شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پولشالىق بىر ئايال ھامىلدار بولۇپ تۆت ئايلىق بولغىنىدا راك كېسىلى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، كىيىن دوختۇرلار ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان. قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دوختۇرلار سۈنئىي ئۈسكۈنلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان. ئاخىرىدا، بۇ ئايال مېڭىسى ئۆلۈپ 55 كۈندىن كېيىن ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىگەن.
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى