بالىلارنىڭ بەلگىلىك ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك

时事   2024-11-13 18:03   北京  

مائارىپ مىنىستىرلىقى: يەسلىلەر ھاۋالىلىك بېقىش سىنىپلىرىنى بىراقلا ئېچىۋېلىشتىن ساقلىنىش، قوبۇل قىلىنىدىغان بالىلارنىڭ بەلگىلىك ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى قانۇنى» 2025 -يىل6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «شارائىتى بار يەسلىلەردە ھاۋالىلىك بېقىش سىنىپى تەسىس قىلىش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھام بېرىش» مەسىلىسىنى قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ئىدارە مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئەمەلىيەت داۋامىدا، تۆۋەن ياشلىق بالىلارنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئاجىز، ئېھتىياجلىق بولغان بىخەتەرلىك كاپالىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، يەسلىلەر ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە ئاكتىپ، پۇختا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئائىلىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇش بىلەن بىرگە، شارائىتقا قارىماي، قارا-قويۇق قوبۇل قىلىپ بىخەتەرلىك ۋە سۈپەت مەسىلىسى كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك،  بۇنىڭدا مۇھىمى تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى نۇقتىلىق ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپ بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق نىشانىنى ئاۋۋال ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ئومۇملاشمىغان رايونلاردا، ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسىلىسىنى ئالدىن ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، بىر تەرەپتىن «بىر سىنىپقا جىق بالا ئېلىۋېلىش»، بىر تەرەپتىن ھاۋالىلىك بېقىش سىنىپلىرىنى ئېچىش ئەھۋالىنى توسۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، چوقۇم بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئىلتىماس قىلىش ئارزۇسى بار يەسلىلەر چوقۇم مەيدان، ئەسلىھە، خادىم قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال جەھەتتە تۆۋەن ياشتىكى بالىلارغا قاراش تەلىپىگە يېتىشى كېرەك، «ئەپلەپ-سەپلەپ ئوقۇتۇش»قا بولمايدۇ. ئاخىرىدا، قوبۇل قىلىنغان بالىلاردا بەلگىلىك ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى بولۇشى، ئاساسىي تەلەپنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان، كوللېكتىپ تۇرمۇشقا ماسلىشالايدىغان بولۇشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىسىملىكى

شۈ خەيپېڭ ۋەتەنگە قايتۇرۇلدى

ئېلان قىلىندى! تەكشۈرۈلدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章