دىللاردا سەنەم123-قسىم

文摘   2025-01-23 22:12   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم


ـ-103باب

ئىككى ئوغۇل ئارىسىدا سوغۇقچىلىق


(170)


ياقۇپ گەزمالچى سەيدۇللا باي قورۇسىدىن تېگىشلىك جاۋابىنى ئاڭلاپ قايتىپ كېتىپ، ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرى يېتىپ كەلدى. بۇ خەۋەر سەيدۇللا باي بىلەن شەرۋانەمنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ياقۇپ گەزمالچىنىڭ جەسىتىنىڭ يەرلىكىگە قويۇلۇپ بولغىنىغا ئۈچ كۈن بولغان بولۇپ، خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلگۈچى ئۇ ئۆيدە بىرمۇ چوڭ ئادەم قالمىغانلىقىنى، ھازىر ئۆيدە چوڭى ئون بىر ياشلىق، كىچىكى يەتتە ياشلىق ئۈچ بالىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى، خوشنىلىرىنىڭ ئەتە- ئاخشاملىرى ئۇلارغا غىزا سۇنۇپ بېرىپ خەۋەر ئېلىپ قويىۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ بوۋا- مومىلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئاكىسىنىڭمۇ نەچچە يىل ئاۋۋال كېسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كېتىپ، ئۆيىدە ئۈچ بالا بىلەن قالغان يەڭگىسىنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ قايتا ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ھازىر ياقۇپ گەزمالچىنىڭ شۇنچىۋالا مال- مۈلكىگە ئىگە بولۇپ پەقەتلا ئۈچ بالىسىنىڭ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

شەرۋانەمنىڭ ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەمەس، بالىسىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىدىن، شۇنچىۋالا ئۆيگە ئۆزى يالغۇز ئىگە بولۇپ قېلىپ، كىچىك ئىككى سىڭلىسى بىلەن ئىگە- چاقىسىز قالغىنىدىن كۆڭلى يېرىم بولدى. ئۇ ھەم ئېرىنىڭ باشقىچە ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ كۆڭۈل غەشلىكىنى سەيدۇللا بايغا ئوچۇق ئېيتىپ، ئارىدا باشقىچە ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئۈلگۈردى. بۇنى چۈشەنگەن سەيدۇللا بايمۇ شەرۋانەمنى ئۆيدە قالدۇرۇپ، ئۆزى قەمبەر ۋە بىر نەچچە ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بالىلارنى يوقلاپ، ئۆيدە يىغىلىپ قالغان ئىشلارنى بىرياقلىق قىلىپ بېرىپ قايتىپ كەلدى. ئەمما سەيدۇللا باينى «كېلىشىدە ھېچ بولمىسا ئابدۇللانى بولسىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ چوڭ ئۈمىد كۈتكەن، «دېمىسەممۇ ئۆزى بىلىپ شۇنداق قىلىدۇ» دەپ ئويلىغان شەرۋانەم بالىسىنىڭ ئېرى بىلەن بىللە كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن كېيىنكى كۈنلەردە بىرمۇنچە كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇلار ھېچقايسىسى ئويلاپ ئۈلگۈرمىگەن ئىدى.

ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سەيدۇللا باينىڭ ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىغىلى بېرىپ، ئابدۇللانى ئالمايلا يەنە شۇ ئۆيدە قالدۇرۇپ قويۇپ كەلگىنى شەرۋانەمنىڭ كۆڭلىگە كەلدى. شۇ ھالدا ئۇ ھېلىقى ئۆيدە يالغۇز قالغان بالىسىدىن خاتىرجەم بولالماي، كۆڭلى شۇ تەرەپتىلا بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئەتە- ئاخشاملىرى دىككىدە بېرىپ يوقلاپ كېلەي دېسە، ھازىر ئۇ ئەرلىك ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياقۇپ گەزمالچىنىڭ مەھەللىسى بىلەن ئاياغ مەھەللە ئوتتۇرىسىدىكى يول قاق يېرىم كۈننى ئىگىلەيتتى. بىردەمدە بېرىپ كەلگىلى بولمىغان يەرگە ئەردىن رۇخسەت ئېلىپ ماڭاي دېسە تېخى، رۇخسەت ئالماي دەپ قويمايلا ماڭاي دېسە يەنە تېخى، ئېغىر تەڭلىك بولىۋاتاتتى. شۇ دىلىغۇللۇق بىلەن كۆڭلىنى يىغالماي ئىككىتايىن بولۇپ تۇرغان شەرۋانەمنىڭ ئۆيگە ئۆزىنى باسالمىغىنى، بالىلارغا، ئۆزىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرالمىغىنى سەيدۇللا بايغا مەلۇم بولۇپ قالدى. ئۇ ھەم خوتۇنىنىڭ ھەر بىر ئوي- خىياللىرىنى بىلىپ، چۈشىنىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ ئابدۇللانى بۇ ئۆيگە ئەكىلىۋالسا بالىلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ جېدەل تېرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەچكە، بۇ ئىشقا دەماللىققا جۈرئەت قىلالماي، قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي غەمدە قالغان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، ئالدىغا تارتسا ھارۋا سۇنىدىغان، كەينىگە تارتسا ئېشەك ئۆلىدىغان بۇ غەملەر ھەر ئىككىسىنىڭ بېشىدا ئۆز ئالدىغا چۆرگىلەپ يۈرەتتى. سەيدۇللا باي خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ تۇرسىمۇ، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان جېدەللەردىن ئەنسىرەپ بۇ ئىشقا بەك ئالدىرىمايۋاتاتتى. كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈۋېرىپ، بارا- بارا شەرۋانەمنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان، ئۆزى ھەر ۋاقىت ھەسرەتلىنىپ ئۇھ تارتىپلا يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن بالىنىڭ دەردى، بالا پىراقى باشقىچە يامان ئەمەسمۇ؟! ھېچ ۋاقىت كۆڭلىدىن چىقارغىلى بولمىغان بۇ پىراق شەرۋانەمنى بەئەينى ياقۇپ گەزمالچىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان چاغدىكىگە ئوخشاشلا ئازابلىماقتا ئىدى.

كۈنلەر بىر- بىرلەپ ئۇزاپ ئايغا يېقىنلاشتى. بۇ جەرياندا سەيدۇللا باي ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئۆيىگە ئىككى قېتىم بېرىپ بالىلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئابدۇللانى ئېلىپ كەلمىدى. بۇ ئىشتىن تېخىمۇ ئىچى پۇشۇپ دەردىنى ئىچىگە سىغدۇرالمايلا قالغان شەرۋانەم بىر كۈنى سەيدۇللا بايغا دەپ قويمايلا قەسىرنىڭ ئات ھارۋىسىنى قوشۇپ، بىر خىزمەتكارغا ھارۋىنى ھەيدىتىپ ياقۇپ گەزمالچىدىن قالغان ئۆيگە باردى ۋە ئۈچ بالىنى يوقلاپ، ئۇلارنى يۇيۇندۇرۇپ، يېڭى كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. شەرۋانەمنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان كونا خوشنىلار تۇشمۇ- تۇشتىن كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بالىلارغا ياخشى قاراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچ بىرەرسى «بالىلارنى مەن ئۆيۈمگە ئېلىپ چىقىپ قاراپ تۇراي، سىز ئۆيىڭىزگە خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭ» دېگەن گەپنى قىلمىدى. شەرۋانەم شۇ جەھەتتىن گەپ پۇرىتىپ خېلى سۆزلەپ باققان بولسىمۇ، بىرەرسى بۇ ئىشقا ئىگە چىقماي تىرنىقىنى تاتىلاپ يەرگە قاراپ تۇردى. شۇنىڭدىن قارىغاندا كىچىك بالىلارنىڭ غەلۋە- غۇدۇرلىرىدىن، ئۇلارغا مەسئۇل بولۇشتىن قاچقانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى. ئۇلار ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا تارتمىغان يەردە «بالىلارنى سەن بېقىپ تۇراتتىڭ» دەپ بىرەرسىگە ئۈسكىلىمۇ بولمىدى. شۇڭا ئۇ ئۈچ بالىغا نەچچە كۈن يەتكۈدەك يېمەك- ئىچمەك ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى قالدۇرۇپ قويۇپ، بىر كۆزى كەينىدە قالغان ھالدا ئېرىنىڭ ئۆيىگە يول ئالدى. ئەمما ئۇ ئات ھارۋىسىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ دەرۋازىدىن ئون قەدەم يىراقلاپ بولغۇچە ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىققان ئابدۇللا «ئانا، كەتمەڭ! سىز كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن ئانا؟ داداممۇ بىزنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى، ئەمدى سىزمۇ بىزگە قارىمىسىڭىز كىم قارايدۇ؟ بىزنى مۇنداق تاشلىۋېتىپ كەتسىڭىز كۆڭلىڭىز ئۇنامدۇ جېنىم ئانا؟!...» دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئات ھارۋىسىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ خېلى يەرلەرگىچە يۈگۈردى. بالىنىڭ يىغا- زارە قىلىپ ۋارقىراشلىرى، ۋارقىرىغاچ ئات ھارۋىسىنىڭ كەينىدىن ئۆلەر- تىرىلىشىگە قارىماي يۈگۈرۈشلىرى شەرۋانەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى. ئۇ ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىۋاتقان ئاتنى توختىتىشقا بۇيرۇق بېرىپ، خىزمەتكار ھارۋىنى توختىتار- توختاتماستا ئېرغىپ چۈشتى ۋە ھۆڭرەپ يىغلىغان پېتى يۈگۈرۈپ بارغىنىچە بالىسىنى باغرىغا باستى...

بۇ قېتىم ئابدۇللانى ئۇ ئۆيدە قالدۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كېتىش شەرۋانەمنىڭ قولىدىن كەلمىدى. ئۇ خوشنىلارغا بىرھازا يالۋۇرۇپ، ئىككى قىزنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئۆيىگە قۇلۇپ سېلىپ ئاچقۇچنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئابدۇللانى ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ سەيدۇللا باينىڭ قەسرىگە قايتىپ كەلدى.

خۇددى پەرەز قىلىنغىنىغا ئوخشاش، ئابدۇللانىڭ ئانىسىغا ئەگىشىپ بۇ ئۆيگە كەلگەنلىكى ھېچكىمنى خۇشال قىلمىدى. ئەكسىچە، بارلىق چىرايلاردىكى كۈلكە ۋە نورمال چىراي ئىپادىلىرى ئۆچۈپ، سۈزۈك ئاسماننى بۇلۇت قاپلىغان كەبى ھەممەيلەن بىراقلا تۇتۇلۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇ ئىشقا ھەممىدىن بەك رەنجىۋالغىنى ئايمەمەت بولۇپ، ئۇ ئابدۇللانىڭ بۇ ئۆيدە قېلىشىنى ئەسلىدىمۇ خالىمايدىغان بولغاچقا، ئانىسى بىلەن بىللە كېلىپ بۇ ئۆيدە تۇرىدىغان بولۇپ قالغىنىدىن بەكلا ئاچچىقى كېلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ نارازىلىقىنى ھېچكىمگە دېيەلمەي ۋە ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتالماي، ئۆزى يالغۇز ھۇجرىسىغا سولىنىۋېلىپ بوغۇلۇپ، بوغۇلۇپ يىغلىدى. كەچلىك غىزا ۋاقتىدا ئۇنى چاقىرغىلى كىرگەن خىزمەتكار گەپ قىلمايلا يېنىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بەكلا تېلىقىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى گۈلساھىپخان ۋە ئامانەملەرگە ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىمۇ بىسەرەمجان بولۇشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ بالىلار كىچىكىدىن تارتىپ ئايمەمەت يىغلىسا باشقا ئاچىلىرى ھەممىسى ئۇنىڭغا بولۇشۇپ، يىغىسىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ، كىم يىغلاتقان بولسا شۇنىڭدىن دەردىنى ئېلىپ ۋايىغا يەتكۈزمىگىچە ئۇنىمايتتى. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ قېتىم ئۇنى يىغلاتقىنى ئابدۇللا بولۇپ، ئۇنىڭ يىغلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپسا قىزلار بىرلىشىپ ئابدۇللانىڭ تاناۋىنى تارتماي قويمايتتى...

ئىككى ئارىدا مانا مۇشۇنداق زىددىيەت بولۇپ قېلىشىنى خالىمىغان ئامانەم سائادەت خېنىمنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئايمەمەتنىڭ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شەرۋانەم ئابدۇللانى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەندە ئوبدانلا يېقىمسىزلانغان، ئەمما سەيدۇللا باي بىلەن شەرۋانەمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بۇ نارازىلىقىنى ئىچىگە يۇتىۋېتىپ گەپمۇ قىلمىغان سائادەت خېنىم مانا ئەمدى چىرايىنى غۇچچىدە تۈرگىنىچە:

-ۋايەي!... تۈگىمەيدىغانمۇ پاراكەندىچىلىككەن بۇ، تېزىنى باسسا مېزى، مېزىنى باسسا تېزى چىقىپ ھېچ ئارام تاپمىغان كىشى، ئەمدى شۇ ئىش قاپتىكەن مەن ھەل قىلمىغان. كېسەل ياتقان بۇ ھالىتىمدە مەن نېمە قىلالايتتىم؟ بالىلار كىچىككىنە چوڭ بولىۋالسا ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن، ھازىر ئۇلارغا قانچە گەپ قىلساممۇ پىسەنتىگە ئېلىپ قويمايدۇ، شۇڭىچۇ، سىز ھازىر چىقىپ دادىسىغا دەڭ، ئۆزىنىڭ بالىسى بولغاندىكىن يىغلاۋاتامدۇ، كۈلىۋاتامدۇ، دادىسى ئۆزى دىققەت قىلىپ، نېمە ئىش بولسا دادىسى بولغان ئادەم ھەل قىلسۇن، قېرىغىنىمدا جىممىدە ئارام ئالغىلى قويۇڭلارا مېنى، يېنىمغا ئۇنداق گەپلەرنى كۆتۈرۈپ كىرمەڭلار بۇنىڭدىن كېيىن،- دېدى.

سائادەت خېنىمنىڭ شۇ مۇئامىلىسىدىنلا ئابدۇللانىڭ بۇ ئۆيگە كەلگەنلىكىدىن ئۇنىڭمۇ نارازى بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. شۇلارنى ئاز- تولا ھېس قىلىپ قالغان ئامانەممۇ بېشىنى سېلىپ لېۋىنى بوش چىشلىگىنىچە خاس ھۇجرىدىن يېنىپ چىقىپ، سەيدۇللا باينىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تەخمىنلەپ ھويلىدا بىرھازا تۇرۇپ كەتتى. بۇ چاغدا سەيدۇللا باي تېخى بازاردىكى ئىشلىرىدىن يېنىپ كەلمىگەن بولۇپ، ئۆيدە يوق ئىدى. ئۇلار سەيدۇللا باينى مانا كېلىپ قالار، ئەنە كېلىپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن يولغا قارىغاچ بالىلارنىڭ كەچلىك تامىقىغا قاراشتى. ئادەتتە ئامانەممۇ باي بالىلىرىنىڭ تاماقلىرىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن داستىخاننى يىغىشتۇرىۋېتىپ چىقىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا تاماق بېرىدىغان بولغاچقا، قاچا- قۇچىلارنى يىغىشتۇرىۋېتىشنى خىزمەتكارلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا تاماق بېرىش ئۈچۈن ئارقا ھويلىغا چىقىپ كەتتى.

ھەممەيلەن تارقاپ كېتىپ يالغۇز قالغان ئايمەمەتنىڭ ئىچىگە يەنە بىر ئاچچىق كىرىۋالدى. تېخى بايىلا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ بىللە غىزالانغان ئابدۇللاغا ھەر قېتىم قارىغاندا ئۇنىڭ ئىچ- ئىچىدىن ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت قايناپ چىقاتتى. خۇددى ئابدۇللا بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا چوڭ بولۇپ ھەممە نەرسىلەرنى، ھەممە ھوقۇقنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالىدىغاندەك، شۇنداق بولغاندا ئايمەمەت ۋە ئۇنىڭ ئاچىلىرىنى بۇ قەسىردىن قوغلاپ چىقىرىپ خانىۋەيران قىلىۋېتىدىغاندەك بىر خىل ئەندىشە ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان ئىدى. كىچىككىنە بالىنىڭ ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇ ھەرقانچە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر ئۆزىدىن كىچىك ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سەيدۇللا باينىڭ بىردىنبىر ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ بىلىشلەرگە قايىل بولغۇسى كەلمەيتتى. شۇ ئىشلارنى تولا ئويلاپ، ئويلىغانسېرى ئاچچىقى كېلىپ، ئاچچىقى كەلگەنسېرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ئايمەمەت ئاخىرى ھۇجرىسىدىن چىقتى- دە، شەرۋانەمنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. بۇ چاغدا شەرۋانەم سائادەت خېنىمنىڭ ھۇجرىسىدا ئۇنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويىۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى كەچلىك غىزادىن كېيىن ئۇخلايدىغان چاغقىچە پۇتلىرىنى، ئۇچىلىرىنى تۇتۇپ قويىدىغان بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالغانىدى. ھەم سائادەت خېنىممۇ شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇيقۇغا كىرىشىپ ئوبدان ئۇخلىيالايتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتىنى بىلىدىغان ئايمەمەتمۇ دەل مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان بولۇپ، ئابدۇللانىڭ يالغۇز قالغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويىدىغان بىردىنبىر پۇرسەت ئىدى.

ئۇ كىرگەندە ئابدۇللا ئۆزى يالغۇز قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن ياڭاق يەپ ئولتۇرغان بولۇپ، دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تولا ئاچ- توق قېلىپ قورقۇپ كەتكەن بالا ئالدىغا نېمە ئۇچرىسا شۇنى قورسىقى تويۇپ ئېتىلىپ كەتكۈدەك بولغانغا قەدەر توختىماي يەيدىغان بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ قالغانىدى. ئۇ تەرەپبالا كىرىپ كەلگەن ئايمەمەتنى كۆرۈپ پىسەنتمۇ قىلماستىن يەيدىغىنىنى يەۋەردى. ئۇنىڭ بۇ قېلىقىغا تېخىمۇ ئاچچىقى كەلگەن ئايمەمەت ئۇدۇل كېلىپلا بالىنىڭ ئالدىدىكى كىچىك شىرەگە بىرنى تېپىپ ۋارقىرىدى:

-كالىدەك تولا يەيدىغان نېمىكەنسىناۋە، توختىماي يەۋېرىپ ئەسلى- ۋەسلىمىزنى قۇرۇتۇپ بولاي دەمسەن نېمە؟ قاچان كېتىدىكەنسەن بۇ ئۆيدىن؟

-مەن... مەن بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ... ئانام... بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن بىللە تۇرىسەن دەپ شۇ...

ئابدۇللا ئايمەمەتنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بۇ ئىشىدىن چۆچۈپ كەتتى ۋە قولىدىكى نەرسىلەرنى نەگە تاشلىغىنى ئېسىدە يوق، چاچراپ ئورنىدىن تۇرغىنىچە كەينىدىكى تامغا چاپلاشتى. ئۇنىڭ قورقۇپ تامغا چاپلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرگەن ئايمەمەتمۇ ئوبدان بىر ئويۇن تاپقاندەك خۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى ۋە:

-ساڭا دەپ قوياي كۆك نامرات خەقنىڭ تېجىمەل ماڭقا شۇمى، بۇ ئۆيدىن دەرھال كەت، بۇ ئۆيدە مەن سەيدۇللا باينىڭ بىردىنبىر ئوغلى، سەن ھەر قانچە قىلساڭمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولالمايسەن، بىلىپ قال، بۇ ئۆيدە ئۆگەي بالىغا ئورۇن يوق، ئۇقتۇڭمۇ؟ ئاناڭ «مەن بىلەن تۇرىسەن» دەپ يېتىلەپ كەلسە ماقۇل دەپ ئىششىپ ئولتۇرماي، ئۆزۈڭ كېتىمەن دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرىۋېلىپ بۇ ئۆيدىن دەرھال كەت! بولمايدىغان بولسا كۆرگىلىكىڭنى كۆرسىتىمەن! يەنە شۇنىمۇ دەپ قوياي، كېتىدىغان ئىش بولسا ئۇ قارار قىلسا بولىدۇ، ئەمما سېنى بۇ ئۆيدە ئېلىپ قالىدىغان ئىشقا ئاناڭ قارار چىقىرالمايدۇ، بىلىۋالدىڭمۇ شۇمتەك؟
-بى... بىلىۋالدىم...

-ئايمەمەت، نېمە دەۋاتىسەن؟ ئۆت بۇياققا!

ئىككى بالىنىڭ بىرسى- بىرسىگە ھۆرىپىيىپ، يەنە بىرسى ئۇنىڭدىن قورقۇپ تامغا چاپلىشىپ كۆزلىرىدىن تارىم ياش ئاققۇزۇپ تۇرغان شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە، قاچانلاردىدۇر قايتىپ كەلگەن سەيدۇللا باي بوسۇغىدىن كىرىپلا بالىلارنى شۇ ھالىتىدە كۆرۈپ قاتتىق غەزەبلەندى ۋە ئايمەمەتنى ئابدۇللادىن يىراق كېتىشكە دەۋەت قىلدى. دەل شۇ چاغدا كېلىنىگە پۇتىنى تۇتقۇزۇپ راھەتلىنىپ ياتقان ۋە پاراڭ سېلىپ بەرگەچ قېيىنئانىسىنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ قويىۋاتقان سائادەت خېنىم بىلەن شەرۋانەم ئىككىلىسى بۇ يۇقىرى ئاۋازنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ھەيران بولۇشتى. (103-باب تۈگىدى)

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章