دىللاردا سەنەم119-قسىم

文摘   2025-01-19 20:34   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم



ـبا خېنىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ غەزىپى ۋە قورقۇنچى ھەسسىلەپ ئاشقان ئايمەمەتمۇ قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا ئۇنىڭ گەپلىرىنى قايتا- قايتا دەڭسەپ كۆرۈپ، كۆپ تەرەپلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پىكرى بىلەن ئوخشاش چىققىنىنى ھېس قىلدى. ئاندىن ئۇ كۆڭلىدە ئاچىلىرى بىلەن ياخشى ماسلىشىپ بۇ ئىشنى چوقۇم روياپقا چىقىرىش لازىملىقىنى يەكۈنلىۋالدى. دەل شۇ پاراڭنىڭ ئۈستىگە شەرۋانەم شەپىمۇ بەرمەي، ئىشىكنىمۇ چەكمەي ئۈسۈپلا كىرىپ  ئۇ ئىككىسىگە غىزا تەييار بولۇپ قالغانلىقىنى، چىقىپ غىزا يەۋېلىشىنى ئېيتىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىمۇ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى سەۋەبىدىن ئاچچىقىنى يۇتالماي ئارانلا تۇرغان ئايزىبا خېنىم شەرۋانەمگە چەكچىيىپ:

-قانداق گەپ بۇ؟ كىرىشتىن ئاۋۋال ئىشىك چېكىشنى بىلمەمسىز؟ بىز كىچىك بالا ئەمەس، ئاللىقاچان 16 ياشقا كىردۇق، ئۆزىمىزگە تەۋە بوشلۇقىمىز بولۇشى كېرەك، شۇڭا دادام بىزگە ئايرىم- ئايرىم ھۇجرا تەييارلىتىپ بەرگەن، مۇنداق ئېغىلغا كىرگەندەك ئۈسۈپلا كىرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟- دېدى زەردە بىلەن.

-بۇ... مەن... غىزا سۇۋۇپ قالمىسۇن دەپ... شۇڭا ئالدىراپ...

شەرۋانەم شۇنداق دەپ دۇدۇقلاپ قالدى. شۇ ئاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا قىلمىغانلىقىنى ئويلاپ، لېۋىنى چىشلەپ يەر باقتى. لېكىن ئۇنىڭ خاتالىقىنى تونۇش پوزېتسىيىسىدىن مەمنۇن بولغان ئايزىبا خېنىمنىڭ ئاسانلا بوش قويىۋەتكۈسى كەلمەي، دىمىقىنى قاققان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنلاپ مۇنداق دېدى:

-بۇ يەر باش مەھەللىدىكى مەتنۇر ياغاقنىڭ ئۆيى ئەمەس، بەلكى ئاياغ مەھەللىدىكى تۇتسا سېپى، قىچقىرسا ئېتى بار سەيدۇللا باينىڭ چوڭ قورۇسى، بۇ ئۆيدىكىلەر ھەممىسى ئائىلىمىزنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەك، ئۆزىڭىزنى «مەن سەيدۇللا باينىڭ خوتۇنى بولغاندىكىن قائىدىلەرگە ئەمەل قىلمىساممۇ بولىدۇ» دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايسىز، ئەمما قائىدە- يوسۇنلارنى بۇزسىڭىز بىرىنچى بولۇپ مومام رەنجىيدۇ، ئاندىن بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز، ئۆزىڭىزگە دۈشمەن تاپماي دېسىڭىز ئەڭ ياخشىسى بىزنىڭ چىشىمىزغا تەگمەڭ. بۇنىڭدىن كېيىن ئىشىكنى چەكمەي ھۇجرامغا كىرىدىغان بولسىڭىز ھازىرقىدەك بوش قويىۋېتىپ قاراپ تۇرمايمەن، ئۇقتىڭىزمۇ؟

-ئۇ... ئۇقتۇم... كەچۈرۈڭ!...

شەرۋانەم ئۇنىڭغا جاۋابەن پەقەت مۇشۇلارنى دېيەلىدى. شۇ تاپتا ئۇ بۇ ئۆيدە خۇددى نەچچە يىل ئاۋۋالقى مالايلىق ئورنىدا تۇرىۋەرگەندەكلا بىر خىل ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئايمەمەت قورقۇپ چىرايىدا قان قالمىغان ھالدا ئايزىبا خېنىمغا:

-نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ ھەي؟ ئۇ ئەمدى چىققان پېتى دادامغا، ھېچ بولمىسا ئايسەنەمگە چاقىدۇ بۇ گەپلەرنى، ھېلىغىچە بىرەرسى كىرىپ تاناۋىمىزنى تارتمىسىغۇ بولار مانا،- دېدى.

-ھىم!... نېمىدىن قورقاتتىم؟ مۇشۇنداق قىلىپ بىر يەرلىرىدىن چىقىدۇ، يا بىز يېڭىمىز، يا ئۇ يېڭىدۇ، ھامان بىر كۈنى تېشىلمىسە بولمايدىغان جاراھەت بۇ،- دېدى ئايزىبا خېنىممۇ خۇددى ئانىسىغا ئوخشاش سىنچى نەزەردە شەرۋانەم چىقىپ كەتكەن ئىشىككە چەكچىيىپ قاراپ. (99-باب تۈگىدى)


-100باب

تالاشتا قالغۇدەك نەرى بار؟


(163)


ئالدى بىلەن ئايچېھرە خېنىمنىڭ تويىنى قىلىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سەيدۇللا باي شەرۋانەمگە ئۆيلىنىپ يېڭى ئاغىچىلىق بولغان ھازىرقى پەيتتە، سەيدۇللا باينىڭ يېقىن ئاغىنىسى بولغان ئابلىكىم باي ئوغلى ئامانتاي ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئايسەنەم خېنىمنى سوراپ كەلدى. ئۇنىڭ يەنە مۇشۇ قىزنى سوراپ كەلگەنلىكى سەيدۇللا باينىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ تۇرغان شۇ دەمدە ئەسلىدىنلا ئامانتاي بايۋەتچىگە كۆڭلى بارلىقىنى يىللاردىن بېرى ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئايتۇرسۇن خېنىمنىڭ بېشىغا سەۋدا چۈشتى.

ئۇ ئايسەنەم خېنىمنىڭ دانىيار بايۋەتچىگە بېشى باغلاپ چاي ئىچۈرۈپ قويۇلغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ ئامانتاي بايۋەتچىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەلچى قويۇشىنى ئۆزىگە نىسبەتەن خىرىس دەپ ھېسابلاپ تىپىرلاپلا قالدى. بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى، ئازابلىرىنى سۆزلىشەي دېسە ئانىسى قەسىردە بولمىغانلىقتىن، ھەممە دەردىنى ھەپتە ئارىلىقىدا ئازنىلاپ كەلگەن ئاچىسى ئايچېھرە خېنىمغا تۆكتى. ئەمەلىيەتتە ئايچېھرە خېنىمنىڭ دەردىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايتتى، ھەتتا ئۇنىڭ دەردىدىن ئارتۇق دېيىشكىمۇ بولاتتى. شۇڭا ئايچېھرە خېنىم ئۇنىڭغا دوق قىلىپ مۇنداق دېدى:

-سەن ماڭا كايىغان بىلەن مەن قانداق قىلالايتتىم؟ ئۇ دېگەن دادامنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى، بىزنىڭ «ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل» دەيدىغانغا چىشىمىز پاتمايدۇ، ئەگەر شۇنداق دېيەلىگەن بولسام مەنمۇ نۇركامىلغا ئەمەس، دانىيار ئاكامغا ياتلىق بولغان بولاتتىم، ئانام بۇ ئۆيدىكى ۋاقىتتا دادامغا ئېنىق قىلىپ مېنىڭ دانىيار ئاكامغا ياتلىق بولغۇم بارلىقىنى ئېيتقانتىم بولمىسا، نەتىجىدە دادام قانداق قىلدى؟ بىلىدىغانسەن؟ ئۇ ئاشۇ ئامراق قىزىنى دانىيار ئاكامغا ياتلىق قىلىش ئۈچۈن مېنىڭ ئارزۇيۇمنى قولىنىڭ كەينى بىلەنلا ئىتتىرىۋەتتى. شۇ ئىشتا مېنى دەپ بەكرەك چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاناممۇ دادامنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىپ، ئاخىرى بۇ ئۆيدىن ھەيدىۋېتىلدى ئەنە. شۇڭا ئەمدى ساڭىمۇ بېشىڭغا كەلگەننى كۆرمەكتىن باشقا ئامال يوق، مەن دادامنىڭ ئالدىغا چىقىپ «ئايتۇرسۇننىڭ ئامانتايغا كۆڭلى باركەن، شۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قويايلى، ئايسەنەمنى ئۇنىڭغا بەرمەڭ» دېيەلمەيمەن، دېسەممۇ دادام مېنىڭ گېپىمگە ئۇنامتى؟ كىمگە بەرسە بېرىپ، نەدە قويسا قويىدۇ- دە ئۇ، سەنمۇ بەك ئاچچىقىڭغا ئېلىۋالماي ئېغىر بېسىق بول، ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۈنلەر ئۆتكەنسېرى بىلمىسەك ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

-مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ دەپلا ئىشلارنى ئۆز رايىغا قويۇپ بېرىۋېرەمدىم؟ مەن ئۇنداق قىلمايمەن، سەن دېيەلمىسەڭ دادامغا ئۆزۈم چىقىپ دەيمەن، ھەرقانچە بولسىمۇ جاھاندىكى ياخشى ئىشلار، ياخشى نەرسىلەر، ياخشى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا ئايسەنەمنىڭ بولۇپ كەتمەس؟ دادام بىزنى ئويلىمىغان تەقدىردىمۇ ئايسەنەمنى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمگە بەرگىلى بولمايدۇ- دە! چاي ئىچۈرۈپ قويغىلى نە ۋاق، يا بىر ۋاقتىدىراق قىلىۋەتمىدى شۇ تويىنى، ئەجەپمۇ بىزار قىلدىغۇ ئادەمنى، ھېچ بىلمىدىم، يا چىراي ئىسكەتىنىڭ تايىنى يوق، پىشانىسىنىڭ ئۈستىدە شۇنچىلىك سەت بىر مېڭى بار تېخى، ئايىغىدا چۈمۈلە ئۆلمەيدىغان، ئېغىزىدىن گەپ چۈشۈپ قالىدىغان يۇۋاشلاردىن، شۇ تۇرقى بىلەن ئەجەب ھەممە ئادەم شۇنىلا ياخشى كۆرۈپ، ئاشۇلا تالاشتا قالىدىكەن دېسە!؟ مۇشۇ ئىش پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ مېنىڭ، شۇنىڭدىن قارىغاندا «چىرايلىققا ھەممە ئادەم كۆيىدۇ» دېگەن گەپ يالغان گەپكەن جۇمۇ، سەت بولسىمۇ كۆيىۋېرىدىكەن، يەنە تېخى تالاشتا قالىدىكەن ئەنە،- دېدى ئايتۇرسۇن خېنىممۇ جىلە بولغىنىدىن يىغلىۋەتكىلى تاسلا قېلىپ.

سىڭلىسىنىڭ ئاخىرقى گېپىنى ئاڭلاپ ئايچېھرە خېنىم ئۆزىنى تىڭشىغان ھالدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ھەقىقەتەنمۇ كىچىك ۋاقتىدا ھەممىسىدىن ئايسەنەم خېنىم چىرايلىق بولغان بىلەن، چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ھەممە بالىنىڭ سەتى ئاشۇ بولۇپ قالغان ئىدى. كىچىك ۋاقتىدىكى بۇدرۇقلۇقى، ئوماقلىقى يوقاپ، سوزۇنچاق قوغۇن يۈز، ئورۇق ھەم قارىمۇتۇق، كۈلسە يۈزلىرى تارتىشىپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇنىڭغا قارىماي سول قېشىنىڭ ئۈستىدىكى قوناقچىلىك مېڭى ئۇ چوڭ بولغانچە تېخىمۇ يوغىناپ، تېخىمۇ قارىداپ، چىرايىنى يەنىمۇ سەتلەشتۈرۈپ قاق پېشانىسىدە چاپلىشىپ قالغان ماياقتەك چوقچىيىپ تۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چىرايىنىڭ «بولىدىكەن ھە!» دېگۈدەك يەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى مانا مۇشۇ نۇقسانى يېپىپ كېتىپ، چىرايلىققا تەۋە بىرمۇ يېرى قالمىغاندەكلا سەت بولۇپ قالغانىدى. ناۋادا ئازراق سەمرىپ ئېتىگە ئەت قونغان بولسىمۇ سەلگىنە ئىسكەتىگە كىرىپ، كىيىۋالغان قىممەت باھالىق كىيىم- كېچەكلىرى ئازراق بولسىمۇ يارىشىپ قالار بولغۇيمىدىكىن تاڭ. شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە نېمىشقىكىن ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئامراقلىقى بۇ ئاچا- سىڭىللارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيتتى.

نەچچە دەقىقە ئىچىدە ئەنە شۇلارنى ئويلاپ چىققان ئايچېھرە خېنىم چوڭقۇر خۇرسىنغىنىچە چۈشىنىكسىزلىك قىلىپ:

-ئۆزۈڭ بېرىپ دادامغا دېگەن بىلەنمۇ نېمىنى ئۆزگەرتەلەيتتىڭ؟ ئۇ دېگەن ئۆزى خالىغاننى قىلىدىغان ئادەم، ھەرگىزمۇ سېنىڭ ياكى مېنىڭ مەنپەئىتىمىزنى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا ئىشلار بۇ دەرىجىگە چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى،- دېدى.

-مېنىڭ كارىم يوق، ئامانتاي ئاكام ئۈچۈن تىرىشىپ باقىمەن، دادام يا ئۇ ئايسەنەمنى دانىيار ئاكام بىلەن تويلاپ بۇ ئۆيدىن كەتكۈزىۋېتىدىغانغا تۇرىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئامانتاي ئاكام ماڭا قالىدۇ، ئەگەر ئۇنى دانىيار ئاكامغا بەرمەيدىغان بولۇپ ئامانتاي ئاكامغا تويلايمەن دېسە، ئۇ چاغدا مەنمۇ يۈزۈمنى ئۆرۈيمەن، ئانامنىڭ ئۆيىگە كېتىمەن، ئانام بۇ ئۆيدىن كېتىدىغان چاغدا «داداڭلارنىڭ يېنىدا قالساڭلار كېيىنلىكىڭلار كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، يوقنىڭ دەردىنى تارتمايسىلەر، باي- باياشات ياشايسىلەر، مەن دېگەن سىلەرنىڭ ئاناڭلار، چوڭ بولۇپ، ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قاچانلا بولسا مېنى ئىزدىسەڭلار بولىۋېرىدۇ، ھازىر ماڭا ئەگىشىپ بۇ ئۆيدىن كەتسەڭلار داداڭلارنىڭ جەمەتىدىن كېلىدىغان ئىلتىپاتنىڭ ھەممىسىدىن قۇرۇق قالىسىلەر، بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال، شۇڭا مېنىڭ يېنىمغا كېتىشكە ئالدىرىماي، بۇ ئۆيدىكى ئورنۇڭلارنى مۇستەھكەم تۇتۇشقا كۈچەڭلار» دېگەن. لېكىن ھېچقاچان «داداڭلارنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ ئايسەنەمنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ، سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭ ئايىغىدا پىتتەك ئۆمىلەپ قالىسىلەر» دېگەن گەپنى قىلمىغان ماڭا. شۇنىڭدىن قارىغاندا «نېمە بولسا بولسۇن!» دەپ ھەممىنى تەقدىرگە تاشلاپ قويۇپ ئولتۇرسام كېيىنلىكىم ھەرگىز كاپالەتكە ئىگە بولىدىغاندەك ئەمەس، شۇڭا مەن ئۆزۈم تىرىشىپ باقىمەن، خالىساڭ سەنمۇ ھە- ھۇ دېيىشىپ بەر، مەن تەرەپتە تۇرۇپ ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ قىل، ئەگەر خالىمىساڭ مۇشۇنداق «بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن» دەپ ئولتۇر، مۇشۇنداقلىقىڭدىنغۇ دانىيار ئاكاڭنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئاشۇ سەتكە تارتقۇزۇپ قويدۇڭ ئەنە، چۈشىنىپ تۇرىۋاتىمەن، ھازىرقى ئېرىڭ قانچە ياخشى بولسىمۇ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىللە ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ، ئازراقلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ دادامنىڭ ئالدىغا بېرىپ باقساڭ بولىدىغان نېمىگە تىلىڭنى چايناپ يۇۋاشلارچە ئولتۇرۇپ مۇشۇ ئاقىۋىتىڭنى ئۆزۈڭ كەلتۈرۈپ چىقاردىڭ، مەن ھەرگىز سەن ماڭغان يولدا ماڭمايمەن، قاراپ تۇر، مەن چوقۇم  دادامنى قايىل قىلىپ ئامانتاي ئاكامغا تېگىمەن!...
ئايتۇرسۇن خېنىم ئەنە شۇلارنى دەپ، مەڭزىگە كېلىپ قالغان يېشىنى زەردە بىلەن سۈرتىۋېتىپ ئورنىدىن دەس تۇرغان پېتى چوڭ- چوڭ دەسسەپ تالاغا چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كۆز ياشلىرىنى بەكمۇ تەستە تۇتۇپ تۇرغان ئايچېھرە خېنىمنىڭ داۋاملىق بەرداشلىق بېرىشكە ئىمكانى يەتمىدى. ئۇ بەڭۋاش تايچاقتەك چاپچىپ تۇرغان ياشلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتكىنىچە ئاستا شىۋىرلاپ:

-مېنىڭ شۇ چاغدىكى ئىمكانسىزلىقىم ھازىرقى سەندە يوق، ئەگەر سەنمۇ مەندەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولساڭ «بۇ ھاياتىمدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ياتلىق بولالارمەنمۇ؟ ئۆزۈم چېكىپ تاللاپ تۇرۇپ ئەمەس، ئۆزى خالاپ مېنى خوتۇنلۇققا  ئېلىشنى ماقۇل كۆرىدىغان بىرەرسى چىقارمۇ؟» دېگەنلەرنىلا ئويلىغان بولاتتىڭ، خەير، بېرىپ باق، تەلىيىڭ كەلسۇن!- دېدى.


(164)


-ئايسەنەم ئاچىڭىزنى دانىيار ئاكىڭىزغا تويلايدىغان بولۇپ بېشىنى باغلاپ قويغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، بۇ قارار ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەيدۇ، مەيلى ئابلىكىم باي ئەلچىلىككە كەلگەن بولسۇن، ھەم مەيلى ئايسەنەم ئاچىڭىزغا لايىق چىققۇچى ئامانتاي بايۋەتچە بولسۇن، ھەم ئۇنىڭدىن باشقا بىرلىرى بولغان تەقدىردىمۇ بۇ قارارنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيمىز. ئۇنداق قىلىدىغان بولسام خەيرۇللا تاغىڭىز بىلەن ئوتتۇرىمىزغا زىددىيەت چۈشۈپ قېلىشى ئېنىق، ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارا كۆڭۈل ئازارى بېرىشنى مەن ئەڭ ياقتۇرمايمەن، شۇڭا ئەينى چاغدا ئايچېھرە ئاچىڭىزنى دانىيار ئاكىڭىزغا لايىق كۆرمىگەن ئىدىم، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى بالىلارنىڭ كۆڭلى، دانىيار ئاكىڭىز بىلەن ئايسەنەم ئاچىڭىز ئۆزلىرى بىر- بىرىنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن، ماڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق جاۋاب يوق، ئۆزئارا خالىمايدىغان ئادەملەرنى زورلاپ تويلاپ بىر ئۆيگە سولاپ قويغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوق، شۇڭا سىز بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرىمەڭ، مەن ھەرگىزمۇ ئامانتاي ئاكىڭىزنىڭ كۆڭلى باركەن دەپلا ئايسەنەم ئاچىڭىزنى ئۇنىڭغا تېگىشكە زورلىمايمەن، ئۇ دانىيار ئاكىڭىز بىلەن توي قىلىدۇ.

دادىسىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئايتۇرسۇن خېنىم يەلكىسىدىن ئېغىر بىر يۈك ئېلىۋېتىلگەندەك يەڭگىللەپ قالدى. بىر جەھەتتىكى غېمى تۈگىگەن بىلەن، يەنە بىر جەھەتتىكى غېمى يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلىدە ساقلىنىپ قالغانىدى. ئۇ بولسىمۇ ئامانتاي بايۋەتچىگە ياتلىق بولۇش خىيالى بولۇپ، بۇ خىيالنى دادىسىغا دېيەلمەي يۈرگىنىگە بەكمۇ ئۇزۇن بولغان ئىدى. گەرچە سەيدۇللا باي بۇنىڭدىن بۇرۇنلاردا خىزمەتكارلار ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ ئانچە- مۇنچە دېيىشىپ چاقچاقلاشقانلىرىدىن بۇ قىزىنىڭ شۇنداقراق بىر خىيالىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ گەپلەرنى پەقەت بالىلىقتىكى خىياللىرى، چوڭ بولغانسېرى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى. شۇڭا ئايسەنەم خېنىمغا ئالاقىدار گەپلەرنى دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرماقچى بولغان سەيدۇللا بايغا قىزى تۇيۇقسىزلا:

-ئەمسە... ئامانتاي ئاكامغا مەن ياتلىق بولسام بولامدۇ؟- دەپ سوراپ قالدى.

ئۇنىڭدىن مۇنداق گەپنى ئاڭلايمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان سەيدۇللا باي قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قالدى. قانداقلا بولمىسۇن قىزىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن دەپ يۈرگەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى چاقچاق دەپ بىلىدىغان بولغاچقا، بۇنداق بىر ھەقىقەتكە يۈزلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇ پەقەتلا خىيال قىلمىغان ئىدى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章