كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
11-قىسىم
11 - قىسىم
ئەمدى كۆرۈشكەن كونا تونۇشلار
مۇنىرەنىڭ كۆزى ئۇنىڭ خىزمەت تاختىسىغا چۈشتى، سېتىش دىرېكتورى دېگەن خەت كۆزىگە چېلىققاندىن كېيىن سەل ھەيران بولۇپ:
- مۇرات دىرېكتور ياخشىمۇسىز، سىزنىڭ شىركەتتە پەيدا بولۇشىڭىز بەك تەس. - دېدى.
مۇرات بوينىدىكى خىزمەت تاختىيىغا قاراپ مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، كىشىگە يېقىملىق تەسىر بېرىدىغان تەبەسسۇم قىلىپ، - شۇ ئەمەسمۇ، يىل بويى سىرتلاردا يۈرۈپ، شىركەتتە تۇرىدىغان ۋاقتىم بىر ئايغىمۇ يەتمەيدۇ، - دېدى.
- بىراق مەن سىزنىڭ داڭقىڭىزنى ئاڭلىغان، كۆپچىلىكنىڭ سىزگە بولغان تەرىپى ناھايىتى ياخشى، مېنىڭمۇ ئىزچىل سىز بىلەن كۆرۈشۈم بار ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشتە مۇشۇنداق ئىش يۈز بەردى، ... ئېسىمدىن چىقمايدىغان بولدى، - دېدى مۇنىرە خۇشال ھالدا، بۇنىڭ بىلەن كۆڭلى سەل ئارام تېپىپ، - بۇمۇ ياخشى بولدى، كېلەر قېتىم يولدا ئۇچرىشىپ قالساق، مۇرات دىرېكتور مېنى ئاسانلا تونۇۋالىدىغان بولدىڭىز، - دېدى.
- ھا، ھا. - مۇرات خۇشخۇي كۈلۈپ قويۇپ، - بۇ قېتىم سىزگە بۇنداق چوڭ <كۆرۈشۈش سوۋغىسى> بەردىم، تونۇيالماي قېلىشىم تەس... كىيىمىڭىزنى يەنىلا تېزراق ئالماشتۇرۋېتىڭ، بەك سەت بولدى. - دېدى .
- ھېچقىسى يوق........ مۇرات دىرېكتور خەير - خوش ئەمسە، - دېدى مۇنىرە.
- خەير-خوش. - دېدى مۇرات.
گەرچە كىيىملىرى مەينەت بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇنىرەنىڭ كەيپىياتى قىسقىغىنا سۆھبەتتىن خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئۇ ئىختىيارسىز مۇرات بىلەن نادىرنى سېلىشتۇردى، ئوخشاشلا ياش تالانت ئىگىسى، دەرۋەقە يەنىلا سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار گەپكە ئۇستا بولىدىكەن.
كىيىمدىكى قەھۋە دېغىنى سۇ بىلەن چايقىغانغا پاكىز چىقمايدۇ، مۇنىرە مەينەت كىيىمنى كىيىپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىرى ئىشتىن چۈشتى.
شىركەت بىناسىنىڭ ئاستىدا ئادەم ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كوچىلارغا، ئاندىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، مېتروغا ئولتۇرماي، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ قايتماقچى بولدى.
دۈت - دۈت
ماشىنىنىڭ گۈدۈك ئاۋازى كۆتۈرلۈۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
قارا رەڭلىك ماشىنىنىڭ دېرىزىسى چۈشۈرۈلۈپ، مۇراتنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايى نامايەن بولۇپ:
- مۇنىرە، سەۋەنلىكىمنى يۇيۇش ئۈچۈن، بۈگۈن سىزنى ئاپىرىپ قوياي. - دېدى.
پۇل تېجىگىلى بولسا ئەلۋەتتە ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇرات چىقىشقاق بولغاچقا، مۇنىرەمۇ قىلچە ئىككىلەنمەيلا ماشىنىغا چىقىپ:
- ئۇنداق بولسا، مۇرات دىرېكتور سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. - دېدى.
مۇرات كۈلۈپ تۇرۇپ:
- تۈزۈت قىلماڭ، ئەگەر بايا تۈزۈت قىلغان بولسىڭىز، سىزگە قانداق نەسىھەت قىلىشنى بىلەلمەيتتىم. ئىشىك ئالدىدا ئادەم ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، يەنە تۇرۇۋەرسەم يولمۇ توسۇلۇپ قالاتتى. بۇ يەردە خىزمەت قىلىشقا كۆنەلىدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى.
- بۇ يەرنىڭ خىزمەت كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى، خىزمەتكە چۈشۈپلا ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشىم بىلەن چىقىشىپ قالدىم، ئۆزى قىزغىن ھەم ئەستايىدىل، يېڭى شىركەتكە كىرگەندىكى خىجىللىقنى ئازراقمۇ ھېس قىلمىدىم. - دېدى مۇنىرە.
- سىلەرنىڭ گېپىڭلار بىر يەردىن چىقىپ قاپتۇ، سىزدىن بۇرۇن ئىشلىگەن ھېلىقى كاتىپ ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق ياخشى ئۆتەلمىگەن. خوجايىنمۇ خېلى چىقىشقاق، چاقچاق قىلىشقا ئامراق ، - دېدى مۇرات.
مۇنىرە بۇ پىكىرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:
- خۇجايىنمۇ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى دېيىشكە ئامراق... دەسلەپتە كەلگەندە، ئۇ تېخى ماڭا شىركەتتىكى بويتاقلارنى تونۇشتۇرۇپ قويايمۇ دەپ سورىدى، يەنە ماڭا ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ مىجەز-خۇلقىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ بەردى، قىزغىن سۆزلەپ كەتسە گېپىنىمۇ بۆلۈۋەتكىلى بولمايدىكەن، - دېدى .
.-ھا... ھا... - مۇرات قاقاقلاپ كۈلۈپ قويۇپ، - ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا مەن يېڭى كەلگەن چاغدىمۇ شۇنداق قىلغان، كېيىن سورىسام، ئىشخانىدا مۇھەببەتلىشىشكە قارشى تۇرمايدىكەن، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىسىلا، شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇھەببەتلىشىپ، توي قىلىشىنى ئالاھىدە قوللايدىكەن، ئەگەر بىر تەرەپ رۇخسەت سورىسا، يەنە بىر تەرەپ خىزمىتىنى قىلىپ قويسا، ئارتۇق ئىش ھەققى بەرمىسە، خىزمەتداشلار ئارا تېخىمۇ ئىناق ئۆتكىلى بولىدۇ، ھېچكىم رۇخسەت سورىمىغان تەقدىردىمۇ بىرى يېتىشەلمىسە يەنە بىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا يەنە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ ، - دېدى .
مۇنىرەمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كېتىپ:
- ئۇ بەك ئوبدان ئويلاپتۇ. - دېدى.
مۇرات بىلەن چىقىشىپ ئۆتمەك نېمە دېگەن ئاسان، ئۆزى پاراڭ تېمىسى ئىزدىمىسىمۇ، بىر گەپنىڭ كەينىدىن بىر گەپ چىقىپلا تۇرىدىكەن. ئۇ پەقەت قارشى تەرەپكە ماسلىشىپ بەرسىلا بولدى.
نادىر ئەپەندىمۇ شۇنداق بولغان بولسا...
مۇنىرە مۇشۇنداق ئويلاپ تۇرغاندا دەل شۇ ئادەمدىن تېلېفون كېلىپ قالدى.
- كەچۈرۈڭ، تېلېفون كېلىپ قالدى، - دېدى مۇنىرە.
مۇرات بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ھېچقىسى يوق، ئېلىۋېرىڭ، - دېدى مۇرات.
مۇنىرە سومكىسىدىن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، كەلگەن نومۇرغا قاراپ ئۈچ سېكۇنت تۇرۇپ قېلىپ، گېلىنى سۈزۈپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- ۋەي مەن مۇنىرە. - دېدى.
ئەجەب نەس باستى، بايا كۆڭلىدە بۇ ئادەمنى ئويلاپ تۇرسا، تېلېفون قىلغىنى قارا.
ئالدىنقى دەقىقىدە كۈلكە-چاقچاق قىلغان مۇنىرە ئەمدىلىكتە خىزمەت ھالىتىگە قايتىپ قەستەنلىك بىلەن ئاۋازىنى يۇمشاق چىقىرىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، نادىرغا بولغان بىئاراملىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.
- ئىشتىن چۈشتىڭىزمۇ؟ - دېدى نادىر.
ئادەتتە مۇشۇ ۋاقىتتا، ئۇ يەنىلا بېزەش ئىشى ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ يۈرسە توغرا بولاتتى.
- شۇنداق، نادىر ئەپەندى، بۈگۈن ئازراق تاسادىپىيلىق يۈز بەردى، شۇڭا ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشتۈم. - دېدى مۇنىرە.
كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى، ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشتۈم؟؟!
- كىيىمىڭىز مەينەت بولۇپ كەتتىمۇ؟ - دەپ سورىدى نادىر.
مۇنىرە چۆچۈپ كېتىپ:
- قانداق بىلدىڭىز؟ ھە، ياق، ياق، ياق، خوجايىن سىزگە دەپ بەردىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە ھەيرانلىقتا ھەتتا ھۆرمەت سۆزىنىمۇ ئىشلىتىشنى ئۇنتۇپ قالدى.
- خالىغانچە پەرەز قىلدىم. - دېدى نادىر.
- ۋىيەي بۇنى قانداق پەرەز قىلغىلى بولىدۇ... ھىم، ئۇنداق ئەمەس، كەچۈرۈڭ نادىر ئەپەندى، مەن سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم، سىز ماڭا ياردەم قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويامسىز؟ - دېدى مۇنىرە.
مۇرات ئۇنىڭ بىردەمنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگىرىشچان ئىككى خىل ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ، ناھايىتى قىزىقارلىق ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە قىزىقىپ قالدى، مۇنىرەنىڭ بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق ئاۋايلاپ گەپ قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلمەكچى بولغانلىقى بىر - بىرىگە زىت ئىدى.
- ئەگەر سالامەتلىك سەۋەبىدىن بولسا، سىزمۇ بىۋاسىتە بىئارام بولۇۋاتىمەن دەيسىز. - دېدى نادىر.
مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتتى، بۇ دېگىنىمۇ ئورۇنلۇق.
- ئەگەر ئۆيىڭىزدە بىرەر تاسادىپىيلىق كۆرۈلگەن بولسا، تەلەپپۇزىڭىز بۇنداق تىنچ چىقمايدۇ، - دېدى نادىر.
ھىم، ئاساسى بار.
- سالامەتلىك ياكى ئۆيدىكىلەرنىڭ سەۋەبىدىن بولمىغاندىكىن، يۈز بەرگەن تاسادىپىيلىق ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن كۆرۈلگەن بولىدۇ. بۈگۈن چىقالامسىز، بېزەش جەريانىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى يۈز تۇرانە بېكىتىشمىز كېرەك. - دېدى نادىر.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، مۇنىرە بىردىنلا بىر خىل ئېچىنىش ھېس قىلدى، قاچاندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشىشىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر پەيدا بولۇپ قالدى؟
- شۇنداق، ئاۋۋال كىيىمىم ئالماشتۇرۇپ ئاندىن سىز تەرەپكە ئۆتىمەن، تەخمىنەن بەش يېرىم ئەتراپىدا. - دېدى مۇنىرە.
- ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن سىزنى ئالغىلى باراي. - دېدى نادىر.
- بولىدۇ. - دېدى مۇنىرە. قارشى تەرەپنىڭ تېلېفوننى قويۇۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇھ تارتىپ قويۇپ، تېلېفوننى سومكىسىغا سالدى.
مۇرات كۈلۈپ تۇرۇپ:
- يەنە قىلىدىغان باشقا خىزمىتىڭىز بارمۇ؟ كىمنىڭ ئىشى، كەچتىمۇ سىرتقا چىقامسىز؟ - دەپ سورىدى.
- خۇجايىننىڭ نەۋرە ئىنىسى قايتىپ كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى، ئۆي سېتىۋېلىپ بېزىمەكچىكەن، مەن ھازىر مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل. - دېدى مۇنىرە.
- بىۋاسىتىلا بېزەكچىلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشسا بولمامدۇ؟ - دېدى مۇرات.
- بىر شىركەت بىلەن توختاملاشتى، بىراق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، - دېدى مۇنىرە.
مۇرات چۈشەنگەندەك بولۇپ:
- نادىر ئەپەندى، ئۇششاق ئىشلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەمدەك قىلىدۇ؟ - دېدى.
مۇنىرە ئىختىيارسىز مۇراتقا قايىللىق بىلەن قاراپ قالدى.
نېمىدېگەن كۆيۈمچان، نېمىدېگەن سىپايە ھە، بۇ يەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش دېگەن سۆزنى ئىشلەتكىنى قارا، مۇنىرە يىغلىۋەتكۈدەك بولۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar