ئەردوغان: تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى راۋاجلاندۇرىدىغان ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەردوغان ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە ئۇچۇپ قايتقان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە سودىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆز رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە: «ھازىر ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق، ھەم بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدۇق» دېگەن.
بۇ يىل 5-ئايدا، تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بارلىق ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەرىكىتى مەزكۇر رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى بۇنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى نەچچە قېتىم ئەگرى-توقايلىقنى باشتىن كەچۈردى. 2022-يىل 8-ئايدا، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە ئۆزئارا باش ئەلچى ئەۋەتتى. لېكىن بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم ناچارلاشتى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنى كۆپ قېتىم قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇلتۇر 11-ئايدا تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن پۇقرالىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىشى ۋە غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك تىراگىدىيەسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟