تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 5-قىسىم_ يېڭى بىر كۈن

文摘   小说   2024-11-19 14:00   中国  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق 40-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



4321






 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

5-قىسىم

   






5 – قىسىم 

  يېڭى بىر كۈن


دۈشەنبە، يېڭى بىر ھەپتە باشلاندى.

خىزمەتدىشى مۇنىرەنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ جانسىز، ھارغىن كۆزلىرىدىن چۆچۈپ:

   -  ئىككى كۈن كۆرۈشمىگەنگە، نېمە ئىش بولدى؟  - دەپ سورىدى.

مۇنىرە ئىككى بارمىقىنى چىقاردى.

خىزمەتدىشى تازا ئېنىق بىلەلمەي:

   -  ھە؟ زادى نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.

مۇنىرە غەزەپلىنىپ،  ئىنچىكە بارمىقىنى ئىككى قېتىم كۈچەپ سىلكىپ:

   -  ئىككى كېچە، توپتوغرا ئىككى كېچە قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ چىقتىم! - دېدى. 

  مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ:

  -  بىر غەلىتە مەخلۇق مېنى ئىزچىل چىشلەپ قويۇپ بەرمىدى، قانداق قىلساممۇ قويۇپ بەرمىدى! يەنە تېخى بىر ئېغىز گەپنى تەكرارلاۋەردى! - دېدى. 

خىزمەتدىشى سەل قىزىقىپ:

  -  نېمە غەلىتە مەخلۇقكەن ئۇ؟ - دەپ سورىدى. 

مۇنىرە ئۈستەلنى ئۇرۇپ تۇرۇپ:

   -  ھال رەڭلىك چوشقا! - دېدى. 

-  ھەقىقەتەن ئوماق غەلىتە مەخلۇق ئىكەن- دېدى خىزمەتدىشى  مۇرەككەپ كەيپىياتتا، - قىزىم ھەر كۈنى مۇشۇ كارتۇن فىلىمنى كۆرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ نېمە دېدى؟ - دەپ سورىدى. 

مۇنىرەنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، ئاۋازى پەسىيىپ:

  -  مۇنىرە خانقىز... - دېدى.

 خىزمەتدىشى قولىنى سوزۇپ،  پېشانىسىگە قوپاللىق بىلەن بىرنى نوقۇدى،  مۇنىرە دەرھال ئوبرازىغا  دىققەت قىلىپ:

- نېمە قىلىۋاتىسىز؟ بۇ ماڭلىيىمنى ئەتىگەندە بەش مىنۇت توكتا قىزىتىپ ئاران ياسىغان! - دېدى . 

خىزمەتدىشى بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك خىجىل بولۇپ:

   -  قىزىپ قالماپسىز بولمىسا، ئەمما نېمىشقا قالايمىقان جۆيلىسىز، - دېدى.

مۇنىرە قاتتىق غەزەپلەندى،  كۈندۈزدە ھەقىقەتەن كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىكەن، ئۆز بېشىغا كەلمىگەن ئادەم ئۇنىڭ دەردىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى دەردىنى قانداقمۇ ھېس قىلسۇن!

يەنىلا تىرىشىپ خىزمەت قىلغىنى تۈزۈك! پەقەت خىزمەتلا ھەر بىر ئادەمنى باراۋەر قىينايدۇ!

چۈشتىن بۇرۇن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئىشلەۋاتقاندا، ئىچكى لىنىيە تېلېفونى سايراپ:

  -  مۇنىرە، ئىككى ئىستاكان قەھۋە دەملەپ بېرىڭ.  - دېدى.

  -  بولىدۇ، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ.  - دېدى مۇنىرە.

 قولىدىكى خىزمەتنى قويۇپ، خۇشال ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ چايخانىغا قاراپ ماڭدى، مۇنىرە قەھۋە دەملەشنى ياخشى كۆرەتتى.

 قەھۋەنى كۆتۈرۈپ خوجايىن ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، سىمۋوللۇق ھالدا ئىشىكنى ئىككى قېتىم چەكتى، ئاندىن روھلۇق ھالدا كۈلۈمسىرەپ، ئىشىكنى ئاستا ئاچتى.

ئىككى جۈپ كۆز بىر - بىرىگە قارىشىپ قالدى.

 خۇرۇم سافادىكى نادىر ئولتۇرۇش ھالىتىنى تەڭشەپ:

- مۇنىرە خانقىز؟  - دېدى.

مۇنىرەنىڭ مۇلايىم تەبەسسۇمى ئېغىزنىڭ بۇرجىكىدە قېتىپلا قالدى .

 ئەھۋالدىن خەۋەرسىز خوجايىن بۇنى چۈشەنمەي،  گاڭگىراپ قېلىپ:

- نادىر، سەن ئەزەلدىن بۇنداق گەپ قىلمايتىڭغۇ؟! - دەپ سورىدى. 

- ئەسلىدە شۇنداق ئىدى، بىراق  ... -  نادىر گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقارماي توختاپ قالدى.

  -  ئەخمەت ئەپەندى، مېنى نېمە دەپ چاقىرسا بولۇۋېرىدۇ. -  خەتەرلىك پەيتتە، مۇنىرە غەيرەتكە كېلىپ، نادىرنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى، بىر تەرەپتىن قەھۋەنى قويۇپ،  بىر تەرەپتىن ئامال بار تەمكىن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، - سىزنىڭ قەھۋەيىڭىز.  - دېدى.

قەھۋەنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن، بېلىنى رۇسلاپ، خوجايىنغا قاراپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يېنىك تەلەپپۇزدا :

   -  سىزنىڭ يەنە قانداق تاپشۇرۇقىڭىز بار؟ - دەپ سورىدى. 

خوجايىن ھە دەپلا تۇرۇپ قالغان  بولسىمۇ، يەنىلا ئېغىز ئېچىپ:  

 -  شۇنداق، بۇ بىر نەچچە كۈندە جاپا چەكتىڭىز، نادىرمۇ ناھايىتى ئالدىراشلا كېلىپ قالدى، ئۇلارنىڭ شىركىتى ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ئۆينىڭ ئورنى ياخشى ئەمەسكەن، سىز بۇ ھەپتىدە ئۇنىڭ شىركىتىدىن ئانچە يىراق بولمىغان، شارائىتى ياخشىراق بىر نەچچە يۈرۈش ئۆي تېپىپ بەرسىڭىز،  ئىچىدىن بىرنى ئۆز تاللىۋالسۇن، -  دېدى. 

مۇنىرە نادىرغا ئىتتىكلا بىر قاراپ قويدى، قارشى تەرەپ يەنىلا سوغۇققانلىق بىلەن:

   -  مەندە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىز بار، كونكرېت تەلەپلەرنى كېيىن سىزگە يەتكۈزىمەن.  - دېدى.

ئىشلار  مۇشۇنداق باشلاندى.

مۇنىرەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، ئۇ پەقەت قۇرۇق قولى بىلەن كۆز ئالدىدىكى بۇ پىياز، زەنجىۋىل، سامساق، ئاچچىق-چۈچۈك، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالار، توخۇ، ئۆردەك، بېلىق، قوي گۆشى، يېشىل كۆكتات يېمەيدىغان  چوڭ مەكتەپتە ئوقۇپ، قايتىپ كەلگەن ئىقتىساد ئىگىسىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ تارتىپ ئاپىرىپ، بېشىنى تەرەت قاچىسىغا بېسىپ تۇنجۇقتۇرۇپ  قويغۇسى كەلدى.


بۇ بۇ ئويى  مۇنىرەنىڭ نۇرغۇن ئوي-پىكىرلىرىگە ئوخشاش قۇرۇق ئوي- خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

گەرچە ئۇ كۆڭلىدە   نادىرنى سۇغا تۇنجۇقتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ،  لېكىن يەنىلا ھۆرمەتلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى.

H  شەھىرى 2-دەرىجىلىك شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆي باھاسى داۋاملىق ئۆسىۋاتىدۇ. مۇنىرە چىراي ئىپادىسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ خاتىرە قالدۇرۇپ، ئەھۋالنىڭ كەسكىنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ھازىرقى ئۆي باھاسى ۋە ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بويىچە بولغاندا، كۈندىلىك چىقىمنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇ ھەتتا بىر ئۆينىڭ ھاجەتخانىسىنىمۇ سېتىۋالالمايتتى.

ئەگەر ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلسا، تۇرمۇشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

دىڭ - دۇڭ.

 ئۇچۇر كەلدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم دەپ تور ئىسىم قويۇلغان نادىر: [ ئۆينىڭ بالكۇنى چوڭ  بولسۇن]  دەپ ئۇچۇر قالدۇرغانىدى.

 مۇنىرەنىڭ بېشى ئاغرىپ، پېشانىسىنى يۆلىدى، ئۆزى يالغۇز بالكۇنى بار ئۆينى نېمە قىلىدىغاندۇ!

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم يەنە: [ شىركەتتىن ماشىنا بىلەن 20 مىنۇتنىڭ ئىچىدە بارغىلى بولسۇن، ماشىنا توسۇلۇپ قالغان ۋاقىتنى قوشقاندا 20 مىنۇت جۇمۇ]  دېدى.

چاقچاق قىلىۋاتامدىغاندۇ!

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىمدىن يەنە: [ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى كۆچۈپ كىرگىلى بولسۇن]   دەپ ئۇچۇر كەلدى.

بۈگۈن 14-چېسلا بولدى!

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم يەنە: [بىرەر مەسىلە يوقتۇ]  دېدى.

بولمامدىغان، مەسىلە ئاسماندىكى يۇلتۇزدىنمۇ كۆپ!

مۇنىرە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، كۇنۇپكا تاختىسىنى تارتىپ پالاقلىتىپ ئۇرۇپ:

[ سىزنىڭ باھاغا قانداق تەلىپىڭىز بار؟ ] دەپ سورىدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ پۇل مەسىلە ئەمەس ] دەپ ئۇچۇر قايتۇردى.

مۇنىرە: [بولىدۇ ، چۈشەندىم،  سىزنىڭچە ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئۆي مەنبەسىنى بىر تۇتاش رەتلەپ بەرسەم قانداق بولار] دەپ ئاخىرىغا كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ قويدى.

كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئىپادىسىگە قاراپ، مۇنىرە ئېڭىكىنى سىلىدى، ئۆزىنىڭ بۇ  قېتىملىق مەشغۇلاتىدىن تولۇق مەمنۇن بولۇپ، قارشى تەرەپنى يەتكۈدەك مازاق قىلىۋالدى.

بۇ قېتىم خېلى ئۇزاق ساقلاپمۇ  نادىرنىڭ جاۋابىنى كۆرمىدى.

ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۆرەڭلەشتىن بىردىنلا دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى، بۇ دېڭىز تاشپاقىسى بۇنچىلىك ئىشنى بىلمەي قالماس؟

ياق، ياق، ياق، ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك، گەرچە قۇرداشلار ئارىسىدا كۈلۈمسىرەشنى ھى ھى  بىلەن ئىپادىلىسىمۇ، لېكىن ئەتراپىدىكى ئۆزىدىن نەچچە ياش چوڭ خىزمەتداشلىرى بۇنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئەدەپلىك، دوستانە كۈلۈمسىرەش دەپ قارايدۇ !

يەنە ئون مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، مۇنىرە ئولتۇرالماي قالدى.

بوپتۇ، بوپتۇ، ئۇ بۇ ئىشنى بىلسىمۇ، بىلمەسكە سېلىۋالسا بولىدۇ، ئېرەن قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

كىچىككىنە چىراي ئىپادىسى خالاس ~

يەنە يېرىم سائەت ئۆتتى، مۇنىرە قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆتۈرۈپ، پاراڭلىشىش رامكىسىنى ئىتىۋەتتى.

بولدىلا كارى بولمىسۇن، خىزمەت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ

دىڭ - دۇڭ.

ئۇنىڭ بەت يۈزىنى ئېتىدىغان ۋاقىتنى ئالدىن بىلىۋالغاندەك ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى سىنبەلگە يەنە بىر قېتىم چاقنىدى.

مۇنىرە دەرھال چەكتى، پاراڭلىشىش رامكىسى ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى، مەلۇم بىر سېرىق رەڭلىك، ئاغزىنىڭ ئۇچى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن چىراي ئىپادىسى كۆرۈندى...  مەلۇم بىر ئادەمنىڭ باش سۈرىتى رامكىسىمۇ بار.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: ئەتە ... بېرىڭ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم... رەھمەت سىزگە ... ئىش بولسا يەنە ئالاقىلىشايلى... خەير - خوش... دېگەن ئالتە قۇر ئۇچۇرى  پۈتۈن بەتنى تولۇق ئىگىلىگەن بولۇپ، قارىماققا دەرسلىك كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە ئوخشاش، چوڭ يېزىلغانىدى.

يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان خىزمەتدىشى مۇنىرەگە قاراپ:    

- نېمە بولدى، مىجەزىڭىز يوقمۇ؟  - دەپ سورىدى.

مۇنىرە سۇس چىراي ئىپادىسى بىلەن بوش كۈلۈپ قويدى.

شۇنداق، ئۇ، ئۇتتۇرۇۋەتتى!

بىراق نادىرنىڭ بۇنداق يىپىدىن يىڭنىسىگىچە زىغىرلايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى...

بىر كېچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئۆي سېتىش ئورنىنىڭ تېلېفونىغا قىلىپ  «بەك يىراق، بەك يېقىن، بەك كىچىك، بەك چوڭ» دەپ غۇدۇراپ چىققان مۇنىرە شىركەتكە كېلىپ، ئۈستەلگە ئۆزىنى ئاتتى.

   ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى ئېغىر ئەپسۇسلىنىپ:

- يولداش مۇنىرە، بۇنداق ھارغىن چىرايىڭىز بىلەن يېتىۋالمىسىڭىز قانداق، - دېدى. 

- ھەيي...  سىز مېنىڭ دەردىمنى پەقەت چۈشەنمەيسىز ... - دېدى مۇنىرە.

  -   ئۆي تاپىدىغان ئىشقۇ، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ پۇلى بار، ۋاسىتىچىدىن ياردەم سورىسىڭىزلا بولمىدىمۇ ، - دېدى خىزمەتدىشى. 

مۇنىرە ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا بېشىنى چايقاپ:

   -  مەنمۇ ۋاسىتىچىنى ئىزدىدىم، لېكىن ۋاستىچىنىڭ گېپىگە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن، يەنىلا بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ بېقىشىم كېرەكتە... - دېدى.

ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى مۇنىرەنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرۇپ:

   -  نېمىشقا دائىم بۇنداق ئەستايىدىل بولىسىز، گەرچە ئۇ كېلىشكەن يىگىت بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت جەريانىدا  كېلىشكەن چىرايىنى تاماق ئورنىدا يېگىلى بولمايدۇ، - دېدى. 

 ئورۇنلۇق گەپ بولدى، بىراق ئىش مۇنىرەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغانىكەن، ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا تولۇق ئورۇندىشى كېرەك، بولمىسا ئىش پۈتمىگەندەك ھېس قىلىپ، ئەكسىچە جىددىيلىشىپ قالىدۇ.


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章