توردىن مال سېتىۋالغاندا «پۇلنىلا قايتۇرۇپ مال قايتۇرماي» «پايدا ئېلىش»قا بولامدۇ؟
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى «پۇلنىلا قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت مېخانىزمى ناھايىتى مودا بولدى، ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋالغاندىن كېيىن، سۇپىغا «پۇلنىلا قايتۇرۇش»نى ئىلتىماس قىلسا، ئەگەر بەلگىلىك شەرتنى قاندۇرغاندا، سۇپا ئاپتوماتىك ھالدا پۇل قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستىمالچىلار مالنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
«پۇلنىلا قايتۇرۇش» توردىن مال سېتىۋالىدىغان ئىستىمالچىلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگەتتى، بىراق، بەزى ئىستىمالچىلار قائىدىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، «پۇلنىلا قايتۇرۇش» شەكلىدە سودىگەرلەرنىڭ «پېيىنى قىرقىدى».
تاڭ خانىم مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى بىر دۇكاندىن بىر سومكا سېتىۋالغان بولۇپ، نەچچە كۈندىن كېيىن، سۇپىدا «پۇلنىلا قايتۇرۇش»نى ئىلتىماس قىلغان، پۇل قايتۇرۇش ئىلتىماسى تالونىنىڭ مال يوللاش ھالىتىگە «مالنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان» دېگەن تۈرنى تاللىغان.
لېكىن دۇكاندار تاڭ خانىمنىڭ ئەمەلىيەتتە تاۋارنى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بايقىغان، پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، تاڭ خانىم يەنە مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بار ئىكەن، دېگەن.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن، تاڭ خانىمنىڭ «پۇلنىلا قايتۇرۇش» ئىلتىماسىغا قوشۇلغان. پۇلنى قايتۇرغاندىن كېيىن، دۇكاندار تاڭ خانىم بىلەن يەنە بىر قېتىم ئالاقىلىشىپ مال قايتۇرۇشنى ياكى پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغاچقا، تاڭ خانىمنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.
ئۇنداقتا، سوت مەھكىمىسى دۇكاندارنىڭ دەۋا تەلىپىنى قوللامدۇ؟ سۇپا يەنە «پۇلنىلا قايتۇرۇش» مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ «پايدا ئېلىش» قىلمىشىغا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟
تۆۋەندىكى «قانۇن ساۋاتلىرى» پروگراممىسى بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.
↓ ↓ ↓ ↓ ↓ ↓
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟