مىسرانىم سالۇنى تەرجىمىسى
ئۇ نۇتقىدا ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تىغ ئۇچىنى ئىران، غەززە، لىۋان، سۈرىيە ۋە يەمەنگە قاراتتى، ھەتتا بۇ دۆلەت ياكى رايونلارنى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ تەسۋىرلىدى.
سۈرىيە تەرەپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئۈزلۈكسىز پارچە-پۇرات بومباردىمان قىلىپ، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا غايەت زور ئازاب ۋە زىيان ئېلىپ كەلدى.
ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى تەھدىت سېلىش ئوبىكتى بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى *** تەشكىلاتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ مۇرەككەپ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئويۇندا ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك نەزەردىن ساقىت قىلىنغان.
يېقىندا قۇسەي قۇراللىقلىرى پەلەستىن 2 ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ بېن گۇرىئان خەلقئارا ئايرودرومىغا ھۇجۇم قىلدى.
بۇ ۋەقەنىڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ھۇجۇم يۈز بەرگەندە نىتانىياخۇ بۇ ئايرودرومغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈش دېيىشكە بولىدۇ.
قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارىتا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توستى.
بەختكە يارىشا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ پارچىلىرى ئېرۇسالىمنىڭ غەربىي جەنۇبىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
ئەمما بۇ ئىش ئىسرائىلىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى، قۇسەي قوراللىقلىرىنى خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى.
قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ تەھلىل قىلساق، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، پاراخوتقا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
9-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇسەي قوراللىقلىرى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەردى، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا 2040 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇچۇپ، ئىسرائىلىيە زېمىنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بەردى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى توسۇشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
بۇ پاكىت قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ھەربىي تېخنىكا ۋە ئىستىراتىگىيىلىك تەھدىت جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلدى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيىنى بۇ رەقىبىگە قايتىدىن دىققەت قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.
ئۇ قىزىل دېڭىزنى قوغدايدۇ، بۇ جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
قىزىل دېڭىز مۇھىم خەلقئارا سۇ يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا سودىسى ۋە ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسىگە ئاچقۇچلۇق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇلار قىزىل دېڭىزنى قامال قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن، بۇ خەلقئارا دېڭىز تىرانسىپورت تەرتىپى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىگە ئېغىر زەربە بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتە، شەرقتىن تىنچ ئوكيانغا ئېتىلىش مۇساپىسى 12 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، سۈرئىتى 30 ماخ كېلىدىغان قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىلدى.
بۇ خەلقئارا ھەربىي ئىشلار رىقابىتىدە، ئەمەلىي كۈچنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى كۆپ ھاللاردا غايەت زور تەھدىت كۈچى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئىسرائىلىيە قۇسەي قۇراللىقلىرى قاتارلىق رەقىبلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىگە قايتىدىن باھا بېرىشى كېرەك.
ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نىتانىياخۇنىڭ ب د ت دىكى نۇتقى بەلكىم ئۇنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن.
غەززە، لىۋان، سۈرىيە قاتارلىق جايلارنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، قۇسەي قۇراللىقلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىسرائىلىيىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى قوشتى.
قۇسەي قوراللىقلىرى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەمەلىي كۈچى ۋە سىتراتېگىيىلىك ئورنىغا تايىنىپ ئىسرائىلىيىگە كۈچلۈك تەھدىت سالدى.
ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇقتىن كېلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە قىزىل دېڭىز يۆنىلىشىدىن كېلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپتىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.
بۇنداق ۋەزىيەتتە، ئىسرائىلىيە تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن قۇسەي قۇراللىقلىرى قاتارلىق *** ئارىسىدىكى ئەھۋالغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ، بۇ مەيدان جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەتنىڭ يۆنىلىشى ئېنىقسىزلىققا تولغان.
كەلگۈسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە تەڭپۇڭلۇقنى قانداق تېپىپ، كرىزىسنى قانداق ھەل قىلىشى ئۇ دۇچ كېلىدىغان زور تېما بولۇپ قالىدۇ.
قۇسەي قوراللىقلىرىمۇ رايون ئىشلىرىدا داۋاملىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى رايون ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ھەر قايسى تەرەپلەر ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەر خىل نامەلۇم خىرىس ۋە پۇرسەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم ئۇندا قىلماي