گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم21-قىسىم _ كېلىشكەن

文摘   小说   2024-11-25 13:59   中国  

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 92 -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم   第9部

قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716










گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675
8483828180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
109108107106105


112111110





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

20-قىسىم



 


 


21-قىسىم

كېلىشكەن


زۇبەيدە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -  ھىم، ھەممە ئېتىراپ قىلغان كىنو ئارتىسى، بۇ چىرايىڭىز، ھەقىقەتەن كېلىشكەن... - دېدى. 

زەپەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەقلىق يوسۇندا كۆرەڭلەپ:

 -  ئەمدى بولسىمۇ، كۆزىڭىز مال تونۇپ قالدى. مېنى ياخشى كۆرىسىڭىز، مەن سىزگە مەستانىلىرىم ئېرىشەلمىگەن پاراۋانلىقنى بېرىپ قېلىشىم مۇمكىن.  - دېدى.

 -  مەسىلەن؟ - دېدى زۇبەيدە. 

- نېمە بولسا بولۇۋېرىدۇ. مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن، مەن زىيان تارتمايمەن.  سىز ئۈچۈن شۇنچە كۆپ تاياق يېدىم، سىز ھەقىقەتەن ماڭا تولۇقلاپ بېرىشىڭىز كېرەك. - دېدى زەپەر.

زۇبەيدە لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

  -  ئۇنداقتا سىز قانداق تۆلەم ئالماقچى؟ - دېدى .

زەپەرنىڭ كۆزلىرى پىرقىراپ لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ :

 -  مەسىلەن، ئۆزىڭىزنى ئاتاش دېگەندەك... - دېدى. 

زۇبەيدە ئۇنىڭغا قاراپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.

بۇ چاغدا كېسەلخانىنىڭ ئىشىكى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ، مەۋلان سوغۇق شامال چىقىرىپ، قاتتىق غەزەپ بىلەن كىرىپ كەلدى.

زۇبەيدە كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ قوشۇمىسى سەل مىدىرلىدى.

ئەمما گەپ قىلمىدى، مەۋلان كېلىپلا ئۇنىڭ مۈرىسىدىن چىڭ تۇتۇۋېلىپ:

- ئۇ سىزدىن گەپ سوراۋاتىدۇ،  نېمىگە ئىككىلىنىسىز؟  - دېدى.

زۇبەيدە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

  -  شۇنچە مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە، مەن ئەلۋەتتە ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشىم كېرەك.  - دېدى.

مەۋلاننىڭ چىرايى تېخىمۇ قارىداپ:

  -  ياخشى ئويلىنامسىز؟  زۇبەيدە، سىز زادى نېمە قىلماقچى؟ - دېدى. 

 -  يەنە نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟ ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا زادى قانداق جاۋاب بېرىشتە ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئويلىنىپ بېقىشىمغا توغرا كېلىدۇ.  - دېدى.

مەۋلاننىڭ چىرايى تېخىمۇ سەتلىشىپ:

  -  سىز ئۇنىڭ تېزراق ئورنىدىن قوپالماس بولۇپ قېلىشىنى خالامسىز؟ ! - دېدى.

 زۇبەيدە ئۇنىڭغا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ:

- سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر  ئۇنى ئورنىدىن قوپالماس قىلىپ قويسىڭىز، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟  - دېدى.

مەۋلاننىڭ چىرايى  بىردىنلا ئۆڭۈپ كەتتى.

ئەگەر زەپەرنى بىرەر نىمە قىلسا ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

ئەگەر راستتىنلا بىرەر ئىش چىقسا ئامانگۈلنىڭ ئىشى بىلەن ئوخشاش نەتىجە چىقىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر ئادەمنىڭ ھاياتى چېتىلىپ قالسا، يەنە قانداق ياخشى نەتىجە چىقاتتى؟ !

مەۋلان زۈبەيدەنىڭ   بىر ئۆمۈر ئۆچ بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.

زۇبەيدە مۈرىسىدىن مەۋلاننىڭ قولىنى چۈشۈپ، كېسەل كارىۋىتى ئالدىغا قاراپ نەچچە قەدەم مېڭىپ:

  -  سىزنىڭ يارىلىنىشىڭىز  مېنىڭ سەۋەبىمدىن بولدى، نېمىلا دېگەن بىلەن مەن سىزگە جاپا سالدىم، يەنە كېلىپ سىز ماڭا ۋە شىركىتىمگە مېھمان، قانداقلا بولمىسۇن مەسئۇلىيەتتىن قاچالمايمەن،  قانداق ئېھتىياجىڭىز بولسا دەۋېرىڭ،  ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش مېنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىم.  - دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان مەۋلان قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

  -  ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش سىزنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىڭىزمۇ؟  ئۇنتۇپ قالماڭ، ئېرىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ ھازىر بىمار، دوختۇرخانىدىن چىقمىدىم! سىزنىڭ ماڭا نىسبەتەن مەسئۇلىيىتىڭىز بولۇپلا قالماي، يەنە مەجبۇرىيىتىڭىز بار! - دېدى.

 -  سىز بىر بىمار تۇرۇپ سالامەتلىكى ياخشى  ئادەمنى مۇشۇنداق ئۇرۇپ  دوختۇرخانىغا كىرگۈزۈپ قويالامسىز؟ يەنە تېخى باشقىلارنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاجمۇ؟  - دېدى زۇبەيدە.

مەۋلان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:

  -  سىزنىڭچە مېنىڭ يارىلىنىشىمغا كىم سەۋەبچى بولدى؟ - دېدى. 

زۇبەيدە يېنىك كۈلۈپ قويۇپ:

  -  سىزنىڭچە مەن شۇمۇ؟ شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا زەپەرمۇ سىزنىڭ قولىڭىزدا مۇشۇنداق بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا  مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك ئادەم سىز بولۇشىڭىز كېرەكقۇ دەيمەن؟ - دېدى. 

مەۋلان بۇ قېتىم گەپ قىلالمىدى.  

زۇبەيدە يەنە ئۆز-ئۆزىگە:

  -  ئۇنداق بولسا، بۇ يەردە تۇرساممۇ ئارتۇق ئادەم بولۇپ قالغۇدەكمەن.  ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ئىككىڭلار... ئىختىيارى ئولتۇرۇڭلار! - دېدى. 

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنىمۇ ئېچىپ بولدى.

ئىشىك يېپىلغاندا، ئۆيدە پەقەت مەۋلان بىلەن زەپەرلا قالدى.

ئىككى ئادەمنىڭ تۆت كۆزى بىر ـ بىرىگە قارىشىپ، ئاغزى بىلەن كۆزلىرى تەڭلا قىسىلىپ، تۈرۈلۈپ قالدى.

 كۆزلىرىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ، ھاۋا بوشلۇقتا بىر مەيدان كەسكىن ئېلىشىش يۈز بەردى.

-  مەندىن يىراقراق تۇرۇڭ،  ئۆمرۈم قىسقا بولۇپ قالمىسۇن! - دېدى زەپەر ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىپ. مەۋلانغا ھەقىقەتەن ئۆچ بولدى.

نېمىشقا بۇ ئەخمەق ئۈچۈن بۇنداق چوڭ بەدەل تۆلەيدۇ؟

تازىمۇبىر، ئويلىغانسېرى  كۆڭلى شۇنچە پاراكەندە بولۇۋاتاتتى.

ئالدى بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن بىزار بولغان مەۋلاننىڭ چىرايى تېخىمۇ قارىداپ:

 -  ھەقىقەتەن، سىزنى كۆرسەملا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئۇرۇۋەتكۈم كېلىدۇ! تېخى مەن ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالامدىم... - دېدى.

 -  چىقىپ كېتىڭ، يوقىلىڭ! - مەۋلاننىڭ گېپى  بىلەن تەڭ زەپەر قولىنى كۆتۈرۈپ يىرگىنىشلىك قىياپەتتە ئۇنى قوغلىدى.

مەۋلان  ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولسا، بىر كېچىدىلا نەچچە يىللىق ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ! ئۇنىڭ يەنە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈسى بار.

مەۋلان قاپىقىنى تۈرۈپ، ئۇنىڭغا سوغۇق قاراپ:

  -  ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، بۇنىڭدىن كېيىن ئايالىمدىن يىراقراق تۇرۇڭ، بولمىسا، كېلەر قېتىم... - دېدى. 

- قانداق قىلىسىز، مىيىپ قىلىپ قويامسىز؟ ـ دېدى زەپەر سوغۇق كۈلۈپ،  ـ زۇبەيدە سىزنى بىر ئۆمۈر كەچۈرمەيدۇ، ئىشىنەمسىز؟ - دېدى. 

مەۋلان چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ:

  -  مېنى ئاگاھلاندۇرمىدى دەپ ئاغرىنماڭ. - دېدى.  

 زەپەر ئەمدى گەپ قىلمىدى، ئەمما مەۋلان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئەنسىزلىك بىلەن ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

 زۇبەيدە دېگەن بۇ ئايال، ھەقىقەتەن ئادەمنى خاتىرجەم قىلمايدۇ.

بۇ چاغقىچە پۇشايمان قىلدىمۇ تېخى؟

زەپەرنىڭ ئاشۇ چىرايىنى كېلىشكەن دەپ كېتىپتۇ!؟

يەنە تېخى ئۆزىنى ئاتاشنى ئويلىشىپ باققۇدەك!؟

ئىشىكنى ئېچىپلا، زۇبەيدەنىڭ  لىفىت كۈتۈش زالىدا لىفىت ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

مەۋلان ئىتتىك مېڭىپ، زۇبەيدە چىققان لىفىتنىڭ ئىشىكى يېپىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە، قولىنى لىفىتقا كىرگۈزدى.

لىفىت يەنە ئېچىلدى، زۇبەيدە ئۇنىڭغا سۇس قاراپ قويۇپ:

 -  زەپەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمامسىز؟ - دەپ سورىدى.

 -  مەن تېخى بىر بىمار! - دېدى مەۋلان.

زۇبەيدە پۇتىنى كۆتۈرۈپ لىفىتنىڭ سىرتىغا قاراپ مېڭىپ:

- ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاي.  - دېدى.

مەۋلان قولىنى سوزۇپلا تۇتۇۋېلىپ:

 -   بېرىپ سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالامسىز! - دېدى.

زۇبەيدە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- مەۋلان، ھازىر ئاچچىقلىنىدىغان، كۈنلەيدىغان ۋاقىت ئەمەس. زەپەر مېنى دەپ، سىزنىڭ قولىڭىزدا يارىلاندى، ئۇ مېنىڭ دوستۇم بولۇپلا قالماي، يەنە شىركىتىمنىڭ ئوبراز ۋەكىلى، نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ. سىزنىڭچە ئەگەر ئۇ يارىلىنىپ مەيدانغا چىقسا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ - دېدى. 

مەۋلان خاپا بولۇپ:

  -  ئۇ ئاۋۋال ئېرى بار ئايالنى ئازدۇردى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانسا خوپ بوپتۇ!  - دېدى.

- ئۇنىڭغا خوپ بولدىمۇ تېخى؟ بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمنىڭ ھەقىقەتەن ئېنىق ئەمەسلىكىمنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېتىراپ قىلغانلىق بولمامدۇ؟

ئەگەر بۇ ئىش تارقىلىپ كەتسە، ماڭا، سىزگە، ئائىلىڭىزگە نېمە پايدىسى بار؟

بۇ پىتنە-پاساتنىڭ قىزغىنلىقى مېنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىمنىڭ قىزغىنلىقىنى بېسىپ چۈشتى، ئۇنداقتا مەن شۇنچە جاپالىق تەييارلىق قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ نېمە پايدىسى، سىزنىڭچە مەن خەقنىڭ ئالدىدا ئويۇن قويۇۋاتامدىم؟ - دېدى. 

مەۋلاننىڭ چىڭ يۇمۇلغان لەۋلىرى بىر ئاز مىدىرلىدى،ئەمما بىر ھازاغىچە ئاۋاز چىقىرالمىدى.

زۇبەيدە قولىنى تارتتى، ئەمما مەۋلاننىڭ قولىنى قويۇۋېتىش خىيالى يوقتەك قىلاتتى.

ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مەۋلانغا قارىدى، مەۋلان سەل ئوڭايسىزلىنىپ:

  -   ئادەمنى مەن ئۇردۇم،  ئۇنىڭغا قاراشقا ئادەم ئەۋەتتىم...  سىز بارماڭ... - دېدى. 

ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە ئېغىز گېپى پاشا، چىۋىن غۇڭۇلدىغىنىدەك ئىنچىكە، ئۇۋالچىلىق ئىچىدە دۇدۇقلاپ چىقتى.

 زۇبەيدەنىڭ لەۋلىرىدە بىلىنەر - بىلىنمەس كۈلكە پەيدا بولۇپ:

 - ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانغا قانداقراق ئادەم تاپقانلىقىڭىزنى كىم بىلىدۇ؟ - دېدى.

مەۋلان ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ،  تارتتى، زۇبەيدەنىڭ لىفىت كۇنۇپكىسىنى باسماقچى بولغان قولىمۇ مەجبۇر قايتىپ كەلدى.

لىفىت ئىشىكى تاقالدى.

 -  سىز بارمىسىڭىزلا، مەن ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى قارىغۇچى تېپىپ بېرىمەن.  -  زۇبەيدەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە مەۋلاننىڭ پەس ئاۋازى ياڭراپ،  قۇلىقى قىزىرىپ كەتتى.

 زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ،  مەۋلاننىڭ بېلىگە قويۇلغان قولىنىڭ سەل-پەل چىڭىپ، ئىسسىق لەۋلىرىنىڭ پات-پات ئۇنىڭ قۇلاق يۇمشىقى تېگىپ، ئۇياق-بۇياققا ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ ئۆزىنى سەل-پەل قاچۇرۇپ، ئاندىن قولىنى سوزۇپ مەۋلاننى ئىتتىرىۋەتتى.

چىرايى بىر ئاز سوۋۇپ:

- قارىغاندا ئامانگۈلغا ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىلىدۇ. - دېدى.

ئامانگۈل دېگەن بۇ گەپ مەۋلاننىڭ قاش-كۆزلىرىنى ئىختىيارسىز چەكچەيتىپ قويدى، يېقىندىن بۇيان بۇ ئىسىمنى ئاڭلايدىغان قېتىم سانى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى، ھەر قېتىم ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ كەيپىياتى مۇقەررەر ھالدا ناچارلىشىپ كېتەتتى.

- ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېنىق دېدىم.  - دېدى مەۋلان.

- نېمىنى ئېنىق دېدىڭىز؟ - دېدى زۇبەيدە.

لىفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، مەۋلاننىڭ ياتىقى بار قەۋەتكە چىقتى، زۇبەيدە ئالدى بىلەن لىفىتتىن چىقتى، مەۋلان ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

 -  مەن ئۇنىڭغا ئاجراشمايدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىمنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دېدىم...   - دېدى مەۋلان.

زۇبەيدە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:

  -  ئەگەر مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر ئايالنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولسام،  چوقۇم تەن بەرمەيمەن...  سىز ئاجراشمايمەن دېسىڭىز، ئۇ سىزگە ئۇۋال بولغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئۇ چوقۇم سىزگە ياردەم قىلىپ قۇتۇلدۇرۋالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاشىق-مەشۇقلار مۇرادىڭلارغا يېتىسىلەر، - دېدى. 

 -  كىم كۆڭلۈمدە ئۇنى بار دەيدۇ؟ - دېدى مەۋلان. 

مەۋلاننىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى، بۇ ئايال ھەمىشە ئۆزى ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭىدىكەن!

- ئۇنداقتا كۆڭلىڭىزدە كىم بار؟  - دېدى زۇبەيدە.

زۇبەيدە بۇ گەپنى ئۇدۇللا سورىدى، بۇ چاغدا مەۋلاننىڭ ياتىقىغىمۇ كىرىپ بولغان بولۇپ، كارىۋاتتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانىنى تاپتى.

ئوتتۇرىدا كارىۋات  ئايرىپ تۇرغان ھالەتتە مەۋلانغا قاراپ:

 - ئەجەبا ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە يىل ئارىلاشقان مۇھەببىتىڭىز يالغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ كەتكەن بۇ بىر نەچچە يىلدا، سىز نېمىشقا ۋاز كەچمەي ئۇنىڭ خەۋىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرىسىز؟ سىز ماڭا كۆڭلۈمدە ئۇ يوق دېدىڭىز، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دېدىڭىزمۇ؟ - دېدى. 

مەۋلان قاپىقىنى تۈرۈپ:

  -  ئەگەر مەن شۇنداق دېسەم، سىز ئىشىنەمسىز؟ - دېدى. 

زۇبەيدە ئىككى قولى بىلەن ئىسسىق ساقلاش ئىستاكاننى تۇتۇپ تۇرۇپ:

  -  ئىشەنمەيمەن. مېنىڭ كۆزۈم بار، ئامانگۈلدىن باشقا، سىز يەنە قايسى ئايالنىڭ يېنىڭىزدا دائىم پەيدا بولۇشىغا يول قويالايسىز؟  كۆڭلىڭىزدە ئۇ يوق بولسا،  ياخشى كۆرمىسىڭىز، ئۇنداقتا  كىمنى ياخشى كۆرىسىز؟  - دەپ سورىدى.

بارماقلىرىنىڭ ئۇچى ئاقىرىپ، ئالىقىنى  سوۋۇدى.

مەۋلان ئۇنىڭغا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز گەپ-سۆز قىلماي كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى.

زۇبەيدە لەۋلىرىنى چىڭ يۇمدى، قاش - كۆزلىرى قىسىلغان شۇ دەقىقىدە، كۆزلىرىدە  مەيۈسلۈك پەيدا بولدى.

قاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كېسەلخانىنىڭ ئىشىكى قۇلۇپلاندى.



 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章