جۇڭگو تەرەپ كوسوۋونىڭ جىددىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى
9-ئاينىڭ 16-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوسوۋو رايونىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. سوئال: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پۇلىشىتىنا ۋاقىتلىق ئاپتونومىيە ئورگىنى كوسوۋونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سېربىيە مىللىتى ئورگىنىغا مەجبۇرىي بۆسۈپ كىرگەن ھەم كونترول قىلغان. كوسوۋو ساقچىلىرى تۆت نەپەر سېربىيە خادىمىنى قولغا ئېلىپ، كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى سېربىيە دۆلەت بانكىسى خەزىنىسىدىكى سېربىيە پۇلىنى مۇسادىرە قىلغان. كوسوۋو رايونىنىڭ ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشكەن. سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بۇ ھەقتە تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ جاۋاب: كوسوۋو مەسىلىسى توغرىسىدا، جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا سېربىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، كوسوۋو رايونىدىكى سېربىيە مىللىتىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. يەككە تەرەپلىك ھەرىكەت مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەر ئەمەلىي ۋە ئىجابىي سۆزلىشىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كوسوۋو مەسىلىسىنى ئۇزاققىچە ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت