يولدۇشۇم ئاشنىسى ئۈچۈن بالىسىدىن كەچتى؟ ئاياللارھېيلسى124-قسم

文摘   2025-01-19 20:34   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .



 يۇقاردىكى ئاۋازلىق سۆھبەتتە ئېلانى بىرىلگەن، مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىدا ئېلانى تونۇشتۇرۇلغان، داغ، قورۇق يوقۇتۇش، ئاقارتىش، سۈزۈلدۈرۈش مەھسۇلاتىغا ۋاكالەتچى بولماقچى، سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ قوشۇۋېلىڭ .  
  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم
ئاياللارھېيلسى123-قسم



-بولدى ئەمدى كۆرمەڭ -ئەنۋەرنىڭ قابىلنىڭ يالغان، ياۋىداقلىرىنى ئاڭلىغۇسى كەلمەي، شەمسىيەنىڭ  ئۇنىڭ كىيىنكى فىلىمىنى ئېچىپ قويۇشىنى توسىماقچى بولدى. 

- مىنى  بەرداشلىق بىرەلمەي قالارمۇ دەپ، ئەنسىرەۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ خاتىرجەم بولۇڭ ئەنۋەر، بۇنچىلىك ئىشلارغا ئاھ، ۋاھ دەپ،يىغلاپ-قاخشاپ، ئۆز بېشىمنى ئۆزۈم يەيدىغان چاغلىرىم ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر بەزى  ئادەملەرنىڭ قىلىقلىرىغا ئانچە بەك ھەيران قېلىپمۇ كەتمەيمەن، -شەمسىيە شۇنداق دەپ قابىلنىڭ كىيىنكى فىلىمىنى  ئاچتى.

-كۆپچىلىك،ئەمدى مىنىڭ بۇ ھىكايەمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشۇمدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا،مىنىڭ ئاتالمىش ئۇ نۇمۇسسىز خوتۇنۇم ھېلىھەممۇ يىشىل شەھەردىكى مەلۇم چوڭ گورۇھنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ھەشەمەتلىك ياشاۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئەپتى-بەشرىسىدىن بىخەۋەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ساقتا ئوبرازىغا ئىشىنىپ،ئۇنى ساخاۋەتچى،مېھرىبان،ئىسىلزادە دەپ چۈشۈنۈپ،ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ،ھەتتا ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ ۋە ئالدىنىۋاتىدۇ، ئەجەبا ئاشۇنداق رەزىل،نۇمۇسسىز خوتۇننى باش دىرىكتورلۇققا تەيىنلىگەن ھېلىقى چوڭ شىركەت ۋە ئىرى تەس كۈندە قالغان نۇمۇسسىز خوتۇن بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالشىپ يۈرگەن،ھېلىقى بەگزادىگە ھەم ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا يەنە ئىشەنگىنى بولارمۇ؟ شۇڭا مەن بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتىم،ئۆي دىگەن بىر ئۆمۈر پايدىلىنىدىغان ۋە ئەسقاتىدىغان مۇھىم مۈلۈك،ساقتا چىقىپ قالسا،بوپتۇلا دەپ ئۆتكۈزىۋەتكىنى بولىدىغان ئەرزان پۇللۇق نەرسە-كېرەك ئەمەس،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇ خوتۇن دىرىكتورلۇق قىلىۋاتقان ھېلىقى چوڭ گورۇھنىڭ ساقتا ئوبرازىغا ئالدىنىپ،چوڭ زىيان تارتىپ قالماسلىق ئۈچۈن،ھوشىيار بولۇشىنى ئەسكەرتىمەن، مەن بۇيەردە يەنە ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ، ھېلىقى چوڭ گورۇھ ۋە ئاتالمىش ئىسىلزادە خوتۇنۇمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدىم، كۆپچىلىك ئازىراق باش قاتۇرساڭلارلا،ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالالايسىلەر -قابىلنىڭ بۇ فىلىمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،شەمسىيە كىيىنكىسىنى سىيرىپ ئاچتى – كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر،مىنىڭ فىلىملىرىم يوللانغاندىن كىيىن،كۆپچىلىكنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتىدۇ،بەزى تورداشلار مىنىڭ بۇرۇنقى ئايالىمنى تونۇيدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپ ئىنكاسلىرىڭلارنى يېزىپسىلەر،يەنە بەزىللىرىڭلار ئۇنىڭ كىملىكىگە قىزىقىپ، ئېيتىپ بىرىشىمنى ئۆتۈنۈپ ئۇچۇر قالدۇرۇپسىلەر، ئالدىنقى فىلىملىرىمدا مەن ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تونۇيدىغان بىر قېتىملىق پۇرسەت يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئالمىغان،ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ پۇشايمان قىلغانلىكى توغرىسىدىكى  ھېچقانداق ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالمىدىم،شۇڭا مەن بۈگۈن ئاشۇ نۇمۇسسىز ئايالغا بىرقانچە ئېغىز سۆز قالدۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم-

ئەي نۇمۇسسىز خوتۇن،دىسەم،دىمىسەم سەن ھازىر مىنىڭ مۇشۇ فىلىمىمنى كۆرۈۋاتىسەن، ساڭا دەيدىغىنىم،ئەمدى بولغاندا بولسىمۇ، نۇمۇسسىزلىقلىرىڭنى توختىتىپ، قىلمىشلىرىڭغا پۇشايمان قىلىپ،باللىرىڭنىڭ ياخشى ئانىسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت، ئەمدى باشقا ئەرلەرنى ئالداش خام- خىيالىدا بولما، مەن سەندىن مۇنداق ئۈچ ئىشنى قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن،بىرىنچىسى، دەرھال سەن ئىشلەۋاتقان چوڭ گورۇھنىڭ باش دىرىكتورلىقىدىن ئىستىپا بىرىپ، ئۆيۈڭگە قايتىسەن،ئىككىنچىدىن،مىنىڭ ئالدىمغا كىلىپ، ماڭا قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن،مەندىن سەمىمىي كۈچۈرۈم سورايسەن،ئۈچىنچىدىن، بۇ مىنىڭ ئەمەس تورداشلىرىمنىڭ تەلىپىكەن، مەن مېيىپ چاغلىرىمدا مىنى خورلىغانلىرىڭ ئۈچۈن،ماڭا روھىي زىيان تۆلىمى بېرىسەن، بۇ روھىي زىيان تۆلىمىنى،ئەسلى سىنىڭ مەينەت پۇللىرىڭغا قولۇمنىڭ ئۇچىنىمۇ تەگكۈزمەسمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق تورداشلارنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ، ئايالىمنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ئازراق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم،بەلكىم بۇ بەش مىليون يۈەن روھىي زىيان تۆلىمى،سىنىڭ كاللاڭنى سىلكىپ، بۇنىڭدىن كىيىن،باشقىلارنى قاقتى -سوقتى قىلىش ۋە ئالداش خىيالىدا بولماسلىقىڭ ئۈچۈن بىر چۆچۈتۈش بولۇپ قالغۇسى، ئەگەر مىنىڭ يۇقاردا دىگەن تەلەپلىرىمنى ئورۇندىمايدىغان بولساڭ،مەن دوۋيىنغا چىقىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايمەن،كىيىنكى قەدەمدە سىنىڭ ھەم ئاتالمىش ھېلىقى چوڭ گورۇھ ۋە ئۇنىڭ  بايۋەتچىسىنىڭ ئىسمىنى چوقۇم ئاشكارلايمەن –

- بولدى ئەمدى قويماڭ شەمسىيە، مىنىڭ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى،نىمە دىگەن نۇمۇسىز  ھەم پەسكەش نىمە بۇ؟ئەسلىدە ئاشۇ كۈنىلا يۈز-خاتىرە قىلماي ئەدىبىنى بىرىدىغان نەرسىكەن بۇنىڭ،نەچچە يىللىق جازادىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىنىڭىزغا قايتۇرغان مىننەتدارلىقى مۇشۇمۇ بۇنىڭ؟ بومماپتۇ، گەرچە ئۇ چىرايىنى توسىۋالغان بولسىمۇ، ئاۋازىدىن ئۇنىڭ سالاھىيتىنى تامامەن جەزىملەشتۈرگىنى بولىدۇ، دەرھال بېرىپ، ئۇنى تۇتۇپ كىلىپ،قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزايلى،سىز رىشىت ئەپەندىم،ۋە ئەلقۇت بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇنى ئەرز قىلىش توغرىسىدا، كونكىرىت ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىڭ، ماكانىم گورۇھى يىشىل شەھەردىكى چوڭ كارخانا، ئۇنىڭ ئىناۋىتىگە،ھەم سىزدەك باش دىرىكتورنىڭ ئابرويىغا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈرىدىغان بۇنداق رەزىل قىلمىش چوقۇم قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك – ئەنۋەرنىڭ  ئەمدى چىدىغۇچىلىكى قالمىدى.

-چېچىلماڭ ئەنۋەر،ئۇنى تۇتۇپ ئەكىلىپ نىمە قىلىمىز؟ سىقسا قان چىقمايدىغان نىمىلەردىن تۆلەم تەلەپ قىلامدۇق؟  ۋە ياكى دويىنغا چىقرىپ، ئاشكارە كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلامدۇق؟ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ باقايلى،خەق نىمە دىسە دەۋەرمەمدۇ؟ موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە دىگەن گەپ بار،ئۆزىنىڭ چىرايىنى چىقرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماپتىغۇ ئەنە؟مەن قايتۇرما زەربىگە ئالدىراپ كەتسەم،گۇمانسىراپ تۇرغان نۇرغۇن ئادەملەرگە ئۇ دەۋاتقان ئايالنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى جەزىملەشتۈرۈپ بەرگەن بولمامدىمەن؟قابىلدا بۇنداق قىلالىغۇدەك جۈرئەت يوق، ئۇ خانقىزنىڭ قولىدىكى بىر قارانچۇق خالاس، قارىغاندا خانقىز ئۆزىنى بەك ئەقىللىق چاغلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق،ياكى مىنى تارتىپ چىقىرىپ،ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مەن بىلەن ئاشكارا تۇتۇشۇپ باقماقچى،ۋە ياكى، مەندىن نەپ ئۈندۈرمەكچى، دوۋيىندىكى ئاممىنىڭ قانچىلىك قايمۇقۇش  ۋە نادانلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەيۋاتامسىز؟ ئاپئاق بىر ئادەمنى ئېلىپ چىقىپ،ماۋۇ ئادەمنىڭ تىرىسى ئاق،دىسىڭىز، يەنە بىرسى چىقىپ،بۇنىڭ تىرىسى ئەسلى قارا ئىدى،بوياپ ئاق قىلىۋاپتۇ،دىسە،50پىرسەنت ئادەم يالغان دىسىمۇ،يەنە 50پىرسەنت ئادەم ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ،بىر ئادەم ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئەسلىدىنلا ھىيلە-مىكىر ھەم قاپقانلار بىلەن خەلقنى ئالداۋاتقان،ساقتىپەز قويمىچىدىن بىرسىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ بەرسە، يەنە نۇرغۇن ئادەم،ئۇنى ھەسەتخور،ئىچى تار، كۆرەلمەس دەپ ئەيىبلەيدۇ؟سىزنىڭچە بۇ ئىشلارنى قابىلنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىر قېتىم كەچۈرۈم سوراش بىلەنلا يىغۇشتۇرغىنى بولارمۇ؟بۇ مۇمكىن ئەمەس،بەلكىم، ئارقا ئىشىك قىلىپ،بۇرۇنقى ئىرىنى سولىتىۋەتتى، دەيدىغانلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ دىگىنى بولمايدۇ،شۇڭا مىنىڭ ئۇ چۈپرەندىلەر بىلەن تۇتۇشۇپ،ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇم، ئوبرازىمغا داغ يەتكۈزگۈم يوق،قېنى ئۇلار يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيدۇ،بىر قاراپ باقايلى، ناۋادا ئۇ ھەقىقەتەن مىنىڭ ھەم ماكانىمنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشقا پېتىنىپ قالسا،شۇ چاغدا بىرنىمە دىيىشەيلى!-

- بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتمەڭ شەمسىيە، ھەممە ئىشتا بۇنداق ئاقكۆڭۈللۈك قىلسىڭىز، ھامان زىيان تارتىدىغان ئىش چىقىدۇ،ئۇلارنى بىر قېتىم چۆچىتىپ قويساق بولاتتى –

- پوققا چالما ئاتسا، يۈزگە چاچرايدۇ دىگەن گەپ بار، مەن ئاقكۆڭۈللۈك قىلمايۋاتىمەن ئەنۋەر، پەقەت ئۆزۈمنىڭ پاكىزلىقىمنى ساقلاۋاتىمەن،خالاس! خانقىز ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ،توختىماي،كەينىمدىن ئورا كولاپ نىمىگە ئىرىشتى؟ئاقىۋەت يەنە يالڭاچلىنىپ، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان قابىلنىڭ بىقىنىغا بېرىپ ياتتىغۇ ئەنە؟يالقۇنچۇ،ئۇ مىنى خارلاپ نىمىگە ئېرىشتى؟مەنچۇ؟مانا يوقاتقانلىرىمنىڭ ھەممىنى قايتۇرىۋېلىپ،بىر ئوبدان ياشاۋاتمامدىم مانا،بۇ ھايات،ئۇنچىۋالا ئۇپراپ، خەق بىلەن بەسلىشپ،ئۆچمەنلىك ھەم نەپرەت ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋەتكۈدەك ئۇنچىۋالا ئۇزۇن ئەمەس،ئاتا-ئانا قىساسىدىن باشقا ئىشلارنىڭ ۋاي دەپ كەتكۈچىلىكىمۇ يوق، ئۇپراپ،چارچاپ،نەپرەتلىنىپ،يىغلاپ-قاخشاپ ياشىغانلار خاپىلىقتىن قۇتۇلۇپ،دۈشمەنلىكتىن نېرى بولالاپتىمۇ؟سىزگە دىسەم ئەنۋەر، قەلبىمىز دەل بىز ياشاۋاتقان دۇنيا،بىز قەلبىمىزگە نىمىنى قاچىلىساق،بىز ياشاۋاتقان دۇنيامۇ،شۇنىڭغا تولىدۇ،قەلبىمىزگە لىققىدە مىھرى-مۇھەببەت،ھەم گۈزەللىكنى قاچىلىۋالساق،باغۇ-بوستان ۋە گۈل-گۈلىستاننى  قۇچاقلاپ ياشايمىز، قەلبىمىزگە لىققىدە پۇشايمان، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى قاچىلىۋالساق، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە چۈشكۈنلۈكنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ،يىغلاپ- قاخشاپ ياشايمىز،نوچى بولسا،يۈز-تۇرانە يۈزلىنىپ كەلسۇن،شۇ چاغدا،مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى بىلدۈرۈپ قويىمەن، ئەمما كەينىمدىن ئورا كولاشلىرىغا ۋە غاجاشلىرىغا مىنىڭ پەرۋايىم -پەلەك،ئۆزىگە ئۆزى قىلىدۇ، ئاقىۋەت ئۆزى بىئارام بولۇپ، قان قۇسۇپ ئۆلىدۇ –

- ھەي شەمسىيە، ھەي شەمسىيە، سىز قانداق قىلىپ، بۇنچىۋالا پەلسەپىۋى ۋە كەڭقورساق  بولۇپ كەتتىڭىز، ھەربىر ئېغىز سۆزىڭىز بىر كىتاب، ئىتراپ قىلىشقا ئامالسىزمەن –

-ئۆيۈمگىمۇ كىلىپ قاپتۇق، ئەلقۇت ئاكام مىنى ساقلاۋاتقان ئوخشايدۇ، سىز ئاۋارە بولۇپ ماشنىدىن چۈشمەڭ ، يولدا ئاۋايلاپ ماڭاسىز – شەمسىيە ئەنۋەر بىلەن خوشلۇشۇپ،ماشنىدىن چۈشۈۋالماقچى بولدى.

- چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قوياي – ئەنۋەر شەمسىيەنىڭ توسقۇنىغا ئۇنىماي ماشنىدىن چۈشتى.

- ياخشىمۇسىز،ئىسمىم ئەنۋەر،شەھەرلىك گوڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىدكا چوڭ ئەتىرىتىدىن،- ئۇ قەستەن ئەلقۇتقا شەمسىيەنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى  ئەسكەرتىپ قويماقچىدەك قىلاتتى.

-ھە، نامىڭىزنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن -ئەلقۇت سەل ھەيران قالغاندەك قىلاتتى – بۈگۈن بۇيەرگە كىلىشتىكى مەقسىدىڭىز –

-، ھە! شەمسىيە بىلەن بىز ياخشى دوست،  ئۇنى ئەكىلىپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەن – ئەنۋەر ئەلقۇتقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ سەل قوپال بولۇپ قالغانلىقىنى تۇيۇپ، پوزىتسىيەسىنى يۇمشاتتى.

- مەن تېخى سىزنى مەن بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان بىرەر مۇھىم ئىشى بار ئوخشايدۇ دەپتىمەن -ئەلقۇتمۇ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.

- ياقەي، ئۇنداق ئىش يوق، نامىڭىزنى كۆپ ئاڭلىغان شەمسىيەنى ئەكىلىپ قويغىنى كەلگەن سىز بىلەن كۆرشۈپ ماڭاي دەپ شۇڭا -ئەنۋەر دۇدۇقلاپ قالدى -ئاڭلىسام پات ئارىدا چەتئەلگە قايتماقچىكەنسىز، قارىسام شەمسىيەدىن ئەنسىرەپ قالغاندەك قىلىسىز،ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ، ئېھتىياجلىقلا بولىدىكەن، مەن ھەرۋاقىت ئۇنىڭ يېنىدا بار -ئەنۋەر ئۆزىمۇ تۇيىمايلا، بىر دۇدۇقلاش بىلەنلا ئەسلى خاراكتىرى بويىنچە، مەقسىدىنى ئۇدۇللا ئېيتىۋەتتى،ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا، شەمسىيەدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ئەلقۇتنى قايتىپ كىتىشكە ئۈندەۋاتقاندەك قىلاتتى.

-ھە، شۇنداقمۇ؟ -ئەلقۇت شەمسىيەگە نىمىش بۇ دىگەندەك قارىدى.  

- ئۇنداقتا، مەن قايتاي، پۇرسەت بولسا،سىز قايتقۇچە، بىرە ۋاق تاماقتا بىللە بولارمىز – ئەنۋەر شەمسىيەنى قىيىنچىلىقتا قويۇۋاتقانلىقىنى سىزىپ، قايتىپ كىتىش ئۈچۈن ماڭدى.

-ئۇنىڭ ئۈچۈنمىدى؟ -ئەنۋەر قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەلقۇت  شەمسىيەدىن كۆزىنى ئۈزمىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەڭگۈ تۈس ئالغان ئىدى.

-...... -شەمسىيە ئەمدى يالغان سۆزلەشنى خالىمىدى، گەرچە ئۇ ئەنۋەرنىڭ تەلپىگە ماقۇل بولۇشنى ئويلۇشۇپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا مەيلىنىڭ بارلىقىمۇ، ئەلقۇتنى قوبۇل قىلغۇسى يوقلىقىمۇ ھەقىقەت ئىدى، شۇڭا ئۇ داۋاملىق ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ئەلقۇتنى يالغاندىن ئۈمىدلەندۈرۈشنى خالىماي، راست ئىتىراپ قىلىشنى تاللىدى.

- ئەسلىدە مۇنداقكەندە؟ ماڭا نىمىشقا راس گەپنى دىمەيسەن؟ ئەگەر باشقا بىراۋ ئۈچۈن مىنى رەت قىلغانلىقىڭنى بىلگەن بولسام، سىنى ھەرگىز تەڭقىسلىقتا  قويمىغان بولاتتىم -ئەلقۇتقا ھار كەلگەندەك قىلاتتى، دىمىسىمۇ 45يېشىغىچە ھېچقانداق ئايال زاتى بىلەن مۇھەببەت ھەم كىشىلىك تۇرمۇش توغرىسىدا  ئېغىز ئېچىپ باقمىغان ئۇنىڭغا نىسبەتەن، تۇنجى قېتىمدىلا باشقا بىر قۇردىشى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغانلىقىدەك ھېسىياتنى قوبۇل قىلىش ھەرگىز ئاسانغا توختىمايتتى، بەلكىم ئۇ مۇشۇ مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن بىر ئۆمۈر ئۆزىنى كەمسىتىپ ئۆتۈشى مۇمكىن ئىدى.
- ئۇ چاغلاردا تېخى راۋۇرۇس ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولالمىغان ئىدىم، ئەلقۇت ئاكا، سىزگە يالغان سۆزلىمىدىم، ھېلىھەممۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىش ياكى تۇرمۇش قۇرۇشنى ئويلۇشۇپ باقمىدىم، مىنىڭ بىر ئۆمۈر توي قىلماي تەنھا پېتى ئۆتۈپ كەتكۈم بار، ئەمما سىزنىڭ داۋاملىق مىنى ساقلاپ، يەنە مەن ئۈچۈن ئويلاپ ئاۋارە بولۇشىڭىزنى خالىمايمەن،مەن سىزنى ئۆزۈمنىڭ ئاكامدەكلا كۆرىمەن، باشقىچە ھېسىياتنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا مەن ئۈچۈن ئاۋارە بولماي،بالدۇرراق  ئۆزىڭىزگە خىل كىلىدىغان بىرسىنى ئىزدەپ تېپىڭ -شۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا شەمسىيەنىڭ چىرايى ئوت ئالغاندەك قىززىپ كەتتى. دىمەككى ئۇنىڭ ئەلقۇتقا بۇ سۆزلەرنى دىيىشى ئاسانغا توختىمايۋاتقاندەك قىلاتتى.

-ھېچقىسى يوق شەمسىيە -ئەلقۇت سەل يىغلامسىرىدى، ئاندىن دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى -مەن پەقەت سىنىڭ بەخىتسىزلىكىڭگە ئېچىنغىنىم ئۈچۈن، بەخىتلىك بولغان ھالىتىڭنى كۆرۈشنىلا ئارزۇ قىلغان ئىدىم، مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ ئولتۇرۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئەمدى خەۋەر تاپساممۇ كىچىكمىدىم، سىنىڭ  بىر ئۆمۈر نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ئىچىدە تىركىشىپ ياشىشىڭدىن بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدىم، بىرسىگە مەيلىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدۇم، قەلبىڭگە مۇھەببەتنىڭ ئوتى تۇتۇشۇپ كىرگەن ئىكەن،ئازاب- ئوقۇبەت ۋە دەل -ئەلەملەر بارا-بارا ئورۇن بوشتىدۇ دىگەن گەپ، مىنى نىمە دەپ قالار دەپ ئويلىما شەمسىيە،ئادەملەرگە بىر قاراپلا باھا بىرەلەيمەن، قارىسام، ئۇ ساڭا بەك سەمىمىيدەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ساڭا بولغان ھېسىياتىنى قەدىرلە، كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىنى بولمايدۇ، ئۆتۈپ كەتكەنگە ئېچىنىپ ھازا تۇتۇپ، ھاياتىڭنى يېڭىدىن باشلاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋەتسەڭ تېخىمۇ بولمايدۇ،  ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ، خەقنىڭ نىمە دىيىشلىرى، نىمە دەپ ئويلىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، جۈرئەتلىك بول، باللىرىڭمۇ مەسئۇلىيەتچان بىر دادا ھەم مېھرى -مۇھەببەتلىك ئائىلىگە مۇھتاج، تاس قاپتىمەن، سىنىڭ تويۇڭغا قاتناشماي كەتكىنى،  مىنى بالدۇرراق قايتىپ كىتىپ، ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلسۇن دىسەڭ، بالدۇرراق باشلاپ، بالدۇرراق توي قىلىشقا تۇتۇش قىل، ساڭا دەپ قوياي،مەن ئاساندا كەلمىدىم  بۇ قېتىم تويۇڭغا قاتناشمىغۇچە قايتىپ كەتمەيمەن –

- ئەلقۇت ئاكا، سىز نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز، مەن دىدىمغۇ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش مەقسىدىم يوق دەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ئاللىبۇرۇن رەت قىلىۋەتتىم، بىر مەزگىل باللىرىم بىلەن يالغۇز ياشاپ، تىنىچ مۇھىتتا ئويلانغۇم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھازىر توينى ئويلاشقۇدەك كەيپىياتتا ئەمەسمەن، كۆرىۋاتىسىزغۇ، بەزىلەر تىنىچ ياشاي دىسەممۇ مىنى تىنىچ ياشىغىنى قويمايۋاتسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا مىنى ئۆزىڭىز بىلەن توي قىلىدۇ دەپ جاكارلىۋەتكەن تۇرسىڭىز، ئەمدى باشقا بىرى بىلەن تويۇمنى قىلىمەن دەپ يۈرسىڭىز، باشقىلارنىڭ دىگەنلىرىنى راستقا ئايلاندۇرۇپ قويمامدۇق؟ -

- دىدىمغۇ شەمسىيە، باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن دەپ،ساڭا ئۇنى بۇنى دەۋاتقانلارنىڭ ئېغىزى، سەن توي قىلساڭلا بېسىقىدۇ، كىم بىلەن توي قىلىشىڭ مۇھىم ئەمەس، پەقەت كۆڭلۈڭ خالىغان ئادەم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، كۆرەلمىگەنلەرگە بەختىڭنى كۆرسىىتپ قويساڭلا كۇپايە،- ئەلقۇت سۆزلەۋېتىپ، ئۆزى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن كىلىش مەقسىدىنى تۇيۇقسىز ئىسىگە ئالدى – ھە راس، ھېلىقى ۋىدىيولارنى كۆردۈڭمۇ؟

- كۆردۈم، ھەي ئەلقۇت ئاكا، سىززە، مىنى ئاشۇ فىلىملەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ كەپسىزدە يېنىمغا؟

- ئەنسىرىمەي بولامدۇ؟ ئۇ ۋىدىيولارنى مەنمۇ تېخى باياتىنلا كۆردۈم، دادام ماڭا يوللاپ قويۇپتىكەن، شەمسىيە بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتىمەن دەپ-

- ھەممىنى كۆردۈم، مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دىسەملا، ئالاقىسى بولمايدىغان ئىشلاركەنغۇ ئۇ –

- شۇنداق ئويلىغىنىڭ ياخشى بوپتۇ،ئەمدى ماڭا تۇرغۇن دىگەن ئادەمنىڭ سىلەرگە نىمىش قىلغىنىنى دەپ بەرگىنە – ئەلقۇتنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن شەمسىيە تۈنۈگۈن كەچتىن بۇيان يۈزبەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىرەرقۇر ئېيتىپ بەردى.

-بۇئۆز تاراتقۇلار بۇنچىلىك خەۋەرنى تېپىۋالسا قايناپلا كىتەتتى،ئۇلار  نىمىش قىلىۋاتقانكىن تاڭ، شۇنچە چوڭ ئىش توغرىسىدا ئازراقمۇ خەۋەر يوققۇ دوۋيىنلاردا –

- ئەمدىلەتىن قاينىسىمۇ ئۈلگۈرەمدىكىن دەيمەنغۇ؟ بىزمۇ ئۆيىمىزنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلىيالمىغان تۇرساق تېخى –

- ئاپلا، قارىغىنە سىنى بۇيەردە گەپكە تۇتۇپ تۇرغىنىمنى، باللىرىڭمۇ سەندىن ئەنسىرەپ كەتكەندۇ، ئۆيۈڭگە كىرىپ كەت، ئەتىگىچە سىنى يەنە يوقلاپ كىلىمەن،مىنى يالغان ئېيتىۋاتىدۇ دەپ قالما، تويۇڭنى كۆرمىگۈچە قايتىپ كەتمەيمەن جۇمۇ! -ئەلقۇت كەتتى، شەمسىيە ئېغىر بىرنى تىندى، ئۇنىڭ كاللىسىدا قابىلنىڭ يالغان ياۋىداقلىرى تەكرار-تەكرار ياڭرايتتى، گەرچە ئۇ ئەنۋەر بىلەن ئەلقۇتقا ئۆزىنى ھېچچىش بولمىغاندەك كۆرسىتىشكە شۇنچە  تىرىشقىنى بىلەن، خانقىز بىلەن قابىلنىڭ دوۋيىنغا چىقىپ، ئۇنى سازايى قىلماقچى بولۇشلىرى، ھەرگىزمۇ، ئۇ بوپتىلا دەپ ئۆتكۈزىۋىتەلىگۈدەك ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ئىدى ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ نامدا بولسىمۇ، قابىل بىلەن توي قىلىپ، بىر ياستۇققا باش قويۇپ، بىر مەزگىل ئەر -خوتۇن بولغان تۇرسا،ئۇنىڭ ھەرقانچە ئەقىلسىز بولسىمۇ، ئادىمىيلىك ۋە پەزىلەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىكىنىمۇ يوقۇتۇپ قويغان ھالدا، خانقىزغا بولغان ئاتالمىش پاسكىنا مۇھەببىتى ئۈچۈن، پۈتۈنلەي سېتىلىپ كىتىشىنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىنى بولسۇن؟ شەمسىيەگە شۇتاپ ئېغىر كىلىۋاتقىنى قانداقتۇر، قابىلنىڭ دوۋيىنغا چىقىپ ۋالاقشىغانلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا قىلغان بىر مەزگىللىك ئەقىدىسى ئىدى، ئۇ ئاشۇنداق پەسكەش بىر ئادەم بىلەن بىر مەزگىللىك ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكىنى ئۈچۈن،ھەتتا ئاشۇ پەسكەشنىڭ قۇتقۇزىۋېلىشى بىلەن قايتا داۋاملىشىۋاتقان ھاياتى ئۈچۈن، قاتتىق ئېچىناتتى، بەلكىم! ئۇنىڭ قابىلغا قايتا -قايتا يول قويۇشى، ھەممىگە بوپتۇلا دەپ، پۇشايمانغا پۇرسەت بىرىشىمۇ، ئۇ ھاياتلا بولىدىكەن مەڭگۈ ئىسىدىن چىقىرالمايدىغان ئاشۇ بىر قېتىملىق ھاياتى بىلەن قىلىنغان ياخشىلىق ئۈچۈن بولسا كىرەك!

-ئېرشات تۇرغۇن، سەن تەلەپ قىلغان 24سائەت ئاللىقاچان توشتى، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئادۇۋكات ياكى قۇتقازغۇچى سىنى قۇتۇلدۇرىۋالغىنى كەلگىنى يوق، ئەمدى بىزگە ماسلىشىپ، جىنايەت سادىر قىلىش مەقسىدىڭ،  جىنايەت سادىر قىلىش قورالىڭ ۋە ئۇسۇلۇڭ قاتارلىقلارنى ئەينەن ئىقرار قىل-

24سائەت ۋاقىتمۇ توشتى ، ئىرشات ئارزۇ قىلغىنىدەك ئۇنىڭ ھەممىگە قادىر تۇرغۇن مۇدىر دادىسى ۋە يىشىل شەھەر گورۇھىمۇ ھېچنىمىگە ئەسقاتمايلا قالماستىن، ئادۇۋكات تۈگۈل، ئۇنى يوقلايدىغانغا بىرمۇ ئادەم چىقمىدى.

-مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم دىسەم، ماڭا ئىشىنەمتىڭلار، ھەقىچان ئادەم ئۆلتۈرمىسەڭ، نىمىشقا قېچىپ كەتكەنتىڭ، ئەلەي، بەلەي دىگەندەك سۆزلەر بىلەن يوق جىنايەتنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانسىلەر تايىنلىق –

- بىز نەق مەيداندىن ئېنىقلاپ چىققان ھەربىر پاكىت سىنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىڭنى جەزىملەشتۈرۈپ تۇرىدۇ، قاتىللىق قورالىدا بارماق ئىزىڭ بار، ئۇنىڭدىن باشقا زىيانلانغۇچى زىيانلانغان جايدا سىنىڭ ئاياق ئىزىڭ بار،پاكىت تولۇق تۇرسا، يەنە نىمىشقا گەپ يورغۇلاتماقچى بولىسەن؟ -

- ئىسپات، پاكىت دەپ ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەيۋاتىسىلەر، ئۇنداقتا سىلەرنىڭ مىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگىنىمگە گۇۋاھچىڭلار بارمۇ؟ پىچاقتا يالغۇز مىنىڭلا بارماق ئىزىم بارمىكەن؟ ئەجەبا نەق مەيداندا ھايات قالغۇچىدىن يالغۇز مەنلا بارمىكەنمەن؟ نىمىشقا ھېلىقى گۇلنىسا دىگەن ساراڭ خوتۇندىن گۇمانلانمايسىلەر؟ - ئىرىشات گۇلنىسانىڭ نەق مەيدان توغرىسىدا ھېچقانداق گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ،ۋاقىتلىق بولسىمۇ،جىنايىتىنى  ئىقرار قىلىشتىن  ئەپقاچقۇدەك  بىر ھىيلە ئويلاپ تاپقاندەك قىلاتتى.

-، نىمە دىمەكچىسەن؟ ئېغىزىڭغا بېقىپ سۆزلە، ئاناڭنى نىمە دەپ ھاقارەتلەۋاتىسەن؟ -

-، مەن ھاقارەتلىمىدىم؟ ئۇ راستىنلا ئەقلىدىن ئالجىپ قالغان، ئىشەنمىسەڭلار يىشىل شەھەر روھىي كىسەللەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە بېرىپ سوراپ باقساڭلار بولىدۇ، ئۇ ئالجىپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئىبراھىم ئاكام، دادامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۇنىڭغا ھېزى بولۇپ بىللە  تۇرۇۋاتاتتى، مەن ئەسلى ئۇلارنى يوقلىغىنى چىققان، شۇ كۈنى  مەن سىرتقا چىقىپ كىتىپ، ئايلىنىپ كىرسەم ئۇ ھە دەپ ئىبراھىم ئاكامغا پىچاق تىققىنى تۇرۇپتىكەن، مەن ئۇنى توسۇۋالماقچى بولغاندا ئۇ ماڭىمۇ ئېتىلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن جىددىيلىشىپ قورقۇپ كىتىپ، ماشنىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتتىم،-

- سەن كۆڭلۈڭدە، مۇشۇنداق قولاشمىغان باھانىللىرىڭ بىلەن جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالايمەن دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ نىمىشقا تۇتۇلۇپ قالغان كۈنى مۇشۇنداق دىمەي، قاسساپمەن، قوي سويىمەن، كالا سويىمەن دەپ، قاچماقچى بولىسەن؟ -

- مىنىڭ بىكىنمىچىلىك كىسىلىم بار، كىچىكىمدىن تارتىپ بەكلا قورقۇنچاق،ئۇ كۈنى قورقۇپ كەتكەچكە، جىددىيلىشىپ، نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالغان ئوخشايمەن؟ -

- بىلەلمەي قالغان ئوخشايمەن دەپ قوي؟  ئەمىسە تۈنۈگۈندىن بۇيان نىمىشقا سوراققا ماسلاشماي، جاۋاب بىرىشتىن ئۆزۈڭنى ئېپقاچىسەن؟ -

- ئانام بوغاندىكىن، ئۇنىڭ جىنايىتىنى بوينۇمغا ئالسام بولارمۇ، ياكى ئۆزى ئەينى ئېيتايمۇ دەپ ئىككىلەندىم، شۇ سەۋەبتىن ئادۇۋكاتتىن مەسلىھەت سوراپ باقماقچى بولغانتىم؟ -

-، ئاناڭغا شۇنداق كۈيۈنىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن، جازانى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىشنى خالايدىغان ئادەم، ئەمىسە، نىمىشقا، بۈگۈن، تۇيۇقسىزلا ئۇنى ئىبراھىمنى ئۆلتۈردى ھەم مىنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى دەيسەن، ھەم ئۇنى ئانام دەپ چاقىرىشقىمۇ تىلىڭ بارماي، ھاقارەت تۈسى ئالغان سۆزلەرنى ئىشلىتىسەن؟  

- ئۇنى روھى كىسەل دىگىنىم ھاقارەتلىگەنلىك بولامدۇ؟ دىمىسىمۇ روھىي كىسەل تۇرسا، قانۇندا روھىي كىسەل ئادەم، جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدىغاندۇ، ياكى يەڭگىللىتىپ جازا بىرىدىغاندۇ؟ -

- دىمەك، سەن جىنايىتىڭنى ئاناڭغا ئىتتىرىپ قويۇشنى قارار قىلىپ بولدۇڭ شۇنداقمۇ؟

-ئىتتىرىپ قويۇشنى قارار قىلدىم ئەمەس، ئەينەن ئېيتتىم-

بارلىق پاكىت ۋە ئىسپاتلار سىنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىڭنى  ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ، بىز يەنە نەق مەيدان ۋە ئالاقىدار پاكىتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، داۋاملىق تەھقىقلەش ئېلىپ بارىمىز، چەك باسمايدىغان باھانەڭ بىلەن جاۋابكارلىقتىن قاچىمەن دىيىشىڭ خام-خىيال،  ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق ئىقرار قىلغىنىڭ تۈزۈك -

- مەن راس گەپنى دىدىم -

ئاھ! ئېرسىيەت دىسە، دادىسىنى شۇنداقمۇ  ئوخشاش كىيىپ چىقامدۇ؟ بۇ ئىرشات دىگەن بالا ئەمەس،،، بالا،،،  ئەجەبا خۇددى تۇرغۇن دىگەن ھايۋان دادىسىغا ئوخشاش  مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئادىمىيلىك دىگەنلەردىن زەررىمۇ يوقمىدۇ؟ ئۆزىنىڭ قەبىھ جىنايىتىگە ئازراقمۇ پۇشايمان قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قىلچىلىك تەپ تارتماستىن، ھەممىنى پەرزەنت پىراقىدا باغرى پارە-پارە بولغان ئانىسىغا ئىتتىرىپ قۇتۇلماقچى بولۇۋاتقىنىنى كۆرمەمدىغان؟


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章