بۇ ئۈچ جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

时事   2024-11-15 13:01   北京  

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغان ئۈچ جىنايەتچىگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچى گو فامىلىلىك، شاڭ فامىلىلىك، گۇڭ فامىلىلىككە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھاياتىغا داغ چۈشۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىگە ئېغىر روھىي يۈك ئارتىپ قويىدۇ، بۇ قىلمىشنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، خەلق ئاممىسى قاتتىق يىرگىنىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ خىل جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.

جىنايەتچى گو فامىلىلىك مەلۇم جايدىكى پۇقراۋى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 2013-يىلىدىن 2019-يىل 2-ئايغىچە، گو فامىلىلىك دەرس ئوقۇتقۇچىسى، سىنىپ مۇدىرى بولۇشتەك سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالتە قىز ئوقۇغۇچىغا جەمئىي يۈز قېتىمدىن ئارتۇق باسقۇنچىلىق قىلغان، ئالتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇنجى قېتىم باسقۇنچىلىق قىلىنغاندا 14 ياشقا توشمىغان. گو فامىلىلىك يەنە 12 ياشقا توشمىغان ئۈچ قىز ئوقۇغۇچىغا كۆپ قېتىم پەسكەشلىك قىلغان. بىرىنچى، ئىككىنچى سوتتا، خەلق سوت مەھكىمىسى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن گو فامىلىلىككە ئۆلۈم جازاسى بەردى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تەستىقلىدى.

جىنايەتچى شاڭ فامىلىلىك مەلۇم جايدا ئىشلەيدىغان ئىشلەمچى. 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، شاڭ فامىلىلىك باغچا، مەيدان، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، يەسلىنىڭ ئىشىك ئالدى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا تاللاپ تۇرۇپ تۆۋەن ياشتىكى قىز بالىلار بىلەن تونۇشۇپ، ئالدامچىلىق قىلىش، مەجبۇرلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بالىلارنى يوشۇرۇن جايغا ئېلىپ بېرىپ جىنسىي زىيانكەشلىك قىلغان، جەمئىي بەش بالىغا باسقۇنچىلىق، پەسكەشلىك قىلغان، ئۈچ قىزغا پەسكەشلىك قىلغان. ئارىلىقتا شاڭ فامىلىلىك جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش جەريانى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇياتلىق يېرىنى ئوغرىلىقچە سىن، سۈرەتكە تارتىپ، بۇ ئارقىلىق تۆت قىزغا ئۇزاق مۇددەت باسقۇنچىلىق قىلغان ھەمدە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېغىر خامۇشلۇق ۋە ئېغىر تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كۆپ قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەقسىتى ئىشقا ئاشمىغان. بىرىنچى، ئىككىنچى سوتتا، خەلق سوت مەھكىمىسى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن شاڭ فامىلىلىككە ئۆلۈم جازاسى بەردى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تەستىقلىدى.

جىنايەتچى گۇڭ فامىلىلىك مەلۇم جايدىكى دېھقان. گۇڭ فامىلىلىك شۇ كەنتتىكى جاڭ فامىلىلىك (قىز، ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ دائىم ئۇ تىجارەت قىلىۋاتقان ماگىزىنغا بېرىپ ئويناش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق، مەجبۇرلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جاڭ فامىلىلىكنى ئۇزۇن مۇددەت روھىي جەھەتتىن كونترول قىلىپ، يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ جىنسىي زىيانكەشلىك قىلغان، ۋاقتى 2015-يىلى يازدا جاڭ فامىلىلىك 12ياشقا توشمىغاندىن تارتىپ 2020-يىلى 1-ئايدا دېلو ئاشكارىلانغىچە داۋاملاشقان. ئارىلىقتا جەمئىي 8 قېتىم يالغۇز باسقۇنچىلىق قىلغان، ئىككى قېتىم نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان، يالغۇز ياكى بىرلىشىپ 40 قېتىمدىن ئارتۇق پەسكەشلىك قىلغان، جاڭ فامىلىلىك چىدىيالماي، 16 يېشىدا بېغىشىنى كېسىپ ۋە دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. بىرىنچى، ئىككىنچى سوتتا، خەلق سوت مەھكىمىسى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن گۇڭ فامىلىلىككە ئۆلۈم جازاسى بەردى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تەستىقلىدى.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم ئۈچ جىنايەتچىگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەمدە ئىجرا قىلىش — خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى قەتئىي قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشتەك روشەن مەيدانىنى نامايان قىلىپ، جىنايەتچىلەرنى كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئوچۇق دەرسى بولۇپ قالدى. دېلونى ئۆرنەك قىلىپ، كەڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە جىنسىي زىيانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا دەرھال ئاتا-ئانىلار، مەكتەپ، گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىشىنى ئەسكەرتتى؛ ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپلەرنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھامىيلىق قىلىش، قاراش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان جىنسىي تەربىيە، بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى ۋە قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى؛ ئالاقىدار تارماقلارنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرىي دوكلات قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشقا ئەسكەرتتى؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە كۆيۈنۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئائىلىسى، مەكتەپ، جەمئىيەت، تور، ھۆكۈمەت ۋە ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق مۇستەھكەملەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋەتەن گۈللىرىنىڭ بىخەتەر، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلدى.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章