2025-يىللىق دەم ئېلىش كالېندارى كەلدى!
جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2025-يىللىق يېڭى يىل، چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۇنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە: (ئىككى كۈن كۆپەيتىلىدۇ! 2025-يىلىدىن باشلاپ، دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى تەڭشىلىدۇ)
يېڭى يىل: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە)دە بىر كۈن دەم ئېلىنىدۇ، دەم ئېلىش تەڭشەلمەيدۇ.
باھار بايرىمى: 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (دېھقانلار كالىندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، سەيشەنبە)دىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە (دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، سەيشەنبە) جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە)، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.
چىڭمىڭ بايرىمى: 4-ئاينىڭ 4-كۈنى (جۈمە) دىن 6-كۈنى (يەكشەنبە) گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە) دىن 5-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي 5 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.
دۇەنۋۇ بايرىمى: 5-ئاينىڭ 31-كۈنى (شەنبە)دىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە)دىن 8-كۈنى (چارشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى
شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!
نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر