ئامېرىكا ئارمىيەسى ئايروپىلانى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەندە، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئىنكاس قايتۇردى
شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا P-8A سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلاش ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى توغرىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى.
شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى داشياۋ لى شى مۇنداق بىلدۈردى: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىنىڭP-8A سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى بىر چارلاش ئايروپىلانى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى ھەم ئاشكارا داۋراڭ سالدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ يولدىن ئۆتۈش ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، قوغداشقا تەشكىللەپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت