كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
3 | 2 | 1 | ||
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
4 -قىسىم
4-قىسىم
قىز-يىگىتلەر كۆرۈشۈشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن
ئۈمىدسىزلىك دېگەن نېمە؟
ئۈمىدسىزلىك بولسا ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېيىش، ئۆزىنى بىلمەي تۇرۇپ ئوكيان ئاتلاپ ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئادەم بىلەن مۇھەببەتلىشەلەيمەن دەپ ئويلاش.
مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، يۈزىنى يوشۇرۇپ، كەچۈرۈم سوراشقا جۈرئەت قىلالماي، باشقا بىر بۇلۇڭغا قاراپ ماڭدى.
ئۇنىڭ ھەقىقەتەن كاللىسى ئىشلىمەيدىكەن، نادىر دېگەن كىم، ئۇ خوجايىننىڭ يۈزىنىمۇ قىلمايدىغان، ھاكاۋۇر ئادەم تۇرسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىپ، لايىق تونۇشتۇرۇشقا چىقامتى؟
قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىگە چىققان تەقدىردىمۇ، پۈتۈن زالنى كۆتۈرە ئالمىسا بولماس؟
زالنى كۆتۈرە ئالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاددىي قىزنىڭ كۆرۈشۈش ئوبيېكتى بولۇپ قالامتى؟
- ئۆزىڭىز ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
كۆڭۈل بۆلۈش ئاۋازى قارشى تەرەپتىن كەلدى، مۇنىرە قىزىرىپ كەتتى، بېشىنى كۆتۈرۈش ھەقىقەتەن تەس كەلدى، ئەمما يەنە بېشىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ:
- كەچۈرۈڭ، بايا مەن ئادەمنى خاتا تونۇپ قاپتىمەن، مەن ئۇ ئادەمنى سىز دەپ ئويلاپتىمەن ... - دېدى.
ھال رەڭ كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم بىردىنلا ھەممىنى چۈشىنىپ:
- ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە، مەن تېخى سىزنى شۇنچە بالدۇر كەلگىنىدىن قارىغاندا، بۇرۇن دېيىشىپ قويغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، - دېدى.
شۇنچە بالدۇر كەلدىمۇ؟
مۇنىرە ئاچچىقىدا ھالقىلىق سۆزنى تۇتۇۋېلىپ، خىجىللىقنى ۋاقتىنچە تاشلاپ:
- بالدۇرمۇ؟ - دېدى.
ھال رەڭ كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم جاراڭلىق ئاۋازدا:
- شۇنداق، مەن تۇرغان يۇرت بىلەن بۇ يەرنىڭ ۋاقىت قارىشى ھەقىقەتەن ئوخشىمايدۇ، بىز ھەممىمىز ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنى تەكىتلەيمىز، بالدۇر كېلىش ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ، بۇ يەردىكىلەرنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى راستتىنلا بىلمىدىم، - دېدى.
ئەدەپ يۈزىسىدىن بالدۇر كېلىپ، ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان مۇنىرە :
-سىز تۇرغان يۇرتتىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمۇ؟ - دېدى.
ئۇنداق ئەمەستۇ؟
ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنى تەكىتلەش، پەقەت كېچىكىپ قېلىشقا يول قويماسلىق دېگەنلىك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
بىراق ھالرەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم مۈرىسىنى قىسىپ:
- مەن پەقەت مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى مۇشۇنداق دېيەلەيمەن. - دېدى.
مۇنىرە ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
- بولىدۇ، مەنمۇ پەقەت بەش مىنۇت ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدىم خالاس. - دېدى.
- پەقەت بەش مىنۇت ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدىم خالاس؟ - دېدى ھالرەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ، ئىشەنمىگەن ھالدا ئەپسۇسلىنىپ، - بەش مىنۇتتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. - دېدى.
مۇنىرەنىڭ جاۋغىيى تارتىشىپ قالدى، ئۇ ھازىر تېخىمۇ چوڭ ئىسراپچىلىقنىڭ توردىن كۆڭلەك تاللاشقا كەتكەن 20 مىنۇت ۋە سەھەر تۇرۇپ گىرىم قىلىش بىلەن بۇ يەرگە كېلىشكە كەتكەن بىر سائەت ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
بەلكىم ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى سەزگەن بولسا كېرەك، ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم تەلەپپۇزىنى قايتىدىن تەڭشەپ:
- كەچۈرۈڭ، مەن ئىختىيارسىز ھالدا خىزمەت ھالىتىگە كىرىپ كېتىپتىمەن، سىزگە سەل قاتتىق تەلەپ قويۇۋەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن. - دېدى.
- ھېچقىسى يوق، ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشى ھەقىقەتەن بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. - دېدى مۇنىرە.
ھالرەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم كۈلۈپ تۇرۇپ:
- شۇنداق، مەسىلەن، بۇ قېتىمقى قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىنى مىسالغا ئالساق راست گەپنى قىلسام، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، مەن مۇشۇنداق قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىگە بەك ئۆچ. - دېدى.
قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىنىڭ چەكلىمىسى يوق پەقەت شەكىل پەرقىلا بار، كىم دوستلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىنىڭ بىر خىلى ئەمەس دېيەلەيدۇ؟
مۇنىرە كۈلۈمسىرەپ قويدى، گەرچە ئۇمۇ قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىنى ياقتۇرمىسىمۇ، لېكىن قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىدىن ئىبارەت بۇ خىل شەكىلنىڭ ئۆزىنى تەنقىد قىلىپ چەتكە قاقمايتتى.
- قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن لايىق تېپىشقا موھتاج، ئىقتىدارسىزلارلا مۇشۇنداق ئۇسۇلدا لايىق تاپىدۇ. - دېدى ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم ئىنتايىن كەسكىن بىلەن.
ئىقتىدارسىز مۇنىرە داۋاملىق سۇس كۈلۈمسىرىدى.
- كەچۈرۈڭ، مەن گەپنى بەك ئۇدۇل قىلىمەن، ئەلۋەتتە مەن سىزنى ئىقتىدارسىز دېمەكچى ئەمەس، نېمىلا دېگەن بىلەن سىز قىز بالا تۇرۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپكە سۈرىتىڭىزنى يوللاپ بەردىڭىز، - دېدى ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم بىر ھازا تۇرۇۋېتىپ، - قالتىسكەنسىز، - دەپ قوشۇپ قويدى.
مۇنىرە سوغۇق كۈلۈپ قويدى. ھەممە ئادەم بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان ئادەم تېپىشى كېرەك. بوسۇغىسى ئېگىز ئورۇنغا ئېسىلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنداق ئاسان ئېسىلغىلىمۇ بولمايدۇ.
ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار قارشى تەرەپ بىلەن تەشەببۇسكارلىق ئالاقىلاشقاچقا، مۇنىرە نەق مەيداندىلا رەت قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، قاپىقىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدى.
بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم خېلى <ئۈنۈملۈك> ھالدا سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خۇلاسە چىقىرىپ:
- ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، بىراق غەلىتە ئىش، مەن تېخى تۇنجى قېتىم ئەتىگەن سائەت توققۇزدا تىجارەت قىلىدىغان قەھۋەخانىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ، - دېدى.
مۇنىرە ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- بۇ بەلكىم ئىككى جاينىڭ پەرقىدىن بولسا كېرەك. - دېدى.
ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم يەنە بىر قېتىم مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇپ :
- ماقۇل شۇنداق بولسۇن، - دېدى.
ئىككىسى ئۆزىنىڭ قەھۋىسىنىڭ ھېساباتىنى قىلغاندىن كېيىن، قەھۋەخانىدىن چىقىپ يەنە بىر قېتىم خوشلاشتى.
ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالماي:
- ئاتا-ئانىڭىزغا مېنىڭ مەقسىتىمنى يەتكۈزۈشنى ئۇنۇتماڭ، مەن قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىدىن بەك بىزار، ئەگەر باشقا سورۇندا بولسا، بەلكىم بىز يەنە ... - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ:
- ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەشمۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، مەن چوقۇم ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويىمەن، - دېدى.
- بولىدۇ، - دېدى ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ، - ھە، يەنە بىر ئىش، مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويمىسام، مەھەللە كويلىرىڭىزنىڭ گەپ-سۆزگە قالىمەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- بەلكىم شۇنداقتۇ - دېدى مۇنىرە.
ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئادەم ئۇنىڭغا مەمنۇنلۇق بىلەن قاراپ:
- ئەمىسە خەير - خوش~ - دېدى .
مۇنىرە قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇنىڭ يولغا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككى لېۋىنى ھىملاپ:
- سېسىق ئەبلەخ، - دېدى.
ئەمدىلا ئىچىدىن چىققان نادىر بۇ گەپنى ئاڭلاپ قېلىپ:
- مۇنىرە خانقىز؟ - دېدى.
چەكسىز كىنايە قوشۇلغان بۇ ئاۋازدىن مۇنىرەنىڭ پۈتۈن بەدىنى توك سوققاندەك بولۇپ، توخۇ ئەتلىرى ئۆرلەپ كەتتى.
چىشىنى چىڭ چىشلەپ، بېشىنى بۇرىمايلا يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى، شامال ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تارىغان چاچلىرىنى ئۇچۇرۇپ، ئوتتۇرىدىن ئىككىگە ئايرىلىپ قالدى.
قۇرۇپ كەتسۇن ساھىبجاماللىق !
بۈگۈن ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن بىر كۈن بولدى! ! !
چاچلىرى پاخپايغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئاپىسى گۆش كۇمۇلىچى تەييارلاۋاتقان بولۇپ، ئۇنى كۆرۈپلا:
- سىزگە نېمە بولدى! - دەپ سورىدى.
مۇنىرە چىشىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ يالغاندىن ھى ھى قىلىپ قويدى.
ئاپىسى قولىدىكى گۆش كۇمىلىچىنى تاشلاپ ئاشخانىدىن ئېتىلىپ چىقىپ:
- بۇ قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىگە بارغان قىزىم شۇمۇ؟ - دېدى.
- ئەمەس، ـ دېدى مۇنىرە ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراپ، ـ ـ مەن دېگەن بوراندا قالغان قىز، - دېدى.
گېپىنى تۈگىتىپ، يەنە ئانچە قالايمىقان كۆرۈنمەيدىغان ئۇزۇن چاچلىرىنى قاماللاپ بۇزۇۋەتتى.
ئاپىسىنىڭ ھەم ئاچچىقى كېلىپ ھەم كۈلگۈسى كېلىپ:
- يوق گەپنى قىلماڭە، نېمە ئىش بولدى؟ بۇنچە بالدۇر قايتىپ كەپسىز، ئوڭۇشلۇق بولمىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- قانداقسىگە ئۇنداق بولىدۇ، باشقىلار مېنى بەك قالتىسكەنسىز دەيدۇ. - دېدى مۇنىرە.
- قالتىس؟ - دېدى ئاپىسى.
مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئۇ بىر قىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپكە سۈرىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنىڭ قالتىس ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، - دېدى.
ھېچكىم ئەخمەق ئەمەس، ئاپىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپلا چىرايىنى پۈرۈشتۈردى، ئىچىدە ئۆكۈندى ۋە غەزەپلىنىپ:
- چوڭ مەكتەپلەردە ئوقۇپتىمىش، نېمانداق ساپاسىز ئادەمدەك گەپ قىلىدۇ! - دېدى.
- ئاپا، سىزگە ئۇدۇللا دەي، بىزنىڭ شەرت - شارائىتىمىز مۇشۇنچىلىك، ئەمدى ئېگىز شاخقا ئېسىلمايلى، مېنىڭ كاتتا ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ، ئۇچۇپ چىقىپ، سۇمۇرغقا ئايلىنىشىمدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، مائاشىمنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلغىنىم تۈزۈككەن، - دېدى.
ئۇ يەنە چوڭقۇر ئويلىنىپ:
- ئەگەر سىز راستتىنلا مېنى لايىق تېپىشقا قىستىسىڭىز، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن ئادىمىيلىك خىسلىتىنى تاللاڭ، باشقىلارنىڭ شارائىتى ياخشى بولسىلا كۆزىڭىزنى قىزارتماڭ، يەنىلا بىر-بىرىمىزگە لايىق كېلىدىغان ئادەمنى تاللىغىنىمىز ياخشى، ئىككى تەرەپكە بېسىم بولمايدۇ، - دېدى.
ئاپىسىنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ:
- مېنىڭ قىزىم نېمىشقا ياخشىسىنى تاپالمايدۇ؟ - دېدى.
- قىزىڭىز ئاران پۈتۈن ئولتۇراق رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل بولغاچقا، ھەممە يەردە داڭق چىقىرالمىدى. - دېدى مۇنىرە ئاندىن دۈمبىسىگە ئۇرۇپ تەسەللى بەردى، ئۆزىمۇ بەكلا بىئارام بولۇپ، ياتاق ئۆيىگە قايتىپ بىردەم يېتىۋېلىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىدى.
بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ:
- سىزمۇ دائىم بۇ ئىشتىن ئەنسىرەپلا يۈرمەڭ، مەن بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم، 35 ياشقا ئەمەس، شۇڭا بۇنداق ئالدىراپ كېتىشىڭىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، - دېدى.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ ياتاق ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، سومكىسىنى تاشلاپ، ئايىغىنى سېلىپ، يوتقانغا كىرىۋالدى.
بولغان ئىشلارنى ئويلىغىسىمۇ كەلمىدى.
يىراق ئەلدە تۇرغان، ئوقۇغان بولسا نېمە بوپتۇ، ھامىنى قايتىپ كېلىدىغۇ... ئۆلگۈر ئەبلەخ...
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar