كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
21 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
21-قىسىم
22-قىسىم
ۋىسال
زۈبەيدە ھەيران بولۇپ:
-نېمىشقا ئىشىكنى تاقىۋىتىسىز؟-دەپ سورىدى.
مەۋلان گەپ قىلماستىن چاپىنىنى ۋە كۆينىكىنى سېلىپ زۈبەيدەگە ئېتىلىپ كەلدى.
زۈبەيدەنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ؛
-ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ ساراڭلىق قىلسىڭىزمۇ بېرىپ ئامانگۈلنى ئىزدەڭ، ئۇ سىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىزنى ئېغىر ئالمايدۇ؟ -دېدى.
-سىز .. زۈبەيدە، نېمىشقا ھە دېسىلا ئۇنى تىلغا ئالىسىز-دېدى مەۋلان.
- سىز مېنى ئۇنى تىلغا ئالغۇسى بار دەپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەجەبا ئۇ سىز تېپىۋالغان ئايال ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كىچىككىنە ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپلا ئەنسىرەپ كېتىپ قالغان ئەر سىز ئەمەسمۇ؟ سىزنىڭ قىلغىنىڭىز ئورۇنلۇق، مېنىڭ دېگىنىم، قىلغىنىمنىڭ ھەممىسى خاتامۇ؟
مەن ئۇنى تىلغا ئالمىساممۇ بولىدۇ، مەيلى ئۇ بولسۇن ياكى سىز بولۇڭ، مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. پەقەت ئاجرىشىپ كەتسەڭلا تىلغا ئالمايدىغان بولىمەن- دېدى زۇبەيدە.
- زۇبەيدە، بىر ئايال كۈندە ئاجرىشىدىغان ئىشنى تىلغا ئېلىپ يۈرسە، ئەدىپىنى يەيدۇ بىلەمسىز! - دېدى مەۋلان.
- ئەگەر قوشۇلسىڭىز، بۇ ئۆمرىڭىزدە پەقەت بىر قېتىملا ئاڭلايسىز. - دېدى زۇبەيدە.
مەۋلان بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى.
زۇبەيدە بىر نەچچە سېكۇنت توختاپ، قولىنى سوزۇپ مەۋلاننى ئىتتىرىۋېتىپ:
- ئۇ ياخشى بولسا بېرىپ ئۇنى ئىزدەڭ، ھەممىمىز ئايال كىشى، سىزنى خۇشال قىلالايدىغان ئۇسۇللىرى بار، - دېدى.
مەۋلاننىڭ چىرايى بىردىنلا تۇتۇلۇپ كەتتى، زۇبەيدەنىڭ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىلىكىنى سوزۇپلا، ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋېلىپ:
- لېكىن، ماڭا سىز كېرەك، - دېدى.
زۇبەيدە لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ:
- كۆڭلىدە باشقا ئاياللارنى ئەسلەپ، لېكىن بەدىنى يەنە باشقا بىر ئايالنى خالىسىلا مەنىۋى بىلەن روھى جەھەتتىن تەڭلا يولدىن چىققان بولىدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۆتۈپ كەتكەن داشقالدەك ھېس قىلمامسىز؟ - دېدى.
- كاللىڭىزدا نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز، مەن سىزگە ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن دېدىم. - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە بېشىنى بۇراپ ئۇنىڭغا قارىمىدى.
مەۋلان ئۇنىڭ جاھىل، سوغۇق مۇئامىلىسىگە قاراپ، كۆڭلىدىكى غەزىپىنى بېسىپ، ئاۋازىنى ئامال بار پەسەيتىپ:
- مېنىڭ ئۇنى كۆرگىلى كېلىشىمدىكى سەۋەب... ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، بىرەر چوڭ چاتاق چىقسا ھەممە ئادەمگە ياخشى بولمايدۇ، ئەگەر جېدەل چىقىپ قالسا، ئاشۇ بىكار - تەلەت كىشىلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. - دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ زۇبەيدە بىز ئاز جىمىپ، ئۇنىڭغا قارىدى.
- سىز ئەسلىدىنلا ماڭا ئۇۋال قىلىپ غەلۋە قىلىۋاتسىڭىز، يەنە بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، باشقىلار سىزنىمۇ تارتىپ تىللىسا، سىز ماڭا ياخشى كۈن كۆرسىتەمسىز؟ - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە رەددىيە بېرىپ:
- كىم سىزگە ئۇۋال قىلىپ غەلۋە قىپتۇ؟ - دېدى.
- سىز قىلمىدىڭىز، ھېچنېمە قىلىپ باقمىدىڭىز بولىدىمۇ؟ مۇشۇنداق تۇيۇقسىز مېنى قىيناشنىلا بىلىسىز، - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- ئۇنداقتا بۇمۇ مېنىڭ خاتالىقىممۇ؟ - دېدى .
- ياق، مەن خاتا قىلدىم. مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا باشقا ئاياللارنى قوبۇل قىلماسلىقىم ، ھازىرمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ قالماسلىقىم كېرەك ئىدى، سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يېنىڭىزدىن كېتىپ، باشقىلارغا <كۆڭۈل بۆلۈش> كە تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىم كېرەك ئىدى. شۇڭا، مەن ھازىرلا سىزگە تولۇقلاپ بېرەي... - مەۋلان سۆزلەۋېتىپ، يېقىنلاپ كەلدى.
نېمە غەرىزى بارلىقى تېخىمۇ ئېنىق بولدى.
زۇبەيدە دەرھال ئۇنى توسۇپ:
- ئۇنداق قىلماڭ... بۇ يەر دوختۇرخانا! - دېدى.
- ئىشىكنى تاقىۋەتتىم، - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە يەنىلا رەت قىلىپ، قولىنى سوزۇپ مۈرىسىدىن ئىتتىرىپ:
- شۇڭا، مەۋلان، دېمەكچى بولغىنىڭىز، تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا ئامانگۈلنى كۆرگىلى كېلىشىڭىز، پەقەت ئۇنىڭ ماڭا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىردىڭىز، شۇنداقمۇ؟ - دەپ سورىدى.
مەۋلان بىر دەم تۇرۇپ قېلىپ، چىرايى سەل قېتىپ قالغاندەك بولۇپ:
- ئاساسلىقى مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئويۇنۇمنى كۆرۈشىنى خالىمايمەن... - دېدى.
زۇبەيدە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- شۇنداقمۇ؟ مېنىڭچىمۇ شۇنداق، سىز قانداقسىگە مەن ئۈچۈن ... - دېدى.
- تازىمۇبىر، زۇبەيدە، ئۆتۈپ كەتكەن كالۋا، دۆت ئىكەنسىز، - دېدى مەۋلان ئاچچىقىدا يەنە ئاغزىنى بۇزۇپ.
زۇبەيدە لەۋلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ، گەپ قىلمىدى.
- كاللىڭىز مۇشۇ ئىشقىمۇ ئۆتمەي، ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەندىكىن، مەن ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويسام بولغۇدەك. - دېدى مەۋلان.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا، تۇيۇقسىز يېقىنلاپ كەلدى.
زۇبەيدە سەل قورقۇپ، ئىختىيارسىز ئۆزىنى چەتكە ئالماقچى بولدى، لېكىن نەدىمۇ ئۇنداق پۇرسەت بولسۇن.
داچىدا مەجبۇرى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىش، بۇ قېتىم داۋاملاشتى.
مەۋلان بۈگۈن ھەقىقەتەن زۈبەيدەنى بوش قويمىدى.
قانداقلا بولمىسۇن زۈبەيدە ھازىر ئىككى قات. بەك ھېرىپ قالدى،بىرەر قۇر يۇينىۋالغاندىن كىيىن يوتقانغا كىرىپ يېتىۋالدى. مەۋلان ئۇنى يەنە تارتىپ باققان بولسىمۇ ئويغىتالمىدى.
ئۆينىڭ ئىچىدىكى سۇس چىراغ نۇرىدا زۈبەيدەنىڭ ئاپئاق يۈزى كۆزىنى قاماشتۇراتتى. تېرىسى پاكىز ھەم سىلىق بولۇپ، ھېچقانداق قۇسۇر تاپقىلى بولمايتتى.
ئىلگىرى ئىزچىل مەۋلاننىڭ ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى، ھەتتا ئېغىزىدىن چىقىرىشنىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى.
ھازىر بىر قېتىم دەۋېلىپ، ئۇنچىۋالا چوڭ ئىش ئەمەستەك بىلىندى.
ئىشقىلىپ ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئالدىدا بۇنىڭدىنمۇ ناچار تەسىر قالدۇرۇپ باققان. بۇنىڭغا نېمە بولاتتى.
ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ، زۇبەيدە يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ... ئۇنىڭ بۇ يۈزى...
مەۋلاننىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى، كاللىسىدا يەنە بىر ئەرنىڭ چىرايى، زۇبەيدەنىڭ ھېلىقى بىر ئېغىز گېپى پەيدا بولدى.
<نېمىلا دېگەن بىلەن ھەممە ئېتىراپ قىلغان كىنو ئارتىسى، سىزنىڭ بۇ چىرايىڭىز ھەقىقەتەن كېلىشكەن....>
زەپەر بىلەن ئىككىسىنىڭ كېسەلخانىدىكى پارىڭىنى ئۇ سىرتتا ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىدى.
بېشىنى تۆۋەن سېلىپ زۇبەيدەگە تىكىلىپ قاراپ، قولىنى سوزۇپ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، ئوڭ-سولغا قارىدى.
كۆزىنى يۇمۇۋالغان بىلەن بۇ ئايال راستتىنلا چىرايلىق ئىدى.
ھەقىقەتەن قارشى تەرەپنىڭ كېلىشكەن بولۇشىنى تاللاشقا ئاساسى بار.
ئۇنىڭدەك ئايال، مۇشۇ چىرايى بىلەن، يەنە قولىدىكى شىركىتى ۋە ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتى بىلەن ... ھەرقانداق ئاقپېشماقنى بېقىۋالغۇدەك كۈچى بار!
ئۇنىڭ ئۈستىگە زەپەر بىلەن، بىر يەردە تۇرسا، تولىمۇ ماس كېلىدۇ...
مەۋلاننىڭ چىرايى بارغانسېرى سەتلىشىپ كەتتى، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان زۇبەيدەگە تىكىلىپ قاراپ، قارىغانسېرى كۆزلىرى ئالىچەكمەن بولۇپ كەتتى.
نېمىشقا بۇنداق چىرايلىق كۆرۈنىدۇ؟ !
ئۆزى چىرايلىق، قىممىتى يۇقىرى، مۇستەقىل شىركىتى، پۇلى بار، ھەر قانداق ئەرگە ئېرىشمەكچى بولسا، قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويسا پۈتىدۇ...
ئىشلار مۇشۇ ھالەتكە يەتكەندىمۇ قىلچە تەپ تارتماستىن ، غەم-ئەندىشە قىلماي ئاجرىشىمەن دېيەلەيدۇ.
بۇ مەسىلىنى چۈشەنگەن مەۋلان ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدى.
ئۇنداق تۇيغۇ بىلەن خۇددى كۈندە خوتۇنىنىڭ باشقىلار بىلەن قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرگەن بايقۇشقىلا ئوخشاپ قالدى.
بىلەكلىرى ئىختىيارسىز چىڭىپ، قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدى. قىينىلىپ، ئاخىرىدا تاڭ ئاتارغا يېقىن كۆزى يۇمۇلۇپ ئۇخلاپ قالدى.
ئىككىنچى كۈنى.
بىر پەس ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئۇخلاۋاتقان ئىككى ئادەمنى ئويغىتىۋەتتى.
زۇبەيدەنىڭ ئۇيقۇچىلىقتا كۆزلىرى خىرە - شىرە ئېچىلدى.
دېرىزە سىرتىدىن كىرگەن نۇردىن كۆزى قىسىلىپ قالدى.
قولىنى سوزۇپ كۆزىنى توسۇۋالماقچى بولدى، ئەمما بىر پەس ئاغرىق دەستىدىن قېتىپ قېلىپ، سوغۇق نەپەس ئالدى.
قوشۇمىسى تېخىمۇ چىڭ تۈرۈلدى، قوللىرى ئازراق كۆنگەندىن كېيىن يەنە سىناپ باقتى.
پۈتۈن بەدىنىنىڭ، ھەممە يېرى تېلىپ ئاغرىۋاتاتتى.
تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى خۇددى كىنو كۆرۈنۈشىدەك، كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى.
دېيىلگەن گەپلەر، قىلغان ئىشلار، ھەر بىر نەپەس، ھەممىسى ئېنىق يادىدا بار .
ئادىتى بويىچە قولىنى سەل - پەل كۆتۈرۈلۈپ قالغان قورسىقىغا قويۇپ، يېنىك سىلاپ قويدى.
يۈزى قىزىرىپ كەتتى، لېكىن كۆڭلى تۇيۇقسىز تىنچلىنىپ قالدى.
ئىشىك سىرتىدىكى چېكىلگەن ئاۋاز يەنە داۋاملاشتى، يېنىدىكى مەۋلان قوشۇمىسىنى تۈردى، چىرايىدىن قويۇق نارازىلىق چىقىپ تۇراتتى، .
ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن بىزار بولۇپ، سوغۇق چىرايى بىلەن ئۆرۈلۈپ، ياستۇقتىكى زۈبەيدەنىڭ سۇس خۇش پۇرىقىنى پۇراپ، تىت-تىت بولغان كەيپىياتى سەل توختاپ قالدى، ئاندىن سۇس كۈلۈمسىرەپ، قولىنى زۇبەيدەنىڭ بېلىگە ئۇزاتتى، يۈزىنى ئۇنىڭ بوينىغا تىقىپ ئەركىلىدى.
زۇبەيدەنىڭ بەدىنى قېتىپ، بىر پەس سۈكۈتكە چۆكتى، مەۋلاننىڭ بېلىگە قويغان قولى بىردىنلا ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇنىڭ ئالىقىنىنىڭ ئۈستىگە قويدى.
يەنى ئۇنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىققان قورسىقىغا قويدى.
زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى يېنىك تىترەپ كەتتى، گەرچە بۇ بىر ئاددىي ھەرىكەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈرىكى يەنىلا لەرزىگە كەلدى.
مەۋلانمۇ بالىنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتۈۋېتىپتۇ، ھەم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ئاسرايدىكەن.
مەۋلاننىڭ مىجەزىگە قارىغاندىمۇ، ئۇ بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان مۇلايىم ئەر بولالايدۇ، بۇ مەسىلە زۇبەيدەگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشتەك بىلىندى.
ئۇ مەۋلاننى بەك چۈشىنىدۇ.
ئۇنى ئۆزىگە مۇلايىمراق بولسۇن دېسە، بۇنى قىلمىقى ھەقىقەتەن بەك تەس.
ئېسىدە قېلىشىچىمۇ، ئۇلار ئالىي مەكتەپتكە كېلىپ، تونۇشقاندىن بۇيان، مەۋلان ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇچۇق چىراي ئىچىپ باقمىدى.
ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ كىمنىڭ باش ئېگىشنى خالايدىغانلىقى بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ.
ئوخشاش بىر ئىشتا، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر ئىختىلاپ بار.
ئەتراپىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بايۋەچچە - خانقىزلار، بەزى ئىشلارغا پىسەنت قىلىشمايدۇ، كۆپچىلىك مەۋلاننىڭ يېنىدا تۇرغاندا، ئۇ نېمە دېسە شۇ بولىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا رەددىيە بېرەلمەيدۇ.
لېكىن زۇبەيدە دائىم ئۇنىڭغا قارشى پىكىردە بولۇپ، جىلە قىلىدىغان ئادەم.
شۇڭا ئۇ چاغلاردا ئىككى ئادەمنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسەن تىغمۇتىغ قارشىلىشىش، قارىماققا بىر-بىرىنى ياقتۇرمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى.
ئەمەلىيەتتە بەزى پىرىنسىپال ئىشلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا، زۇبەيدە يەنىلا ئۇنىڭ يېنىدا يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇ مەۋلاننىڭ كېلىشكەن چىرايىنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇستەقىل پىكىرى بارلىقىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇ بىر - بىرىگە زىت ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا ياكى بىر نەچچە ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلىشىغا كەلسەك، بۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ.
شۇڭا ئۇ مەۋلاننىڭ قوپاللىقىغا، ئوسال مىجەزىگە، ھەتتا بەزى گۆدەكلەرچە قىلىقلىرىغا ۋە ئىدىيەسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، لېكىن پىرىنسىپ جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە ئۇ يەنىلا باش ئەگمەيدۇ.
ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز توختىدى، زۇبەيدە بىرسىنىڭ دوختۇرنى ئىزدەپ ئىشىكنى ئاچايلى دېگەن سۆزىنى غۇۋا ئاڭلىدى.
ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئويلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى..
مەۋلانمۇ ئورنىدىن تۇردى. زۈبەيدە مەۋلاننىڭ مەغرۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ئاغزىنى ئۇچلاپ:
- سىز..كۆزىڭىزنىڭ ئەتراپى نېمانچە قارىداپ كەتتى؟ چىرايىڭىز قارىماققا بەك ئوسال تۇرىدۇ، - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar