كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
9 | 8 | 7 | 6 | |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
10-قىسىم
10-قىسىم
بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئېيتماڭ
ئەڭ ئاخىرىدا زۈبەيدە يەنىلا ئۇ ئىككىسىنىڭ يېنىغا بۆسۈپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
كېسەلخانىدىن چىقىپ، يەنە ئىشىكنى يېپىپ قويدى.
مۇزەپپەر گۇمانلىنىپ:
- ئادەمچۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئۇلار بىر ئىشنى سۆزلىشىۋېتىپتۇ... ھە راست، مەن مەۋلاننىڭ مەسئۇل دوختۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بەزى ئىنچىكە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سورۇۋالاي دېگەنتىم، مېنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويالامسىز؟ - دېدى.
مۇزەپپەر بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئەلۋەتتە بولىدۇ. - دېدى.
- ئاۋارە قىلدىم، - دېدى زۇبەيدە.
كېسەلخانا ئىچىدە، مەۋلاننىڭ سۆزى يەنە داۋاملىشىۋاتاتتى.
- بىر ئېغىزمۇ گەپمۇ قىلماي كېتىپ قالدىڭىز، مەن مومام بىلەن ئاپامدىن قاتتىق ئاغرىندىم، ھەتتا ئۇلار ئامالسىزلىقتىن مەن بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە مەجبۇر بولدى.
مېنى ۋە پۈتۈن ئائىلىمىزنى ئالىقىنىڭىزدا ئويناتسىڭىز، سىزدە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بولامدىكەن؟ - دېدى مەۋلان.
ئامانگۈل كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈپ، چىرايى تاتارغان ھالدا بېشىنى چايقاپ:
- ياق، مەن... ئۇنداق ئەمەس... - دېدى.
- ئەمەلىيەتتە مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك. - دېدى مەۋلان ئۇزاق سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئاستا ئېغىز ئېچىپ.
ئامانگۈلنىڭ چىراي ئىپادىسى قېتىپ قالدى.
ئىزچىل دېرىزە يېنىدا تۇرغان مەۋلان كەينىگە بۇرۇلۇپ، بىر جۈپ قاپقارا كۆزى بىلەن ئامانگۈلغا قاراپ:
- ئەينى چاغدا سىز كەتكەندىن كېيىن، قائىدە بويىچە قاتتىق ئاچچىقلىنىشىم كېرەك ئىدى، مەن ئەقىل بىلەن تەھلىل قىلىشنى ئويلىدىم، كېيىن راستتىنلا ئەستايىدىل ئويلاندىم ... قايسى ئىشنى توغرا دەپ قارىسام، شۇ ئىشنى قىلىشىم كېرەككەن.
ئەمەلىيەتتە، دەسلەپتە، مەن ھەقىقىي ھېس قىلغان نەرسە قۇتۇلۇش ۋە خۇشاللىق بولدى.
بۇ مىسلىسىز ئازادىلىك، خۇددى ئۇزۇن يىللىق كىشەننى تۇيۇقسىز ئېلىۋېتىلگەندەك بىلىندى، - دېدى.
ئامانگۈل ئۇنىڭغا ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇراتتى.
- ئۇ چاغدا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كاللامدا تۇنجى بولۇپ يەنە بىر چىراي پەيدا بولدى. كېيىن سىزنىڭ بارىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ قالدىم، شۇڭا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتنىشىشقا يەنە بىر باھانەم بار بولدى... - دېدى مەۋلان.
- يەنە بىر يۈز ... سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز زۇبەيدەمۇ؟ - دەپ سورىدى ئامانگۈل ئاستاغىنا.
مەۋلان ئۇنىڭغا قاراپ، ئىنكار قىلماي:
- شۇنداق. - دېدى.
ئامانگۈل گەپ قىلالماي قالدى.
- ئەگەر مەن خالىمىسام، ھېچكىمگە ماڭا يېقىنلىشىش پۇرسىتى بەرمەيمەن ... - دېدى مەۋلان.
ئامانگۈل تۇيۇقسىز سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، مەۋلاننىڭ گېپىنى بۆلۈپ:
- شۇڭا، سىز مېنى شۇنچە يىل يېنىڭىزدا ساقلاپ، ئىزچىل قولۇمنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغانلىقىڭىزنى، مەن سىزنىڭ ماڭا سىزگە ھەقىقىي يېقىنلىشىش پۇرسىتى بېرىشنى خالىمىغانلىقىڭىز دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟
ئۇنداقتا سىز نېمىشقا مېنى قىز دوستىڭىز بولۇشقا تاللىدىڭىز؟ مەۋلان، سىز زادى نېمە ئويلاۋاتىسىز؟ شۇ چاغدا ... زۇبەيدە كۈن بويى ئالدىڭىزدا پىرقىراپ يۈرەتتى، ئەگەر سىزلا قوشۇلسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، ئۇ چوقۇم سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بولۇشقا رازى بولاتتى. ئەمما نېمىشقا مېنى تاللايسىز؟ - دېدى.
مەۋلان سەل قاپىقىنى تۈرۈپ:
- نېمىشقا مەن قوشۇلسام، زۇبەيدە قىز دوستۇم بولۇشقا رازى بولغۇدەك؟ - دېدى.
ئامانگۈل ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك نەزەردە قارىدى، خۇددى ئەخمەققا قارىغاندەك، گەپ-سۆزسىز كۈلۈپ قويۇپ:
- ئەينى چاغدا مېنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمىگەن بولسىڭىزمۇ، مېنى تاللىشىڭىزدىكى سەۋەب، سىز پەقەت زۇبەيدەنىڭ چاپلىشىۋېلىشىدىن بىزار بولۇپ، مېنى يېنىڭىزغا تارتىپ، زۇبەيدەنى قىز دوستى باركەن دەپ ئۆزلۈكىدىن چېكىندۈرمەكچى بولدىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە بولغان سېغىنىشىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈۋېتىشنى ئۈمىد قىلدىڭىز.. ئەمدى بولغاندا مەندىن بۇ سوئالنى سورامسىز؟ ماڭا ھازىرغىچە زۇبەيدەنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن دېمەڭ ، - دېدى.
ئامانگۈل بەلكىم مەۋلاننىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنچە يىللاردىن بۇيان زۇبەيدەنىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى كۈچىنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ كەلدى، مەۋلاننىڭ زۇبەيدەگە بەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى خالىمىغانىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، مەۋلان ئۆزىنىڭ يەنىلا زۇبەيدەگە نىسبەتەن باشتىن-ئاخىر چۈشەنگىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ ھېسسىياتى بارلىقىنى بايقاپ قالدى.
ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىدا ئىقرار قىلدى.
بۇ ئىش دەرىجىگە بارغاندا، ئۇ يەنە نېمىنى يوشۇرىدۇ؟
زەپەردىن باشقا يەنە بىرەيلەن بۇ گەپنى تەكرارلىدى...
مەۋلان يانچۇقىغا سالغان ئىككى مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ، ئۇنىڭغا تەمكىنلىك بىلەن قاراپ:
- سىزمۇ بىلەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
- ھى. - ئامانگۈل يەنە كۈلۈپ قويدى، - مەۋلان، مەن سىزنى ئەقىللىك دەيمۇ ياكى ئەخمەقمۇ؟ زۇبەيدەنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، قېرىشقاندەك سىز، بايقىمىدىڭىز!
ھەممە ئادەم سىزنى ئۇنىڭغا ئۆچ دەپ قارايدۇ، مەنمۇ شۇنداق دەپ قارايمەن... نەتىجىدە، سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەممە ئادەمنى ئالدىدىڭىز.. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىمۇ ئالدىيالىدىڭىز... - دېدى.
ئامانگۈل قايتا سوغۇق كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ چىرايىدا ھەم قايغۇ ھەم مەسخىرە بار ئىدى.
نېمە دېگەن كۈلكىلىك.
قانداق قىلغاندا ئۆزىنىمۇ ئالدىيالايدۇ؟
ئۆزىنى ئالداپ بىر ئادەمدىن بىزار بولالايدۇ.
ھەقىقەتەن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشكەن.
مەۋلان كۆزىنى قىسىپ ئۇنىڭغا قاراپ، تۆۋەن ئاۋازدا:
- مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئالدىدىممۇ؟ - دېدى.
ئامانگۈلنىڭ يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى، چىرايىمۇ قېتىپ قالدى.
ئاندىن سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- چۈشەنمىگەن بولسىڭىز بولدى، بەلكىم، مەن ئۆزۈمنىڭكىنى راست دەپ كۆپ ئويلاپ كەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن. - دېدى.
ئەمما مەۋلان ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- ئۇنداقتا سىز مېنى < ئۆزىنى زۇبەيدەگە ئۆچ دەپ ئالدىدى> دېمەكچىمۇ؟ بۇ گەپچە... مەن ئەمەلىيەتتە ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
ئامانگۈلنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك ئالاقزەدە بولدى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن مەۋلاننىڭ قاپقارا كۆزلىرىگە سوقۇلۇپ كەتتى.
مەۋلاننىڭ قاچانلاردا كارىۋات يېنىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ قورقۇنچلۇق كۆزى شۇ تاپتا ئامانگۈلگە مىختەك تىكىلىپ، پۈتۈن بەدىنىنى بىلىنەر-بىلىنمەس چۈشەپ قويدى، يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ يېرى قالمىدى.
ئامانگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى چىراي ئىپادىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي جاۋابنى كۈتمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇنى بېشىنى لىڭشىتىپ، بايا دېگەن گەپلىرىگە قوشۇلۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.
ئامانگۈل لېۋىنى چىڭ چىشلەپ:
- مەن دېدىمغۇ، بۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم. مەنمۇ بىلمەيمەن ... - دېدى.
- شۇڭا سىز بايا مۇشۇ مەنىدە دېدىڭىز شۇنداقمۇ؟ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم باشتىن-ئاخىر زۇبەيدە شۇنداقمۇ؟ - دېدى مەۋلان.
ئامانگۈل ئىككى قولىنى چىڭ تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، مۇزدەك سوۋۇپ كەتتى.
نەچچە قېتىم ئۆز قۇلىقى بىلەن مەۋلاننىڭ زۇبەيدەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدى، ئۇ ھەر قانچە سەۋرچان بولسىمۇ، سەۋرى ە خوراپ تۈگىگەنىدى.
- سىز بۇ سوئالىڭىزنى ئەخمىقانە سوئال دەپ قارىمامسىز؟ ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز، مەن سىزنىڭ ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى قانداق بىلىمەن؟ ! - دېدى ئامانگۈل.
مەۋلاننىڭ كۆزلىرى سەل-پەل چاقناپ كەتتى.
كېسەلخانا خېلى ئۇزۇنغىچە جىمجىتلىققا چۆكتى.
ئامانگۈل ئۆزىنىڭ بايا دېگەن گېپى بەك ئېغىر كېتىپ، مەۋلاننىڭ ئاچچىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوخشايمەن، دەپ ئويلاپ تۇرغاندا، مەۋلاننىڭ پەس ئاۋازى يەنە ئاستا ئاڭلاندى :
- دېگىنىڭىز توغرا.
ئامانگۈل گۇمانلانغان ھالدا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ:
- نېمە؟ - دېدى.
مەۋلان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، تەمكىنلىك بىلەن:
- مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئەزەلدىن زۇبەيدە. - دېدى.
ئامانگۈلنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى، يۈرىكى ھەم ئالاقزەدە بولۇپ ھەم قاتتىق ئاغرىپ:
- ئۇنداقتا مەنچۇ؟ مەۋلان، شۇنچە يىللاردىن بېرى، مەن زادى نېمىگە ھېساب؟ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقتىمدا، پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمەكچىمۇ؟ رەھىمسىزلىك قىلغاندەك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى .
- بۇ ئىشتا ئالدىڭىزدا بەك خىجىلمەن، باشقا جەھەتلەردە سىزگە تولۇقلاپ بېرىمەن، - دېدى مەۋلان.
نېمىلا دېگەن بىلەن ئەينى چاغدا، ئامانگۈلنىڭ دېگىنىدەك، مەۋلان ئۆزى ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان.
- باشقا جەھەتتە تۇلۇقلاپ بېرىمەن؟ - دېدى ئامانگۈل كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ئەمما ئارقىدىنلا ئېچىنىشلىق كۈلۈپ قويۇپ، - سىز ئاۋۋال زۇبەيدەدىن سوراپ بېقىڭ، ئۇ سىزنىڭ تولۇقلاپ بەرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى كەچۈرۈشنى خالامدىكىن، - دېدى.
مەۋلان قوشۇمىسىنى تۈردى.
- شۇنچە يىللاردىن بېرى، سىز ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلدىڭىز؟ ئۇنىڭ كۆپ يىللىق ھېسسىياتىنى دەپسەندە قىلىپ، توي قىلغان كۈندىن باشلاپ، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويدىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سىزنىڭ بالىڭىزغا ھامىلىدار بولدى... ئايال كىشىلا بولسا ئاسانلىقچە سىزنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى سەۋەب، پەقەت زۇبەيدەنىڭ جاھىللىقىدىن بولدى...
لېكىن ئۇنىڭ قانداق مىجەزى بارلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز، مەن چۈشىنىمەن، ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى چۈشىنىدۇ. ئۇ دېمىسە ياخشى، لېكىن قارار قىلىپ ئاغزىدىن چىقارغانىكەن، چوقۇم ھەرقانداق ئادەم ۋە ئىش ئۆزگەرتەلمەيدۇ. - دېدى.
مەۋلاننىڭ ئوسال چىرايىغا قاراپ، ئامانگۈل ئېغىر ئۇھسىنىپ، مەسخىرە ئارىلاش:
- ئۇ سىزنى كەچۈرمەيدۇ، مەۋلان. ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىسە، بەلكىم سىزدە ئازراق ئۈمىد بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بارلىق ئاماللار بىلەن باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قارىماي سىزگە ياتلىق بولغان ئادەم سىزدىن ئاجرىشىشتىن ئىبارەت بۇ گەپنى ئاغزىدىن چىقاردى... - دېدى.
ئامانگۈل يەنە گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللىدى. بىراق
مەۋلاننىڭ سۈرلۈك، سوغۇق چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ:
- ياخشى ئارام ئېلىڭ. - دېگەن بىر ئېغىز گەپنى تاشلاپ قويۇپ، كېسەل كارىۋىتىنى ئايلىنىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.
ئامانگۈل كارىۋاتتا جىمجىت ئولتۇرۇپ، كۆز ياشلىرى مەڭزىگە سىرغىپ چۈشۈپ، ئاپئاق كىرلىككە تامدى.
چىڭ تۇتۇۋالغان قوللىرى ئاستا-ئاستا ئېچىلىپ، ئۈستىدىكى يوتقانلارنى چىڭ قاماللىدى.
مەۋلان تۇيۇقسىز كېسەلخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، ئىشىك سىرتىدا ساقلاپ تۇرغان ياردەمچى چۆچۈپ كېتىپ، دەرھال ئالدىغا بېرىپ:
- مەۋلان لىدىر. - دېدى.
- ئامانگۈل خانقىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدىغان ئادەم تېپىپ، نېمە لازىم بولسا شۇنى تەل قىلىپ بېرىڭ. - دېدى مەۋلان.
ياردەمچى بىردەم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، يەنىلا تېز قەدەم بىلەن مەۋلاننىڭ كەينىگە ئەگىشىپ:
- بولىدۇ، بىلدىم، - دېدى.
ئىككى ئادەم لېفىتقا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل كېسەلخانىغا قايتتى، ئىشىكنى ئېچىپ ئەسلىدە كارىۋاتتا ئۇخلىشى كېرەك بولغان ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى، پۈتۈن كېسەلخانىدا زۇبەيدەمۇ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى.
ياردەمچى مەۋلاننىڭ سەتلىشىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، دەرھال:
- مەۋلان لىدىر، خانىم، ئۇ ھازىر دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدا بولۇشى مۇمكىن. - دېدى.
مەۋلان بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى.
ياردەمچى ئۇنىڭ سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق كۆزلىرىدىن چۆچۈپ:
- بايا خانىم ئامانگۈل خانقىزنىڭ ياتىقىغا بارغانلىقىنى بىلمەمسىز؟ - دېدى.
مەۋلاننىڭ قاپىقى چىڭ تۈرۈلۈپ نەچچە قىر چىقىپ:
- ئۇ ئامانگۈلنىڭ ياتىقىغا باردىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- شۇنداق، ئىچىگە كىرىمەن دەپ تۇرۇۋېلىپ، كىردى، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا قايتىپ چىقىپ، سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ باقماقچى بولدى، شۇڭا مەسئۇل دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا باردى. - دېدى ياردەمچى.
مەۋلان كۆزىنى يۇمۇپ بىر ھازا جىمىپ قالدى، كۆزلىرى بىردىنلا تارىيىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ يەنە چوڭ قەدەم بىلەن كېتىپ قالدى.
ياردەمچى مۇقەررەر ھالدا ئۇنىڭ بەدىنىدىن چىققان ھەيۋىدىن چۆچىگەن بولسىمۇ، دەرھال قوغلاپ يېتىشىۋالدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar