ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

时事   2024-11-15 10:19   北京  

جۇڭگو ۋەكىلى ئىسرائىلىيەنى ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىپ، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى پەسەيتىشكە مۇراجىئەت قىلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ يېقىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسى يىغىنىدا، غەززە رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە يامانلىشىۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ ئىسرائىلىيەنى ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىپ، سۈنئىي چەكلىمە قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ب د ت قاتارلىق ئاپاراتلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىپ، شۇ جايدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى ھەقىقىي پەسەيتىشكە مۇراجىئەت قىلدى.

فۇ سۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي تۆۋەن چەك. لېكىن 13 ئاي داۋاملاشقان توقۇنۇشتا، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى قايتا-قايتا تارتىۋېلىندى. ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيا ئىجازىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

فۇ سۇڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنى داۋاملىق قالايمىقان بومباردىمان قىلىپ، دوختۇرخانا، مەكتەپ، مۇساپىرلار لاگلىرىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، يېمەكلىك، دورا ۋە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلاپ، پۇقرالارنى كۆچۈشكە قايتا-قايتا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرلاپ، مىسلىسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ۋە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلدى.

فۇ سۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە قۇتقۇزۇشنى كېڭەيتىشتىكى ئەڭ چوڭ رىقابەت ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئەمەس، بەلكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتى سۈنئىي چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت غەززە رايونىغا نۇرغۇن ماددىي ئەشيالارنى ياردەم بەردى، لېكىن بۇ ماددىي ئەشيالار چېگرادىن ئۆتۈش نۇقتىسىنىڭ سىرتىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى. بىز ئىسرائىلىيەنى بارلىق چېگرادىن ئۆتۈش نۇقتىلىرىنى دەرھال ئېچىۋېتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى ھەقىقىي تۈگىتىشكە دەۋەت قىلىمىز.

فۇ سۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: غەززە رايونىدا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ چىقىش يولى. جۇڭگو ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىپ، لىۋان قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلىشنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章