تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 6-قىسىم_ ئۆي ئىزدەش

文摘   小说   2024-11-20 13:59   中国  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق 42-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321






 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

6-قىسىم

   




6 – قىسىم 

ئۆي ئىزدەش


مۇنىرە مۇشۇلارنى ئويلاپ، قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ، ئەمدىلا ئىشقا چۈشكەن، قىلىدىغان ئىشى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يەنە ئىككى قېتىم تېلېفون ئۇردى.

ئۇ بىر تەرەپتىن ئىزدەپ، بىر تەرەپتىن ئۆينىڭ رەسىمى، باھاسى، ئورنى، چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىقلارنى رەتلەپ ھۆججەت قىلىپ، ئاخىرى ئىشتىن چۈشۈشتىن 20 مىنۇت بۇرۇن نادىرغا ئەۋەتىپ بەردى.

مۇنىرە: [ئۆي مەنبەسى ، سىز ئاۋۋال كۆرۈپ،  ياقتۇرغانلىرىڭىزنى تاللاپ چىقىڭ، مەن يەنە بىر قېتىم بېرىپ كېلەي ] دەپ ئۇچۇر قالدۇردى.

بۇ قېتىم ئۇ يەنە كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئىپادىسى ئەۋەتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى .

راست گەپنى قىلغاندا، نادىر بۇنداق تەپسىلىي ھۆججەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ھەر قايسى مۇھىم نۇقتىلار ئېنىق يېزىلغانىدى، بىر قاراشقىلا  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رەتلەپ چىقىشىنىڭ ھەقىقەتەن تەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

نادىر قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئولتۇرماي، ئەستايىدىللىق بىلەن بەتتىن- بىر بەتتىن كۆرۈپ چىقىپ، كۆڭلىدە ئويلىغىنىدەك ئورنى ئانچە يىراق بولمىغان بىر نەچچە يۈرۈش ئۆينى تاللىدى.

تېخى كۆرۈپ بولالماي تۇرۇپلا، نەۋرە ئاكىسىدىن تېلېفون كەلدى.

  -   نادىر، مەن   زاۋۇت تەرەپتە ئاۋارىچىلىككە يولۇقتۇم، ھازىر بىر تەرەپ قىلىۋاتىمەن، ئۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قېلىشىم مۇمكىن، قانداق ئىشىڭ بولسا مۇنىرەنى ئىزدىسەڭ بولىدۇ، ئۇ مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى ئوبدان بىلىدۇ.  - دېدى ئەخمەت.

  -   ھىم.  - دېدى نادىر.

  -   ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتىڭمۇ؟ بۇ قىزچاق يامان ئەمەستۇ؟ - تېلېفوننىڭ ئۇ چېتىدىن كۆرەڭلىگەن كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلۈپ، - ساڭا دېسەم، بۇ قىزچاق ماڭا كاتىپ بولغان شۇنچە نۇرغۇن ئادەم ئىچىدە ئەڭ رازى بولغان كاتىپنىڭ بىرى، - دېدى ئەخمەت. 

تەپسىلىي ئۆي دوكلاتىغا قاراپ، نادىر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

   -  يامان ئەمەسكەن، - دېدى. 

 ـ  ھوي ئانامەي، سەن تېخى بېشىڭنى لىڭشىتىپ پىكىرىمنى قۇۋۋەتلىدىڭمۇ! - دېدى ئەخمەت. 

ئۇنى قىتىغۇرلۇق قىلىپ ئادەم پاتقۇزمايدىغانغا چىقىرۋەتتىغۇ.

   -  مەندىن ئەنسىرىمەڭ، زاۋۇتتا نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى نادىر.

شادىيانە ئاۋاز بىردىنلا توختاپ، تەمكىن تەلەپپۇزدا:

-  بىر پۈتۈن لىنىيە بىراك بولدى، 10 نەچچە ئىشچى يارىلاندى، يەنە ئىككىسى قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ.  - دېدى ئەخمەت.

نادىر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

   -  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقە؟  - دېدى.

- سەنمۇ ئىشەنمەيسەن، شۇنداقمۇ؟ بۇ يەردە جىن بار، شۇڭا  ئۆزۈم بېرىپ تەكشۈرىشىم كېرەك.  - دېدى ئەخمەت.

  -  ياردەم كېرەك بولسا  تېلېفون قىلىڭ. - دېدى نادىر.

ـ ھى، ھى، ھى،  ياخشىغۇ! شۇنداق بولسۇن، باشقا ئىش بولمىسا تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.  - دېدى ئەخمەت.

يانفوننى قويۇپ، ئىنچىكە بارماقلىرى كۇنۇپكا تاختىسىغا چۈشۈپ، يېنىك چېكىپ قويدى.

دىڭ  - دۇڭ.

مۇنىرە ۋاقىتقا قاراپ قويدى، سائەت 4 تىن 56 مىنۇت ئۆتكەنىدى.

تېز سۈرئەتتە سۆزلىشىش رامكىسىنى ئاچتى، ئەۋەتمەكچى بولغان ھۆججەت مۇۋەپىققىيەتلىك ئەۋەتىلىپ بولۇنغان بولۇپ، تۆۋەندە چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىمنىڭ بىر جۈملە سۆزمۇ بار ئىدى.

 [بەلگە سېلىنغان ئۈچ يۈرۈش ئۆينىڭ سۈرىتىنى بېسىپ چىقىرىپ ئالغاچ كېلىڭ] 

مۇنىرە: [ نېمە؟  بۇ ئۈچ يۈرۈش ئۆينىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ باقامسىز؟ ] - دەپ سورىدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ شۇنداق ] - دېدى.

مۇنىرە: [ بولىدۇ ]  دېدى.

مۇنىرە ھۆججەتلەرنى ناھايىتى تېزلا بېسىپ چىقارغاچ، يانفونىنى سومكىسىغا سېلىپ ئىشتىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلدى.

ئۇ بۈگۈن بالدۇرراق تاماق يەپ بالدۇر ئۇخلىشى كېرەك!

بۇ چاغدا چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىمنىڭ: [  20 مىنۇتتىن كېيىن سىلەرنىڭ شىركەتكە بارىمەن 

 سىز ئاۋۋال ئۆي كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ قويۇڭ] دېگەن ئۇچۇرى كەلدى .

مۇنىرە مائۇسنىڭ ئۈستىدىكى كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن پاراڭلىشىش رامكىسىنى قاتتىق چەكتى، <بولىدۇ> دېگەن  خەتنىمۇ يوللىغۇسى كەلمەي قالدى. 

ئۇ ھەتتا يۇيۇنىدىغان سۇنىڭ قىزىق بولۇشىنى پىلانلاپ بولغانىدى... ھەممىسى سۇغا چىلاشتى...

  -  مۇنىرە، ئىشتىن چۈشەيلى، - دېدى ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى قىزغىن خوشلىشىپ، ئەمما مۇنىرەنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن چىرايىدىن يەنە بىر قېتىم چۆچۈپ كەتتى.

- ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيمەن!! - دېدى مۇنىرە. 

  -  يەنە باشقا قىلىدىغان ئىشىڭىز بارمۇ؟  - دەپ سورىدى ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى.

  -   ئۆي كۆرگىلى بارىمەن!  - دېدى مۇنىرە.

ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ:

- ئىككىڭلار بەلكىم  بىر - بىرىڭلارغا ھەقىقىي دۈشمەن بولساڭلار كېرەك... جاپا چېكىدىغان بولدىڭىز، بىچارە ئۇكام، ئۆيگە قايتىپ بالامنى ئېمىتمىسەم بولمايدۇ، -  دېدى.

ئىشخانا ئىچى قاراڭغۇ ئىدى، مۇنىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، بېسىپ چىقىرىلغان ھۆججەتلەرنى ئېلىپ، سومكىسىدىن يان تېلېفونىنى قايتا چىقىرىپ، ماتېرىيالدىكى تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ:

  -   ياخشىمۇسىز، ئىسمىم مۇنىرە، شۇنداق، ئىلگىرى سىز بىلەن ئالاقىلەشكەن، ھازىر ۋاقتىمىز بار، بېرىپ ئۆينى كۆرۈپ باقماقچى، سىزگە  قولايلىقمۇ؟...  بولىدۇ، ئەمىسە سائەت ئالتىدە كۆرۈشەيلى.  - دېدى

مۇنىرە نادىرنى رەت قىلالمىغانغا ئوخشاش، ئۆي-زېمىن سودىسى قىلىدىغانلارمۇ خېرىدارلارنى رەت قىلالمايتتى.

 ئوخشاش بىر سودا رايونىدا نادىر ماشىنا ھەيدەپ ئىشقا بېرىش، ئىشتىن چۈشۈشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە قىستا-قىستاڭ بولۇپ كەتكەن يولغا 15 مىنۇت ئېلىپ قويۇپ بالدۇر يولغا چىقىپ،  مۇنىرە پەسكە چۈشكەندە ئىشىك ئالدىغا  كېلىپ بولغانىدى.

مۇنىرە كۆڭلىدە نادىرنى بىر مۇنچە تىللاپ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كابىنكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

 - نادىر ئەپەندى، مەن ھەيدەي ... - دېدى.

نادىر ئېغىز ئېچىپ:

   -  ماشىنىغا چىقىڭ. - دېدى.

مۇنىرەنىڭ مۇلايىم تەبەسسۇمى قېتىپلا قالدى، ئۆزىمۇ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ بىئارام بولدى، خۇددى ماشىنا ھەيدىگۈسى كېلىپ كەتكەندەك قىلىپ كەتتى ...

مۇنىرە چىرايى تاتارغان ھالدا ئارقا ئورۇننىڭ ئىشىكىنى تارتماقچى بولغاندا نادىرنىڭ سوغۇق ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى:

  -  ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇڭ، - دېدى. 

  بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىغاندىن كېيىن، مۇنىرە يوشۇرۇن ھالدا يېنىدىكى ئەرگە قاراپ قويدى، يەنىلا شۇ كېلىشكەن چىرايى، لېكىن...

 كاللىسىدا پەقەت ئالدىنقى قېتىم ئەۋەتكەن كىچىك سېرىق ئادەمنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىلا بار ئىدى، نېمىدېگەن ئوسالچىلىق!

يەنە ئازراق ئوڭايسىزلىنىپمۇ قالدى.

  -  بىرىنچى بولۇپ كۆرمەكچى بولغان ئۆي شىخەي يولىدىكى لاڭيۈەن  ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆي، سائەت ئالتە بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان، - دېدى مۇنىرە.

نادىر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا چوڭقۇر تىكىلىپ قارىدى، مۇنىرە يەنە دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ لەۋ سۇرۇخىنىڭ چىشىغا چاپلىشىپ قالغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.

  -  مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم قورساقتىن كوركۇرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم يوق.  - دېدى نادىر.

مۇنىرەنىڭ چىرايى قىزىرىپ، نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى.

ئەجەبا ئۇنىڭ تاماق يېگۈسى يوقمۇ، لېكىن ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاۋۋال تاماق يېيىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ ! بۇلار  ھەممىسى ئۈنۈمگە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ! بەش مىنۇتتىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋەتكىلى بولىدۇ ؟ !

  كۆڭلىدە ئويلىغانلىرى ئاغزىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ كونترول قىلىپ، تۆۋەن ئاۋازدا:

-  ئامال بار كونترول قىلىۋالىمەن، - دېدى مۇنىرە.

نادىرنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇ يۈزىنى سەل - پەل قىيسايتىپ، ماشىنىنى قوزغاتقاچ:

  -   غەيرەت قىلىڭ.  - دېدى.

غۇڭغۇلا قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مۇنىرە ئارقا ئېغىز چىشىنى چېڭ چىشلىدى.



مۇنىرە <نادىر دېگەن بۇ ئادەم  ئىسمىغا بەكلا ماس كەلمەيدىكەن> دەپ ئويلىدى.

 ھەممىنى كۆزىتىدىغان ھەم سوغۇققان ئادەم ھەمىشە ئادەمگە يېقىنلىق تەسىر بەرمەيدۇ؟!

شۇنداق نادىر ھەقىقەتەن سوغۇققان،  قىشتىكى ئۇچلۇق مۇزنى ئەسلىتىدۇ.

يول باشلاش سىستېمىسىدىن چىققان ئېلېكتىرونلۇق ئاۋاز قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، 50 مېتىر يىراقلىقتا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسى بارلىقىنى ئەسكەرتتى، ياندىن قىزىل رەڭلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلى سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ ئۆتۈپ كەتتى، پىيادىلەر توغرا يولىدا ھاسا تۇتقان بىر بوۋاي ئاستا-ئاستا يۆتكىلىۋاتقاندا، چىرقىراق گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلاندى.

ناھايىتى ئاددىي بىر ئىش بولسىمۇ، مۇنىرە نېمە ئۈچۈندۇر قارىغانسېرى ھەسرەت چېكىپ، ھەتتا  نەپسىنى سىرتقا چىقىرىلماي قىينىلىپ كەتتى.

ئۇ بۇ يىل 25 ياشقا كىردى، لېكىن يەنىلا باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئەسلىيەلمەيدۇ.

مىجەزى مۇلايىم ئەمەس، خىزمەتتىمۇ مۇنەۋۋەر ئەمەس، تاپقان پۇلى ئاز بولسىمۇ دائىم باشقىلار تەرىپىدىن چاقىرىلىپ ئىشقا بۇيرۇلىدۇ، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشنى بىلمەيدۇ، ئامانەت قويغان پۇلى بەش خانىلىق سانغا يەتمەيدۇ، يەنە دائىم ئاتا-ئانىسىغا ئاچچىقلايدۇ.

نادىر ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە قارىغاچ، مۇنىرەنىڭ ئاچچىقتىن قارىداپلا كەتكەن چىرايىنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالدى، ھەتتا ئۇمۇ تۇرمۇشنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ:

  -   قورسىقىڭىز ئېچىپ يىلىڭىز قاچتىمۇ؟  - دېدى.

بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئادەمنى ئۆز دۇنياسىدىن قايتۇرۇپ كەلدى، مۇنىرە سېكۇنت ئىچىدە چىرايىنى ئۆزگەرتىپ، تۈزلا قىلىپ:

  -  قورسىقىم ئاچمىدى.  - دەپ جاۋاب بەردى.

-  قۇرۇق گەپ.  - دېدى نادىر كەسكىنلىك بىلەن

مۇنىرە ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، ئاغزىنى يۇمالماي قالدى، بۇ... بۇ...  بەكلا توغرا گەپ قىلدىغۇ!

بۇ راستتىنلا قۇرۇق گەپ ئەمەسمۇ، ئەگەر روھى ئۇرغۇپ تۇرغان بولسا، بۇ يەردە قانداقمۇ ئازابلىنىپ، ئۆزىدىن ئاغرىناتتى.

  -  مېنىڭ بىر تەكلىپىم بار، ئاڭلامسىز؟  - دېدى نادىر.

مۇنىرە دەرھال بېشىنى لىڭشىتىپ:

   -  ئاڭلايمەن، ئاڭلايمەن.  - دېدى. ئىچىدە بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زاتلارنىڭ تەكلىپىنى ئەلۋەتتە ئاڭلاش كېرەك، بەلكىم  بۇنىڭدىن كىشىلىك ھاياتنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى ھېس قىلالىشىم مۇمكىن! - دېدى.

نادىر ئاۋۋال ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى، ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ يەنە ئالدىغا قارىدى، رولنى سەل-پەل تەۋرىتىپ، نېپىز لەۋلىرىنى يېنىك ئېچىپ:

   - كۆپ كىتاب ئوقۇڭ.  - دېدى.

بۇ بىر جۈملە سۆز مۇنىرەنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىنى مۇكەممەل يىغىنچاقلاپ بەردى، ھېلىمۇ ياخشى  مۇشۇنداق ئىنتىزار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

نادىر قوشۇمىسىنى سۈزۈپ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويدى، ئۇ سېكۇنت ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالغان بولسىمۇ، يەنىلا غەزەپكە تولغان مۇنىرەنى كۆردى.

ۋاي ئانامەي، ئادەتتە ئانچە كۈلەلمەيدىغان بۇنداق چىرايلىق ئادەم، رەسمىي ئېچىلىپ كۈلسە جەلپكار بولۇپ كېتەمدۇ؟!

  -  قانداق تۈردىكى كىتابلارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىسىز؟ - دەپ سورىدى نادىر.

 مۇنىرە گاڭگىرىغان ھالدا:

  -  راست گەپ قىلسام مېنى مازاق قىلماڭ، مەن رومانتىك رومانلارنى، زومىگەر لىدىرلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ۋەقەلىكلەر  چىقىدىغان كىتابلارنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن، - دېدى. 

- بىرەر    ھوسۇل ئالالىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى نادىر. 

مازاق قىلمىغاندەك قىلىدۇ ...

 مۇنىرە جاسارەتكە تولۇپ،  ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ:  

 -  مەيلى قانداق قىز بولسۇن،  ئەڭ ئاجىز، ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، باش لىدىرنى ئەڭ تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. ھېسسىياتنىڭ يۈكسىلىشى، ھەممىسى مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يۈز بېرىدۇ، - دېدى. 

نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ:

   -  بۇ نورمال ئەھۋال، ئەمما بۇ خىل تەسىرلىنىشنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەكقۇ، - دېدى. 

  -  قانداق ئاساس؟  - دەپ سورىدى مۇنىرە.

  -   ياخشى تەسىر بېرىش، - دېدى نادىر. 

  -   ھە. -  مۇنىرەمۇ ئىچىدە ئويلاپ باقتى، ئۇمۇ نادىرغا ئوخشاش ھېس قىلدى، ئۇنىڭ كۆپ يىللىق كىتاب ئوقۇش تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، قايسى بىر لىدىرنىڭ  ئاجىز، قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئايالنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالدى؟

- يەنىچۇ؟ - دېدى نادىر. 

يەنىچۇ؟

مۇنىرە بېشىنى قاتۇرۇپ ئويلاپ، ھېچقانداق قىممىتى بار مەزمۇننى خۇلاسىلەپ چىقىرالمىدى، شۇنىڭ بىلەن يۈزى قىزارغان ھالدا سەمىمىيلىك بىلەن بېشىنى چايقاپ:

  -  يوق ، - دېدى. 

  -  ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز؟ - دېدى نادىر. 

مۇنىرە كۆزىنى چىمىلدىتىپ  يەنە نېمە باردۇ دەپ ئويلىدى...


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章