، يەنە تېخى تېرىسى ئاپئاق، تونۇماق ئاسان دەپ ئاڭلىغانىدى.
دېرىزە تۈۋىدە يالغۇز ئولتۇرغان بىر ئەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ نەپىسى بىردىنلا توختاپ قالدى، ئۇ ئەمەستۇ؟!
نادىر؟ !
ئۇلار قىز تەرەپ بولغاچقا، دادىسىمۇ قارشى تەرەپتىن سۈرەت ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن خىجىل بولۇپ، قىزىنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەنىدى، مۇنىرە تونۇشتۇرۇماقچى بولغان ئوبيېكتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيتتى، ھازىر قاراپ باقسا، ئۇدۇلدىكى ئادەم تەرىپلەپ بەرگەن شەرتلەرگە تولۇق چۈشىدىغاندەك قىلاتتى.
يىراق ئەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن، تېرىسى ئاق، بويى ئېگىز، كېلىشكەن، باي!
ئۇنىڭ كاللىسىدا ئۈندەش بەلگىسى پەيدا بولۇۋاتقان ھەم كۆزلىرى يوغىناپ كەتكەن ۋاقىتتا نادىرمۇ ئۇنى كۆردى.
مۇنىرە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بىردە سومكىسىنى قاماللاپ، بىردە يان تېلېفونىنى ئېلىپ تېلېفون ئۇرماقچى بولدى، ئاخىرىدا يەنە بىر ئېغىزمۇ گەپمۇ قىلالماي ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى.
مۇنىرە ئادەتتىن تاشقىرى ھۆرمەت بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ياخشىمۇسىز، نادىر ئەپەندى. - دېدى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:
- ئاندىن كېيىنچۇ؟ - دېدى.
ئاندىن كېيىنچۇ؟ نېمە ئاندىن؟ مۇنىرە گاڭگىراپ قالدى، ئۇچرىشىشقا چىققاندىمۇ مۇشۇنداق سوغۇققان بولامدۇ؟
- ھە، سەت بولدى، مەن شۇ مۇنىرە. - دېدى مۇنىرە چۈشەندۈرۈپ.
نادىر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قېشىنى ئېتىپ:
- نېمە دەۋاتىسىز؟ - دېدى.
مۇنىرە ساراڭ بولاي دېدى.
مۇشۇنداقمۇ قورقۇنچلۇق، زادىلا چىقىشقىلى بولمايدىغان ئادەم بىلەنمۇ ئۇچرىشىشقا چىقامدۇ؟ ئىسىت چىرايلىق كىيىم ئالغان بەش يۈز نەچچە يۈەن پۇل. ئارتۇقتىن ئارتۇق خەجلەپ يۈرۈپتۇ!
- ئەسلى ئىش مۇنداق، - دېدى مۇنىرە باشلىقىغا مۇئامىلە قىلغاندەك تەلەپپۇزدا، - سىزنىڭ شەرت - شارائىتىڭىزدا، دادامنىڭ ئۆز ئالدىغا سىزنى مەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈشى سەل چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ، سىزگە بەكلا ئۇۋال بوپتۇ، مۇنداق بولسۇن، بۇ بىر ئىستاكان قەھۋەنى مەن مېھمان قىلغان بولاي، قايتىپ بارغاندىن كېيىن سىزمۇ ئۇدۇللا ئاتا-ئانىڭىزغا ماس كەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ قويۇڭ، مەنمۇ سىزگە چاپلىشىۋالمايمەن، - دېدى.
نادىر جىمىپ قالدى، ئۇنىڭ سۈكۈت قىلىشى مۇنىرەنى تېخىمۇ قورقۇتۇۋەتتى.
ئۇ گەپنى سەمىمىي قىلالمىدىمۇ؟
- سىز مۇنىرە خانقىز بولامسىز؟
بىر ئەرنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىغان مۇنىرە بېشىنى ئاستا-ئاستا بۇراپ، خېلى كېلىشكەن بىر چىرايغا دۇچ كەلدى، قارشى تەرەپ ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، ئەڭ ئۈستىدىكى تۈگمىسى ئوچۇق ئىدى، كۆرۈنۈپ تۇرغان ئوقۇرەك سۆڭىكىدە چېكىلگەن سۈرەت بار بولۇپ، چاچلىرىمۇ ساپسېرىق ئىدى.
- ھە .... شۇنداق، شۇنداق. - مۇنىرە قېتىپ قالغان پېتى كەينىگە بۇرۇلدى.
نادىر ئۇنىڭغا قاراپ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- مۇنىرە خانقىز؟ - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar