ئۈستى ئوچۇق مەدەنىيەت مۇزېيى- قازانچى

文摘   2024-09-30 23:41   新疆  
قازانچى كوچىسىنىڭ سىرتقى تاملىرى كۆك رەڭدە سىرلانغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل ئوچۇق رەڭلەرمۇ بار. كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ ئۆزگىچە مەنزىرە بەئەينى رەڭگارەڭ چۆچەك دۇنياسىنىڭ ئۆزىلا.


بۇ يەردە يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھويلا-ئاراملار يۇلتۇزلاردەك كەڭ تارقالغان بولۇپ، كىشىگە خۇددى ئۈستى ئوچۇق مۇزېيغا كىرگەندەك بىلىنىدۇ. ئىمارەتلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى ھەر خىل نەقىش بىلەن بېزەلگەن، روكوكوچە قاپارتما نەقىشتىن تارتىپ ئىچكى تام بېزەكچىلىكىگىچە بولغان مول گېئومېتىرىيەلىك نۇسخىلار بۇ جايدىكى خەلقنىڭ بەدىئىي ئىجادچانلىقى ۋە ئېستېتىك قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
كۆپ مەنبەلىك مىللىي مەدەنىيەت بۇ يەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرغان. بۇ كوچىدا 13 مىللەت ئۇزاق مۇددەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقاچقا، كۆپ مەنبەلىك مىللىي مەدەنىيەت توپلاشقان ئالاھىدە ئورۇنغا ئايلانغان. بۇ يەرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
ساياھەتچىلەر بۇ يەردە يەنە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالالايدۇ. ھەربىر بۇيۇمغا شۇ جايدىكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قان-تەرى ۋە ئەقىل-پاراسىتى سىڭگەن بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ۋە خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە. بۇ جايدىكى ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمۇ كىشىگە چەكسىز لەززەت بېغىشلايدۇ.
خادىك- قازانچى مىللىي ئۆرپ-ئادەت كوچىسىدىكى ئالاھىدە قاتناش قورالى. ساياھەتچىلەر خادىكقا ئولتۇرۇپ كوچىلارنى ئارىلاپ، ئۇنتۇلماس مىنۇتلىرىنى خاتىرىلەيدۇ.
غەمسىز تۇرمۇش كەيپىياتى بۇ يەرنىڭ ئاساسىي مۇقامى. كوچا بويىدا پاراڭلىشىۋاتقان كىشىلەر، سەكرەپ-تاقلاپ ئويناۋاتقان بالىلار، دانلاپ يۈرگەن كەپتەرلەر كىشىگە ھەقىقەتەن ئازادە تۇرمۇش كەيپىياتى ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا يەنە تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章