16-ئىيۇل خەۋەر قىلىنىشىچە، 49 ياشلىق ئىيان نېۋبى بىلەن ئايالى لىسا 1990-يىلى خەتەرلىك ياۋايى ھايۋانلارنى يىغىۋېلىش ئورنىدىن بىرنى ئېچىپ، تىمساھ، مولۇن ۋە بوغما يىلان قاتارلىق خەتەرلىك ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىۋالغان. ئۇلارنىڭ ئالتە بالىسىمۇ كىچىكىدىن بۇ يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشىغان بولۇپ، ھايۋانلار بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن. لېكىن يېقىندا مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، ئىيان يىغىۋېلىش ئورنىنى ئېتىۋەتمەكچى بولغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ياشاپ كەلگەن ھايۋانلاردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى