تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 8-قىسىم_ بىلىدىغان مۇنىرە خانقىز

文摘   小说   2024-11-22 13:59   中国  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ






ئەپچىدە ئاۋازلىق 46-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321



76


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

8-قىسىم

   



8-قىسىم 

 بىلىدىغان مۇنىرە خانقىز


ئۇلار بۇيرۇتقان  چوڭ بېلىق ناھايىتى تېزلا چىقتى، مۇنىرە چوڭ تەخسىگە قاراپ، يېگۈسى كېلىپ تاقەتسىزلىك بىلەن شۆلگىيىنى يۇتتى.

قىپقىزىل مۇچ،  ئاپئاق، يۇمران، قېلىن بېلىق پارچىسى، بولدۇق - بولدۇق قىلىپ قايناۋاتقان شورپىغا قاراپ ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتەتتى.

مۇنىرە ئۇزۇن چاچلىرىنى كەينىگە تاشلاپ، چوكىنى كۆتۈرۈپ يوغان بىر پارچە گۆشنى قىسىپ ئالماقچى بولغاندا، ئۇدۇلدىن ئىستاكاننى يېنىكمۇ ئەمەس، ئېغىرمۇ ئەمەس قويۇلغان شەپە ئاڭلاندى.

مۇنىرە دەرھال چوكىنى قويۇپ، تارتىنىپ كۈلۈپ قويدى.

قورسىقى ئېچىپ بېشى قېيىپ كەتكەن بولسىمۇ، مېھمان ئالدى بىلەن قول ئۇزارتماي تۇرۇپ، ئۇ چوكا تەۋرەتسە قانداق بولىدۇ.

  -   چېچىڭىزنى بوغۇۋېلىڭ.  - دېدى نادىر .

مۇنىرە ئىختىيارسىز بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، شۇ تاپتا سەل-پەل پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقان ئۇزۇن چاچلىرىغا قاراپ قويدى-دە، بېغىشىغا قاراپ بۇغقۇچ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، سومكىسىنى ئاختۇردى.

چاچ بۇغقۇچ، چاچ بوغقۇچ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ھەقىقەتەن ئوسال قىلىدىغۇ.

نادىر ئۇنىڭ كۈلگەن چىرايىغا قاراپلا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلدى - دە، قولىنى كۆتۈرۈپ مۇلازىمنى چاقىرىپ:

  -  خاپا بولماي ئۇنىڭغا بىر تال رېزىنكە بوغقۇچ ياكى چېچىنى تۈرۈۋالغۇدەك قىسقۇچ بەرسىڭىز بوپتىكەن، - دېدى. 

مۇلازىم قىز كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى، مۇنىرە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئارقىدىن:

   -  ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ماڭا يەنە بىر قاچا گاڭپەن بېرىڭ، -  دېدى. 

مۇلازىم كەتكەندىن كېيىن، نادىر ئۇنىڭغا قاراپ:

   -  ئىشتىھايىڭىز ياخشى ئىكەن. - دېدى   

  -   تاماقنى تويغۇدەك يېيىشىم كېرەك، ئەتە چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ يېڭى ئۆي تاپىمىسام بولمايدۇ!   -   دېدى مۇنىرە ئوڭايسىزلانغان ھالدا! 

  -  ئىلگىرى يېتەرلىك تىرىشمىغانمۇ؟ - دېدى نادىر. 

  -   بۇ قېتىمقىسى بولسا ھاياتنى دوغا تىكىپ كۆرسىتىدىغان تىرىشچانلىق. - دېدى مۇنىرە.

ئۇنىڭ زورمۇزور دەبدەبىلىك چۈشەندۈرۈشىگە قاراپ، نادىرنىڭ كۆڭلىدىكى نارازىلىق بىردىنلا بوشاپ، كۈلۈپ كېتىپ:

تىرىشچانلىقتىن كېيىنكى نەتىجىڭىز  ھەقىقەتەن كىشىنى تەقەززا قىلدى، - دېدى. 

گېپىنى دەپ بولۇپ يەنە كۈلۈپ كەتتى، مۇنىرە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يەنە خىيالغا كەتتى.

بۇ ئادەمنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش تەس كەلگەندە بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بىرنى تېپىپ ئۇچۇرۇۋەتكۈسى كەلدى، لېكىن باشقىلار ئۇنى مازاق قىلىپ كۈلسە،  ئازراقمۇ ئاچچىقى كەلمىگەندەك ئولتۇرالىغىنى قىزىق بولدى.

ھەتتا بىر ئاز قانائەت ھېس قىلدى.

مۇلازىم چاچ بۇغقۇچ ۋە گاڭپەننى ئەكېلىپ بەردى، مۇنىرە سەل-پەل قىيسىيىپ، ئۇزۇن چاچلىرىنى ئاۋايلاپ بېشىنىڭ كەينىگە ئەكېلىپ بۇغۇۋىدى، ئاپئاق، ئىنچىكە بوينى، كىچىك ، ئەمما سەل گۆشلۈك  ئىكىڭى كۆرۈنۈپ قالدى.

كۆرگەن ئادەمنىڭ چىمدىۋالغۇسى كېلەتتى.

مۇنىرە چېچىنى بوغۇۋالغاندىن كېيىن، نادىرنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدىكى گاڭپەنگە چۈشكەنلىكىنى بايقاپ، بىردەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن:

  -  سىزگىمۇ بىر قاچا كەلتۈرسۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

 نەزىرىنى ئاستا-ئاستا پەسكە قاراتقان نادىر سوغۇق تەلەپپۇزدا:

  -   سىز بەك كۆپ يەيدىكەنسىز. - دېدى.

  -  ! 

ئۇ يا بىر قاچىنى يەپ بولىمەن دېمىسە! ئۇمۇ بىر ئادەتتىكى قىز بالا بولامدۇ؟ يەيدىغان نەرسىسى ئازراقمۇ كۆپ ئەمەس!

بىر سائەتتىن كېيىن.

بېلىق پارچىسى پاك-پاكىز يېيىلىپ، كۆكتات تەخسىسى، گاڭپەننىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قالدى.

مۇنىرە مەمنۇن بولغان ھالدا تومپىيىپ چىققان قورسىقىنى سىلاپ، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق،  بۇيرۇتقاننىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك يەپ بولدى.

نادىر ئۇنىڭ ئېغىر قەدەملىرىنى كۆرۈپ، قوشۇمىسىنى سۈزۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  ھەقىقەتەن  يېيىشچان ئىكەنسىز، - دېدى. 

ئۇنتۇغاق مۇنىرە گەپ قىلالماي قالدى.


- قانچە پۇل بوپتۇ  ، ھېسابلاپ بېرىڭ. - دېدى نادىر.

بۇنى كۆرگەن مۇنىرە دەرھال توسۇپ:

   -  نادىر ئەپەندى، ھېساباتنى مەن قىلاي، سىزنى قانداقمۇ... - دېدى . 

نادىر ئۇنىڭ پېشانىسىگە بىرنى نۇقۇۋىدى جىمىپلا قالدى.

پۇل يىغقۇچى  ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ قويۇپ، ھېسابات تالونىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ:

   -  ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى يۈەن، - دېدى. 

نادىر بىر قولى بىلەن تېلېفوننى چىقىرىپ ھېسابات قىلدى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ پېشانىسىگە يەنە بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ:

- كۈلسىڭىز بولىدۇ.  - دېدى.

كۆڭلىدە دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ھەميانىنى ساقلاپ قالغان مۇنىرە يەنىلا چىداپ تۇرالماي، چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ كۈلۈپ، كۆزلىرىمۇ يورۇپ كەتتى.

ئەمما يەنىلا يالغاندىن بولسىمۇ:

-  نادىر ئەپەندى، سەت بولدى، سىزنى چىقىمدار قىلىپ قويدۇم، - دېدى.   

 نادىر بېشىنى چايقاپ، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.

مۇنىرە بىر تەرەپتىن كەينىدىن قوغلىشىپ مېڭىپ، بىر تەرەپتىن ئۇھسىندى، ئەقىللىك ئادەمنىڭ ئالدىدا خۇپسەنلىك قىلىش ھەقىقەتەن بىر يۇمۇر، يەنىلا سەمىمىيرەك بولغىنى ياخشىكەن.

سائەت ئوندىكى شەھەر كېچىسى جىمجىتمۇ ئەمەس، لېكىن ئانچە ئاۋاتمۇ ئەمەس.

                           4ئايدىكى سالقىن كەچكى شامال مۇنىرەنىڭ مەڭزىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، نادىرنىڭ ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن:

  -  ئۇنداقتا نادىر ئەپەندى سىزمۇ قايتىپ ئارام ئېلىڭ، - دېدى. 

  -   ماشىنىغا چىقىڭ.  - دېدى نادىر.

  -  نېمە؟ - دېدى مۇنىرە. بۇنچە كەچتە يەنە نېمە ئىشى باردۇ! ئۇ تۈنۈگۈن كەچمۇ ياخشى ئارام ئالالمىغان، بۈگۈن بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئېلىش ئارزۇسىمۇ بەربات بولدى!

 نادىر ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ:

   -   ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي،-  دېدى. 

مۇنىرە ئالدىراپ-تېنەپ رەت قىلدى، ئەمما بۇ قېتىم چىن كۆڭلىدىن ئاۋارە قىلىشنى خالىماي:

   -  سىزنى ئاۋارە قىلماي، ئۆزۈم ماشىنا توسۇپ قايتسام  بولىدۇ، - دېدى. 

- ھەر ئېھتىمالغا قارشى يەنىلا ئاپىرىپ قوياي، - دېدى نادىر. 

نادىر شۇنداق دېگەن يەردە، مۇنىرە يەنە بويۇن قاتتىقلىق قىلىپ <ھېچ ئىش بولمايدۇ> دېيەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن  ئالاقزادىلىك ئىچىدە ماشىنىغا چىقىپ، سول-ئوڭغا قاراپ، ئۆيىگە قايتىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بەردى.

ھىلىمۇ ياخشى ئارىلىق يىراق ئەمەس، 20 نەچچە مىنۇتتىلا يېتىپ كەلدى.

مەھەللە دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، ياش ئامانلىق قوغدىغۇچى بوينىنى سوزۇپ سىرتقا قارىدى، يورۇق كوچا چىرىغىدا توختاپ قالغان ماشىنىغا بىر قاراپ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

   -  پورسچى، ھەشەمەتلىك ماشىنا.  - دېدى.

  -  رەھمەت سىزگە. -دېدى مۇنىرە ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ .

نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ رەھمىتىنى قوبۇل قىلىپ، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چىقىرىپ كېتىپ قالدى.

  - ئۇھ...

مۇنىرە ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ قېتىپ قالغان بوينىنى ئۇۋىلىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆزى بىلەن قىز - يىگىت تونۇشتۇرۇش ئۇچرىشىشىغا چىققان ھال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان  ھېلىقى دېڭىز تاشپاقىسى  ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپتۇ. نادىر ئەپەندىنىڭ مىجەزى سەل قوپال، كەسكىن، يەنە ئازراق تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەستايىدىل، كۆيۈمچان تەرىپىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

مۇنىرەمۇ ياخشى-ياماننى پەرق ئەتمەيدىغان ئادەم ئەمەس، بار بولغان ئارتۇقچىلىقىنى چوقۇم كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.

نادىر ھەقىقەتەن قالتىس ئەر ئىدى.

بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتى بولغانلىقى ئۇنىڭ تەلىيى بولۇشى مۇمكىن.

قوڭغۇراقلىق سائەت جىرىڭلىدى، مۇنىرە ئىنچىكە بىلەكلىرىنى سوزۇلۇپ، پالاققىدە قىلىپ ئاۋازىنى كۆچۈردى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويدى.

قۇياش نۇرى دېرىزىدىن چۈشۈپ، يەنە بىر گۈزەل كۈن باشلاندى.

ئۇ تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرغاندا، ئاپىسى ئۆز قولى بىلەن چىللىغان تەرخەمەك ، ھور چىقىپ تۇرغان  شوۋىگۈرۈچ، يەنە بىر تەخسە مانتا،  پىلتا قۇيماقنى ئالدىغا سۈرۈپ قويدى.

- ئاپا، بۈگۈن ۋاقچە تۇرۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە. 

ئاپىسى ئۇنىڭ قۇلىقىنى تولغاپ:

  -  ھېرىپ قالسام بولمامدىكەن؟ قىزىق پۈۋلەپ يەڭ!  - دېدى.

مۇنىرە سىرتتىن سېتىۋېلىنغان قىزىرىپ پىشقان قۇيماقتىن قىسىپ ئېلىپ، قىزىق شوۋىگۈرۈچكە چىلاپ:

   -  مەن يا بولمايدۇ دېمىسەم، مۇنداقلا دەپ قويدۇم. - دېدى.

ئاپىسى ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ:

 - بۇ بىر نەچچە كۈندىن ياقى بەك كەچ قايتىپ كېلىۋاتىسىز. تۈنۈگۈن كەچتىمۇ  يېرىم كېچىدە قايتىپ كەلدىڭىز، يەنە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدىڭىزمۇ؟  - دەپ سورىدى.

 مۇنىرە ئاخشامقى ئىشلارنى ئويلاپ تېرىكىپ:

- ھە...  خوجايىننىڭ نەۋرە ئىنىسىغا ئۆي تېپىپ بېرىۋاتاتتىم، ھېرىپ جۇلۇقۇم چىقىپ كەتتى، - دېدى.

- مۇنداق دەڭ، ئۇنداقتا بۇمۇ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزكەن، جاپا چەكسىڭىزمۇ چىداڭ. - دېدى ئاپىسى قىلچە ھېسداشلىق قىلماي ،  - ئۆيگە كەلسەك، بىرنى ئىشنى دەپ بېرەي، بۇرۇنقى شىركىتىمدىكى خوجايىن يادىڭىزدا بارمۇ، ئۇ خوجايىن  ھازىر بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى،  قولىدىكى ئۆي، ماشىنا دېگەنلەرنى سېتىپ قەرز قايتۇردى.  - دېدى.

 - ئىلگىرى بىر قېتىم گېپىنى قىلغان، ياندىكى مەھەللىدىن ئىككى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان، يولۇڭلار بىر بولغاچقا  سىزنى نەچچە قېتىم ئالغاچ  كەلگەن خوجايىنمۇ؟  - دېدى دادىسى.

  -  - توغرا، ئاشۇ ئادەم شۇ!  - دېدى ئاپىسى ئۇھسىنىپ،   -   ئاڭلىسام ئەسلىدە چوڭ ئۆيىنى  ئوغلىغا تويلۇق ئۆي قىلىپ بەرمەكچى بوپتىكەن، ئۆينىڭ كۆلىمى ھەقىقەتەن چوڭ، يەنە بىر بالكۇنىمۇ بار...  بالكونى بىزنىڭ كاتەكچىلىك كېلىدىغان بالكونغا قەتئىي سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،  ھەم چوڭ، ھەم ئازادە، - دېدى.





  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章