كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
11 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
12-قىسىم
12 - قىسىم
ئۇچرىشىشىڭىز بارمىدى؟
- ئۇنداقتا سىلەر كەچتە چىقىپ بېزەش جەريان - باسقۇچلىرىنى جەزىملەشتۈرەمسىلەر؟ - دەپ سورىدى مۇرات.
- شۇنداق، بۇنىڭدىن باشقا ئالاقىمىزمۇ يوق. - دېدى مۇنىرە.
مۇرات قوشۇمىسىنى سۈزۈپ:
- ئىككىڭلارلا؟ - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلى ئىللىپ قالدى، يەنە ئازراق كۈلكىلىك ھېس قىلىپ:
- مۇرات دىرېكتور، سىز نادىر ئەپەندىنى كۆرۈپ باقمىغان، ئەگەر ئۇنى كۆرگەن بولسىڭىز، چوقۇم بۇنداق دېمەيتتىڭىز... ھەي، چاتاق بولدى، بايا ياندىكى يول ئېغىزىغا بۇرىلاتتۇق، دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن! - دېدى .
- ھېچقىسى يوق، ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدىن ئايلانساقمۇ بولىدۇ، - دېدى مۇرات.
مۇنىرە بېشىنى چايقاپ:
- دەريا بويى يولىدىن شەرق ئايلانما كوچىسىغىچە بولغان يول بۇنداق ۋاقىتتا توسۇلۇپ قالىدۇ، بۇ يەردىن يا كەينىگە بۇرۇلغىلى بولمايدۇ... - دېدى.
مۇرات ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ:
- ئۇنداق بولسىمۇ ھېچقىسى يوق، كۆپرەك ئايلىنىپ ماڭساقلا بولدى. - دېدى.
- بىراق ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە يولدا ماشىنا كۆپ، كەچتە قاتناش توسۇلۇپ قالىدۇ ... - دېدى مۇنىرە.
- ھېچقىسى يوق. - دېدى مۇرات بارغانسېرى قىزىقارلىق ھېس قىلىپ، - بىر نەچچە مىنۇت كېچىكىپ قالىدىغان ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار، ئۆزىڭىزگە يۈك قىلىۋالماڭ، - دېدى.
مۇنىرە خىجىلچىلىقتا ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- رەھمەت سىزگە، مۇرات دىرېكتور. - دېدى.
ئويلىمىغان يەردىن ئىككىنچى قېتىم كېچىكىپ قالدى.
ئەمدى تۈگەشتى.
قاتناش قىستاڭچىلىقى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ئېغىر بولۇپ، مەھەللىگە كەلگەندە 20 مىنۇت كېچىككەن ئىدى.
مەھەللە دەرۋازىسى ئالدىدىغا يەنە بىر بۆلەك ئارىلىق بار بولۇپ، مۇنىرە بۇلۇڭدا جىمجىت تۇرغان پورسچىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىترەپ كەتتى، بېشى چىڭقىلىپ، مۈرىسىدىكى قۇرۇپ قالغان قەھۋە داغلىرى قايتىدىن چاپلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
- ئۆيىڭىز ئالدىمىزدىكى مەھەللىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى مۇرات.
- شۇنداق، شۇنداق. - دېدى مۇنىرە.
مۇرات يان تەرەپكە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- نېمە بولدى، تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ قالدىڭىزغۇ؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرەنىڭ چاقچاق قىلغۇدەك كەيپىياتى بولمىغاچقا، جىددىيلىشىپ يىغلاپ كېتەيلا دەپ قېلىپ:
- مېنى مۇشۇ يەردە چۈشۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، سىزنىمۇ يولىڭىزدىن قويماي، - دېدى .
- مۇشۇ يەرگىچە كەپتىمەن، ئازراق قالدى ئاپىرىپ قوياي، - دېدى مۇرات ماشىنىنى ھەيدەپ بېرىپ، پورسچىنىڭ يېنىدا توختىدى، ئىككى ماشىنىنىڭ ئارىلىقىدا بىر ماشىنا پاتقۇدەك ئورۇن قالدى، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدىكى مۇنىرە دەل قارشى تەرەپ ماشىنىنىڭ شوپۇر ئورنىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغان بولۇپ، دېرىزە يېرىم ئوچۇق بولغاچقا، نادىرنىڭ قىرو باسقان يان يۈزىنى ئېنىق كۆردى.
نادىر بىرەر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ، تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلدى، قورقۇپ كەتكەن مۇنىرە دەرھال يۈزىنى بۇراپ، مۇرات بىلەن خوشلىشىپ:
- رەھمەت سىزگە، مۇرات دىرېكتور، مەن ماڭدىم. - دېدى.
مۇرات كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بولىدۇ. - دېدى.
گېپىنى تۈگىتىپلا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يېشىپ، ئىشىكنى ئىتتىرىپ، مۇنىرەنى ئاخىرقى بىر بۆلەك يولنى پىيادە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى، ئاندىن يېنىدىكى ماشىنىنىڭ ئىگىسىمۇ چۈشتى، مۇنىرە قارشى تەرەپكە سالام قىلىپ، ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ:
- كەچۈرۈڭ، كېچىكىپ قالدىم، كېلەر قېتىم بۇنداق بولماسلىقىغا كاپالەت بېرىمەن. - دېدى.
نادىر گەپمۇ قىلمىدى.
كېيىنكى سېكۇنتتا مۇراتنى كۆرۈپ، قاپىقىنى سەل تۈرۈپ:
- ئۇچرىشىشىڭىز بارمىدى؟ - دېدى
مۇنىرە دەرھال بېشىنى چايقاپ:
- ياق! - دېدى.
ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مۇنىرە كەينىگە بۇرۇلۇپ، مۇراتنىڭ چىرايىغا قارىدى، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۇلارنى تونۇشتۇرۇپ:
- نادىر ئەپەندى، بۇ بىزنىڭ شىركەتنىڭ سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇرات دىرېكتور.
مۇرات دىرېكتور، بۇياق نادىر ئەپەندى، يەنى باش لىدىرنىڭ نەۋرە ئىنىسى. - دېدى.
ئىككى جۈپ كۆز ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، مۇراتنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇ مۇنىرەنىڭ بۇ گەپنى قىلغاندىكى كەيپىياتىنى چۈشەندى.
مۇزغا ئوخشاش سوغۇق ئادەمنى قىلغان ئىشى بىلەن باغلاشقا ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدى.
نادىر ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، نەزىرىنى يۆتكەپ، مۇنىرەگە قاراپ:
- بېرىپ كىيىمىڭىزنى ئالماشتۇرۋېلىڭ، - دېدى.
ئويلىمىغان يەردىن تىل ئاڭلىمىدى، مۇنىرە مىننەتدارلىق بىلەن مۇراتقا قاراپ قويدى، ھېلىمۇ ياخشى مۇرات دىرېكتور باركەن دېدى ئىچىدە!
- سىزنى بىر مۇنچە ئاۋارە قىلىپ، شۇنچە ئۇزۇن ساقلىتىپ قويدۇم، كىيىمنى ئالماشتۇرماي، ۋاقتىڭىزنى يەنە ئىسراپ قىلىۋەتكۈدەكمەن، ئۇدۇللا ماڭايلى! - دېدى مۇنىرە.
نادىر ئاق كۆڭلەكنىڭ ئۈستىدىكى داغلارغا قاراپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنى رەت قىلىپ:
- ئالماشتۇرۋېلىڭ، - دېدى.
قارىماققا بىزار بولغاندەك قىلاتتى.
مۇنىرە ئوڭايسىزلانغان ھالدا مۇرات دىرېكتورغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، كىچىك سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.
كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ پەسكە چۈشتى، مۇرات بۇ چاغدا كېتىپ قالغان بولۇپ، قېپقالغان نادىر ماشىنىنىڭ ئىشىكىگە يۆلىنىپ، قولىدىكى قارا ئىسىم كارتوچكىسىنى ئويناۋاتاتتى.
مۇنىرە يالغان ھىجىيىپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا، نادىر ئالدى بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا يېنىك قاراپ قويۇپ:
- ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى دەپ قالدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
مۇنىرەنىڭ پۇت-قوللىرى قېتىپ، بېشى ساڭگىلاپ خاتالىقىنى تونۇپ:
- كەچۈرۈڭ. - دېدى.
- سەۋەبى نېمە؟ - دەپ سورىدى نادىر.
ئالدىنقى قېتىم سەۋەبىنى ئاڭلىمىغان ئىدىغۇ! بۈگۈن نېمىگە ئۆزگىرىپ قالدى؟!
مۇنىرە قاپىقىنى تۈرۈپ، پەس ئاۋازدا:
- كەچلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە قاتناش توسۇلۇپ قالدى ... - دېدى.
- ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ يول ئانچە توسۇلۇپ كەتمەيتتى. - دېدى نادىر.
- يەنە، يەنە دەل ۋاقتىدا بۇرىلىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرەلمەي قالدىم... - دېدى مۇنىرە.
نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ :
- پاراڭ بىلەن بولۇپ، ئىشقا دەخلى يەتكۈزدىڭىز، - دېدى.
مۇنىرەنىڭ سەل ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى يىغىنچاقلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ:
- كەچۈرۈڭ. - دېدى.
نادىر ئۇنىڭ پېشانىسىدىكى تەرگە قاراپ قويۇپ :
- ماشىنىغا چىقىڭ، - دېدى.
مۇنىرە ئادىتى بويىچە ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ، دېرىزىنى چۈشۈرۈپ، سالقىنداشنى ئويلىدى.
- ساندۇقتا ھۆل قەغەز بار. - دېدى نادىر.
مۇنىرە بىر ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۆزىنىڭ تەرلەپ كەتكەن ئالىقىنىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، قارشى تەرەپنىڭ سۈزۈك تېرىسىگە ۋە ھىجىيىپ تۇرغان يان يۈزىگە قارىدى، نېمە ئۈچۈندۇر تۇيۇقسىزلا يۈزىنىڭ قىزىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي، ئالدىراپ-تېنەپ ئىچىدىن ھۆل قەغەزنى چىقىرىپ يۈزىگە ياپتى، ئاۋازىمۇ ئىختىيارسىز سەل يۇمشاپ:
- رەھمەت، - دېدى.
ئېنىقلا <ساندۇقتا ھۆل قەغەز بار> دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە < تەرىڭىزنى سۈرتۈۋېلىڭ> دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويسىلا، ناھايىتى مۇلايىم ئاڭلىناتتى.
نادىر ئەپەندى ھەقىقەتەن قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى بىلمەيدىكەن.
ھەي، توغرا ئەمەس.
مۇنىرە ئېسىگە كەلدى، نادىر نېمىشقا قىزلارنى كۆڭلىنى ئۇتىدۇ، ئۇ پەقەت باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كەلتۈرۈشىنى ساقلاپ ئولتۇرسىلا بولىدۇ.
ھەي... كىشىلىك ھاياتتىكى پەرق نېمە دېگەن چوڭ.
بۇ يەردىكى كېرەكسىز ئورۇندىكى ئادەم پەقەت ئۇ.
- چىرايىڭىز نېمىشقا يەنە تۇتۇلۇپ قالدى؟ - دەپ سورىدى نادىر.
نادىرنىڭ چىرايىدىن ئىلاجىسىز قالغانلىقىنى بايقاپ قالغانلىقىدىن ئەس-ھوشىنى يىغقان مۇنىرە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە:
- ياشاش، تۇرمۇش بەك جاپالىق ئىكەن. - دېدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.
مۇنىرە قولىغا كىچىك دەپتەرنى ئېلىپ، قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ نادىرنىڭ تەپسىلىي پىكىرىنى خاتىرىلىۋالدى ھەم بۇ جەرياندا بىر نەچچە قېتىم بىخەستەلىك قىلىپ، خىزمەتنى قاتتىق نازارەت قىلمىغان دەپ تەنقىدلەندى، ئاخىرى بىر سائەتتىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر ۋاخ تاماق يېدى.
تاماقخانىدا تەبىئىي ھالدا نادىر ھېسابات قىلدى.
گەرچە ئۆزگەرمەس، سوغۇققان خوجايىنلىق ئورنى تەۋرەنمىسىمۇ، لېكىن مۇنىرە ئاندا-ساندا مۇشۇنداق بىر ۋاخ تاماق يېيىشنىڭمۇ ھۇزۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
قارىماققا تاماق مىقدارى ئازراق بولسىمۇ، يەنىلا قورساق تويدىكەن.
مۇنىرە ئۇدۇلدىكى تاماق تەخسىسىدە ئېشىپ قالغان قىسمىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىختىيارسىز نادىرنىڭ ئورۇق بېلىگە قاراپ:
- نادىر ئەپەندى بويىڭىز شۇنچە ئېگىز بولسىمۇ، تاماق مىقدارىڭىز بەك ئازكەن، - دېدى.
نادىر ئىشىكنى يېرىم ئېچىپ، كۆزى سوئال سورىغۇچىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ:
- سىز پاكار تۇرۇپ... - دەپ توختاپ قالدى.
دېيىش ھاجەتسىز، مۇنىرە دەرھال < ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ> ھەرىكىتىنى ئىشلەپ، مۈرىسىنى قىسىپ ئۇدۇل بېرىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
ئاشقازىنى شۇنچە كىچىك تۇرسا، كېيىن قىز دوستىغا ياردەملىشىپ كۆپ ئېلىۋالغان تاماقلارنى يېيىشىپ بەرمىسە، چوقۇم لاياقەتسىز ئوغۇل دوست بولۇپ قالىدۇ.
مۇنىرە ئىچىدە مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقاندا، يېنىدىكى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالغان نادىر ھۆتۈلۈپ قويدى.
دەل ۋاقتىدا قولىنى سوزۇپ يۈزىنىڭ تۆۋەنكى يېرىمىنى توسۇپ ھەم ئاۋازىنى ئامال بار بېسىۋېلىپ يۆتەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋازى ئىنچىكە بولۇپ، مۇنىرە بۇنىڭغا نازاكەتلىك يۆتىلىش دەپ ئىسىم قويدى.
نادىرنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى، ئۇ گويا بىرەر نەرسىگە تاقەت قىلىپ تۇرغاندەك، ئاخىر بېشىنى يېنىك چايقىدى، ئاندىن بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يەنە بىر قېتىم چىڭ سىقتى.
مۇنىرە شۇندىلا نادىرنىڭ كۆزىنىڭ قىزارغانلىقىنى، نەپەس ئېلىشىنىڭ ئادەتتىكىدىن ئېغىرراق ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئاغرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
تەپسىلىي قارىغاندا، بۇ ئادەم تۇنجى قېتىم كۆرگەن چاغدىكىدىن خېلىلا ئورۇقلاپ قاپتۇ، ئەجەبا ئۇزۇن يىل سىرتلاردا يۈرۈپ، ئەمدىلىكتە قايتىپ كېلىپ، ئەكسىچە بۇ يەرنىڭ سۇ-تۇپرىقىغا كۆنەلمىگەنمىدۇ؟
- سىزگە.... - دېدى مۇنىرە.
- سەل چارچاپ قالدىم، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋېلىڭ، - دېدى نادىر.
- ھە. - مۇنىرە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالدى، نادىرنىڭ داۋاملىق سۆزلىگۈسى كەلمىدى، مۇنىرەنىڭمۇ داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەيدانى يوق، پەقەت دېرىزىگە قارىغان ۋاقتىدا ئىختىيارسىز نادىرنىڭ دېرىزىدە ئەكس ئەتكەن يېرىم غۇۋا يان يۈزىگە دىققەت قىلدى.
خويمۇ خىجىل بولدى، ئاغرىپ قېلىپ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلمەي، ئىشتىھاسى ياخشى ئەمەسكەن دېگىنى نېمىسى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar